查看完整版本: [-- تىرىك جەسەتلەر (تىكەن) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> تىرىك جەسەتلەر (تىكەن) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tikan 2012-04-25 22:48
تىرىك جەسەتلەر
ئابلاجان راخمان تىكەن

ئەتراپىمدا تىرىك جەسەتلەر،
شەيتانلارنى مىندۈرۈپ باشقا
بېرىشقاندەك مېھماندارچىلىققا،
ئوت يېقىشىپ ئېغىزلىرىدا
ئۇسۇل ئوينار تولغىنىپ
چىملىقلاردا ئاياقسىز بۇلۇپ،
چەكسىز <<بەخت >>ئىلكىگە تۇلۇپ.


ئەتراپىمدا تىرىك جەسەتلەر،
يېتىپ چارچىدى
خۇددى نامازغا بېرىپ
تاۋۇت كۆتەرگەندەك،
بەللىرى ئىگىلدى
پۇتلىرى ئالماشتى،
لىكىن چۇكا تۇتالايدۇ،
رومكىنى تۇتالايدۇ،
قانسىرغان لەۋلەرنىڭ
كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ.
پاكىز قاننى ئۈتۈنۈپ بىرىپ،
مازارلىقتا ئۇتۇنلار تىرىپ.

ئەتراپىمدا تىرىك جەسەتلەر،
قوللىرىدا سەرەڭگە تېلى
تۈتۈنلەرگە پۇل بىرىپ
ئاچلىقتا
باشلىرىنى قىسىپ قولتۇققا
ئىزدىمەكتە، تاپمىدى بىرى.
لەگلەكتەك ئۇچقاندەك بېشى
يىپى ئۈزۈلدى ئاخىر بىر چاغدا،
چاقىرماقتا خەندەكنىڭ قىرى.

مەنبە:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا
ئابلاجان راخمان

2012.4.25

maaripqi 2012-04-25 23:02
ياخشى يېزىپسىز، بىرىنچى كوپلىت ئەڭ ئاخىرقى مىسرادىكى «بەخت» دېگەن سۆزنى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىش كىرەكمىكىن دەيمەن.

tursun 2012-04-26 10:28
توردىشىم تىكەن(ئابلاجان مۇئەللىم) بۇ چاچما شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،
ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن،

muammar 2012-04-26 12:55
بارىكاللا!
ھىسسىيات ۋە كىنايىگە تولغان ئۆتكۈر نەزمە بوپتۇ.

gulhan 2012-04-26 14:57
تىكەن: بۇ چاچما شېئىرىڭىزنى ئۇقۇپ، شېئىرىي تەپەككۈرىڭىزنىڭ بالداقمۇ بالداق يوقىرى كۈتىرىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بۇ شېئىرىڭىزدىن ئادىل تونىيازنىڭ، غۇجا مۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ ئىز باسارىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
تىخىمۇ چوڭقۇر شېئىرىي پىكىر تىلەيمەن ، قەلىمىڭىزگە.

ozqan 2012-04-26 22:48
تىكەن ، چاچما شېئىرغىمۇ خېلى دىتىڭىز باركەن . بۇ شېئىر تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ .

danix 2012-04-27 22:05
  << تىرىك جەسەتلەر>>
پاھ نېمە دېگەن جەلپ قىلارلىق ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ماۋزۇ - ھە !
ئەسەرگە مۇشۇنداق جەلىپ قىلارلىق ماۋزۇلارنى قويسا ، ئەسەرنىڭ
ئوقۇغۇچىلىرى كۆپۈيىدۇ .

tawpek 2012-04-27 22:23
تىرىك جەسەتلەر
ئۆلمەس ھەسەتلەر
كەلدى يۇپۇرلۇپ
خۇددى ھاتەمدەك
ھاتەم ؟
سورىما ئوغلۇم
قەلىب قاراڭغۇ
كۆزلەر كۆرمەيدۇ
ھاتەم كۆرىنەر
بولسىمۇ ماتەم

xamalkiz 2012-04-28 15:39
ياخشى يېزىلىپتۇ، تېما ئىگىسىگە رەخمەت

kamalat 2012-04-30 12:11
ئابلاجان مۇئەللىمنىڭ قىزغىنلقىقى ناھايتى ياخشىكەن. شائىر بولۇپ قاپسىز.

nihmat 2012-05-06 20:12
ياخشى يىزىلىپتۇ.


查看完整版本: [-- تىرىك جەسەتلەر (تىكەن) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.024415 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us