koksangun |
2012-04-22 15:34 |
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك توغرىسىدا ماقال - تەمسىللەر
ئاتاڭ كۆكبېشى بولغىچە، ئۆيۈڭ سۇ بېشى بولسۇن.
ئاتاڭمۇ يەر،ئاناڭمۇ يەر.
ئادەمنىڭ ھەققىنى يەر قايتۇرار.
ئازگال يەر سۇ ئىچكۈچە، دۆڭ يەر نەم تارتىدۇ.
ئاسمان ئەركەك،يەر چىشى.
ئاق لەيلى بار يەرگە ئاش تېرىما.
ئالا زىرائەت ئاتقا مىندۈرەر، قېلىن زىرائەت قىرغا.
ئالما چېچىكى ۋاقتىدا ئالتۇن بېرىپ بۇغداي سۇغار.
ئانار ئۇرۇقى بىلەن، گۈل پۇرىقى بىلەن.
ئاۋۋال تام ئەت،ئاندىن باغ.
ئەتىيازدىكى ھەرىكەت، كۈزدىكى بەرىكەت.
ئەجىر قىلساڭ تاشقا،ئاغزىڭ تېگەر ئاشقا.
ئەلدىن سورىغىچە،يەردىن سورا.
ئەمگەك قىلساڭ يەر سېخىي.
باشاق سانىماي،چاناق سانا.
باغ قىلساڭ چىت قىل،مال قىلساڭ ئىت(قىل).
بالدۇر تېرىغان ئاش ئالار،كېيىن تېرىغان شاخ.
بەشىنچى ئايدا بېشىنى كۆردۈم، ئالتىنچى ئايدا ئېشىنى.
بولىدىغان ئاش كۆكىدىن مەلۇم.
بۇغداي تېرىساڭ كۈزگى تەر،ئارپا تېرىساڭ بوزغا.
بۇغداي قويۇقلۇقتىن بولار، قوناق سۇيۇقلۇقتىن.
بۇيىدىن قاچ،كەكرىگە چاچ.
بېغى بارنىڭ تېغى بار.
بېغىنى سورىماي ئۈزۈمىنى يە.
بېقىپ يەي دېسەڭ مال قىل، يېتىپ يەي دېسەڭ باغ قىل.
بىر كۈن ئاۋۋال تېرىساڭ، ئون كۈن ئاۋۋال يىغىسەن.
بىرنى كەسسەڭ، ئوننى تىك.
پالتاڭنى ئېلىپ تاغقا يۈر، سېۋىتىڭنى ئېلىپ باغقا.
تاشقا چاچ،بەختىڭدىن كۆر.
تامچە سۇدا تال كۆكىرەر.
تامغىلىق مال يوقالماس.
تاينى ئايىغان ئات مىنەر.
تەخەيلىك ئېشەك،پايخانغا يارىماس.
تەر تۈكۈپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
تەكشى چاچساڭ تاختىدەك ئۈنەر، ئالا چاچساڭ لەخمىدەك.
تۆگە تاپىنىدا خامان يۇمشىماس.
تېرىساڭ ئورارسەن، ئىزدىسەڭ تاپارسەن.
تېرىغان خامان قىلار،
تېرىمىغان ئارمان(قىلار).
تېرىغانغا يەر قېرىماس،
ئىشلىگەنگە ئەر قېرىماس.
تېرىغان ئۆزىدىن سورايدۇ،
تېرىمىغان كىشىدىن.
تېرىغان ئوراپ يەر،
تېرىمىغان سوراپ يەر.
تېرىقمۇ تېرىمايمەن،
قۇشقاچمۇ قورىمايمەن.
تېرىق ئورىماق ___ قىز قۇچاقلىماق،
ئارپا ئورىماق __ خۇن چىقارماق.
تېرىمىساڭ ئۈنمەيدۇ.
تېرىيدىغان يېرىڭ نەم بولسۇن،
كىرىدىغان يېرىڭ كەڭ بولسۇن.
چارۋا مال __ باراڭ.
چارۋىچىلىق كۆچە-كۆچە،
دېھقانچىلىق كۈندۈز كېچە.
چىلانغا چۆل ياخشى،
ياڭاققا كۆل (ياخشى).
|
|