uzqak |
2012-04-26 00:26 |
ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى 8 بىرنەچە كۈندىن بۇيان ناھىيە بازىرىدىنلا بىرنەچچە ئادەمنى كەتمەنلەپ قويدۇق .بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ناھىيەمىزنىڭ مەركىزى تۆت كۇچىسىدا باشقىلار بىلەن سۆزلىشىپ ئولتۇرۇپلا جان تەقسىم قىلىپتۇ . جاھاننىڭ ئىشلىرى شۇنداق ، ئەجەل شەپىسىز كېلىپلا رىسقىمىزنى ئۈزۈپ ئېلىپ كىتىدىكەن. قايسى كۈنى ،قانداق ھالەتتە كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىزمۇ بىر سىركەن .بىر ئادەم بىلەن ئۇچۇرشۇش تەغدىر ھەم پۇرسەت ، شۇڭا ئەتراپتىكى ھەممە ئادەمنى ئۇ ئەسكى بولسىمۇ ،ئەزەلدىن گەپ قىلىشىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ قەدىرلىشىڭىز كېرەك . جۈملىدىن بىز قانداق ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتىمىز؟ قانداق ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەغدىرداش بولىمىز؟ بۇمۇ بىر سىر، لېكىن بىر نۇقتا ئىنىق بىز ئۇچۇراشقان ئوقۇغۇچىلار قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇمۇ بىز ئۈچۈن بىر پۇرسەت . بىز ئۇلار بىلەن ئۇچۇرشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ئۇل سېلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز، تەغدىرداشلىق يۈزىسىدىن ئۇلار ئۈچۈن باش قاتتۇرىمىز، ھەممىدىن مۇھىمى شۇ پۇرسەتتە چىن ھېسىياتىمىزدىن پۈتكەن ئوقۇتقۇچىلىق ئەقىيدىمىزنى ئۇلارغا بېغىشلايمىز. قايسى بىر كىتابتا مۇنداق قۇرلارنى ئۇچۇراتقان ئىدىم ؛« بىر ئادەمنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئېرىشكەن نەتىيجىسى ئوخشاش بولۇپ قالسا ، ئۇ زىيانكاردۇر . بۈگۈنكى نەتىيجىسى تۆنۆگۈنكىدىن تۆۋەن بولسا ئۇ لەنەتكە دۇچچاردۇر .» بۈگۈنكى نەتىيجەم تۈنۆگۈنكىدىن ياخشى بۇلامدۇ ؟ بولمامدۇ ؟ بۈگۈنكى دەرستە كۆزلىگەن نىشانغا يىتىمەنمۇ يەتمەيمەنمۇ؟ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ روھى دۇنياسىنى ، قەلىمىدىكى ۋىژدانىنى ، يۈرىكىدە كۈيىۋاتقان مىللەت ئۇتىنى ، قەلەم پىچىقى بىلەن ئوپراتسىيە قىلىۋاقان مىللەت پىسخىكىسىدا يامرىغان ئىللەت ۋە ۋابالرنى دەل جايىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلدۇرۇش ۋەزىيپىسىنى قانداق ئۇسۇل قانداق شەكىلدە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈش كېرەك ؟ ئۆزلىكىدىن ، روھى يۇرتىدىن ئايرىلغان «مۇساپىرلار» نىڭ يەنە نۇرغۇن سۈيۈملۈك كىشىلىرىنى مۇساپىرلىققا سۆدىرەپ كىرىدىغانلىقىنى ، روھى مۇساپىرلىقتىن بارلىق مۇساپىرلىقنىڭ شەكىلىنلىنىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدۈرۈش كېرەك؟ دەرسخانە ئىشىكى ماڭا ئۇلۇغ ئۇچۇق تۇراتتى . مۇنبەردە ئوقۇغۇچىلىرىمغا يۈزلىنىپ قاراپ تۇردۇم . سالام مۇئەللىم! ئۇلارنىڭ تەڭ – تەكشى ياڭراق ئاۋازدىكى سالىمى يۈرۈكۈمنى لەرزىگە سالدى . ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ئۇلۇغلىقىنى دەيمەن ، ھېچقەيەردە ، ھېچكىمگە بىرلا ۋاقىتتا ، مۇشۇنداق تەكشى ئاۋازدا سالام بېرىلمەيدۇ. پەقەت ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتتە مۇشۇنداق سالامنى ئېلىك ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن . - مۇئەللىم مەن دوسكىغا ماۋزونى يېزىپ قويدۇم .قاراڭە ! دوسكىغا چىرايلىق قىلىپ « مۇساپىرلار قاۋاقخانىسى » دېگەن ماۋزو يېزىلغان ئىدى . - تېكستنى ئوقۇپ ئىمزا قويدۇرۇپ كەلدىڭلارمۇ ؟ - ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئىمزا قويدۇردۇق –دەپ، جاۋاب بەرگەندىن كېيىن ئۇلار ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىنى سۆزلىشىپ كەتتى . - ئېكراندا تۆۋەندىكى قۇرلارنى كۆرسەتتىم ؛ «مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ نادىر ھېكايە ، رومان، پوۋېستلىرى بىلەن بۈگۈنكى زامان ئادەملىرىنىڭ خاراكتېرىنى ، ھېس- تۇيغۇلىرىنى ، قىممەت ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆتكۈر كىنايە ، كۈچلۈك ھەجىۋىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سۆرەتلەپ بېرىپ ، ئەدەبىياتمىزنى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئەدىب. خەلقىمىز تەرىپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن تالانىتلىق يازغۇچى، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلۇشىغا مۇناسىپ تۆھپە قوشقان پىروزا سېپىدىكى بايراقدار. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئوچېرىك خاراكتېرىدىكى تۇنجى ئەسىرى 《مېنىڭ ئانام》 1959-يىلى، تۇنجى ھېكايىسى بولغان《ئالما》ناملىق ئەسرى 1965-يىلى 《شىنجاڭ گېزىتى》دە ئېلان قىلىنغان. . ئاساسلىق ھېكايىلىرىنڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىنىشتىن سىرت، بىر قىسىم ئەسەرلىرى قازاق، ئۆزبىك، موڭغۇل، ئېنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىندى.» «يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرى قانداق قىلىپ شۇنچىۋىلا زور شۆھرەتكە، خەلىقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى؟ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنداق زور بەدىئي مۇۋۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ئامىللار نېمە؟ خەن زىيۇڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك 《دائىم غەلىتە خىياللارنى سۈرىدىغان،قىززىق پاراڭلارنى ئۈزۈلدۈرمەي قىلىپ تۇرىدىغان،بازار ئارىلاشقا ئامىراق كىشى》〔1〕بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟﹗ ياكى مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ئېيتقاندەك: 《تۇرمۇش دېگەن ئۇقۇمنى كەڭ مەنىسى بىلەن چۈشىنىپ، ئۇنىڭ رېئال تاشقى دۇنيادا مەۋجۇت تەرەپلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدا مەۋجۇت تەرەپنىمۇ كۆرەلىگەن ۋە چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ياكى تۇرمۇشنى ئەتىراپلىق كۆزىتىپ ،ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ئېسىلىۋالماي، ئۆزى ياخشى چۈشىنىدىغان،پىششىق بىلىدىغان بىر تەرەپنى يېزىش ئارقىلىق كۆپ تەرەپنى يورۇتۇپ بېرىشكە ، قىسقىسى ئومۇمىيلىق بىلەن خاسلىقنىڭ دېئالىكتىك مۇناسىۋىتىنى توغىرا چۈشەندۈرۈشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بەزى ئەسەرلىرىدە ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ توغرىسى مۇتلەق كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكى بولغان كۈلكە، چاقچاق، قىززىقچىلىققا خۇشتارلىقى گەۋدىلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇيغۇر پىسخىكىسىدىكى كۈلكىنىڭ ‹ مەنىسىز ھىجىيىش ئەمەس ،بەلكى ئارقىسىغا ئۆتكۈر كىنايە، ئاچچىق تەنە يوشۇرۇنغان › يومۇرلۇق خاراكتېرنى جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ بەزى ئەسەرلىرىدە روھى ھالىتى نورمال كىشىلەردىن باشقا روھى ھالىتى غەيرى نورمال كىشىلەر توپىنىڭمۇ مۇئەييەن سالماقنى ئىگىلىگەنلىكى ۋە مۇھىمى مۇنداق كىشىلەرنى ئىنسانىيەت، كىچىكلىتىپ ئېيتقاندا،مىللەتنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلاب، ئۇلارنى رېئالىستىك يازغۇچىغا خاس بەدىئى دىت بىلەن بەدىئي تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە جاسارەت قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟﹗…》〔 2006 للىق نوبىل ئەدەبىياتىغا ئېرىشكۈچى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇكقا شىۋىتسيە ئەدەبىيات ئاكادىمىيىسى:《 ئۇ ئۆز دىيارىدىكى غېرىب روھنى ئىزدەش داۋامىدا مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ۋە گىرەلىشىپ كەتكەن يېڭى سىمىۋولنى بايقىغان》〔3〕دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن مەمتىمىن ھوشۇر ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى ئىجتىمائى ئەخلاقنى تەكىتلەپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمىگەن، ئۇ ناھايتتى ئۇستىلىق بىلەن‹كىنايىلەشتۈرۈش› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان ئىللەتلەرنى ‹كىنايىلەشتۈرۈش›تىن ئىبارەت «داشقازان» غا تاشلىغان، ئوقۇرمەنلەر مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندا كۈلكە ئاساسى ئورۇندا تۇرغاندەك قىلسىمۇ ، بىراق چۆمۈچكە چىقىدىغىنى يەنىلا ئىجتىمائىي ئەخلاق، دۇنيا قاراش مەسىللىرى بىلەن چېتىشلىق بولغان. بازار ئىگىلىكىنىڭ نەتىجىسىدە خەلىقىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدا شىددەت بىلەن ئۆسمىدەك يامىرىغان ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتىچىلىك، پۇلپەرەسلىك،ساختىپەزلىك، ئىسىراپخورلۇق…قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلىدى. مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىدە تەسىۋىرلەنگىنى ھەرگىزمۇ نوقۇل ھالدىكى كىنايە، مەسخىرە بولماستىن، بەلكى مىللىتىمىز پىسخىكىسىدىكى ئىجتىمائىي ئەخلاق، كىشىللىك تۇرمۇش قارىشى شۇنداقلا دۇنيا قاراش بىلەن چېتىشلىق بولغان مەسىللەردۇر. » يۇقۇرقى پارچىدىن قانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولدىڭلار؟ تېكستە يۇقۇرقى بايانلارغا ماس كېلىدىغان قانداق تەپسىلاتلار بار؟ شۇ تەپسىلاتلاردىكى نۇقتىلىق سۆزلەرنى تېپىپ چىقىڭلار؟ ئوقۇغۇچىلار بەس – بەستە تېكستى ئوقۇپ ،ئويلىغانلىرىنى سۆزلەشتى دوسكىغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى يېزىپ قويدۇم . شئېر ، شائىر ، ئىت بولاي ، خورەك ، تۇپا، مومىسى باققان ئەر ئىككىنچى سائەتلىك دەرسكە مۇشۇ سۆزلەرنى ئاپتور نېمە ئۈچۈن تاللاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلىش تاپشۇرۇقى بېرىلدى. تاپشۇرۇق مەقسىتىنى ئوقۇغۇچىلار قانچىلىك چۈشىنىدۇ ؟ ئۇنى قانداق ئىشلەيدۇ بۇنىسى ماڭا نەمەلۇم . ماڭا ئىنىقى ؛ شائىرنىڭ رولى ، شئېرنىڭ مىللىتىمىزگە كۆرسەتكەن تەسىرى شامىل «شائىر » نىڭ ئىت بولاي شئېرىدىن ئېچىلغان بىر كۆزنەكتە كۆرىنىپ تۇرغان شئېرغا تۇتۇلغان يىنىك پۇزۇتسىيەلەر ، ئىتنىڭ كۈچۈكلىنىشلىرىدەك يىرگىنىشلىك ھالەت، راست يالغانلىغىنىمۇ ئىنىق ئايرىيالغىلى بولمايدىغان بايانلار ،ئۆزىنى مۇھىم ئەرباپ كۆرسىتىش ئىستىكىدە ئىنسانىلىق ماھىيىتىدىن يىراقلىشۋاتقان كىشىلەر، ئەرلىك سەھنىسىنى بوش قۇيۇپ ناجىنىس سۈپەتلەر بىلەن ئۆزىنى پەسلەشتۈرىۋاتقان كىشىلەر؛ قاۋاقخانىلارغا ئەگىشىپ روھىمىزدا رىياللىقىمىزدا شەكىلىنىۋاتقان « خورەك » لەر ، باش كىيىم بولغان شىلەپىنى تۇپىسىنى قاقماي كىيىۋالغاندەك، بىچارە تەپەككۈر شەكلى ياد مەدەنىيەتنى «تۇپىسى» نى قىقېقىۋەتمەيلا كىيىۋالغان شىلەپىدەك بىشىچىلاپ سىڭدۈرۋېلىشلار ، قۇبۇل قىلىشلار ....دېگەندەك كىنايە كەينىگە تىنىپ قالغان ئۇھسىنىش ، ئويلىنىش تەئەججۈبلەرنى قىسقىسى ؛يازغۇچىنىڭ روھى دۇنياسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش.... « ھەقىيقى ياخشلىق قىلغۇچى ئەجداتنى ئەۋلادقا ئۇلۇغۇچى ۋە تۇنۇشتۇرغۇچىدۇر» . بۇ بۈيۈك ۋەزىيپىنى ئورۇنداۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەر بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يازغۇچى ، شائىرلىرىمىز، ئوقۇتقۇچى ،ئۇستازلىرىمىز بار! ئۇلارنىڭ قەلىمى ۋە روھى، مۇساپىر روھلارغا ئۆزلۈكىنى ،روھ يۇرتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تىنىمسىز سوقۇدۇ...شۇ يۈرەكنىڭ ھەر قىتىم چىن مەنىسى بىلەن سۇقۇشى ، بىر قەۋىمنىڭ روھى ۋابالىرىغا ،نىشانلانغان ئالدىنى ئېلىش دورىسىدۇر ! ..... |
|