uzqak |
2012-04-19 00:50 |
ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى 7
مەن ياقتۇرمايدىغان تىل ئەدەبىيات دەرسى
يىقىندىن بۇيان 、 دادامنىڭ ياتاقتا يېتىپ قېلىشى ، دەرس مىقدارىمنىڭ كۆپىيىپ قېلىشى بىلەن ئالدىراشلا بولۇپ كەتتىم . ھاياتلىق شۇنداق بولسا كېرەك . پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىش بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن ئېلىشىش مېنى سەل چارچىتىپ قويدى. دەرسنى ئەتراپلىق تەييارلاشقا سەل ئىمكانىيەت بولماي قالدى . مېنىڭ بۇشاپ قالغىنىمنى ئوقۇغۇچىلارمۇ سېزىۋالدىمۇ ئالدىنقى سائەتلىك دەرستە 5 ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن ئىدى. قاتتىق بىر تەنقىدلەپ «كۈچۈم»نى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ئويلىدىميۇ ئۆزەمنى بېسىۋالدىم. گۇرۇپلارغا ئايرىپ ،ئۆگۈنىش ۋەزىيپىسىنى بېكىتىپ بەرگەندىن كېيىن ،ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا ئارلاپ ئۇلارغا يېتەكچىلىك قېلىۋېتى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب -دەپتەرلىرىنىڭ يىرتىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم .
دەرستىن چۈشۈشكە بەش مىنوت قالغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشق دەپتىرىگە تۆۋەندىكى قۇرلانى ئېيتىپ بەردىم .
«مەن ياقتۇرمايدىغان تىل – ئەدەبىيات دەرسى . كىچىككىنە يۈرۈكۈمدە شۇنداق بىر نىدا مەن تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرمەيمەن ! تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرۈشنى ئويلىساممۇ يۈرۈكۈمدە بىر توسالغۇ بار .ئۇ توسالغۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ كۆزىدىكى نارازىلىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈشۈمگە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. بۇ توسالغۇ مېنى بەزىدە ......»
يۇقۇرقى پارچىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ كېلىڭلار ! بالىلار ،بالىلىق سىنچى كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراشتى مەن ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەي دەرسخانىدىن چىقىپ كەتتىم ....
بۈگۈن 2012 –يىلى 4- ئاينىڭ 18 -كۈنى بېرىپ قويغان تاپشۇرۇقۇمنى ئەسلىگەچ دەرسخانىغا قەدەم قويدۇم . ..
ئوقۇغۇچىلار يازمىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى.
«مەن ياقتۇرمايدىغان تىل – ئەدەبىيات دەرسى كىچىككىنە يۈرۈكۈمدە شۇنداق بىر نىدا ،مەن تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرمەيمەن ! تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرۈشنى ئويلىساممۇ يۈرۈكۈمدە بىر توسالغۇ بار .ئۇ توسالغۇ ئوقۇتقۇچىمنىڭ كۆزىدىكى نارازىلىق ئۇچقۇنلىرىنى كۆرۈشۈمگە ئىمكانىيەت بەرمەيدۇ. بۇ توسالغۇ مېنى بەزىدە ......»
شەيتاننىڭ ئەللىيىگە جۆر قىلىپ قاتتىق ئۇيقۇلارغا باشلايدۇ. بەزىدە خىيال دېڭىزىدا ئۈزۈپ جىسمىم بىلەن روھىم بىرلىككە كېلەلمەي قيلىنىمەن.
ياق! ياق ! مەن بۇنداق ئەمەس! مەن تىل – ئەدەبىياتنى ، ياق گۈزەل ، سۆيۈملۈك ئاناتىلىمنىڭ خاسىيىتىدىن پۈتكەن بىر رەڭدار باغچىنى ھاقارەتلەشكە قادىر ئەمەس! مېنى ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دىيىشكە ھېچكىم مەجبۇر قىلالمايدۇ! ئۇ مېنىڭ ئالدىمدىكى سىرلىق ئىشىك. مەن مانا مۇشۇ سىرلىق ئىشىك ئىچىگە ئىچكىرلەپ كىرىشنى ئويلايمەن ، بەزىدە شۇنداق بىر تۇيغۇ مېنى چۇلغۇۋالىدۇ « ئانا تىلىم بارلىقىم !» بۇ قۇرلار ھەرگىزمۇ بىراۋنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەمەس ، بىراۋنىڭ جىكىلىشى بىلەن ئەمەس ،قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭگەن تىل – ئەدەبىيات سۆيگۈسى ئېيتىپ بەرگەن قۇرلار . ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان نەرسەمنى، ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ئۆزەمنى ئازابلىغىم يوق.ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دىيىش مەن ئۈچۈن مەغلۇب بولۇش بىلەن باراۋەر .پەقەت 32 ھەرپ ، پەقەتلا 32 ھەرپ بۇ ھەرپلەرنىڭ تىنىقى ،جىنى بىزنىڭ قولىمىزدا! 8 يىل ماڭا ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتقان قاراڭغۇدا مەشئەل بولۇپ يولۇمنى يورۇتقان ئانا تىلىمنى يەتكۈزگەن تىل – ئەدەبىيات دەرسى ، ئۇ مېنىڭ بارلىقىم ! ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىككە ھەققىم يوق!
8- يىللىق 13 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى زۇننىرە ھىمىت
ئۇ قىز ئەسىرىنى ئالاھىدە ھېسىياتلىق ئوقۇدى ئوقۇغۇچىلار قىزغىن چاۋاكلار بىلەن ئالقىشلىدى . -بۇ يازمىغا قارىتا باھايىڭلارنى ئاڭلاپ باقسام بولامدۇ ؟
- مۇئەللىم ؛ ئاخشام « تىل – ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەپ، يېزىشقا قۇلۇم بارمىدى. لېكىن بۇ ساۋاغدىشىمىز بۇنى ئۆزگىچە ئىپادىلەپتۇ . بىرنەچچە ۋاراققا جىجاپ بېقىپ يىرتىۋەتتىم .
ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئاۋازى تىتىرەپ كەتتى .
- سىز تۈنۆگۈن ئەگەر مەن ئېيتىپ بەرگەن مەزموننى ياكى تېمىنى ئۆزگەرتىۋەتسەڭلار تەنقىدلەيمەن دېگەن ئىدىڭىز . لېكىن مېنىڭ «ياخشى كۆرمەيمەن »دەپ يېزىشقا زادىلا قۇلۇم بارمىدى .سىزنى تەنقىدلىسىمۇ مەيلى دىدىم .چۈنكى مەن راستلا ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىمەن . ئۇ -بىر مۇڭلۇق مۇزىكا . ھېچقانداق بىر مۇزىكانت بۇنداق مۇڭلۇق مۇزىكىنى يارتالمايدۇ. ئۇ بىر پارچە گۈزەل رەسىم . ھېچقانداق بىر رەسسام ئۇنى بۇنداق ۋايىغا يەتكۈزۈپ سىزالمايدۇ.ئۇ بىر گۈل ....
- شۇڭلاشقىمۇ بۇ يازمىنى سىز دېگەن ئۇ قۇرلار بىلەن باشلاشقا ئامالسىزمەن!...ئۇ يىغلىۋەتتى ... ئاخىردا سىزدىن بىر سۇئال سوراي نىمىشقا بىزنى قىينايدىغان مۇشۇنداق تاپشۇرۇق بەردىڭىز؟
قەنى ئوتتۇرغا چىقىڭ ! ئالدىمغا كېلىڭە مەن ئۇنى يىنىككىنە قۇچاقلاپ قويدۇم. رەخمەت سىزگە ياخشى سۆزلىدىڭىز ! ئوقۇغۇچىلار يەنە بىر قىتىم قىزغىن چاۋاق سۇقۇپ كەتتى .
- چىن ھېسىيات ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ. مەلەم نەرسىگە نىسبەتەن چىن ھېسىيات بىلەن چىن ھەركەت شەكىلەنگەندە بىز ئاندىن بارلىق توسالغۇنى بۈسۈپ ئۆتەلەيمىز! چىن ھېسىياتىڭلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ باقاي دىدىم .
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشنى باھالاشنى داۋاملاشتۇرماقتا...
- جەمىيەتتە ،مەكتەپتە ئەپسانىۋى تىلار بىلەن تىللىشىپ قالغىنىمدا ،چىرايلىق تىلىمنى ئەبجەشلىك بىلەن بىزىگەن ۋاقتىمدا گەرچە 190 بەت بولسىمۇ نۇرغۇن ئادىمىلىك خۇسۇسيەتلىرى مۇجەسسەملەشكەن تىل – ئەدەبىيات دەرسىگە مېھرىبان ئۇستازىمغا يۈز كېلېلمىگەندەك ھېس قىلىمەن.
- يازغۇچى تاگور «كۈچلۈك ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولغان ئادەملەرلا ياشىيالايدۇ ، ھەمدە مەدەنىيەت يارتالايدۇ » دەپ توغرا ئېيتقان8 –يىللىق 13 – سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىق بولغاندا ھەم كۈچلۈك ھەمكارلىق بولغاندىلا بىز نەتىيجە قازنالايمىز!
مۇشۇنداق قۇرلارنىڭ ئوقۇلىشى بىلەن ، تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ يۈرەك سۆزلىرىنى دىيىشكە ئۆتتى . ئۇلارمۇ ئەدەبىيات دەرسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . باھالاش ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى سۆزلەش ئاخىرلاشتى. ۋاڭ كەيدۇڭنىڭ ؛« بىلىم بۇيۇم ئەمەسكى ئۇنى باغلاپ ،ئاندىن ئوقۇتقۇچى بىردىن بىردىن سۇنۇپ بېرىدىغان ،ئوقۇغۇچى بىردىن بىردىن تاپشۇرۋالىدىغان .تەربىيلەش دېمەك ئۈسۈپ يېتىلىش دېمەك . ئۇ بىر تۇغما خۇسۇسيەت . بارلىق تەلىم – تەربىيە بۇنداق تۇغما خۇسسيەتنى ئوبدان قوغدىمايدىغان ، سوبېيكتىپ سەزگۈسىنى ئويغاتمايدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى ۋە روھىغا تەسىر قىلمايدىغان بولسا بۇنداق تەربىيە سۈپەتسىز ناچار تەربىيىدۇر» دېگىنىدەك بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ رولى بىلەن ھەم يېزىقچىلىق مەشىقىنى كۈچەيتىش ھەم ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرغان مەسىللەرنى ھەل قىلىش مەخسىتىگە يەتتىم. بالىلارنىڭ روھىغا سىڭىپ كىرىپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى نۇرغۇن سۆزلىرىنى تىڭشاش زۆرۈريەتكەن . ئوقۇغۇچىلار بەك قالتىسكەن ! ئۇلار ماڭا مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن جەريان خارەكتىرلىك ئوقۇتۇشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، مەسىلىنىڭ شەكلىنى كۆرۈشتىن ماھىيىتىنى كۆرۈشكە يېتەكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇشنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق بۇرچۇمغا قۇيۇلغان يەنى بىر سۇئال بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى....
|
|