چۈش ۋە رېئاللىق (شېئىر)
ئۆمۈچۈك تور توقۇيدۇ ۋۇجۇدى بىلەن تۇتماق بولۇپ رەڭدار كېپىنەك...
خىيالىدا لەرزان ئۇچۇپ كېلەر كېپىنەك، ئېتىلىدۇ ئۆمۈچۈك ئاڭا، بىر سۈمۈرۈپ يەپلاۋەتكۈدەك، كۆرسەتمىسە ھېچكىمگە پەقەت!
ئەپسۇس...! يۈرىكىنى ئاسقان تورلىرى ۋە شۇنداقلا شېرىن چۈشلىرى ئىلىنىشقان چىۋىنلار بىللە قالار لەيلەپ ھاۋادا ئەبەد.
ئېھ، ئالتۇن ئۆمۈچۈك رەڭدار كېپىنەك!... |