查看完整版本: [-- كىچىك بىر يۈرەكتىن ئەرزىمەس قۇرلار (2) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كىچىك بىر يۈرەكتىن ئەرزىمەس قۇرلار (2) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaqur 2012-04-18 23:14
كىرپە ۋە ئازغان
ئەسلىدە كىرپە ئىدىم كۆپ تىكەنلىك،
تىكەننى يۇلىۋەتتىم سېنىڭ ئۈچۈن.
كۆپ يىغلاپ ھالىمدىنمۇ كېتىپ قالدىم،
بىلمىدىم يۈرەك قاچان بولار پۈتۈن.
سەنمۇ ھەم بىر تىكەنلىك ئازغان ئىدىڭ،
تىكىنىڭ قان ئاققۇزدى يۈرىكىمدىن.
تىكىنىم سانجىلمىسۇن ساڭا دەپلا،
يەتكۈچە ئازابلارنى يۈدىۋالدىم.
ئازابتىن قورقامدۇ چىن ئاشىق دېگەن،
كەل ئازغان، تىكىنىڭمۇ راھەت ماڭا.
سۆيگۈڭنى بەرسەڭلا شۇ كۇپايىدۇر،
مەندەك بىر سەۋدا بولغان بىچارىغا.
سۆيسەمكەن دەيمەن سېنى ئاداققىچە،
كەت دېمە مېنى قوغلاپ ئۆز يېنىڭدىن.
كەلسەڭ گەر كەتمەس بولۇپ كەلگىن بىراق،
ئارقامغا بۇرۇلساملا قاچما بىردىن.
_2011.05.17_
نىقاب
ئىرادىلىك دەيتتى مېنى ھەممىسى،
قەلبىمدىكى دەردلىرىمنى بىلمىگەچ.
نىقابىمنى تاقىۋالغاچ ھەردائىم،
ئەسلىدىكى چىرايىمنى كۆرمىگەچ.

يىغلاشنىمۇ بىلەرمىدۇ، دەپتىكەن،
كۆپ كىشىلەر «غەيۋەت» قىلىپ ئارقامدىن.
«ئۆلۈمدىمۇ كۈلەرمىكىن دەيمەنغۇ،
پەرقى يوقتۇر ئۇنىڭغا ھېچ بايرامدىن.»
بەزىلەر راست «ئېگىلمەيدۇ بۇ قىز» دەپ،
خۇشخۇي ئەمما بەك ھاكاۋۇر چاغلاركەن.
ئىشەنچ، ئۈمىد، بەخت، غايە ھەممىنى،
بىر تېنىمگە مۇجەسسەم، دەپ ئويلاركەن.

غايىۋىلىك باردۇر ئۇشبۇ ئوبرازدا،
بەلكىم ياتلار راست چۈشەنمەس قەلبىمنى.
ئۆزۈممۇ ھەم «ۋاز كېچىمەن» دېمىگەچ،
ئويغا سالدى ئۇ گەپلەرمۇ ئۆزۈمنى.

ئۈمىد ئۈزدۈم بىراق سەندىن يۈزدە - يۈز،
كۆڭلۈم قالدى ئاشۇنداقلا ھەممىدىن.
تىرىشىمەن، ئېرىشىمەن دېمەيمەن،
شۇنداق قىلىپ قول ئۈزدۈم مەن سېنىڭدىن.
ئوت بوپ يانغان يۈرەكلىرىم مۇز بولدى،
ئېرىتەلمەس يالقۇن تاغنىڭ ئوتلىرى.
نىقابىمنى يىرتىۋېتەي بىر نۆۋەت،
كۆرگىن ئەمدى نەپرىتىمنى، ئۆچۈمنى.
مەن تاقىغان كۈلكە ئاتلىق نىقابنى،
تاقىغۇم بار ئاداققىچە، بىر ئۆمۈر.
نىقابىمنى يىرتىۋەتتىم ئالدىڭدا،
كۆز يېشىمغا تۇنجۇققايسەن، ئۆلمىگۈر.
_2011.06.03_
ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن....
[كونا ئەسەرلەر بولغانلىقتىن ھەممىسى بىر تېمىغىلا يوللىنىدۇ. كېيىن، اللە خالىسا ئۇدۇللۇقنى ئۇدۇللۇق يوللايدىغان بولارمەن]

kaqur 2012-04-18 23:18
يات بىر تىل
گەر دۇنيادا بەشلا تىل بولسا،
ئالتىنجى تىل - ئۇ ئىجاد قىلغان.
ئۆزگىچە ھەم خىسلەتلىك تىل ئۇ،
ئاشىقلارنىڭ تارىنى چالغان.
ئۇ شۇ تىلنى ئىشلىتەر ئىنسان،
چۈشەنمەيدۇ ئۇندىن باشقىسى.
مەنمۇ ئاشىق بولغانمەن ئاڭا،
سۆزلەش ئاسان ئەمەسكەن تېخى.
يات بىر تىلدا يېزىلغان شېئىر،
يات بىر تىلدا ئېيتىلغان ناخشا.
نە ھاجىتى يەنە بۇ تىلنىڭ،
كۆزى سۆزلەر سەۋدا ئاشىققا.
يات تىلدىكى يات بىر تەپەككۇر،
چۈشەنمەكچى بولدۇم مەن ئۇنى.
ئاشىقىمنىڭ قوينىغا ئاتتىم،
ھالسىرىغان، مۇزدەك تېنىمنى.
مۇزدەك تەندە بولغان تەپەككۇر،
يات تىللاردا سۆزلەنگەن داستان.
چۈشەنمەيمەن بۇ تىلنى لېكىن،
قەلبىم گويا بىپايان ئاسمان.
_2011.6.20_

تاشلاندۇق ئۆي

كونا ئۆينىڭ ئىسلانغان تېمى،
ئۇنتۇلغان بىر كونا سۈپۈرگە.
قاردەك ئاپئاق ئاي نۇرى چۈشسە،
ئوغرى مۈشۈك ماڭار ھەر كېچە.

بىر ئەتتىگەن بىر يىلدەك گويا،
ھەممە نېمە شۇ قەدەر جىمجىت.
بۇلۇڭلاردا يۈرەر سۈۋەرەك،
ئەسلىمىگە سىزىپ داغ - چېكىت.

ھەسەل يەرگە تۆكۈلۈپ كەتتى،
مەغرۇر تولدى كوزىغا زەرداپ.
ئېزىپ قالغان تەنھا چۈمۈلە،
تىترەيدۇ كۆرەلمەي ئاپتاپ.

چاڭ - توزانلار ئوينايدۇ ئۇسسۇل،
بۇ كەيپىيات شۇنچە دىمىقتا.  
ئىشىك ياپتى شۇم قارا قۇيۇن،
بىر ئۆمۈچۈك تور توقىماقتا.
-2011.07.14-

kaqur 2012-04-18 23:20
بۇ ئىش ئەگەر ساختا پەقەت ساختىلا بولسا

يۈرىگىمنى يۈتتۈرۋالدىم قاچاندىن بېرى،
ئالداپ قويدى مېنى شۇنداق تەنھا ھېسلىرىم.
مۇھەببەتلىك سۆزلىرىمنى تۆكەندە ساڭا،
دېدىڭ سەنمۇ «سەن مېنىڭكى مەڭگۈلۈك بەختىم»

ۋىسالىمنى كۈيلەپ يۈردۈم ئاشىق بۇلبۇلدەك،
رەشىك ئوتى مېنى ئىشىك باغقۇچى قىلدى.
قەلب بېغىڭ بىر ماڭىلا ئاشكارا بولسا،
يات كېپىنەك نازى كېلىپ يۈرەكنى تىلدى.

ۋارقىرغۇم بار پۈتكۈل خەلقئالەم ئالدىدا،
بىراق مەندە بۇ جۈرەت يوق، ئاۋازىم بوغۇق.
ئۆزگىلەرمۇ چاقچاق دەپلا يۈرىدۇ ئەنە،
بىلەلمىدىم ياكى سېنىڭ ھېسلىرىڭ سوغۇق.

كۆزلىرىڭدىن مۇھەببەتلىك نىگاھ كۆرگۈچە،
ئۆز سۆيگۈمنى باغاش قىلىپ سېنى كۈتىمەن.
بۇ ئىش ئەگەر ساختا پەقەت ساختىلا بولسا،
سۈپۈرگەمدە سېنى ھامان قوغلاپ چىقىمەن.

ـ2011.07.19ـ
كەلگۈدەك

كاتىپىمنى ئالماشتۇر قېرى، سەت بىر خوتۇنغا،
تاپشۇرساڭمۇ بولىدۇ ئۇ تازلىقچى ئايالغا.
گۈزەل قىزلار كەلمەڭلار ئىشخانامنىڭ ئالدىغا،
ھەي، ئاڭلاڭلار كۆپچىلىك، بىزنىڭ خوتۇن كەلگۈدەك.

ئەتە بىر كۈن كىيمەڭلار بەك چىرايلىق كىيىمنى،
ئېلىۋېتىڭلار تاقىغان ھالقا، ئۈزۈك، زەنجىرنى.
نېمە كۆرسە ئالىدۇ، بىلمەيدۇ ئۇ شۈكۈرنى،
خەۋەر كەلدى دوستۇمدىن، بىزنىڭ خوتۇن كەلگۈدەك.

«رومانتىكلىق» يوقالسۇن، ھەر بىر بۇلۇڭ – پۇچقاقتىن،
قەھۋە، مېۋە شەربىتى چۈشسۇن ئەمدى سەھنىدىن.
بىر قەدەممۇ ئايرىلما، ئەتە خىزمەت ئورنۇڭدىن،
باشلىقڭنىڭ باشلىقى - بىزنىڭ خوتۇن كەلگۈدەك.

«ئالدىن خەۋەر كەلدى» دەپ ئاشكارلىما بۇ ئىشنى،
ئەر زاتىنىڭ ھەممىسى يىغىشتۇرغىن كۈلكەڭنى.
«كۆيدۈم» دەپلا كۆيىدۇ، بىلمەيدۇ ئۇ ئۇياتنى،
توسالمايمەن بۇ ئىشنى، بىزنىڭ خوتۇن كەلگۈدەك.

ئەگەر ماڭا ئەركىلەپ «ۋۇ يارىماس، دۆت» دېسە،
بىرەرسىڭگە كۆز قىسىپ، قاش ئېتىپ ھەم «كەل» دېسە.
خالىغانچە ۋارقىراپ ھەتتا ئۆزىن بىلمىسە،
كۆرمىگەنگە سېلىڭلار، بىزنىڭ خوتۇن كەلگۈدەك.

«خوتۇنىدىن قورقىدۇ» دېگەن كىمۇ؟ چىق قېنى،
قورقۇش ئەمەس ھۆرمەتلەش ئانىلارنى، ئايالنى.
ئەتە خۇشال قىلىمەن بىزنىڭ ئەزىز خوتۇننى،
ئۆگىنىڭلار مېنىڭدىن، بىزنىڭ خوتۇن كەلگۈدەك.

قاپىقىممۇ يېرىلدى كىرە – كىرمەي ئىشىكتىن،
ئەنسىرمەڭلار، تاياقنى ئۆيدە يەيدۇ مېنىڭدىن.
ئامراق بولغاچ كۈنلەيدۇ بارچە خانىم – قىزلاردىن،
«جىنسى: قىز» لار يوقۇلۇش، بىزنىڭ خوتۇن كەپتۇدەك.

ـ 2011.07.19 -

kaqur 2012-04-18 23:22
يوللۇرۇمنى توسىما
بەخت يولۇم توسىمىغىن، قويىۋەت قولۇمنى،
ئۆزگە باغدا سەندىن ئىشچان باغۋەن ھامان بار.
كۆزلىرىمدىن يۈتكىن تېزىرەك، كۆرمەي ئىككىنچى،
يۈرەكلىرىم ئۆلگەن سۆيگۈ ئۈچۈن ھازىدار.
يار ئۈستىگە يار تۇتتى، دەپ تىل ئاڭلىغۇم يوق،
بەخت يولۇم توسىمىغىن، قويىۋەت قولۇمنى.
چېھرىمدىنمۇ ئىزدىمىگىن ئىللىق تەبەسسۇم،
نەپرىتىمگە يوشۇرىمەن تەبەسسۇمىمنى.
ئاي ھەرجايدا بىر سىياقتا، ماڭا ھەم ساڭا،
پەرق پەقەت بەزىلەرلا قارايدۇ كۆككە.
بەخت يولۇم توسىمىغىن، قويىۋەت قولۇمنى،
ئېرىشەي ھەم مەنمۇ ماڭا تالىق بەختكە.
ئاجىز شامدەك پىلدىرلاپلا تۇرار بۇ سۆيگۈ،
ئۆچۈرمەكچى بولدى شامال سۆيگۈ ئويۇمنى.
مەنمۇ ماڭاي ئۆز يولۇمغا، يېڭى يول بىلەن،
بەخت يولۇم توسىمىغىن، قويىۋەت قولۇمنى.
_2011.7.31_
ئۇ پەقەت كۆيۈنۈش - مۇھەببەت ئەمەس
تۇر دېدىم سەھەردە كاككۇك سايرىسا،
بەر دېدىم قولۇڭنى، كۆڭلۈڭ چارچىسا.
كەچۈرگىن - كۆڭلۈڭگە ھۇجۇم قىلمىدىم،
شۇ سەۋەب يۈرىكىڭ مېنى تاللىسا.
گۈل ئۈزەي دېدىڭ سەن پەقەت مەن ئۈچۈن،
قەلىمىم تەۋرەيدۇ دېدىڭ سەن ئۈچۈن.
ھەيرانلا قالدىم مەن كۆڭلۈڭنى بىلىپ،
بىلمىدىم، يەنە نىم قىلدىڭ يات ئۈچۈن؟
كەچۈرگىن، سۆيگۈمنى ئاتىيالمايمەن،
يۈرىكىم تەۋەدۇر ئەسلى باشقىغا.
ۋاپاسىز، ئالدامچى دېسەڭمۇ مەيلى،
ئارتۇقچە كۆيۈنگەن گۇناھ ئۈچۈنلا.
ئۇ پەقەت كۆيۈنۈش - مۇھەببەت ئەمەس،
سەن بىلەن يۇلتۇزلار سانىيالمايمەن.
باشقىچە مېھىر ئۇ نامسىز، سەۋەبسىز،
يىقىلساڭ، ئورنۇڭدىن يۆلىيەلەيمەن.
_2011.7.31_

kaqur 2012-04-18 23:25
شۇ تاماكا تۇرار تېخى تارتمىدا،
ئېلىپ بىرنى تۇتاشتۇردۇم ھەم ئاستا.
سۈمۈرگىنىم، چىقارغىنىم يالغۇزلۇق،
لېكىن كۆزۈم نەمدەلدى ھەم يېشىمدا.
بىز ئايرىلغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپلا،
ھەمراھ بولدى ماڭا «ناركوز» تاماكا.
تاماكىدەك كىرىپ مېنىڭ جىسمىمغا،
زەئىپ قىلدىڭ ئاقىۋەتتە ئوخشاشلا.
تاشلىۋەتتىم تاماكىنى ھەم سېنى،
كۆيدۈرۋەتتىم ئەسلىمەمنى، ئويۇمنى.
تاشلاپ كېتەي سېنى ئەمدى مۇشۇنداق،
سېنىڭ بىلەن ھېچ ئالاقەم قالمىدى.
تاشلىۋەتتىم تاماكىنى ھەم سېنى،
ھەرئىككىڭلار بۇلغايسىلەر تېنىمنى.
ئويۇن دەپلا ئۆتكۈزۋەتسەم بولدىغۇ،
مەن ئوينىماي، بېرىپ ساڭا سەھنىنى.
ـ2010.7.13ـ
يۈرىكىنى قاغا يېگەن قىز
ساراڭمۇ سەن، ئادەم ئەمەسمۇ،
دېدى ھەممە قۇلاقنى يېرىپ.
ئۇ تاپمىدى ئۆزىدىن ئاشار
سەۋدايىنى، جاھاننى كېزىپ.

ساراڭلىقمۇ ئاشىقلىقمۇ بۇ،
نەدە قالدى گۈزەل ئۆتمۈشى.
قارا كۆزى قىزىل بولغاندا،
يۈرەكلىرى قارا بولغۇسى.

ئۇ بىچارە ياۋۇز ئاتالدى،
نېمە ئامال - رەشىك تاۋلىدى.
تاش يۈرەكمۇ دەپ باقتى بەزەن،
ئۇتالمىغاچ ئۇنىڭ كۆڭلىنى.

دېدى ئاخىر غەيرەتنى يىغىپ،
يوقال، كەتكىن ئۇنىڭ يېنىدىن.
قىزىل كۆزگە ھېچنىم پاتمىدى،
پەرقى بولماي قالدى ساراڭدىن.

يۈرىكىنى قاغا يېگەن قىز،
ھېچنىمىنى ئويلىماس شۇنداق.
ئازاپلىنىپ، پۇچۇلغان كۈندىن،
خوپ كەلدى ھەم بۇنداق ياشىماق.

_2011.8.15_

kaqur 2012-04-18 23:36
سەل بولدى كۆز ياش
ئىشىق ئوتى سالدى اللاھىم،
(شۇنداق، بەندە قادىر ئەمەسقۇ)
ئۇلغۇيىپ ھەم ئۇ ئوت كۈنسايىن،
كۆيدۈرۋەتتى يۈرىكىنىمۇ.
ئۇ ئاشۇنداق ئاتالدى سەۋدا،
مەشۇقىنى كۈيلەپ ھارمىدى.
كېچە - كۈندۈز يارى ئىشقىدا،
ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى.
ئاھ، ۋىسالغا يېتەرمىدى ئۇ،
بۇلبۇل قىلىپ قويسا گەر ئۇنى.
ياشقا تولۇپ كېتەر - ھە، باغمۇ،
كۈتەلمەي گۈل ئېچىلىشىنى.
كەلكۈن بولدى ئاققان ياشلىرى،
گۈل شۇ چاغدا قارىدى ئاڭا.
بىراق، ئەمدى نە ئامال - چارە،
ئېقىپ كەتتى يىراق جايلارغا...
_2011.8.27_
كەل شائىرىم، تۇتقىنا قەلەم
مەن ساڭىلا كۆڭۈل بەرگەن چاغ،
بىلمەستىم ھېچ سۆيگۈ مەيلىڭنى.
ئاشىقىڭمەن، دېسەڭ شۇ چاغدا،
"يالغان!" دېدىم ھەممە گېپىڭنى.
چىن پۈتمەستىم دېگەنلىرىڭگە،
ئاشىقلىقتا سەرسان بولساممۇ.
دەيتتىم تېخى بەزلەپ ئۆزۈمنى،
"بۇ ئەمەستۇر ياخشى قونالغۇ"
تەيپىنەمنىڭ زامانىسىدا،
توڭلاپ قالغان سوغۇق يۈرەكنى.
شۇنچە تېزلا ئېرىتىش ئۈچۈن،
ماڭا كېرەك قۇياشنىڭ تەپتى.
ئاشىق تىلدا شېئىرلار يازدىم،
(شۇنداق، باشقا كەلمەس قولۇمدىن)
خاتىرەڭنىڭ بېتىنى ئاچسام،
جار سالغانكەن بىر رەت يۈرىكىڭ.
سۆيگۈ ساڭا شائىرلىق بەردى،
(بۇ ھەم پەقەت مېنىڭ پەرىزىم)
مىسرالاردا تەمتىلەپ يۈرسەڭ،
مانا ئەمدى شائىر ئاتالدىڭ.
كۆڭلۈم پەقەت سېنىڭ، شائىرىم،
ئۇ قىز سېنى مەڭگۈ كۈتىدۇ.
ۋادەرىخا! "سەن ئەمەس" دېسەڭ،
ساڭا بولغان سۆيگۈ ئۆچىدۇ.
يات شائىرلار مىسراسى ياتتۇر،
ئۇندا تۇرۇش ماڭا دەرد - ئەلەم.
كۇبلىتىڭدا يايرىۋالغۇم بار،
كەل شائىرىم، تۇتقىنا قەلەم!
_2011.08.29_

kaqur 2012-04-18 23:39
ئاچ قالغان شائىر
گۇگۇملاردا يېتىرقاپ يۈرەر،
ئوزۇق ئىزدەپ بۇلۇڭ - بۇلۇڭدىن.
ئۆز روھىغا تەسلىم بولمىغان،
تەنھا شائىر ئەزەل - ئەزەلدىن.
سۈكۈناتقا چۆمۈلەر ھەر ياق،
شائىر يىغلاپ قالىدۇ يەنە.
قورسىقى ئاچ شائىر پىچىرلار،
"ئاھ، قاچانمۇ بولىدۇ ئەتە"
ئېچىرقىدى شائىر شۇ قەدەر،
يالماپ يۇتار ھەممە - ھەممىنى.
قۇياش، دېڭىز، كۆكنىڭ قەررىمۇ،
يۇتىدۇ ھەم سۆيگۈ خېتىى.
مىسرالاردىن تاپمايدۇ يورۇق،
ھەرىپلەرمۇ ئوزۇق بولالماس.
ئەنە شۇنداق ئاچ قالغان شائىر،
يار ئېسىگە كىرىپمۇ چىقماس...
_2011.09.03_

تەنھا گەۋدە
(كەچۈر)
بىر يۈەننى سىقىمداپ ئالقانلىرىمدا،
دەرەخنىڭ سايىسىن بويلاپلا ماڭدىم.
تۆتىنجى كوچىدىن كېسىپ ئۆتكەندە،
قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇس توستىم.
نىھايەت، ئاپتوبۇس توختاپمۇ قويماي،
ئۆز ئىزىن بويىچە ماڭدى ئۇزاققا.
چۈنكى، مەن پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدۇم،
بېكەتمۇ قالدى ھەم خېلى يىراقتا.
مەن تالاي كېچىنى شۇنداق ئۆتكۈزدۈم،
ھەم سۆيۈپ قالدىم بۇ تەنھا گەۋدىنى.
بۇ تەنھا، سوغ گەۋدە نېمىدىن دېرەك،
ئەسلىتىپ قويامدۇ ياكى ئۆتمۈشنى.
ھەر ئادەم ئەسلىدە بىر تەنھا گەۋدە،
ھېچ كىشى مەڭگۈگە بولمايدۇ ھەمدەم.
ھەممىسى ئايرىلىپ كېتىدۇ يىراق،
ئۆكۈنمە، تىركەشمە بۇ شۇنداق ئالەم.
_2011.10.1_

gulhan 2012-04-19 17:13
پاھ، كەچۈرنىڭ بو رەڭدار شېئىرلىرى مۇنبەرگە ھۈسۈن قوشۇپ، بىزنى  تىخىمۇ جەلىپ قىلىپ، مۇنبەرنى كۆرمىسەك تورالمايدىغان قىلىپ قويدى جۇمۇ...  

كەچۈر:ئۆزگىچە بىزەك ۋە رەسىملەر بىلەن خاسلىققا ئىگە بولغان شېئىرلىرىڭىز بىزنى گاھىدا مۇھەببەت شارابىدىن مەس قىلسا، گاھىدا ئازابلىرىدىن تولغۇتۇپ ھايات  ھەقىقتىنى ئىسىمىزگە سالدى.
  شۇنداق ھەممە نەرسە قوشماق يارىتىلغان. ...
   ئەجرىڭىزگە  تەسەننا!

qohluk 2012-04-19 17:32
بۇ نادىر يازمىلىرىڭىز مۇنبەرنى تىخىمۇ رەڭدار قىلۋىتىپتۇغۇ!ئۇلۇغ ئاللا قوللىرىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.

kaqur 2012-04-19 21:50
گۈلخان ھەدەم، چوغلۇق مۇئەللىمنىڭ شېئىرلىرىمنى ياقتۇرغىنىغا رەھمەت...

گۈلخان ھەدە، تەۋپىقمۇ مېنى ئىمتھان دەپ تۇرسا ئۇنىماي كۈندە كىرىشكە زورلاۋاتىدۇ....
مېھىر، كۆنۈش دېگەن ئاجايىپ - ھە...

danix 2012-04-20 14:16
     سىڭلىم ، يوللىغان شېئىرلىرىڭىز ئىپادىلىگەن سۆيگۈ - مۇھەببەت
غىدىقلىغۇچىلىرى قەلبىمىزنى غىدىقلاپ ، يۈرەكلىرىمىزنى
ياشارتىپ ، بىزنى ياشلىقىمىزغا قايتۇرىۋاتىدۇ . مۇشۇلارنى كۆزدە تۇتۇپ ،
مۇنبىرىمىز سىزنى قىزىقتۇرۇپ ، ئۈگىنىشىڭىزگە سەل - پەل تەسىر
يەتكۈزۈپ قويغان بولسا ، ئىسمىڭىزمۇ «كەچۈر» بولغاندىكىن كەچۈرۋىتىڭ.

kaqur 2012-04-23 19:50
دانىش ئاكامنىڭ ئاتمىشقا كىرگەن كىشىدەك گەپ قىلغىنىنى كۆرەي، ئۇنىڭسىزمۇ ياشقۇ سىلەرمۇ.... سىلەر مېنىڭ پەلىپەتىش قۇرلاردا ۋاقتىڭلارنى ئالغانلىقىمنى كەچۈرۋەتسەڭلار بولىدۇ تېخى

tawpek 2012-04-24 02:17
شىئىرلىرىڭىزنى يىرىم كىچىدە ئوقوسا تىخىمۇ لەززەتلىك بولىدىكەن


ئەرزىمەس قۇرلىرىڭىز سۇنۇلۇپ تۇرغاي.

يازمىللىرىڭىز ئارقىلىق ياشلىقلىرىمىزنى ئەسلىۋالساق ساۋابى سىزگىمۇ بولار.

mamatbay 2012-04-24 21:22
بۇ شېرىڭىزدىن بۇھەببەت شەيدالىرىغا تەسەللىي شارابى ئىچكۈزۈپ،تەشنا قەلبلەرنى روھلاندۇردىڭىز.

yawaattirgul 2012-04-27 16:36
شئىر يىزىشتا ەەقىقەتەن تالانتىڭىز باركەن.  يازمىلىرىڭىزدىن تؤلؤق3-يىللىقتا ظوقؤيدىغاندەك قىلىسىز ، شؤڭا نەسىەەتىم ظىمتىەانغا 40 كذن قالدى ، بارلىق زىەنىڭىزنى ،إاقتىڭىزنى دەرس تەكرارلاشقا قارىتىڭ . سىزدەك تالانت ظىگىسى كذمذلذپ قالمىسؤن ،ظذزىڭىز خالىغان ظالىي بىلىم يؤرتلاردا ظوقؤش نىسىپ قىلغاي .


查看完整版本: [-- كىچىك بىر يۈرەكتىن ئەرزىمەس قۇرلار (2) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045265 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us