tikan |
2012-04-25 21:31 |
تەۋپېقداشلارغا چاقچاق....
تىكەن
باشلىۋەتتىم چاقچاقنى، تەۋپېكتىكى دوستلارغا. كۈلكە ئۆمۈر خۇرۇچى، ھەم قەلەملىك قوللارغا.
تەڭ كۈلەيلى ھەممىمىز، كۈچ بېغىشلاپ مۇنبەرگە. تەتىل بولسا تەكلىپىم، كەلگىن ئويناپ مەلەمگە.
ئىزدىنىشتىن ئىجادتا، گۈل ئېچىلسۇن تەۋپېقتە. چاقچاقلىرىم يارىمىسا، قويما مىنى تەنقىتتە.
تەۋپېقكە...... ئۇكام قانداق ئەھۋالىڭ، يەنە قورقۇپ يۈرەمسەن. خۇتۇنۇڭغا بوزەك بۇپ، بۇ دۇنيادىن كىتەمسەن.
دەپسەن ئۆزەڭ دەردىڭنى، خۇتۇنۇمنىڭ قۇلى مەن. ئۇنىڭ مەغرۇر ھالىغا، ئىتائەتمەن يۇلى مەن.
يېرىم قىلما كۆڭلۈڭنى، مەنمۇ ياشاپ كەتتىمغۇ. مالاي بۇلۇپ خۇتۇنغا، كىر-قات،تاماق ئەتتىمغۇ.
ئاقگۈلگە....... ئاق كەپتەردەك ئاقلىقىڭ، يەلپۈنەدۇر ياغلىقىڭ. مىنى ھەيران قالدۇردى، مۇنبەردىكى ساقلىقىڭ.
يۇپۇرماقتىن چىقارغىن، شامال بىلەن چاۋاكنى. ئەخلاق بىلەن تولدۇرغىن، ئۇدۇمدىكى كاۋاكنى.
باشلىق بولغاچ مۇنبەردە، يازمىلارنى يىزىپ تۇر. ئۇۋال قىلماي قەلەمگە، مىسرالارنى تىزىپ تۇر.
شېئىر يازماي ئولتۇرۇپ، ئۇخلاپ قالما تۈشەكتە. ئويغىنالماي ئاخىرى، چۈش كۆرمىگىن بۈشۈكتە.
كۆكسانغۇنغا....... سىياھ ئىچتۈر قەلەمگە، بارماقلىرىڭ تالمىسۇن. قەغەزلەرنى تاتلاپ قوي، قەلەم يىغلاپ قالمىسۇن.
كۈندە مۇنبەر ئارلايمەن، سىنى ئىزدەپ تاپالماي. يازساق بىللە يازايلى، مۇنبەرلەردىن قۇپالماي.
دادىل قەدەم تاشلىغىن، مىنى شاگىرت ئېلىشقا. شېئىر بىلەن قىممەتنى، قەلىبلەردىن تېپىشقا.
ئۆزقانغا....... ئاستانىنىڭ قىزى سەن، پەزىلەتتە يىتىشكەن. ئەقلى ئويغاق قەلەمكەش، قاش كۆزلىرى كىلىشكەن.
تاشپاقىدەك جىممىدە، مۈكۈۋالماي چىقىپ تۇر. مۇنبەرلەرنى رەڭدار قىپ، چولپان بۇلۇپ يېنىپ تۇر.
كۈندە يازغىن ئەسلىمە، يىغلاپ ياكى كۈلۈپلا. يوقاپ كەتمە مۇنبەردىن، يوقلىمىدىن ئۈتۈپلا.
ئاتېللاغا.....
خىزمەتلەردە ئاكتىپ بۇپ، تورغا چىقماي يۈرەمسەن. دوستلۇق كۆڭلى شۇنداقمۇ، بۇنى كىمدىن كۈرەرسەن.
سىنى بەكمۇ سېغىندىم، يوقاپ كاتمە ئاتېللا. ئەمدى يەنە چىقمىساڭ، دەيمەن سىنى ئايتىللا.
نازپەرۋەرگە.....
ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇق، بىتاپ بۇلۇپ قاللىمۇ. يۆتەل بۇلۇپ زۇكامدا، ھۆل پالازدا ياتلىمۇ.
مۇنبەر ئاتلىق داستىخان، سىز يوق رەڭلىك بۇلالماس. رەڭسىز بولسا مەيلىغۇ، خۇش پۇراقلار چېچىلماس.
ئۇنداق قىلماي مۇنبەرگە، ئەسەر يىزىپ يوللاپ تۇر. مەندەك تامچە بىخلارنى، ئانچە-مۇنچە قوللاپ قوي.
ئەقىدە228 گە......
يازماي كەتتىڭ ئەجەپمۇ، قەلەملىرىڭ سۇندىمۇ. ئۇزۇن بولدى چىقمىدىڭ، ئېغىر كۈنلەر قوندىمۇ.
ئەگەر شۇنداق بولمىسا، ۋەزىپەڭنى ئاقلىغىن. كەچمىشلەرنى ئەسلەپ تۇر، مۇنبەرلەردىن قاچمىغىن.
يازمىساڭمۇ يازمىغىن، تېمىلارغا قاراپ قوي. كۈندە بەش ۋاخ پەردازلاپ، چاچلىرىڭنى تاراپ قوي.
ۋاقىتنىڭ قىسلىغى تۈپەيلى يەنە باشقا مۇنبەرداشلارغا چاقچىقىمنى يەتكۈزەلمىدىم.مۇمكىن بولسا مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاس سۈپۈتىدە يىزىپ داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
2012.4.25 ، |
|