查看完整版本: [-- كىلەرمەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كىلەرمەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

akbarmuallim 2012-04-25 19:32
قايدىن كىلەرمەن قايدىن كىلەرمەن
تۇمۇز قاينغان سايدىن كىلەرمەن
ئۇستۇمدە ئاسمان ئاستىمدا زىمىن
ئوتتۇرىسى پىنھان جايدىن كىلەرمەن .

قۇياش ئېلىپ كەتسە غەرىپ تامانغا
يەنە شەرىقتىن قايتىپ كىلەرمەن
سۆيگۇ مىھىرنىڭ پىنھان كەيپىدە
بۇلاق ئىچىدىن ئايدىن كىلەرمەن

tursun 2012-04-26 10:22
بۇلبۇل سايرىغان باغدىن كىلەرمەن،
كەكلىك يايرىغان تاغدىن كىلەرمەن.
يارنىڭ ئىشقىدا يۇرەكلەر -كاۋاپ،
سويگۇ تارالغان جايدىن كىلەرمەن.
«تۇمۇز قاينغان سايدىن كىلەرمەن،
بۇلاق ئاشىقى- ئايدىن كىلەرمەن .»

natiwan 2012-04-26 13:44
قايدىن كېتەرسىز قايدىن كېتەرسىز،
بۇ يۇرۇق ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتەرسىز.
كىم قارا، كىم ئاپئاق بۇنى بىلمەسسىز،
ساقال تۇتۇپ يىغلاپ قالارسىز.
                    (قاپىيە ئويناپ قويدۇمغۇ)

ozqan 2012-04-27 00:22
بەك تاتلىق يازمىكەنغۇ بۇ ؟  ئىنكاسلارمۇ شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ ، ئىلھمىڭلار ئۇرغۇپ تۇرسۇن ...


查看完整版本: [-- كىلەرمەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 1.334271 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us