查看完整版本: [-- جۇغراپىيە زۆرۈر ئوقۇشلۇق (3) ئىمتىھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> جۇغراپىيە -> جۇغراپىيە زۆرۈر ئوقۇشلۇق (3) ئىمتىھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

karahan 2012-04-25 15:24
جۇغراپىيە زۆرۈر ئوقۇشلۇق (3) تىن
ماۋسۇملۇق ئىمتىھان سۇئالى
 
ئىسىم- فامىلىسى                    سىنىپى                       يوقلىما نومۇرى
 
1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
12
13
14
15
16
17
18
19
20
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
1. تاللاش سۇئالى (3×20= 60 نومۇر)
1. تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى:  (    )
A. يەرشارىدىكى ھەرقايسى رايۇنلار ئوخشاش كۆرسەتكۈچ ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ئايرىلغان.
B. رايۇننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خۇسۇسىيەت نىسبەتەن بىردەك بولىدۇ.
C. ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيلىك مۇھىتى ئوخشاش.
D. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش.
2. نۆۋەتتە GPS نىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: (   )
A. ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش   B. ئورۇن بەلگىلەش ۋە كان ئىزدەش
C. ئورۇن بەلگىلەش ۋە يول باشلاش  D. گىئولوگىيلىك ئۆلچەش
3. چۆللىشىپ كېتىش ھازىر پۈتۈن يەرشارىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىكولوگىيلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
چۆللىشىشى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: (    )
A. چۆللىشىش قۇرغاق يېرىم قۇرغاق يېرىم نەم رايۇندا يۈز بېرىدۇ.
B. چۆللىشىش ماھىيەتتە يەرنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
C. چۆللىشىش ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.
D. چۆللىشىش تەبئىي ئامىللار بىلەن ئىنسانلارنىڭ زىيادە ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ ھاسىلاتى.
4.  كىشىلەر تەرىپىدىن «تەبىئەتنىڭ باش تەڭشىگۈچىسى» دەپ نامى بار بولغىنى: (    )
A.دېڭىز – ئوكيان  B. قۇملۇق  C. تاغلار  D. ئورمانلىق
5. تىروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىتىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب: (   )
A. كىشىلەرنىڭ ئېچىشى  B. پۈتۈن يەرشارىنىڭ ئىسسىپ بېرىشى
C. يەربايلىقىنىڭ قىس بولىشى  D. ئورمان قۇرتىنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى
6. دۆلىتىمىزدىكى دۇنيا بويىچە ئاز چىقىدىغان كوكىس كۆمۈر بازىسى جايلاشقان ئۆلكە : (   )
A. شەندۇڭ ئۆلكىسى  B. خېبىي ئۆلكىسى  C. سەنشى ئۆلكىسى  D. ئەنخۈي ئۆلكىسى
7. (    ) دەريادىن پايدىلىنىش شەكلى بىلەن ۋادىنى ئېچىش نىشانىنى بەلگىلىگەن.
A. ۋادىنىڭ تەبئىي ئارقا كۆرىنىشى  B. ۋادىنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرىنىشى
C. ۋادىدىكى سۇ   D. ۋادا جايلاشقان رايۇن
8. تېننىسى دەرياسى جايلاشقان ئورۇن (   )
A. ئامرىكا   B. كانادا   C. لاتىن ئامرىكىسى   D. بىرازىلىيە
9. رايۇننىڭ يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆزگەرتىش ئەڭ قىيىن بولغان تەبئىي شارائىت : (   )
A. تۇپراق   B. يەرشەكلى  C. ئىقلىم   D. سۇ
10.ئىلىمىزدىكى مۇھىم تاۋار ئاشلىق بازىسى، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق بازىسى بولسا: (   )
A. شىنجاڭ   B. شىزاڭ   C. ئىچكى موڭغۇل    D. شەرقي شىمال
11. ئېلىمىزدىكى ئىتبار بېرىش سىياسىتىگە تايىنىپ سانائەتلىشىشى، شەھەرلىشىشنى تىز سۈرئەتتە ئىلگىرى سۈرگەن رايۇن: (   )
A. چاڭجىياڭ دېلتىسى   B. غەربىي شىمال  C. جۇجىياڭ دېلتىسى  D. ئىچكى موڭغۇل
12. غەربىنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش لىنىيىسىدىن توغرا گۇرۇپپىلانغىنى : (    )
A. شىزاڭ ـــ گەنسۇ ـــ نىڭشىيا ـــ شەنشى ـــ سەنشى ــــ خېنەن ـــ ئەنخۈي ـــ جىياڭسۇ ـــ شاڭخەي
B. شىنجاڭ ـــ گەنسۇ ـــ نىڭشىيا ـــ شەنشى ـــ سەنشى ــــ خېنەن ـــ ئەنخۈي ـــ جىياڭسۇ ـــ شاڭخەي
C. شىنجاڭ ـــ شاڭخەي ـــ گەنسۇ ـــ نىڭشىيا ـــ سەنشى ـــ شەنشى ـــ جىياڭسۇ ـــ ئەنخۈي
D. شىنجاڭ ـــ گەنسۇ ـــ نىڭشىيا ـــ سەنشى ـــ شەنشى ـــ شاڭخەي ـــ خېنەن ـــ ئەنخۈي ـــ جىياڭسۇ
13. ئېلىمىزدىكى تەبئىي گاز بايلىقى (   ) ئالاھىدىلىككە ئىگە .
A. جەنۇبتا كۆپ، شەرقتە ئاز، شىمالدا كۆپ، غەرىبتە ئاز 
 B. غەربتە كۆپ، جەنۇبتا ئاز، شىمالدا كۆپ شەرقتە  ئاز
C. شىمالدا ئاز، شەرقتە كۆپ، غەرپتە ئاز، جەنۇبتا ئاز
D. جەنۇبتا كۆپ، شىمالدا كۆپ، شەرق، غەرپتە ئاز
14. كەسىپلەرنىڭ خەلقئارالىق يۆتكلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل : (    )
A. ئەمگەك كۈچى  B. بازار ئامىلى، ئەمگەك كۈچى
C. ئەمگەك كۈچى، ئىچكى سودا سېتىق تەننەرخى
 D. ئەمگەك كۈچى، بازار ئامىلى، ئىچكى سودا سېتىق تەننەرخى
15. ئېلىمىز چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈچۈن يولغا قويغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈنئىي مۇداپىئە ئورمان قۇرۇلۇشى : (   )
A. دېڭىز بويى مۇداپىئە ئورمىنى  B. ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى
  C. تەيخاڭشەن تېغىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى
D. چاڭجىياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇ، تۇپراقىنى ساقلايدىغان ئورمان
16. سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئۈچ كەسىپ زەنجىرىنى توغرا ئىپادىلىگىنى؛ (   )
A. كۆمۈر ـــــ توك ــــ خىمىيە ، كۆمۈر ــــ پولات ـــــ تۆمۈر، كۆمۈر ــــ كوكس ــــ ئاليۇمىن
B. كۆمۈر ــــ توك ــــ ئاليۇمىن، كۆمۈر ــــ تۆمۈر ـــــ پولات. كۆمۈر ـــــ كوكس ــــ خىمىيە سانائىتى
C. كۆمۈر ــــ خىمىيە ــــ كوكس، كۆمۈر ــــ ئاليۇمىن ــــ توك، كۆمۈرــــ تۆمۈر ـــــ پولات
D.تۆمۈر ــــ كۆمۈر ـــ پولات، تۆمۈر ــــ كوكس ــــ خىمىيە، كۆمۈر ــــ توك ــــ ئاليۇمىن
17. يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ تىروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمىنى : (   )
A. كونگو ئويمانلىقىدا   B. تارىم ئويمانلىقىدا  C. بىرازىلىيىدە  D. ئېلىمىزنىڭ شەرقي شىمالىدا
18. پەيزاۋات ناھىيىمىزدە چۆللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەب: (    )
A. تەبئىي ئامىل  B. ئىنسانلار ئامىلى
 C. تەبئىي ئامىل، ئىنسانلار ئامىلى  D. نوپۇسنىڭ سىرىتقا ئېقىشى
19. ئادەتتە، بىز (    ) نى خەرىتىنىڭ راۋاجى دەيمىز.
A. RS  B. GPS  C. GIS   D. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى خاتا
20. تۆۋەندىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيەگە كىرىدىغىنى: (   )
A. كۆمۈر  B. قۇياش ئېنىرگىيسى  C. تەبئىي گاز  D. نېفىت
2. ھۆكۈم قىلىش (2×5= 10 نومۇر)
1. شىنجاڭنىڭ بوستانلىق يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چەكلىگۈچى ئاساسلىق ئامىل سۇ مەنبەسى. (   )
2.ئېلىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئەلا سۈپەتلىك كوكس كۆمۈر بازىسى جايلاشقان ئورۇن بولسا سەنشى ئۆلكىسى. (   )
3. مۇھىت مەسىلىسىنىڭ ماھىيىتى تەرەققىيات مەسىلىسى. (   )
4. چاڭجىياڭ دەريا ھاۋزىسىدىكى كۆپلىگەن رايۇنلارنىڭ ئىقلىم تىپى ــــ ئېگىز تاغ ئىقلىمى.(   )
5. مەمۇرىي رايۇنلارنىڭ چىگراسى ئېنىق بولىدۇ. (   )
3. بوش ئورۇن تولدۇرۇش (1×10= 10 نومۇر)
1. 3s تېخنىكىسى                            ،                        ،                           قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. چۆللىشىپ كېتىش                    ،                     ،                       رايۇنلاردا يۈز بېرىدىغان يەرلەرنىڭ چېكىنىپ كېتىش ھادىسسىنى كۆرسىتىدۇ.
3. يامغۇرلۇق ئورمىنىنى ئېچىشنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولسا                            ،                        ،                           قاتارلىقلار.
4.                     شارائىتى رايۇننىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئۆزگەرتىش ئەڭ قىيىن بولغان تەبئىي ئامىل.
5. شەرقىي شىمال رايۇننىڭ يەرشەكلى                    ،                     ،                   قاتارلىق يەر شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
6. غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى                                 ئەۋزەللىكىنى                              ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىدۇ.
4. ئۇنۋېرسال سۇئال (2×10= 20 نومۇر)

 تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ. ( ھەرپ بەلگىسىنى تولدۇرۇڭ)
1. رەسىمدىكى ئىپادىلگىنى بولسا سەنشى ئۆلكىسىنىڭ كۆمۈرىنى سىرىتقا توشۇش لىنىيىسى بولسا ئۇنداقتا: ②③④ نى ماس ئورۇنغا تولدۇرۇڭ.
(1). دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاۋار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى       .
(2) . دۆلىتىزدىكى چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر بولغان رايۇن بولسا         .
(3). غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش لىنىيىسى ئىپادىلەنگىنى بولسا         .
2. ① ۋە ② دە توشۇلىدىغان ئېنىرگىيە ئايرىم – ئايرىم                ،                    .
3. ② توشۇلىدىغان بايلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى                     ئويمانلىقى ۋە شەنشى، گەنسۇ، نىڭشىيا رايۇنى.
4. ③ رايۇندا چۆللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈنئىي ئامىللار بولسا                            ،     
                          ،                                    ،                                      .

karahan 2012-04-25 15:26
جۇغراپىيە زۆرۈر ئوقۇشلۇق (3) تىن پايدىلىنىلغان بولۇپ .ئاخىرىدىكى خەرىتە چىقماي قاپتۇ، تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن !!!!!

koksangun 2012-04-27 20:44
ھەقىقەتەن خەرىتە چىقمايدۇ ، چۈنكى خەرىتە رەسىم شەكلىدە قىستۇرۇلغاچقا مۇنبەردە چىقمايدىكەن .
خالىسىڭىز بوشلۇققا يوللاپ ، ئىنكاس شەكلىدە ئولانمە قىلسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى پايدىلىنالايدىكەنتۇق . ئەجرىڭىزگە رەھمەت .
20 تەۋپىق دوللىرى قوشۇپ قۇيدۇم ھېسابىڭىزغا ...


查看完整版本: [-- جۇغراپىيە زۆرۈر ئوقۇشلۇق (3) ئىمتىھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.207084 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us