uzqak |
2012-04-26 00:43 |
تامچە مىھرى
<< ... قېرىنداشلار ، ئاتىلار ، ئانىلار ۋە ئارقاداشلار ! مەن بېشىمدىن ئېغىر سەرگۈزەشتىلەرنى كەچۈرۈپ ، يۇرتۇم ئۈچۈن ئىشلەش مەقسىتىدە بىلىم ئېلىپ كەلگەنمەن . يۇرت خەلقنى ئاسارەت كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مۇئەللىملىك كەسپىنى ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ ، ئوقۇتقۇچىلىق يولىنى ئەڭ توغرا يول دەپ تاللىۋالغانمەن . قاچاندۇر بىر كۈنى مېنى ئالتە پۇڭلۇق قۇغۇشۇن ئوق ئاخىرەتكە ئۇزىتىشى مۇمكىن . مەن ۋەتەن يولىدا ، مەرىپەت يولىدا ئىسسىق قېنىمنى تۆكۈشتىن زادى يانمايمەن ... >> «مەمتىلى ئەپەندى ئۆز پىلانىغا ئاساسەن بىر تەرەپتىن ئاتۇشنىڭ ئوڭئېرىق كەنتىدە 60 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان < ئوڭئېرىق مۇئەللىملەر يېتىشتۈرۈش كۇرسى > نى ئېچىپ ، ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك تىل – ئەدەبىيات ، ماتېماتىكا ، جۇغراپىيە ، تارىخ ، تەنتەربىيە ، ناخشا – مۇزىكا قاتارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتۈش ؛ دەرس تەييارلاش ، مەكتەپ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىش قاتارلىق ئېغىر ۋەجاپالىق خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي ئىشلەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ، ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتىدۇ .›› «ئۇنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقتى ئاساسەن كەچقۇرۇنلۇق ۋاقىت بولىدۇ . ئۇ كۇرستىكى مەشغۇلاتلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈلگۈرسە تاماق يەپ ، ئۈلگۈرمىسە نان ئېلىۋېلىپ ، ئېتىغا مىنىپ چىقىپ كىتىپ ئاتىلار ھەيئىتى بىلەن مەكتەپ قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ، پۇلدارلارنى يىغىپ ئىئانە توپلايدۇ . ئۇ كۆپ ھاللاردا كېچىلىرى قانغۇدەك ئۇخلىماي ، ھەتتا پۈتۈن كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ ، تاڭ ئاتقاندا مەكتەپكە قايتىپ كېلىپلا دەرسكە كىرىدۇ . مۇشۇنداق جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . ئاشۇرغاندىمۇ ئالتە ئايدا ئەمەس ، بەلكى مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە جامائەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش يۈزىسىدىن ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خالىسانە ئەمگەك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ ھەمدە ئۆزى باشلامچى بولۇپ ئېتىز – ئېرىق ۋە يول بويلىرىغا 100 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت قويۇپ چىقىدۇ .›› ---- «مەمتېلى ئەپەندى›› دىن ئېلىندى . مۇشۇنداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەسلىمىلەر قوينىدا «ئوقۇتقۇچى ›› دېگەن نام ئۈستىدە قايتا- قايتا ئويلىنىمەن. بىز ساناب بەرگەن ۋە بېرەلەيدىغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەمىسىنىڭ ئۇستازى، ئوقۇتقۇچىسى بولغان . ئۇلار مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قىزىقىشى ، غايىسىگە ئوت ياققۇچى بولغان . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەمتېلى ئەپەندىدەك تىرىك كۆيدۈرۈلگەن، بەزلىرى كىرىسلارغا مىخلانغان، تۈرلۈك سۈيقەس پىلانلار ئوراپ تۇرغان شۇ قاراڭغۇ زۇلۇمەتتە يورۇق نۇر بولغان! تۇرۇپلا ئۆز – ئۆزەمدىن سوراپ قالدىم . قاراڭغۇلۇق ئىچىدىنمۇ يورۇقلۇق تېپىشقا جۈرئەت قىلىش بىلەن يورۇقلۇق ئىچىدە تۇرۇپمۇ قاراڭغۇلۇقنى خالاشنىڭ چىگرىسى بەك ئىگىزمۇ قانداق ؟ يەر شارىدا نۇرغۇن چىگرا سىزىقلىرى بار ،ئۇ سىزىقلار بەزىدە چوڭ قىرغىنچىلىقلارغا شاھىت بولىدۇ .بەزىدە زىمىن ماجرالىرىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرىكىدىكى ئۆز مەسئولىيىتىنى تۇنۇش بىلەن تۇنۇماسلىق ئوتتۇرسىدىكى چىگرا سىزىقى ،جاھالەت بىلەن مەرىپەتنىڭ چىگرا تېمىنى سۇقۇپ قۇيۇدۇ .بۇ چىگرا بىر قەۋىمنىڭ گۈللىنىش ،خارابلىنىشىشنى پاسىل قىلىدۇ . خارابلىق ئىچىدە مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈندىلىرى ھالسىرايدۇ ، تارىخنىڭ ئىزنالىرى سۇسلىشىپ ئۆڭۈپ ئۆز رەڭگىنى تۇنۇمايدۇ ، ئەۋلاد نارازلىق ، قىيداش كىشەنلىرىدە ئۆزىنى بوغۇپ ئۈمۈدۋارلىق ،غايە – ئېتىقادې ،ئىشەنچ زەمزەملىرىنى رەت قىلىدۇ... شۇڭلاشقىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈرىكى پەقەت گۆش ۋە قان ئەمەس.ئۇ سۆيگۈ بۇلۇقى ، بىلىم بولۇقى ھەممىدىن مۇھىمى ئۇ مىللى مەسئولىيەتنى ئوڭ كىلاپان،يېڭى تەپەككۈر ۋە ئىزچىل ئۆگىنىشنى سول كىلاپان قىلىپ ئەۋلاد ئۈچۈن يېڭى قان تەغدىم قىلىدىغان ھېسىيات ۋە بىلىم قوشمىسىدىن پۈتكەن ئالاھىدە يۈرەك ! دۇنيا يىغلايدۇ، يىرتىلغان يەڭلىرىدە ، سۈرتۈپ كۆزىنى ، قارغاپ ئۆزگىنى ... ئىزدەپ يۈرەر ، يۈتۈپ كەتكەن ، ئۆزىنى . ئاقارتىشقا ئاتالغان قەدەملەردىن پۈتكەن تەۋپىق مۇنبىرىگە قەدەم قويدۇم ....... (داۋامى بار .ئالدىنقى قېتىم مۇنبەرگە يوللىنىپلا يۇقاپ كەتتى شۇڭا قايتا يوللىدىم )
|
|