abduxvkvr |
2012-04-21 19:46 |
ئاتا دۈشمىنىنى دوست تۇتما.
ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول ئىزدە.
ئارقاڭدىكى ــ دۈشمەن،ئالدىڭدىكى ـــ دوست.
ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق.
ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ،دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.
ئەيىپسىز دوست ئىزدىگەن دوستسىز قالار.
بۆرىمۇ دوستىغا قەست قىلماس.
بۆرە ھۇۋلاپ ئۆزىنى ئاشكارىلار.
بۆرىنىڭ بالىسى بۆرە.
بۈگۈنكى دوستلىرىڭدىن،ئەتىكى دۈمەنلىرىڭ زىرەك.
بىلىكىڭ توم بولسا،دۈشمىنىڭ سالامغا كېلەر.
پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.
تاينى باقسا ئات بولۇر،بۆرىنى باقسا يات بولۇر.
تۇڭگۇزى قوي بولماس،دۈشمەن ئۆز بولماس.
تېگى دۈشمەن دوست ئەمەس، ئۆپكە قېرىن ەۆش ئەمەس.
جان دوستۇڭ جېنىدىن كېچەر، مال دوستۇڭ مېلىدىن كەچمەس.
دوست بول سىرىنى بىلىپ.
دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قۇرساقنىڭ توقلۇقى.
دوست چىللىسا قالما،دۈشمەن چىللىسا بارما.
دوستقا زار،دۈشمەنگە خار،نامەرتكە ئىنتىزار بولما.
دوستقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.
دوستقا ئىناق بول، دۇشمەندىن يىراق بول.
دوست كەينىڭدە ماختار،دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
دوست كېڭەشتە بىلىنەر.
دوستلار ئارا ئاداۋەت،دۈشمەن ئۈچۈن تاپاۋەت.
دوستنىڭ دوستلۇقى بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر.
دوستنىڭ دوستلۇقىنى ئۈچ كۈندە بىلمىسەڭ،ئۈچ يىلدا بىلەرسەن.
دوستنىڭ كونىسى ياخشى،چاپاننىڭ يېڭىسى.
دوستۇڭ دوست بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
دوستۇڭغا خار بولغۇچە،دۈشمىنىڭگە ئارتىلىۋال.
دوستۇڭغا دەرت كەلسە،دۈشمىنىڭگە توي بولار.
دوستىڭنىڭكىنى يە،كۆڭلى قالمىسۇن، دۈشمىنىڭكىنى يە ئۆزىگە قالمىسۇن.
دوستۇڭ ئۈچۈن زەھەر يۇت.
دوست ياخشى يېرىڭنى كۆرەر، دۈشمەن يامان يېرىڭنى كۆرەر.
دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ.
دۈشمەن سىرىڭنى ئوغرىلايدۇ،دوست خاتايىڭنى توغرىلايدۇ.
دۈشمەن قەست قىلار،دوست قۇتۇلدۇرار.
دۈشمەنگە شەپقەت ـــ ئۆزۈڭگە كۈلپەت.
دۈشمەننى شىكەر بىلەن ئۆلتۈر.
دۈشمەننى كۈندۇزى ئويلا،كېچىسى پايلا.
دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغىنى يوق،قۇشنىڭ سايرىمايدىغىنى يوق.
دۈشمىنىڭ بىلەن بەسلەشسەڭ،قارا ئاش تەر.
دۈشمىنىڭگە ھال ئېيتما،كۈلگىسى كېلەر، دوستۇڭدىن سىر ئايىما بىلگۈسى كېلەر.
دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۇر تىلە.
دۈشمىنىڭنىڭ كۈلگىنى ــــ سىرىڭنى بىلگىنى.
ساختا دوست ئاشكارا دۈشمەندىن يامان.
سىناشقان دوست مۇڭداشقىلى ياخشى، سۆيۈشكەن يار ئويناشقىلى ياخشى.
قەست قىلغاننى پەست قىل.
مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە ، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن.
ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.
ئورىنى كىم كولىسا ئۆزى چۈشەر.
ئوڭ كۆزۈڭ سول كۆزۈڭگە دۈشمەن.
ئىشەككە باش بولساڭمۇ، دۈشمىنىڭگە تاش بول.
ئېقىن سۇ ئۇخلار،دۈشمەن ئۇخلىماس.
ئىشەنمىگىن دوستۇڭغا، سامان تىقار پوستۇڭغا.
ئىلپەت تاپ،قۇدرەت تاپ.
ئىلپىتىڭ قاغا بولسا،يىيىشىڭ پوق.
ياخشى دوستۇڭ تاشلىماس،يامان يولغا باشلىماس.
يۈز دوست ئاز،بىر دۈشمەن كۆپ.
يېغى ياندىن،بالا قېرىنداشتىن.
يېغى ياندىن قۇپار،دۈشمەن تاپاندىن.
يىراقتىكى دۈشمەندىن،ئاينىپ كەتكەن دوست يامان. |
|