تولۇقسىز 3-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى
ئىسمى-ئاتىسى: سىنىپى: نومىرى:
1. تاللاش سوئالى.
(1)يەھۇدىيلارنىڭ ئەقىل –پاراسىتىگە ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دۆلەت( ) گىرمانىيە روسىيە ئەنگىلىيە ئامېرىكا
(2)«قىزىق،-دەپ ئويلىدى ئۇ،-بۇ ئېزىتقۇ سارراپ ياكى بۇزۇلغان ئەسەبىيلەرنىڭ ئويۇنى،ناتوغرا تەسەۋۋۇرنىڭ مېۋىسى بولسا كېرەك»دېگەن جۈملىدە قوللىنىلغان تەسۋىر( ) پىسخىك تەسۋىر تىل تەسۋىرى ھەرىكەت تەسۋىرى قىياپەت تەسۋىرى
(3)«تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىش»دېگەن ئەسەردە خېلىن كېللىر بايان قىلغان تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىدىن تىلغا ئېلىنمىغىنى:( )
ئوپىرادا رول ئېلىش قېيىق ھەيدەش ۋېلىسىپىت ھەيدەش قارتا ئويناش
(4)«قوش مەسچىت»ناملىق تېكىسىت ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:( ) بۇ ئەسەر 1985-يىلى يېزىلغان بۇ ئەسەردە دېھقانلار تۇرمۇشى تېما قىلىنغان بۇ ئەسەر ژانىر جەھەتتىن ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ ھېكايە تۈرىگە كىرىدۇ ئەسەردىكى تۆر تالىشىشنى زىددىيەتنىڭ نېگىزى دېيىشكە بولىدۇ.
(5)لېرمونتوفنىڭ «ۋەتەن»ناملىق شېئىرىدا:( ) ۋەتىنىنىڭ ھۆر،ئەركىن كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن روسىيەنىڭ دۇنيادا ئەڭ گۈزەل دۆلەت ئىكەنلىكىنى مەدھىيلىگەن ئۆز ۋەتىنىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن زوقلىنىش،ۋەتەندىكى ھەر بىر نەرسىگە بولغان سۆيۈنۈش،پەخىرلىنىش، ئامراقلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن ۋەتەننىڭ ئەڭ ئولۇغ ئانا ئىكەنلىكىنى ئىكەنلىكىنى ئوبرازلىق ئىپادىلىگەن.
(6)«تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر»دېگەن جۈملە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:( ) بۇ جۈملە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇ جۈملە تۇراقلىق ئىبارىنىڭ ماقال تۈرىگە كىرىدۇ ئادەم ئۆز يۇرتىدىن،ئۆز ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرىسە،مۇناپىق بولىدۇ دېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن،تۇراقلىق ئىبارىنىڭ تەمسىل تۈرىگە كىرىدۇ تۈلكە ئۆز ئۇۋقسقغا كىرمىسە،يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ دېگەن مەنا ئىپادىلەنگەن.
(7)«ھاياتقا مۇھەببەت»ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:( ) بۇ ئەسەر 1906-يىلى يېزىلغان ھېكايىدە بىر ئادەمنىڭ ئاچلىق،سوغۇق،ئاغرىق ئازابىنى يېڭىپ،ئۆلۈم گىردابىدىن ھاياتلىق ئىزدىگەن كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان ھېكايىدە ئادەمنىڭ ناچار تەبىئىي مۇھىت بىلەن مەردانە كۆرەش قىلىش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن ھەم پىرسۇناژلار ئوبرازى چىن يارىتىلغان ھېكايە ئاپتورى جىك لوندون بولۇپ،1876-يىلى تۇغۇلغان،دۆلەت تەۋەلىكى بولسا كانادا.
2-سوئال:بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.(1)داۋىد كەلدى،ئۇ قېنىق قوڭۇر چاچلىق،چاققان،چېچەن كۆرۈنىدىغان ياش ئېدى.چىرايىدىن تولىمۇ ئاقكۆڭۈللىكى چىقىپ تۇراتتى.مېنىڭ ئۇنى بۇنداق دېيىشىم ئۇنىڭدا ئاقكۆڭۈللۈك ۋە غەمسىزلىك بولغاندىن باشقا يەنە قۇرداشلىرىدىن ئارتىپ كېتىدىغان تەمكىنلىك ۋە يېتىلگەنلىك ئالامەتلىرى بار ئېدى»دېگەن پارچە نىڭ ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان.پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن قوللىنىلغان.
(2)خېلىن كېللىر ئامېرىكىلىق ئايال يازغۇچى ۋە ناتىق،ئۇ ئەما،گاس-گاچا،ئۇنىڭ « »،« »قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
(3)«كوچىمىزغا كۆز تەگدى»دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان تۇراقلىق بېرىكمە بولۇپ،ئۇنىڭ مەنىسى دېگەنلىكتۇر
(4)«ئۇنىڭ كاللىسىنى بىل مېنى تاشلاپ كەتمەيدۇ،بىل چوقۇم نەرسىلەرنى تاشلاپ يۇشۇرۇپ قويغان جايدا كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ دېگەن خيال چۇلغىۋالغانىدى»دېگەن جۈملىدە تەسۋىر قوللىنىلغان.
(5)«ئوغلى تەرلەنسە ئاتىسى راھەتلىنەر»دېگەن ماقالدىكى «ئوغلى»دېگەن سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ھادىسىسى كۆرۈلگەن.ئۇنىڭدىكى ،
قاتارلىق سۆزلەر تەركىبىدىكى «ئا،ئە»تاۋۇشلىرى «ئى»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.بۇ ماقالدا
دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن.
3.سوئال:تۆۋەندە بېرىلگەن جۈملىنىڭ جۈملە بۆلىكى ۋە سۆز تۈركۈمىنى ئايرىپ كۆرسىتىڭ.
(1)بەخت-ئىقبال پاكلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. (2)پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ.
جۈملە بۆلىكى:( ) ( ) ( ) ( ) ( ) ( ) ( ).
سۆز تۈركۈمى: ( ) ( )( ) ( ) ( )( )( ).
4.سوئال:تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ.
1.تەرزدە: 2.جۇلا: 3.كۆكەرمە: 4.مۇشتاق: 5.رەپتارى:
6.مەلۇل: 7.زەۋقىدە: 8.جىلمىيىپ: 9.قەتلە: 10.ئىستىداد:
11.قاداق: 12:مىل:
5.تۆۋەندىكى تۇراقلىق بېرىكمىنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
1)ئاقىلغا ئىشارەت، .2) مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ.
3)ئارپىسىز ئات داۋان ئاشالماس، 4) ئلۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورق.
6.قىسقىچە جاۋاپ بېرىڭ.
1.جىبراننىڭ «دولقۇن ناخشىسى»ناملىق ئەسىرىنى نېمە ئۈچۈن نەسىرىي شېئىر دەيمىز؟
2.«تەبەسسۇم»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟نېمە ئۈچۈن تەبەسسۇمدىن ئايرىلغان دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ؟
7.سوئال:بىر پارچە پىسخىك تەسۋىر يېزىڭ.
|