查看完整版本: [--
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى
->
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
kok-sultan
2012-04-17 22:07
(بۇ شېئىرىمنى جىيەن ئوغلۇم پەرھاتجان يۈسۈپكە بېغىشلايمەن)
كېلىپ قالدى ئالتۇندەك چېغىڭ،
گۈلگە تولۇپ چىمەنزار بېغىڭ،
ئەستىن چىقىپ يۆلەنگەن تېغىڭ،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
يېرىم كېچە ئالەم تىپتېنىچ،
سەندىن خەۋەر كەلمەيدىغۇ ھېچ،
تەشۋىش باستى يۈرەكلەرنى غېچ،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
سوۋۇپ قالدى ئوخشىغان تاماق،
تۇتۇپ ئىشتەي چىشىنى قاماق،
سېلىپ روھقا نېمىدىن ياماق،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
تاپا-تەنە قىلىشىپ چوڭلار،
بوران ھۇۋلاپ دىرىلداپ توڭلار،
كىمگە يىغلاپ،بېشىڭنى ئوڭلار،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
كۈتۈپ تۇرار بەختلىك ئۆيۈڭ،
ياڭراپ ئامراق يېقىملىق كۈيۈڭ،
غەمگە پاتتى مۇزلىغان سۈيۈڭ،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
قىلىپ شىرىن ئۇيقۇنى ھارام،
بەرمەي نازۇك كۆڭۈلگە ئارام،
ساڭا سىرغۇ؟ قانىغان يارام،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
ئۆتتى ئاخشام ئۇلىشىپ تاڭغا،
ئاچچىق تۇيغۇ ئىتتىرىپ ھاڭغا،
ئىگە بولۇپ يىگىتلىك ئاڭغا،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
يېرىم كېچە ئالەم تىپتېنىچ،
سەندىن خەۋەر كەلمەيدىغۇ ھېچ،
تەشۋىش باستى يۈرەكلەرنى غېچ،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
سوۋۇپ قالدى ئوخشىغان تاماق،
تۇتۇپ ئىشتەي چىشىنى قاماق،
سېلىپ روھقا نېمىدىن ياماق،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
تاپا-تەنە قىلىشىپ چوڭلار،
بوران ھۇۋلاپ دىرىلداپ توڭلار،
كىمگە يىغلاپ،بېشىڭنى ئوڭلار،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
كۈتۈپ تۇرار بەختلىك ئۆيۈڭ،
ياڭراپ ئامراق يېقىملىق كۈيۈڭ،
غەمگە پاتتى مۇزلىغان سۈيۈڭ،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
قىلىپ شىرىن ئۇيقۇنى ھارام،
بەرمەي نازۇك كۆڭۈلگە ئارام،
ساڭا سىرغۇ؟ قانىغان يارام،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
ئۆتتى ئاخشام ئۇلىشىپ تاڭغا،
ئاچچىق تۇيغۇ ئىتتىرىپ ھاڭغا،
ئىگە بولۇپ يىگىتلىك ئاڭغا،
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
مەنبە: ئىجادىيىتىم
kok-sultan
2012-04-17 22:40
بۇ شېئىرنى ئوقۇپ قھلسىڭىز بالام ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ!
arzu
2012-04-18 17:40
مۇئەللىم، جىيەن ئوغلىڭىز تىزرەك ئۇۋىسىنى تاپقاي، ئامىن!!!
بۇ شىئېر ئىككى قايتىلىنىپ يىزىلىپ قالدىمۇ، يا شۇنداق تۇغۇلغان شىئېرمۇ؟ تەكرارىنى ئۆچۈرۋىتەي دېدىم، ئەمما يەنە شائىرنىڭ پىكرىنى ئالاي دېدىم.
تۇرسۇمجان مۇئەللىم، قايتا قاراپ باقارسىز....
kok-sultan
2012-04-18 20:15
تۈزىتىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت، ئارزۇ خانىم!
barna
2012-04-18 21:43
ياىشى يېزىپسىز
barna
2012-04-18 21:45
لڭنموڭويەەەەە اتي شرېت5ىب ڭۇمنڭوق ق؛و
kaqur
2012-04-18 22:02
مېنىڭ يۈرىكىم غارىتتىدە قىلىپ قالدى....
مەن مەكتەپكە كىرگەن كۈنۈمدىن باشلاپ تا 4 - يىللىقنى تۈگەتكۈچە ئۆيدىكىلەر مەكتەپكە ئاپىرىپ - ئەكىلەتتى. كېيىن، تولۇقسىز 2 - يىللىققىچە دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىمدىن باشلاپ ھېسابلاپ 20 مىنۇتقىچە كېلىپ بولمىساملا دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ تۇراتتى... تا ھازىرغىچە چۈشلىكى ئون ئىككى يېرىمدىن، كېچىسى بەش يېرىمدىن قالسام ئاپامنىڭ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغىنى - تۇرغان...
بىزنىڭمۇ بىر ساۋاقدىشمىز بولىدىغان، ئۆيىدىكىلىرى، ساۋاقداشلار ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزدەپ بىر ھەپتە تورخانىدىن چىقماي تەييار چۆپ يەپ كۈن ئۆتكۈزگەن ئۇنى ئاخىرى تاپالىغان ئىدۇق...
كەۋسەر
2012-04-19 17:07
ئاتا -ئانىلار ئۇلۇغدۇر،ئۇلارنى رەنجىتمەيلى،ئەكىسچە ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرايلى!!!
arzu
2012-04-29 23:26
نەقىل
引用第5楼barna于2012-04-18 21:45发表的 :
لڭنموڭويەەەەە اتي شرېت5ىب ڭۇمنڭوق ق؛و
سىز نېمە دېمەكچى؟
kamalat
2012-05-02 14:29
شۇلارمۇ ئاتا - ئانا بولغاندا بىلىدۇ.قەلىمىڭىز ھارمىغاي مۇئەللىم.
kok-sultan
2012-05-02 16:15
ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلارنى خاتىرجەم قىلدى
查看完整版本: [--
نەدە ئويناپ يۈرىسەن بالام؟
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.2
Code © 2003-08
PHPWind
Time 0.025340 second(s),query:3 Gzip disabled
You can
contact us