danix |
2012-04-27 11:50 |
<< ئىندىئانلار ئۇيغۇرمۇ ؟ >>غا دانىشنىڭ نارازىلىق جاۋابى مۇھەممەت مەتنىياز دانىش << ئىندىئانلار ئۇيغۇرمۇ >> دېگەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا مېنىڭچە ، باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ( ئالىم دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ)مۇلاھىزىسىنى ئاڭلاشتىن ئاۋۋال مۇشۇ مەسىلىدە باش پىرسۇناژ بولغان ئۇيغۇر ۋە ئىندىئاندىن بولغان ئاددى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك ! مەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ، مىللىتىمنى قالايمىقان بىر نەرسە دېسە چىداپ تۇرالمايدىغان ئاددىي بىر ئادەم . باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قالغان ھەي قېرىنداشلار مېنىڭ سۆزۈمگىمۇ قۇلاق سېلىپ بېقىڭلار ! << ئىندىئان>> دېسە ، ھازىرقى زامانىۋىي جەمئىيەتتىن يىراقتا قالغان ، تۈزۈككىنە كېيىم - كېچەكمۇ كىيمىگەن بىر توپ تەبىقە كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ . ئەمدى ئۇ ئىندىئانلارنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىن كۆچۈپ بارغان<< ئۇيغۇرلار >> دېگۈچىلەرنىڭ ئاغزىغا تۆۋەندىكى پاكىتلار تاش تۇپراق بولۇپ تىقىلغاي : بىزنىڭ تارىخلىرىمىز بەزى تارىخ ماتىرىياللاردىن چېقىرىۋىتىلگەن بولسىمۇ ، ئانا تۇپرىقىمىز باغرىغا چىڭ بېسىپ ساقلاپ قالغان قېزىلمىلار مىللىتىمىزنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىگە پاكىت بولۇپ ، مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى بۇرمىلىغۇچىلار ئۈچۈن چوڭ توساق بولۇپ ، مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلماقتا . ئاتۇشنىڭ بوغاز دېگەن يېرىدىن ئەجدادىمىزنىڭ بىر تاش قاتمىسى قېزىۋىلىنغان بولۇپ ، بۇ يۇڭ تۇقۇلمىدىن كېيىم كەيگەن ئەجدادىمىزنىڭ جەسىدىگە دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە ئالىملار << بۇندىن ئون مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان < ئاتۇش ئادىمى > ، بۇ ئاتۇش ئادىمى بېيجىڭ جۇكۇدىئەن ئادىمى بىلەن زامانداش >> دېگەن باھانى بەردى . ( تارىخ تەتقىقاتچىلىرىمىز ئەنىۋەر بايتۇر بىلەن خەيرىنسا سىدىقلار تۈزگەن ، 1999 - يىلى 3- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان << شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى>>نىڭ 7- بېتىگە قاراڭ ) << جۇڭگو تارىخى >> دېگەن دەرسلىكىمىزدە بېيجىڭ ئادىمىنىڭ قىپيالىڭاچ ھالدا بىر توشقاننى توقماققا ئېلىپ ، كېتىۋاتقان رەسمى بار . شۇ بېيجىڭ ئادىمى كىيىم كىيمىگەندە بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز << ئاتۇش ئادىمى>>كېيىم كىيگەن. << ئىندىئانلار چىڭگىز خان دەۋرىدە ئامىرىكىغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلار ئىدى >> دېگەن سەپسەتەنى تارقاتقۇچىلار قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ ، شۇ ئون مىڭ يىل ئىلگىرى كىيىم كىيگەن بىز ئۇيغۇرلار ئەمدىلىكتە 1200 - يىلى ئامىرىكىغا قېچىپ بارغاندا كېيىمسىز برىپتىمىزما ؟ ئاغزىڭلارغا كېيىم - كېچىگى بىلەن چىققان ئەجدادىم << ئاتۇش ئادىمى>>نىڭ تاشقاتمىسى تىقىلسۇن ! << ئىندىئانلار چىڭگىز خان دەۋرىدە ئامىرىكىغا قاچقان ئۇيغۇرلاردۇر دېگۈچى سەپسەتەچىلەر ، سىلەرنى تازا بىر تىللىماقچى ئىدىم ، بولدى تىللىماي ، ئەقلىڭلەر بولسا تۆۋەندىكى پاكىتقا قۇلاق سېلىڭلار ! بىز ئۇيغۇرلار چىڭگىز خان دەۋرىدە ئامىرىكىغا قېچىپ نېمە قىلىمىز ؟ چۈنكى ، بىز ئۇيغۇرلار ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىمىز بىلەن چىنگىز خان دەۋرىدە ئىنتايىن ئەتىۋارلانغان ! ئانا دىيارىمىز دۇنخاڭدىن قېزىۋىلىنغان ئالتى تال چىلان ياغىچى ئۇيغۇرچە ياغاچ مەتبە 1990 -يىلى8- ئاينىڭ 2- كۈنى دۇنخاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت مائارىپ ئىلىم - پەن يىغىنىدا << دۇنخاڭدىن تېپىلغان ئالتە تال ئۇيغۇرچە ياغاچ مەتبە دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى مىخ مەتبە ھېساپلىنىدۇ >> دەپ ئىتىراپ قىلىنغان . ( << تۇرپان گېزىتى >> 1591 - سانغا قاراڭ ) << جۇڭگو تارىخى>> دا تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مۇنداق بايانلار بار : << تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆڭلۈك - سۆيگىن توپىلىڭى يۈز بەردى ، تاڭ خانى پايتەخت لۇياڭنى تاشلاپ ، سىچۇئەنگە كەتتى ۋە ئۇيغۇرلاردىن ياردەم سورىدى . ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانى لەشكەر باشلاپ كېلىپ ، تاڭ خانىنىڭ پايتەختىنى ئىگەللىۋالغان ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى تېنجىتىپ ، سىچۇئەندە تۇرىۋاتقان تاڭ پادىشاسىنى قايتا تەختتە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى >> ( بۇ خىل بايانلار << شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى>>دىمۇ بار . موڭغۇللار تارىخىدىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى ، چىنگىز خان قىزى ئالتۇن بېكەنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانى قۇقار تېگىنگە ياتلىق قىلىپ ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىنى << بەشىنچى ئوغلۇم >> دەپ ئاتىدۇ . چىنگىز خان دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىمىدى . ئۆزىنى شاھلارنىڭ شاھى دەپ ئاتىغان چىنگىز خان نېمە ئۈچۈن قىزىنى ھەر - ھەر پادىشاھلارغا ياتلىق قىلماي ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانىغا ياتلىق قىلىدۇ ؟ بۇ ھەرگىزمۇ سەۋەبى يوق ئىش ئەمەس ! ئۇ چاغلاردا بىز ئۇيغۇرلاردا چىڭگىزغان ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئىككى ئەنگۈشتەر بار ئىدى ! بىرى ، دۇنيانىڭ مىڭ يىلىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ زور كەشپىياتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان << ئۇيغۇر زەمبىرىكى >> بۇ زەمبىرەك 1182 - يىلى ئىدىقۇتتا كەشپ قىلىنغان بولۇپ ، كۆيدۈرگۈچىنىڭ پارتىلاش كۈچىنى نو شەكىللىك ئەسۋاپ ئارقىلىق جارى قىلدۇرىلىدۇ . ھەر قېتىم ئېتىلغاندا يېرىم مو دائىرىدىكى ئادەم ۋە نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ .( << شىنجاڭ ياشلىرى>>نىڭ 1983 - يىللىق 11- سانىغا قاراڭ ) ئەنگۈشتەرنىڭ ئىككىنچىسى ، تىل - يېزىق بولۇپ ، چىنگىز خان دەۋرىدە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ يېزىقى يوق ئىدى . بۇنىڭ ئەكسىچە ، ئۇيغۇرلار ئۇ چاغدا تۆت -بەش خىل يېزىقنى ئىجات قىلىپ بولغان . چىنگىز خان ئۇيغۇر خانىغا ئەڭ ئەتىۋارلىق قىزىنى ياتلىق قىلىش ئارقىلىق يۇقارقى ئىككى ئەنگۈشتەرگە ئېرىشىپ ، يولۋاسقا قانات چىققاندەك كۈچىيىپ كەتكەن . 1229 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە ئۇيغۇر كوز كوز موڭغۇللارنىڭ ئىراندىكى مەمۇرى باش ئەمەلدارى بولغان . شۇ ئىلخانلار دەۋرىدە موڭغۇللار ئىگىلىگەن زېمىنلاردىكى پۇقرالارنىڭ بەش ياشتىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش يارلىقى چۈشۈرۈلگەن . << ئۇيغۇر بىناكارى ئەختەرىدىن 1262- يىلى چەىنخاڭداۋ ئارىلىنى بىنا قىلىش تەكلىبىنى بەرگەن .1263 - يىلى چىنخاڭداۋ ئارىلىنى بىنا قىلىش يارلىقى چۈشۈرۈلگەن . 1265 - يىلى چىنخاڭداۋ ئارىلىنى بىنا قىلىنغان . ئۇيغۇر بىناكارى ئەختەرىدىننىڭ لاھىيلىشى بىلەن بۇ ئارالغا << تايدۇ >> ( ئۇلۇغ پايتەخت) بىنا قىلىنغان . تايدۇ ھازىرقى بېيجىڭنى كۆرسىتىدۇ . شۇ چاغدا سېلىنغان پايتەخت ھازىرقى گۇگۇڭ خان سارىيىدۇر . ( << تۇرپان گېزىتى >> 1591 - سانغا قاراڭ ) دېمەك ، چىنگىز خان دەۋرىدە بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق ئەتىۋارلانغان ھەم ئەقىل - پاراسەت ، بىلىم تېخنىكا جەھەتتە شۇنداق تەرەققىي قىلغان تۇرسا ، بىز ئۇيغۇرلارغا ئامىرىكىدا پوق بارمۇ ؟ ئۇيغۇرلار ئامىرىكىغا قېچىپ بېرىپ ئىندىئان بولغان دېيىش ساراڭلارچە جۆيلۈش ئەمەسمۇ ؟!! مەن يەنى يازىمەن ! مىللىتىم توغرىسىدا كىمىكى ساراڭلارچە جۆيلىسە ، مەن يەنە يېزىشقا تەييار ! |
|