تۆتتاش |
2012-04-27 21:29 |
يىراق تۇر
تۆتتاش
ھەر قەدەمدە ئۆچمەنلىك ئاداۋەتتىن يىراق تۇر. ئوڭدا يېتىپ ئىرىشكەن ھالاۋەتتىن يىراق تۇر.
كىچىك ئىشنى ياراتماي تال چىۋىقتەك بىلەكتە، تاغ يۆتكەيمەن دىگەندەك شىجائەتتىن يىراق تۇر.
ئۆز بەختىنى نىشانلاپ ئۆزگىلەرنى يىغلىتىپ، قىلتاق قۇرۇپ ئىرىشكەن سائادەتتىن يىراق تۇر.
مەيدە قېقىپ لاغايلاپ ھاراقكەش ھەم بەڭگىلەر، ئەزرائىلنىڭ ئەلچىسى مالامەتتىن يىراق تۇر.
چىۋىن چۈشكەن ئېشىنى قوشنىلارغا كۆڭلۈم دەپ، شۇم نىيەتكە لىق تولغان شاپائەتتىن يىراق تۇر.
ئاتلاپ ئۆتسە پەس قىردىن داۋان ئاشتىم دەپ يۈرۈپ، گىردە يىسە،گۆش يىگەن ئالامەتتىن يىراق تۇر.
ئەل غېمىنى يىمەستىن كەلكۈن كەلسە يۇرتىغا، جاننى ئېلىپ قاچقۇدەك كارامەتتىن يىراق تۇر.
<<تۇمۇزدىمۇ قول كۈيەر>>ئۆزگىلەرنىڭ ئىشىغا، مېھنەت قىلماي نان يىگەن دىيانەتتىن يىراق تۇر.
ئاۋام بەرگەن ھۇقۇقنى ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەتكىن، ئۆز نەپسىڭنى تار قىلىپ خىيانەتتىن يىراق تۇر.
سەگەك تۇتۇپ ئۆزەڭنى قانۇنلارغا ئەمەل قىل، قۇلى بولماي شەيتاننىڭ جىنايەتتىن يىراق تۇر.
مەنبە:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ ئابلاجان راخمان 13899226268 2012-يىل 27-ئاپرېل |
|