akbarmuallim |
2012-04-25 11:47 |
رەنجىدىم دۇنيادىن سەندىن ئەمەس يار ، رەنجىدىم ئۇزەمدىن ياتتىن ئەمەس يار . يۇرەك ئۇ خىيالدەك پىنھاندا ئىدى ، يۇرەكنىڭ سىرىنى پاش قىلغان سەن يار .
گۇگۇمدەك يېقىنلاپ كەلمەكتەھىجران ، ئېھتىمال جۇدالىق چۇشتى ئۇسۇلغا . يۇلتۇزلار چاراسلاپ كۆيمەكتە كىچە ، چاراسلاپ كۆيگەندەك يۇرەك ساڭا يار .
سەھەردەك سۇزۇك بىر ئۇمىد پارلايدۇ ، بۇمېنىڭ بەخىتسىز يۇرەك قېتىمدا . بەزلىمەي ئاۋارە بولدۇم ئۇزەمنى ، يارسىنى سېغىنغان تەنھا ھۇجرامدا .
قۇلۇمنى ۋەھىدەك سۇندۇم مەن ساڭا ، ئۇمىدىم بەرگەيسەن ماڭا مۇھەببەت . كەل، ئىللىق باغرىمغا چۆككىن نۇربۇلۇپ ، ئاخىرقى ھەسرەت بۇ ئاخىرقى پۇرسەت ...
ئەكبەر نىياز شېئرلىرىدىن |
|