查看完整版本: [-- كىچىك بىر يۈرەكتىن ئەرزىمەس قۇرلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كىچىك بىر يۈرەكتىن ئەرزىمەس قۇرلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kaqur 2012-04-15 17:17
مۇنبەر ئاتلىق دەرۋازىدىن ھېيىقماستىن كىرىپ كەتكىنىمگىمۇ بەش يىلچە بولۇپ قاپتۇ. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن تور يېزىقچىلىقىنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىۋاپتىمەن.... ئۆزۈمنى شېئىر يازالايمەن دېمەيمەن. ئەمما شۇنداق بىر ۋاقىتلاردا مىسرالارنى تىزىپ قويىمەن. نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان تىزغان مىسرالىرىمنىڭ بىر قىسمىنى تەۋپىقتىكى ئۇستازلارغا سۇنۇپ تەنقىد، پىكىر قوبۇل قىلماقچىمەن...


يېڭى پاتقاق،كونا نەسىھەت
 
تۇنجى كۆرۈپ بۇ جاينى چۈش دەپ،
ئويلاپتىمەن نامسىز بىر چۆلدەك.
شۇ جايدىكى ھايات ئىزىنى،
ئۆچتىمىكىن، دەپ ئاجىز شامدەك.

سۆزلەپ كەلسەك تارىختىن ئۇزاق،
ئەسكە چۈشەر نى - نى كىشىلەر.
شۇ تارىخىي شەخسنى ھامان،
ئەجداد دېسەم تىللىرىم كۆيەر.

___1___

بۇ جايدا ھاياتلىق چاقنىمىغانمۇ،
بىر ئۆمۈر ياتقانمۇ غەپلەت ئۇيقۇدا.
نۇزۇگۇم ھەم سادىر ياشىمىغانمۇ،
ئەركىلەپ ياتقانمۇ يا يات قوينىدا.

قۇدئاتقۇبىلىك دەپ قالدۇرمىغانمۇ،
بەختىنى تاپسۇن دەپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ.
ئون ئىككى مۇقامنى توۋلىمىغانمۇ،
گەر ھازىر يۈرسەكمۇ كەينىگە داجىپ.

ئويغان، دەپ بىر ئۆمۈر چاقىرمىغانمۇ،
يۇرت سۆيەر، مەرد ئوغلان ئابدۇخالىقمۇ.
ئەمگەك، دەپ خېلى ۋاق ئۆركەشلىگەنغۇ،
بۇژغۇنلار ھاسىل قىپ تارىم دەريامۇ.

___2___

ھەقىقەت، ئويغاندۇق بىز نادانلىقتىن،
دەرۇلا پاتتۇق ھەم يېڭى پاتقاققا.
ئارقىدا قالمۇدۇق، لېكىن بۇ پاتقاق،
ئىتتەردى ئويلارنى بەكلا ئالدىغا.

چەت ئەلنىڭ مودىسى، دەپلا ياشىدۇق،
ئەسلىمىز تارىخسىز، يىلتىزمۇ يوقتەك.
دورىدۇق ياتنىمۇ قارا - قويۇقلا،
ياماننى ئايرىشقا كۆزىمىز يوقتەك.

ئۇنۇتتۇق تىلنىمۇ، مىللەتنىمۇ ھەم،
ئۆرپ - ئادەت، ھايادىن گەپ ئېچىشقۇ تەس.
ئوخشىماي قالدىغۇ ھەممە ئۆزىگە،
باستىمۇ يا بىزنى تۇيۇقسىزلا نەس.

___خاتىمە___

ئويلاپ يەتتىم بۇ جاينى چۈش دەپ،
تېخى دائىم قارا باساردەك.
بۇ جايدىكى ھايات شامىمۇ،
ئۆزى ئېرىپ، تۈگەپ كەتكەندەك.

نەزەر سالساق كەلگۈسىگە ھەم،
لەنەت ئوقۇر نى - نى كىشىلەر.
بىزنى "ئەجداد" دېگەندە بەلكىم،
خىجىللىقتىن يۈزى چىمىلدەر.
___2009.11.19___


(رەسىم ۋە بېزەكسىز تېما يوللىيالمايدىغان بۇ قىز بىر قەۋەتكە ئارانلا ئون بەش رەسىم پاتىدىغانلىقى تۈپەيلى جىق - جىق قەۋەتلەرگە بۆلىۋېتىدىغان بولدى - دە ئەمدى)

kaqur 2012-04-15 17:24
يۈرەكنىڭ ئۆلۈمى
ئۆلۈم،
ئۇنچىلىك گۈزەلمۇ ئەمەس.
ئەمما،
ھەۋەس قىلىمەن ئۇنىڭغا،
ئۇ بەتتىكى ھەر بىر قۇرلارغا...

شۇنداقتىمۇ
ياشايمەن دەيمەن،
كۈلۈپ تۇرۇپ.
يىقىلسام ئورنۇمدىن،
قايتا تۇرىمەن،
ئەمما كۆزۈم ياش يۇقى،
چىشلىرىمنى چىشلەپ تۇرۇپ.

يۈرىكىم،
غېرىب شۇ قەدەر.
ئېزىلدى شۇنچە،
نە سەۋەب،
نە سەۋەب شۇنچە بىچارە.

ئۇ ئالىدۇ نەپەس،
بۇ ئالەمنىڭ رەزىللىكىدىن،
بۇ ئالەمنىڭ زۇلمەتلىرىدىن،
كۆزنى چاقنىتىپ، قاماشتۇرىدىغان،
ئوتسىمان شارچە بار قۇرغاق ھاۋادىن.
ئۇ يەنە،
ئالىدۇ نەپەس.
گۈزەل تۇرمۇشتىن،
ئۆزى ياسىۋالغان بەخت ئاتلىق ئۇۋىدىن،
بارلىقىم، دەيدىغان سۆيۈملۈكى
نەپەس ئالىدىغان ھال رەڭ ھاۋادىن.

چىداش شۇنچە تەس،
بۇ قۇتۇپلۇق دۇنياغا.
ئۇنىڭدىكى ئازاب ۋە بەختنىڭ
شۇنچە يەڭگىل جىپىسلىشىغا.
كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ يېشىم،
ياش تامغۇزار غېرىب زىنىقىم.
زىتتۇر ھەممىسى،
بىر - بىرىگە...
يەنە گارمونىك شۇنچە...
خۇددى،
پىئانىنونىڭ ئاق - قارا تىلىدەك.
بىر - بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ،
شۇنچە يېقىن تۇرالىغاندەك.

خەيرىيەت،
ئاتتى ئۆزىنى،
بىچارە يۈرەك،
كۈچسىز دولقۇنلىغان دەرياغا.
ئەسلىمىلىرىنى ساقلىدى مەھكەم،
ئېلىپ كەتتى ھەم گۈزەل ئارالغا.
كۆرىۋاتىمەن،
كەتتى ئۇ چۆكۈپ،
قەلبىمدىكى تامچە قانلاردىن
ھاسىل بولغان ئاشۇ دەرياغا.

_2011.5.22_



قاناتلىرى سۇنغان پەرىشتە،
ئايلىنىدۇ يۈرەكلىرىڭدە.
ئۇچقۇسى بار ئۇنىڭمۇ ئېگىز،
يۈرگۈسى يوق بىر خىل رەۋىشتە.

ئۇ سېنىلا ئويلايدۇ، جانسىز
تىنىقلىرى بىلىنمەس پەقەت.
سېنىڭ پەقەت سېنىڭ يېنىڭدا،
تۇرسام دەيدۇ ئەبەدىلئەبەد.

كەچۈر، دەيدۇ يېنىش - يېنىشلاپ،
قاناتلىرى سۇندى ئۇنىڭكى.
كەتكۈسى بار يىراق بىر جايغا،
ئۇ پەرىشتە ئەمەستۇر ئەمدى.

ئۇ پەرىشتە ئەمەس ئەزەلدىن،
ئالداپ يۈرگەن ئۆزى - ئۆزىنى.
قاناتلىرى سۇنغان پەرىشتە،
ھامان بىر كۈن تاپار بەختىنى.

_2011.5.29_


kaqur 2012-04-15 17:38
يىغلاۋاتقان شېئىر
كەچۈر
كۈزنىڭ سوغ شامىلى سىلار شەھەرنى،
تۆكۈلگەن ياپراقنىڭ مەنزىلى قېنى؟
شۇ كوچا چىرىغى، كۈتەر نېمىنى،
ئەسلىتەر ھەممىسى گۈزەل ئۆتمۈشنى.
تۈنۈگۈن - ئەسلىدە يىغلاۋاتقان شېئىر،
دەرد - پىغان تارايدۇ ھەر بىر ھەرپتىن.
سەن كىمگە پەرىشتە بولغانسەن ئەمدى،
ئىزدەپمۇ قويامسەن بىزنى ئۆتمۈشتىن؟
سېغىنىش - ئەسلىدە يىغلاۋاتقان شېئىر،
قان ھىدى پۇرايدۇ ھەر بىر مىسرادىن.
خاتىرەڭ ئۆچۈپلا كەتتىمۇ، ياكى
پۇشايمان قىلامسەن خوشلاشقىنىڭدىن.
سۆيگۈممۇ ئەسلىدە يىغلاۋاتقان شېئىر،
كۈلكىنى ئىزدىدىم ھەر كۇبلىتىدىن.
شادلىق ۋە بەختلەر يوق ئىكەن ئەسلا،
تاپمىدىم باشقىنى تەنھا سۇئالدىن.
ـ2011.6.7ـ
قارا قانىتىم
كەچۈر

ساختىدەك ھەممىسى، ساختــــــا ھېسسىيات،
مۇزلۇقلار ئىچـــــىدىن ئوتنى كۆرگەنــــدەك.
دېرىزە سىــــــــــرتىدا، قاپــــــقارا تۈندە،
ئۆزۈمگە ئوخشىماس، يات «مەن» يۈرگەندەك.

مەن قارشــــى تەرەپكە ماڭماقچى بولدۇم،
جەلبكار، ئۈمىــــــــدسىز ئاۋازنى يۈدۈپ.
ئالۋاستى ئەپسۇنى ئۆتتى جىسمىــــمدىن،
قان رەڭدە ئېچىلغان گۈل بولدۇم، ئۆچۈپ.

بىشەملىك، پاسىقلىق، كۈلكە ھەم يىــغا،
كەتتىغۇ يىراققا بولــــــۇپ نىشانداش.
سوپسوغۇق مۆرەمـگە چىقتى جۈپ قانات،
رەڭلىرى قاپـــــقارا زۇلمەتكە تەڭداش.


_2011.6.25_

kaqur 2012-04-15 17:48
«ئۇپۇق بالىسى»

مەن ئۇپۇقتىن تۆرەلگەن چاغدا،
يالماپ يۇتتۇم شەپەق نۇرىنى.
كۆز ئالايتتىم چىن، پاك سۆيگۈگە،
قوغلىۋەتتىم مېھرىبانلىقنى.

مەن ئۇپۇقتىن تۆرەلگەن چاغدا،
زۇلمەت باستى پۈتكۈل دۇنيانى.
سۆيدۈم دېگەن نى - نى ئاشىقنىڭ،
قاتۇرۋەتتىم سەۋدا قەلبىنى.

مەن ئۇپۇقتىن تۆرەلگەن چاغدا،
ياقا سىقتى قېرىنداشلارمۇ.
پۇلنى مەبۇد بىلدى ھەتتاكى،
پاك ئاتالغان بىغۇبارلارمۇ.

مەن ئۇپۇقتىن تۆرەلگەن چاغدا،
غەپلەت باستى ھەممە - ھەممىنى.
ھەممە نېمە بەدبۇي پۇرايدۇ،
رەھىمسىزلىك قاپلاپ ھاۋانى.

مەن ئۇپۇقتىن تۆرەلگەن چاغدا،
تاشلىۋەتتى شائىر قەلەمنى.
ھەق سۆزلىمەس بوپ قالدى ئەمدى،
كىمدىن ئالار ئۇ بۇ ئەلەمنى.

مەن ئاشۇنداق خىسلەتلىك «قۇرال»،
مەن ئۇپۇقتىن تۆرەلگەن جىسىم.
ئىسمىم «غەيۋەت» ئۆزۈم ھەريەردە،
كۆرۈنمەيدۇ ۋە لېكىن جىسمىم.

سىڭىپ كىرگەن ئۇشبۇ تۇپراققا،
ئالۋاستىمەن، قانخور ئالۋاستى.
نەپرەت، ئۆچلۈك، ياۋۇزلۇق تولغان،
ھەر نىگاھتىن ئىزدىگىن مېنى.
_2011.6.20_
 
تـۈن ھەقـقـىـدە ھـېـكـايـە
لـېنــتا كەبـى كېـچە سايــىسى،
يېپەكلەردىن، رەڭدار ئىشلەنگەن.
ھەر بىـر كېچە ئۇلۇغ رېژىسسور ،
ھېــكايــىلەر ئۇنـدا پۈتــۈلگەن.

دانـە - دانـە مەينەت رەڭ توزان،
توسـىۋالار تـاڭـنـىـڭ لـېـۋىـنى.
يـالـغـۇزلۇقـقا ئورانغان شامال،
سىـرىـپ ئـۆتەر يـۇلتۇز كۆزىنى.

بـۇلـۇتلارلا ئەركـىن شـۇ قـەدەر،
ئـەركـىنلىـكتە پىچىرلار ھـامان.
كىـم بۇ تۈندە بولار باش رولچى،
تـۈگۈن ھازىـر يېشىـلەر تـامـام.

سۆسۈن رەڭلىك كۆڭلىكىن كىيىپ،
قـار ئۇچـقۇنى ئوينايدۇ ئۇسـسـۇل.
ھـېـكايىـگـە تويـۇنغـان تـۈنـدە،
يىـراق يـەردە، تەنـھا بىر يىگىت،
نـېمىـلـەرگـە بولـىـدۇ مەشـغـۇل.

نـاتـونـۇشـلۇق تولـغان كـوچـىدا،
ئـۇخـلىمـاقتـا بـىر پـارچـە خـازان.
پـەقـەت بـۇلبۇل ئويغـاق بـۇ كـېچە،
ئـاڭـلـىماقتـا يـېـڭـى ھېـكـايـە -
تـۈن ھـەققـىدە، ئۇرغاچ ئۇ خەندان.

_ 2012.1.22_

tikan 2012-04-15 18:03
پاھ!بىر قاچا تەملىك تاماق يىگەندەك بولدۇمغۇ.

ھەقىقى شائىر  ئەسلى  بۇ يەردە ئىكەندە.

kaqur 2012-04-15 18:06
تاڭ ئاتتى، خەيرىلىك كەچ

ئۆي ئىچىنى قاپلىغاندەك تاماكا ئىسى،
كاللامنىمۇ تولدۇرۋەتتىم بەخت بىلەنلا.
توۋا دەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ نېمە مەنىسى،
تەڭ يوقايدۇ ھەممە، بىللە ۋاقىت ئىزىدا...
قانچە كېچە ئۆز - ئۆزۈمنى ئالداپلا ئۆتتۈم،
يىراقتىكى ئاينى يار دەپ، يىغلاپ، تەلمۈرۈپ.
چىن سۆيگۈمنى بەلگە تېڭىپ، باغاشلاپ ئۆتتۈم،
يېقىن كەلگەن كىشىلەردىن چۆچۈپ، سەنتۈرلۈپ.
ھەر كېچىدە ئاينى ھەمراھ، سىردىشىم قىلدىم،
دەردلىرىمنى تۆكىۋەتتىم يۈرىكىم يېرىپ.
يىراقتىكى نىگارىم - شۇ ئاي تۇرغان يەرگە،
خىياللىرىم ھەر كېچىدە كېلىدۇ بېرىپ.
بىر چاغلاردا خىرەلەشتى يايرىمنىڭ يۈزى،
ئۇ كەتمەكچى بولدى شۇندا مېنىڭ يېنىمدىن.
قۇياش ئۈچۈن تاللاپتىكەن ئەسلى كەتمەكنى،
زېرىكتىمۇ ياكى مېنىڭ كەچمىشلىرىمدىن.
تاڭ ئاتتى، ئاي، خەيرىلىك كەچ، ياخشى چۈش كۆرگىن،
ئەتە يەنە يېڭى ھېستا كۈتىمەن سېنى.
ھېسلىرىمنى كۆمۈپ قوياي چوڭقۇر يەرلەرگە،
سېغىنسام گەر، شاماللاردىن ئەۋەتەي خەتنى.
— 2011.12.13 —
ھىجرانلىق قەلبتە ئەلەملىك سۆيگۈ
كەچۈر
كۆڭلۈڭنىڭ بېغىدىن گۈللەرنى ئۈزۈپ،
دەستە قىپ بەرگەندە ماڭا سەن كۈلۈپ.
ئاۋايلاپ ئالدىمغۇ قولۇڭدىن گۈلنى،
يالغاندىن بۇتناپ ھەم قاپىقىم تۈرۈپ.
ئەركىلەت، دەيتتىم مەن ئىچىمدە تىنماي،
ئۇنى سەن بىلمەستىن يۈرەتتىڭ ھارماي.
ئومىقىم، دېگەندە ۋىلىقلاپ كۈلۈپ،
قەلبىمگە بەختنى توشۇيتتىم قورقماي.
قاچاندىن چىققاندۇ ئاشۇ شۇم بوران،
بەختىمنى قولۇمدىن تارتىپ، قىپ گۇمران.
ئارقىڭغا قارىماي كەتكەندە يىراق،
ئەلەملىك يىغلىدىم، چەكتىمغۇ پىغان.
ياتلارنى جان دېدىڭ، كۆزۈمگە قاراپ،
كەتتىغۇ سۆيگۈممۇ يۈرەكتىن تاراپ.
ئوينىدىڭ خىيالىڭ، خىلىڭ بويىچە،
يۈرىكىڭ كەتكەندۇ ، - ھە، بەلكىم يايراپ.
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتتۇڭ، ئۇ قانداق سەزگۈ،
ھىجراندا قېلىپ مەن بولدۇم جۈدەڭگۈ.
سېنىلا سېغىنىپ، مەبۇد قىپ ئۆتتۈم،
ھىجرانلىق قەلبتە ئەلەملىك سۆيگۈ.
_ 2011.10.3 _




kaqur 2012-04-15 18:09

يۈرەكلىرى يالىڭاچ بالا

ھەر ئادەمگە يۈرەك ئەڭ مۇھىم،
ئۇ ھاياتلىق، سۆيگۈگە تەڭداش.
بەزەنلىرى چىڭ تاقاپ ئۇنــــى،
ئۆزىگــــىلا بولـــىدۇ قۇيـــاش.

بىراق يەنــە مۇنداق ئادەم بار،
يۈرەكلىــرى ئۇنىڭ يالىـــڭاچ.
ھېچ قوغدىنىش نىقابىمۇ يوق،
بولاي دېـــدىم ئاڭا قىياسداش.

قولـــۇمدا بۇ يالىــڭاچ يــۈرەك،
ئاۋايلايمەن ھەربىر نـەرسىدىن.
تارتىۋېلىپ كەتمىسۇن دەيمەن،
قاچۇرىمەن ھەربىــر كىشىدىن.

قولۇمدىكى يالــــــىڭاچ يــــۈرەك،
لىـــغىـــرلاپلا تـــۇرار ئالـــقانــدا.
چۈشۈرۋەتــمەي دېگەچـــكە ئۇنى،
چىڭ تۇتماقچى بولدۇم ھەم ئاستا.

بىراق ئوخشاش ئويلاندىم يەنـە،
ئېسىڭدە تـــۇت قىپيالىـــڭاچ ئۇ.
ھېچ قوغدىنىش پەردىسىمۇ يوق،
ھە دېگەندە پەخەس قىلايـــــچۇ.

چىڭ تۇتۇشتىن قورقتۇم شۇنداق قىپ،
بوشلا تۇتسام چـــۈشۈپ كەتــمەسمۇ؟
يـــۈرەكلـــىــرى يـــالىـــڭـــاچ بـــالا،
ھەممـــە ئىشتىــن قـــورقۇپ يۈرەرمۇ؟

ئەي يۈرىكى يالىڭاچ بــالا،
يۈرىكىڭنى بەرگىنە ماڭا....
2011.7.06
سەت ئۆردەك چۈجىسى

سەت ئۆردەك چۈجىسى بوپ قالسام دەيمەن،
كۆرۈمسىز بولساممۇ مەيلىتى ئۇ چاغ.
ھېچ كىشى سۆيمىسە،ئۇمۇ مەيلىتى،
قەلبىمدە بولاتتى گۈلشەنلىك بىر باغ.

سەت ئۆردەك چۈجىسى بوپ قالسام دەيمەن،
قەدىرلەپ ئۆتەتتىم ھەر بىر كۈنۈمنى.
كۆڭلۈمنى شاد تۇتۇپ،ئۈنسىز كۈتەتتىم،
بىر گۈزەل ئاققۇغا ئايلىنىشىمنى.

سەت ئۆردەك چۈجىسى بوپ قالسام دەيمەن،
بىردەملىك دەرد-پىراغ قىينالماس مېنى.
ئاققۇغا ئايلانسام پەرۋانە بولۇر،
نۇرغىنى ھېسابلاپ ئۆزىنىڭ جېنى.

سەت ئۆردەك چۈجىسى بوپ قالسام دەيمەن،
قانىتىم قاتسىلا ئۇچۇپ كېتىمەن.
ئۈزمىسەم ھاياتتىن ئۈمىدنى ھەرگىز،
كۆزلىگەن ئارمانغا ھامان يېتىمەن.

2010.8.14

ئۆزىمىزگە ئوخشىغان ئادەم

بىرى دېدى، سەن شائىرمۇ مەن ياكى شېئىر،
گىلاس كەبى لەۋلىرىڭدىن ئويناپ تۆكۈلگەن.
كۆزلىرىڭدە مۆلدۈرلىگەن ياش تامچىمۇ يا،
يۈزلىرىڭنى قېنىپ ئەمما تاتلىقلا سۆيگەن.

چۈشلىرىڭدىن نېرى كەتمەس شاھزادەڭمۇ مەن،
قەلب تارىڭ تىتىرەتكەن يا غايىۋى قول؟
دىل قەسىرىڭ شاھىمۇ مەن، ئالتۇن تاجىلىق،
ئەس - ھوشۇڭ ھەم سۆيگۈڭنىمۇ قىلغان كونترول.

يوپۇرماقمۇ بىر سەن ئۈچۈن شىۋىرلايدىغان،
ياكى بىر ئوت سېنى شۇنداق كۆيدۈرىۋەتكەن.
كۈچلۈك شامال دەپمۇ قالدىم، ھالىڭنى كۆرۈپ،
باشقا ھەۋەس ئوتلىرىڭنى ئۆچۈرىۋەتكەن.

سۇئاللىرىڭ جاۋابسىزلا قالمايدۇ ئۇنداق،
مەن بىر مەشۇق پىراقىڭدا قان - زار يىغلىغان.
ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزگە ئوخشىغان ئادەم،
بۇ سۆيگۈنىڭ ۋىسالىنى كۈن - تۈن چىللىغان.

_2011.8.5_

ئۆزىنى ئۇنتۇغان قىسقا چاچلىق قىز

ئۆزىنى تاپالماي يۈرىدۇ يەنە،
بۇ يۈرەك تۈنىدى يات بىر خانىدە.
سەۋدالىق ئۇنىمۇ ساراڭ قىلدىغۇ،
ئۇيقۇسىز ئۆتتى ئۇ مۇدھىش تۈنلەردە.

ھەر نەپەس، تىنىقى تەستۇر شۇ قەدەر،
توزۇدى شۇنداقلا ئۇ گۈل بىمەھەل.
قايتا رەت ئېچىلىپ قالارمۇ ياكى،
سۆيگۈنى لېۋىدىن ئاققاندا ھەسەل.

ئۆزىنى ئۇنتۇغان قىسقا چاچلىق قىز،
سالاتتى يۈرەككە تۇيدۇرمايلا ئىز.
قەلبىنى بىلمەستىن يۈتتۈرۈپ قويغاچ،
ئەزىزلەپ يۈرگەنلەر بولمىدى ئەزىز.

چاچلىرى شامالدا ئۇسسۇل ئوينىسا،
كۈلەتتى ۋىلىقلاپ بۇرۇن - بۇرۇندا.
ئۆزىنى يوقاتتى، كۈلۈشقۇ يىراق،
ئۆزىنى، كۈلكىنى تاپار قاچاندا؟

_2011.08.13_

گېپىنوز

كىم كۆيدۈرەر كۆزۈمدىكى سۇس قوڭۇر رەڭنى،
كىم قۇتۇلغان مەن قىلغان ئۇ گىپىنوزدىن ھەم.
ئۆز ئەركىڭدە بارلىقىڭنى ئاتايسەن ماڭا،
جۈپ كۆزۈمگە بىر ئاز ۋاقىت قارىساڭلا سەن.

سەن ئۆزۈڭمۇ تۇيماس ھالدا ئويلايسەن مېنى،
كۆڭلۈڭمۇ ھەم قۇل بولىدۇ ئۇ چاغدا شۇنداق.
سېغىنىسەن يۇلتۇزلارغا قاراپ ھەر كېچە،
گەرچە بىزنىڭ ئارلىقىمىز بولسىمۇ يىراق.

كەل، كۆزۈمگە قارىغىنا، قورقما ئامرىقىم،
يېرىم ئۇخلاپ قالغىن شۇنداق سۆيگۈ قوينىدا.
ئەل بولىدۇ ماڭا ھامان يۈگەنسىز كۆڭلۈڭ،
شاراب ئىچتىم دەيسەن تېخى ۋىسال جامىدا
.

سەن ھەقىقىي تۈردە ماڭا ئېرىشەلمەيسەن،
لېكىن سېنىڭ پۈتكۈل نېمەڭ مېنىڭ بولىدۇ.
كۆزلىرىمگە بىرلا قاراپ بولدۇڭ مەھلىيا،
سەن ئىنتىلگەن كۆزۈم ئەمدى بولىدۇ جادۇ.

كۆزلىرىمنىڭ رەڭگى كۆيدى، كۆردۈڭمۇ جېنىم،
ئۇ گېپىنوز قىلار سېنى مانا ھازىرلا.
توغرا، مەندىن ئۈزمەي تۇرساڭ ئوتلۇق كۆزۈڭنى،
ئاخىرى يوق ئازابقىمۇ قىلار مۇپتىلا.

_2011.8.17_

kaqur 2012-04-15 18:10

مەن

مەن -
قانداق مەن؟
نېمىگە ئوخشىغان؟
نېمىلەردىن ئىلھام ئېلىپ،
نېمىلەرنى نىشان قىلغان؟

مەن -
سۆيىمەن ئۆزۈمنى،
مۈشۈك بېلىقنى سۆيگەندەك خۇددى.
قارماق تۇتۇپ بېرىمەن بەزەن،
ھاپ ئېتىمەن بەزەندە ياكى.

مەن -
پارتىلىغان كۈچلۈك يانار تاغ.
ئېرىتىمەن،
سىلاپ ئۆتكەن بار مەۋجۈدىيەتنى،
ھەممە جايغا باسىمەن ئاياغ.

ئىستەيمەن بولۇشنى،
ئەتتىرگۈلدەكلا ئازغان...
چىرمىشىپ يارىمغىلا،
يۈرىكىنى قاماپ ئالغان....
لېكىن،
ئاجىزمەن شۇنچە...
خۇددى بىر كۆپۈك
قايسىدۇ بىر بالا پۈۋلەپ قويغان.
ئۆمرۈم قانچىلىك،
بىلمەيمەن بۇنى...
بىراق،
كۆپۈكنىڭ ئۆمرى قىسقىدۇر ھامان، ھامان...

ئەينەكتىكى مەن -ئادەتتىكى قىز...
كۆزلىرى قوڭۇر، چاچلىرى سېرىق..
قۇرامىغىمۇ يەتمىگەن تېخى...
بىراق،
قەلبىمدە بار ئۆزگىچە ئالەم،
سامان يولىمۇ باسالماس ئۇنى...

مەن -
ئەمەس ھېچنىمە.
ئۆزۈمگىلا ئوخشىغان ئىنسان.
ئىشىق قانىتى
يۈرىكىنى لەختە قىپ تىلغان.

مەن -
بولىمەن ھامان،
شۇ كۆكتىكى ئەڭ نۇرلۇق چولپان.
شۇ چاغدا دەيسەن
«ئېسىت! ئەمدى كېتىپسەن يىراق،
بىراق سېنى تۇتقىنىم تۇتقان»...

_2011.08.14_

ھەممە ئىشلار شۇنچىلىك تەبىئىي
 
پۈتۈلگەندۇر تەقدىر ئېھتىمال،
ھەر ئادەمنىڭ پېشانىسىگە.
كومىدىيە ئورۇندىلىپلا،
چىقار يېڭى تىراگىدىيە.

گىرەلەشكەن ھەممىسى شۇنداق،
شۇنچە تەبىئىي، يوقتۇر ھېچ كاۋاك.
ھەر كارتىنا بېرەر بىر مېۋە،
ھەر بىر مېۋە بىر يېڭى ساۋاق.

كېلىپ تۇرار نۇرغۇن كىشىلەر،
سەن تۇرغان بۇ سەھنىگە ھارماي.
كېتىپ قالار يەنە نۇرغىنى،
يىغلاپ «كەتمە» دېگەنگە قارىماي.

«ئېسىت» دەپ لەۋ چىشلەپ قالىسەن،
كەتكىنىڭدە كىملەر ئېسىدىن.
سەنمۇ تېزلا ئۇنتۇيسەن بىراق،
«تەقدىر شۇنداق» دېگەن ۋەجىدىن.

يۈرىكىنى تۇتۇپ كېلىدۇ،
ساڭا بېرەر سوۋغاتلىق ئۈچۈن.
سەنمۇ ماس بىر يۈرەك ئىزدەيسەن،
يۈرىكىڭنى قىلماق بوپ پۈتۈن.

تەقدىرىڭگە پۈتۈلگىنىدەك،
ھەممە ئىشلار شۇنچىلىك تەبىئىي.
باشلىنىدۇ يېڭى ھاياتلىق،
ئەمما يېشىم شۇنچىلىك «قەبىھ»

سۆيۈشمۇ ھەم شۇنچىلىك تەبىئىي،
ھېچ بىر سەۋەب كەتمەس ئۇنىڭغا.
ئامال يوق - ھە، «تەقدىر شۇ» دەيسەن،
شۇنچە تېزلا خوشلاشقىنىڭدا.

ئۆزگىرىدۇ ھەممە - ھەممە ئىش،
بوۋاقمۇ ھەم بولىدۇ سەبىي.
كېتەر ھەممە شۇنداق زورىقىپ،
شۇنچە قىيماي، شۇنچىلىك تەبىئىي...

ـ2011.8.29ـ


مەن ئەسلى
كەچۈر


مەن ئەسلى يېقىملىق،مۇڭلۇق مۇزىكا،
يۈرەكنىڭ دەردىنى مۇجەسسەملىگەن.
مەن ئەسلى بەرگىمدىن ئايرىلغان غۇنچە،
رەھىمسىز ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزمىگەن.

مەن ساڭا يوللانغان ئەڭ ئاخىرقى خەت،
ھېچ كىشى بىلمەيدۇ مېنىڭ سىرىمنى.
مەن،ئاتلىق ئوغۇلنىڭ قار مەلىكىسى،
سورىماس ھېچكىممۇ بۇ ئۆتمۈشۈمنى.

مەن شۇنداق پىلدىرلاپ تۇرغان بىر تال شام،
قاچاندا ئۆچىمەن بىلمەيدۇ ھېچكىم.
مەن دەھشەت بوراندا قالغان بىر ماياك،
ئىرادەم ئۆلمەيدۇ،سۇنسىمۇ تېنىم.

مەن ئەسلى ناھايىتى ئاددىيلا بىر قىز،
ئوخشىماس ھېچكىشى،ھېچ بىر نەرسىگە.
مەن ئەسلى ئالجىغان،ساراڭ قوشاقچى،
ئويلىرىم تائابەت يەتمەس ئەتىگە.

2010.10.6

koksangun 2012-04-15 18:21
شېئىر ۋە مۇزىكا ،  ئازابلىق ھېسلارغا چۈمكەلگەن پاك بىغۇبارلىق ، گۈزەل ئەمما ئاددىي تىل ، يارقىن ئەستلىك بىلەن تولدۇرۇلغان خاتىرە ...
كەچۈر نامىدا كىرگەن بۇ قىزنىڭ ھەر يوللىمىسىدىن ئەقىلنىڭ نۇرلىرى ، ھېسسىياتنىڭ يىنىك تەۋرىنىشلىرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن .
تولىمۇ رومانتىك ھېسسىيات بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىرلارنى ئوقۇپ مەندىن يىراقلىشىۋاتقان ئۆتمۈش قوينىغا يەنە بىر قېتىم نەزەر سېلىشقا مەجبۇر بولدۇم ...
مېنى ئاشۇ گۈزەل تۇيغۇلارغا باشلىغان بۇ شېئىرلاردىن ۋە شېئىر ئىگىسىدىن تولىمۇ مىننەتدارمەن .

kaqur 2012-04-15 18:22
قەھۋە بىلەن ئىستاكاننىڭ مۇھەببىتى

 
باللارنىڭ كۆزىدە كۆرەي ھەممىنى،
باللارچە ئوي ھازىر ھۆكۈمران ماڭا.
«نېم ئۈچۈن»دەپ بېقىش ئادەتتۇر ھازىر،
ئەركىلەپ قويىمەن بەزىدە ساڭا.
 
باللارچە ئويۇمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا،
ھامىلدار بوپ قالدى كاللام بىر ئويغا.
يالغۇزلۇق ھىس قىلسا بىچارە قەھۋە،
ئىستاكان قۇچاقلاپ قويارمۇ ئاستا.
 
دەملىدىم،ئامرىقىم زەپ ئاچچىق قەھۋە،
شېكەر،سۈت ھېچنىمە قوشمىدىم ئاڭا.
قاراپلا ئوتۇردۇم ئۇنىڭغا شۇنداق،
بىلمەيمەن كۈتىمەن نېمىنى،توۋۋا.
 
ئۇ ئاچچىق قەھۋەنىڭ دەردلىرى بەك جىق،
تۈگىشىش ئارزۇسى ئىدى ئەسلىدە.
قىلدىممەن ھەممىگە مۇخالىپ بىر ئىش،
قالدى ئۇ ئاشۇنداق قايغۇ ئىلكىدە.
 
ئىستاكان سۆيۈپ قوي تەنھا قەھۋەنى،
قۇچاقلا،بولمىسا سۆيۈشكە ئىمكان.
يۈرىكى پۇچۇلغان،ئۇنىڭ قەلبىگە،
سەن بولۇپ قالىسەن ئاخىرقى مېھمان.
 
ئىستاكان قۇچاقلا يالغۇز قەھۋەنى،
ئۆتۈنەي قۇچاقلا،سۆي ئۇنى ئاستا.
سۆيگۈڭدىن ئېرىسۇن،ياخشى بىر سەۋەب،
تېپىپ بەر ئۇنىڭغا قايتا ياشاشقا.
 
2010.4.27

ئاڭلارىم يەنىلا سۇنىڭ ئاۋازى،
كۈتەتتىم قانداقتۇر بىر مۆجىزىنى.
ھاياتىم باشلاندى ھاجەتخانىدىن،
بەلكىم ھەم بۇ جايدا ئاخىرلاشقۇسى.

ئويلايتتىم،مەن تېخى نەچچە ئاي بۇرۇن،
ئاپامنى،دادامنى،ئىللىق دۇنيانى.
رىئاللىق نە ئۈچۈن ئاچمايدۇ قاپاق،
بۇ دۇنيا ئەزەلدىن شۇنداقمۇ ياكى؟

قورقاتتىم،كۈتەتتىم،يىغلىيالمايتتىم،
ئارزۇيۇم،ئاچسىتى بىرى ئىشىكنى.
ھەم مېنى كۆرۈپلا ئالسا قۇچاققا،
بەرسىكەن ئاداققا ماڭا مېھرىنى.

مەن شۇنداق،تاشلانغان بەختسىز بوۋاق،
ھېچ كىشى كۆرەلمەس مەڭگۈ،كۈلكەمنى.
شۇ بەدبۇي پۇراقلار،تاتلىق ئويۇمنى،
بۆشۈكتە ئۆلتۈرۈپ،ئېلىپ كەتكۈسى...

2010.7.26

kaqur 2012-04-15 18:29

ئەسلى،
ئەمەس بىز ناتونۇش..
بىلگىن، بۇ يەردىكى ھەممە ماڭا شۇنچە تونۇش.
بەلكىم، رۇخسەتسىزلا دېگەندىمەن سېنى
ئامرىقىم،
جېنىم،
تاتلىغىم... لېكىن، بىل شۇنى...
بۇ سۆيگۈ تۈنۈگۈندىن داۋام ئەتكەن،
رەت قىلىشىڭ ئۇندا يۈتكەن،
تاتلىق گېپىڭ چانىقىمدىن سىرغىپ ئۆتكەن...
بىلگىن، شۇندىن بېرى
بولۇپ قالدىڭ ھاياتىمدىكى
ئەڭ قىممەتلىك كىتاب خەتكۈچى.

ئۇچراشتۇق نىچۈن،
ئازاب ئەسلىمەمنى تولدۇرىۋەتتى دېگەن ئىدىم،
ئەمما سەن، پەرىشتىلەردەك سىياقتا
مېنى جۆيلۈشلەرگە مەجبۇر قىلدىڭ...
يوشۇرۇش، ئۆلگۈر يوشۇرۇش...
كەچۈرگىن، يولداش...
ماشىنىدا دېگەن گەپلىرىڭ
ئايلاندى پەقەت
سوغۇق ھاۋادا ئىسسىق بىر ھورغا...
شۇنداق،
مەن ھېچنىمىنى ئاڭلىمىدىم...
گەپلىرىڭ قىلسىمۇ مېنى مەيخۇش
ئەسلىرىم پەقەت ئۇنىڭ گېپىدە «ناتونۇش، ناتونۇش!»

ئۇ ۋە ئۇ،
قالدىم يالغۇز.
قېچىپ چىققۇسىز بۇ ئارىلىقتا
مەنزىرىلەر ئەكىس ئەتتى كۆزۈمدە
بولۇپ قوڭغۇز.
قەلبىمدە بىر ئاجىزلىق بىخلاۋاتىدۇ،
قىلىچىنى مەغرۇر تۇتۇپ ماڭا قاراپ شىلتىۋاتىدۇ،
ئۆچمەنلىك كۆزلىرىمگە، زارىققان كۈتىشىمگە ھەيۋە بىلەن بېقىۋاتىدۇ.
بولسا ئىدى - ھە،
بىلگەن بولسام - ھە...
باشقا ماشىنىغا چىققان بولسام،
يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدەك قاراشلاردىن قاچقان بولسام...

قەدىمىم يۈتۈپ كەتتى،
ئۇلارنىڭ ئازابسىز، شېرىن كۈلكىلىرىدە...
ئارلىق بولغاچقا قارىمىدىم مەن كەينىمگە....
پەلەمپەيدە قار ئىزى قالدى،
يۈرىكىمگە كىملەر ئوت سالدى...
ياق، مەن ئوتقا ئەمەس ئىسسىققا مۇھتاج،
كۆيدۈرمە مېنى، ئىللىتقىن مېنى!
ئۇلار ماڭا قاراپ كەلمەكتە،
ئازابلىق ئۇچرىشىشنى قىلماقچى ماڭا ھەدىيە.
ئەخمەقمۇ مەن!
ياق...
ئۈن - تىنسىز كېتىپ قالدىم،
لېكىن جېنىم... بىل ئامرىغىم...
ئەمەس بىز ئەسلى ناتونۇش...
لېكىن تاللاش
قىلار ھامىنى مېنى خامۇش...


[_2012.04.04_]

kaqur 2012-04-15 18:31

مەن سۆيگۈنى ئۆلتۈرگەن كېچە



كېچە
بىر ساراڭ قىز جۆيلىۋاتىدۇ،
ئۆتمۈشىنى سۆزلەۋاتىدۇ...
ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ
ئېسەدەپ
ئۇ دۇنياغا ئەۋەتكەن خەتنى يېنىش - يېنىشلاپ سۆيۈۋاتىدۇ.

كېچە
يورۇقلۇقتىن يوقتۇر ھېچ ئەسەر
ئۇ بۇ جايدىن قاچماقتا بەدەر...
لېكىن نە ئامال،
كۆزلىرى ئېتىلگەن
ئاۋازى پۈتۈلگەن
ۋارقىرسىمۇ ئاڭلىماس ھېچكىم
چۈنكى، بۇ ئۆزىگىلا تەۋە بىر شەھەر.
شۇنداق،
ھېچ بىر كىشى ئەسلىمەيدىغان،
يېنىشلاپ بىر قارىمايدىغان
ھېيت - ئايەم ھەم ئۇلۇغ كۈنلەردە
ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇز كەبىمۇ كىشىلەرنى ئويلاتمايدىغان.
بۇ شۇنداق شەھەر،
تەنھا شەھەر...
يالغۇز شەھەر، بۇ قىز بۇندىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر.

باشلىرىمدا چىۋىن گىژىلداۋاتىدۇ،
يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇڭ، دەپ تويلار ئويناۋاتىدۇ.
توكمۇ ھەم توختىغان ئالدىنقى سىكۇنت
لېكىن ئۇ نالە بىلەن يىغلاۋاتىدۇ....
يۈرەكلەرنى ئېزىپ تۇرۇپ
نالە بىلەن يىغلاۋاتىدۇ.

سۆيگۈ ماڭا قاراپ كۈلىۋاتىدۇ،
ئۆتمۈشىنى زىكرى قىلغان بىچارىگە ئەلەم بىلەن كۈلىۋاتىدۇ.
مەن ئۇنۇتتۇم ھەممىنى، تاشلىدىم بارچىنى
بوغۇق ئاۋازىمدا ۋارقىرىسام
ھەممىسى سىڭاياندا بېقىۋاتىدۇ. بىلىمەن،
ئۇلار مېنى ساراڭ دەپ ئويلاۋاتىدۇ.

زېرىكتىم
بۇ تەنھا شەھەردىن،
ئېرىشەلمەس سۆيگۈدىن.
ھەتتا ئۆزۈمدىن!
كەلدىم چوڭ غەيرەتكە،
ئۆزۈممۇ قورقۇپ كەتتىم بۇ ئويۇمدىن.
ياق، مەن سۆيگۈنى ئۆلتۈرمەيچۇ
ھەي، ئىپلاس مېنى قويىۋەت
مەن ئۆزۈمنى تېپىۋالايچۇ.

كېچە
مەسخىرىلىك كۈلىۋاتىدۇ،
سۆيگۈنى ئۆلتۈرۋېتىشكە ئۈندەۋاتىدۇ،
يۈرىكىمدە قانداقتۇر بىر ئوي
كۆكلەۋاتىدۇ.
ئۆزۈمگىلا تەۋە بۇ تەنھا شەھەردە،
ۋىنونى ئالدىم.
شۇنداق، مەن سۆيگۈنى تۇنجۇقتۇرىۋەتتىم.
ئۇ پىچىرلاپ سۆزلەۋاتىدۇ،
جان ھەلقۇمىغا يەتكەن پەيىتتە ماڭا قۇچاق ئېچىۋاتىدۇ...

مەن سۆيگۈنى ئۆلتۈرگەن كېچە،
ھامىلدارمەن ئازابقا يەنە...
مەن تەلپۈنگەن خۇشاللىقىمنى
يەڭگىپمۇ قالارمەن كەلمەس ئەتىدە....
 

[2012.3.4]

kaqur 2012-04-15 18:33
سوۋغات
كەچۈر
تېرىپ قويسام سۆڭەكلىرىمنى،
مۇمكىن بولۇپ قالسا ئەگەردە.
ساڭا بېرەر سوۋغاتلىق ئۈچۈن،
سېنىڭ ئاشۇ گۈلشەنلىرىڭگە.

ھەسەل يەپلا يۈرسەڭ مەيلىتى،
ئاشۇ ئىللىق باھار پەسلىدە.
ئەتتىرگۈلمۇ ئۈزسەڭ مەيلىتى،
شۇ پىژغىرىم، ئىسسىق كۈنلەردە.

ئانار تېتىپ يۈرسەڭمۇ مەيلى،
ئالتۇن رەڭلىك غازان پەسلىدە.
پەقەت، مېنى يېنىك چاقىرىپ
ئويغاتساڭ ھەم قەلب مەشىڭگە
قويساڭ قىشتا، ئاشۇ كۇپايە.
سۆيگۈ تىلىكىم
كەچۈر
ئۇ دېدى مېنى بىر غورۇرسىز مەلئۇن،
سۆيگۈنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان.
ئۇ دېدى،قېلىشىڭ ھەقلىق بۈگۈنگە،
كۆپىنىڭ يۈرىگىن بولغاچقا تىلغان.
ھەقىقەت،تىلىندى ئاجىز يۈرىگىم،
بىچارە سۆيگۈممۇ كۆتۈرمەس ئىسيان.
تىكەنلىك كىرپىگە ئۆزۈمنى ئۇرۇپ،
ئازابنى قىلدىم مەن ئۆزۈمگە ئىنئام.
ئېرىشىش-ئاخىرقى تىلىكىم ئەمەس،
قەلبىمدە قالسىمۇ مەيلىتى پىغان.
شادلىقنىڭ ئۇرىقىن سالسام قەلبىڭگە،
ھەم بولسام دىلىڭدا ئاددىيلا دېھقان.

ئۇنتۇيمەن،دەپ ساڭا ۋەدە بەرمەيمەن،
ماڭسۇن بۇ قەلبىممۇ خالىغان يولدا.
ئىرادەڭ كۈچىيىپ بارامدۇ شۇنداق،
ئۆزگىرىپ قالار يا كۆيۈپ بۇ ئوتتا...
_2011.01.16_

kaqur 2012-04-15 18:35
مۇزلىدى قەلبىم
كەچۈر
ئىزدىدىم مەن بۈگۈن پۇراقلىرىڭنى،
شىۋىرغان چىقماقتا،پۇرقىڭ ئۇچۇرۇپ.
كاج پەلەك ماڭىلا قارشى چىقامدۇ،
قاچانغا يۈرىمەن شۇنداق ئاھ ئۇرۇپ.
ئىزدىدىم مەن بۈگۈن سېنىڭ ئىزىڭنى،
قار كۆمۈپ قويۇپتۇ ھەممە-ھەممىنى.
غىچىلداپ ئايىغىم ئاستىدا قارلار،
سۆزلەيدۇ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى.
ئىزدىدىم مەن بۈگۈن ئۆچكەن سۆيگۈنى،
مۇز بولۇپ قاتقانكەن ئۇ ئەسلى بۇرۇن.
قەھرىتان سوغۇقتا،بۇ قېلىن قاردا،
قايتا ئوت يېقىشقا يەتمەيدۇ قۇربۇم.
_2010.12.04_
مانان
كەچۈر
چېكىلدى تار،سۇندى دېرىزە، 
بىر شامالدا چۇۋۇلدى كۆلبەم.
جېنىم ئەمدى قىلمايمەن تاقەت،
سۇنۇپ كەتتى ھەم سەۋرى چىنەم.

يىرتىق قەغەز،تۆكۈلگەن غۇنچە،
ئەسلىمىدە تىتىلدى خانەم.
يۈرەك باغرىم بولدى لەختە-قان،
ساقايتماققا بولساڭچۇ زەم-زەم.

ئۆچكەن چىراغ،يىتكەن خاتىرە،
دەرد-پىغانغا شاھىد ئەسلىمەم.
ئېغىنايسەن يۈرەكتە شۇنداق،
ئاستىڭدا بار پايانداز،گىلەم.

_2010.9.28_

kaqur 2012-04-15 18:40

قىز بايانى
كەچۈر 
 
چاپلىشىۋالما ماڭا بۇنداق پاتمىچۇق كەبى،
ئاشۇ گاداي يۈرىكىڭدە سۆيەمسەن مېنى.
سىلكىۋېتىپ كاللاڭنى بىر ئوبدان ئويلاپ باق،
بايلىق دېگەن مەندەك قىزنىڭ جېنىدۇر جېنى.

مەن سۆيىمەن پۇل،بايلىقنى جېنىمدىن ئارتۇق،
شۇ پۇل ئۈچۈن غورۇردىنمۇ نۇرغۇن رەت كەچتۇق.
شۇنداق تۇرۇپ بىر گادايغا كۆڭۈل بېرەمدىم،
جېنىم دېمە بولدى بىزنى،سېنىڭ نېمەڭتۇق؟

ئىشەنگەنتىم،دادام باشلىق شەھەردە،دېسەڭ،
دېدىڭ تېخى،ماشىنام بار داڭلىقى بىلسەڭ.
باي ئىكەنغۇ بۇ يىگىت دەپ ئەگەشتىم ساڭا،
گالاستۇكنى پىچچەت تاقاپ،كاستىيۇمنى كىيسەڭ.

بىلدىم،داداڭ باشلىق ئىكەن سەندەك بەڭۋاشقا،
ماشىناڭمىش جالداقشىغان ۋېلسىپىت،توۋۋا.
كىيىمنىمۇ ئارىيەتكە ئېلىپسەن تېخى،
نېمە دەيمەن ئېيىت بۇ ئىشقا توۋۋىدىن باشقا.

بولسىمۇ گەر قەلبىم مۇزدەك،چىرايىم گۈلدەك،
زىبۇ-زىننەت،ئالتۇن،ياقۇت تاقىشىم كېرەك.
قاندۇرىسەن نەچچە شەرتنى،دەپ باققىن ئۆزۈڭ،
مېنى سۆيگەن بىر يۈرەكتىن نېمەڭ بار بۆلەك؟

مەن ئاشۇنداق پۇلخۇمار قىز تىللاۋەر مېنى،
ۋاپاسىز دە،غورۇرسىز دە،دەۋەر ھەممىنى.
پۇل تاپقاندا كەل ئالدىمغا،خالىساڭ قايتا،
بىر پۇلنىلا تونۇيمەن مەن،كۆتۈر باشقىنى.

2010.7.31
 
يامغۇر...

رېتىملىق ئۇداردا چۈشەر تامچىلار،
ئاسماننىڭ كۆزىدىن يەرگە تۆكۈلۈپ.
بىلمىدىم ئاسمانغا نە كۈلپەت يەتتى،
ياشلىرى بۇلۇتلار ئارا مۆكۈنۈپ.

شۇ سىرلىق لىرىكا ئەللەيلەپ مېنى،
ئەسلىتەر ئۆتمۈشنى قايتا-قايتىدىن.
ھەم تاپتىم يوغان بىر سۇئال بەلگىسى،
كەلگۈسۈم تۇتاشقان ئاشۇ يوللاردىن.

يامغۇردىن سورايمەن سېنىڭ ھالىڭنى،
سەنمۇ ھەم ئولتۇردۇڭ يامغۇرغا قاراپ.
بىلمەيمەن نېمىشقا يامغۇر ياغسىلا،
سېغىنىش ئوتلىرى يانار يېلىنجاپ.

يامغۇرغا قوشۇلدى سېنىڭ تىنىقىڭ،
تامچىگە قوشۇلدى مېنىڭ يىغام ھەم.
سىڭىشىپ كېتىدۇ ئۇلار ھاۋادا،
ئايرىماس ھېچكىممۇ ئۇلارنى قەستەن.

2010.7.27

kaqur 2012-04-15 18:43

غايىۋى ئوت
كەچۈر

يىللار تامان قوغلاپ بىر ئىزنى،
سوراي كىمدىن ئەمدى مەن سېنى.
ئۆتكەن كۈنگە قايتقىلى بولماس،
جەم قىلساڭمۇ بار ئەسلىمەڭنى.

ئەسلىمەمگە ئۇۋا يۈرىكىم،
قۇربانىدۇر مېنىڭ ياشلىرىم.
غايىۋى ئوت چىرمىدىڭ مېنى،
كۆيۈپ كەتتى بۇ ئاجىز تېنىم.

غايىۋى ئوت،غايىۋى ئىلاھ،
ئەسلىمەمگە بولدۇڭ بارارگاھ.
ئۆزگەردىڭمۇ ياكى يوقالدىڭ،
شۇ ھەققىدە بەرگىنە ئىزاھ.

ئىلاھىي ئوت،غايىۋى دۇنيا،
قويدۇڭ مېنى ئۆچمەس ئازاپقا.
چۈشلىرىمدە تۈنەيدۇ بەزەن،
ئۆتمۈشتىكى ئىزگۈ كارتىنا.

ئويلىرىمدا تۈمەن مىڭ قىياس،
زادى كىملەر كىملەرگە قاياش.
بىز ئايرىلغان شۇ چاغدىن بۇيان،
دىل خانامگە باشلىدىڭ ئاياز.
2010.9.9
ياشىغۇم يوق ئوغۇل بالىدەك

ئۆيدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە،كىچىكىمدە«چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولماقچى»دەپ سورىسا،ئوغۇل بالىدەك،دەر ئىكەنمەن.كىچىكىمدە،بەك قورقۇنچاق،جۈرئەتسىز،تارتىنچاق بولغانلىقىم ئۈچۈن،مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىدىغان ئوغۇل زاتى بەكلا ئاز ئىدى.شۇ سەۋەبلىكمىكىن،ئۇلارنى دائىم بەك يۇقىرى ئورۇنغا قويىۋالار ئىدىم.لېكىن،قىز بولۇپ قالغىنىمغىمۇ پۇشايمان قىلمايتتىم.بىراق ھازىر....


كىچىكىمدە سورىسا سۇئال،
كېيىن نېمە بولغۇڭ باردۇر،دەپ.
ئوغۇللاردەك ياشىسام دەيمەن،
دەر ئىكەنمەن قىلماي باشقا گەپ.

«ئوغۇل»دېگەن شۇ ئاددىي ئوبراز،
سانىلاركەن قەلبىمدە ئۇلۇغ.
توغراق كەبى بولسام،دەركەنمەن،
گەر بولساممۇ مىسالى چۇغلۇق.

ئويلار ئىدىم،ۋىجدان،مەردلىكنىڭ،
مۇجەسسىمى شۇ ئوغۇلدا بار.
دوستلۇق،ئىشەنچ،غورۇر ھەممىسى،
قىزلاردىن كۆپ،ئوغۇللارغا يار.

قۇياش كەبى بىلىنەر ئىدى،
ئوغۇللارنىڭ قىزىل يۈرىكى.
گۆشى تۆمۈر،سۆڭىكى پولات،
ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ تېخى.

چوڭ بوپ خېلى ئەقىل كىرگۈچە،
«ئوغۇل»بولغان مەبۇدىم مېنىڭ.
لېكىن،ھازىر خېلى ئوغۇلنىڭ،
يۈرىكىدە بارمىدۇ يىرىڭ؟

ئايرىمايدۇ ھالال-ھارامنى،
پۇل بولسىلا بارار ھەر جايغا.
ئاشۇ ئۆلگۈر پۇل ئۈچۈن يەنە،
بارلىقىنى ساتىدۇ ھەتتا.

غەيۋەتتىغۇ بېسىپ چۈشىدۇ،
دوقمۇشتىكى نەچچە ئايالنى.
كېچە-كۈندۈر يەر غېمى بىرلا،
زادى قانداق ئالداش يۇقىرنى.

يوللۇق بولغان ئادىل رىقابەت،
كىرىپ چىقماس خىيالىغا ھېچ.
بولسا ساتسا گېپى بىلەنلا،
بۇ يول ئاڭا بىلىنەر تىنىچ.

ئاياللاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ،
ئۆزىن تۈزەش ئوغۇلدا،ئاي-ھاي.
چۈشۈپ تۇرسا،دەيدۇ،دائىملا،
بايراق قىزلار قىلتاققا يانماي.

بولمىسىمۇ ھەممىسى شۇنداق،
ئېسىت،دېدىم گۆدەكلىكىمگە.
پۇشايمانمۇ قىپ قالدىم تېخى،
شۇ چاغدىكى ئەخمەق گېپىمگە.
ياشىغۇم يوق ئوغۇل بالىدەك،
شۇنداق،ۋىجدان يۈكتۇر،دەيدىغان.
سىغمىغاچقا ھېچكىم كۆزىگە،
بىر كۈن نەچچە دەشنام يەيدىغان.

ياشىغۇم يوق ئوغۇل بالىدەك،
گەرچە«ئوغلان»بولسىمۇ نۇرغۇن.
قىز بالىدا بار ۋىجداننىمۇ،
يېمىدىغۇ تېخىچە قۇزغۇن.

قىز بالىدەك ياشايمەن ئەمدى،
ياشىغۇم يوق ئوغۇل بالىدەك.
غورۇر ساتار شۇنداق ئوغۇللار،
شىكەر ئىچرە ئارلاشقان قۇمدەك.

گەپ تاماملەر،ۋەسسالام ئەمدى،
ياشىغۇم يوق ئوغۇل بالىدەك.

2010.7.24

kaqur 2012-04-15 18:46


قار
پارچىلانغان دېڭىز مىسالى،
يېغىپ ئۆتەر بارچە كۆڭۈلگە
بارچە پەسىل، ھەممە ئۆتەڭدە
كۆرىسەن ئۇنى...
راست دېگەنسەن،
ئالدىمىغانسەن...
سەن ئەزەللا ئاشىق سەۋداسەن.
ئەمما،
بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟!
قار -
شۇنچە پاك ھەم ئاپئاق ئەتتىرگۈل،
مەن بۇ جايدا قىلدىم تەۋەككۈل،
رازىمەن بۇ تاللىشىمغا،
يىغلىسام ئەمەس
بەختسىزلىك كوچىسىدا قالساممۇ تۈگۈل.

قورقىمەن
سېنى خاتا قاراپ قالدىمىكىن دەپ،
ھېسلىرىڭنى خاتا سېزىپ
مېنى ئالداپ قالارمىكىن دەپ....
شۇنداقتىمۇ پۇشايمىنىم يوق
چۈنكى،
سېنى سۆيىمەن، ئەبەدىلئەبەد.


قېچىش
كىملەردىن قالغان ئۇدۇم،
بەخت كىيىۋالدى شىم - كاستۇم،
ئۇ شۇنچە سالاپەتلىك
ساقلايدۇ مېنى، ئۇ ۋاكۇئۇم.
بەخت -
مەن بۇ جايغا بولدۇم مەھكۇم،
سېنىڭ قولۇڭنى تۇتقاندىن باشلاپ،
ئۇ ماڭا كۈلدى يىگىرمە تۆت مەۋسۇم.


قايمۇقۇپ قاچتىڭ،
بۇ ئۆمرۈمدە بىراق ئاداشتىم.
سەن دېدىڭ،
ھېچنىمىگە پۇشايمىنىم يوق
ئاداشقىنىم توغرىدۇر بەلكىم.
ئازاب -
ئەمدى بىزنى يوقلىماس بەلكىم...


كېلىپ قالسا ئازاب ئەگەردە،
ئۇ بۇ جايدىن كەتمەيمەن دېسە...
دەپ قوي ئۇنىڭغا،
تۇتىۋالسۇن گۈلدىن بىر دەستە،
بەختىمىزنى كۆرۈپ قالسا
كۈلۈپ تۇرسۇن،
بولمىسۇن ھەرگىز، ھەرگىز دىلخەستە.

كەچۈر،
چۈشۈڭدىن ئويغان!
پەلىپەتىشلىك بۇندا بولمىغان
ساڭا پەقەتلا بەخت بولسا
كۈلكە بولسا كۇپايە.
قېچىپ كىرىپ مۇھاسىرىگە
كۈلگىن!
قېچىپ چىقىپ زۇلمەت كۈنلەردىن
كۈلگىن!
ئاندىن يارىڭنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ،
ئۆتمۈشۈڭگە تەبەسسۇمدا بېقىپ تۇرۇپ،
كەلگۈسىڭنى قەلەم بىلەن سىزىپ تۇرۇپ،
بەختىڭنى قىل ئۈنلۈك ئاۋازدا
پۈتكۈل دۇنياغا
دېكلاماتسىيە!



[__2012.03.08__]

kaqur 2012-04-15 18:49
تېما كۆچۈرۈپمۇ چارچاپ قالىدىكەن - ھە كىشى... ئۇف... بىچارە بارماقلىرىمنىڭ ئاغىرىپ ھېچ ھالى قالمىدى، ئەمدى كۆچۈرمەيمەن. ھېرىپ كەتتىم....

ئەڭ ئاۋۋال تېمامنى نادىرلاپ قويغان (نادىر تېما قاتارىدا كۆرمىگەن ئىدىم بۇ قۇرلارنى) كۆكسانغۇن ئاكامغا (مۇئەللىم دېسەم بەك قورۇنۇپ قېلىپ گەپلىرىمنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمەن) رەھمەتتىن بىرنى دەۋېتەي... رەھمەت.....
قالدى ئىشنى ئەمدى قىلاي - ھە

kaqur 2012-04-15 18:53
بەكلا ماختىۋېتىپسىز تىكەن ئاكا...
بۇ قۇرلار بىر قاچا ئېسىل تاماقتەك ئوزۇق بولالمايدۇ.
شائىرلىقنىڭغۇ بوسۇغۇسىغىمۇ بارالمايمەن ئەمەس، ھەتتا دەرۋازىسىنىمۇ كۆرەلمەيمەن...
يەنىلا سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ - پىكىرلىرىگە مۇھتاجمەن...

ozqan 2012-04-15 23:46
         كەچۈرنىڭ قەدەمنى نۇرغۇن كىشىلەردىن  بالدۇر ئالغانلىقى بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسدە باشقىچە ئەھمىيەتلىك ئىزلارنىڭ  قېلىشىدىن بىشارەت بېرىپ تۇرۇپتۇ .
          ھايات ھەممىمىزگە ئوخشاش بىر قۇياش ، بىر ئاي ؛ ئوخشاش تۇپراق ، ئوخشاش ئاسمان ئاتا قىلغان بولسىمۇ  ، ئۇنىڭ ھەر بىرىمىزگە بېرىدىغان ھوزورى ئوخشاش ئەمەس ... ئارىمىزدىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشلەردىلا ۋايىغا يېتىدىغان ھاياتلىق ھوزورى كەچۈرگە  نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىپتۇ ، باشقىلار كۆرەلمەيدىغاننى كۆرەلەيدىغان كۆز ، باشقىلار ھېس قىلالمىغاننى ھېس قىلالايدىغان سەزگۈر ھېسلار سىزگە ھەمراھ   ئىكەن كەچۈر ...
سىزنىڭ ئىجاىيەت ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن . ئىزدىنىشلىرىڭىزگە تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى تىلەيمەن . . .
تەۋپىققە سىز بىلەن كەلگەن رەڭدارلىقتىن سۆيۈندۈم ..

tutya 2012-04-17 21:49
ئەجەپ ھوزۇر ھىس قىلدىما...رەھمەت سىزگە.....قەدىمىڭىز توختاپ قالمىغاي!

yawaattirgul 2012-04-18 13:07
بولمىسا ظادەمدە
                        غذرذر دىگەن
تاشلايتتىمذ مەردانە ظايا
ئشلەپ يەيدىغان قذياشلىق ظالەمگە
ظىشلىمەي يەيدىغان بىەىشتىن .
مىننىەتلىك تاماق
                     ظادەمگە نومذس ،
ظأزذڭ تىككەن كأچەتتىكى  
                               سارىم ظالمىمذ
يذرىكىڭگە قەنت
باشقىلار بەرگەن شىرىن يىمىشتىن ...


... ... ... ... ... ظالەمگە نائشا بولاتتىڭ،
                    داستان بولاتتىڭ .
چەيلىمەيلا ياشىيالىساڭ
جان-جىگەرىم
ظأز-ظأزذڭنى
ظأزذڭنىڭ پذتلىرىدا.
سەن ظأزذڭنى قەدىرلىمىسەڭ
قەدىرلەمدذ باشقىلار؟!
ظاي بول ، يذرذيدذ كىچە ،
كإن بول، يذرذيدذ كذندذز
... ... ... ...

ظأزگىگە ظەمەس ،
ظأزذڭنىڭ ظەقلى ،
                     قول-پذتلىرىڭغا
                          تايانساڭلا
سەنمذ جان-جىگەرىم ياشىيالايسەن
ظايؤان -سارايلاردا.
كىلىدذ سذلايمان خەزىنىسى ساڭا
ظأز تەرىڭدىن ،
خىزىرنىڭ شەپقىتى ،
إە ياكى ظأزگىنىڭ رەەىمىدىن ظەمەس .
بولىدذ قولؤڭدا ظأز ظەركىڭ ،
                          ظأز ەؤقؤقؤڭ.
سەنمذ بىر ظادەمدەك
ظأز بؤرنؤڭ بىلەن بىلەن
ظالساڭ نەپەس .


غؤرؤرسىز ظادەم
                   ظىلىكسىز سأڭەك ،
ظىسمى بار ، جىسمى يوق،
توختام سؤ
سىسىپ تذگەيدىغان ظاز كذندىلا ،
سەنمؤ ياخشى ظاتىلىسەن
                          جان-جىگەرىم ،
ظەل ظىچىدە ەأرمەتلىنىپ
ظأز يذرىكىڭ ،
                      ظأز ظاغزىڭ بىلەن
كذيلىگەن كذيدىلا .

tawpek 2012-04-18 14:14
ئايرىم تىما قىلىپ يوللىغان بولسىڭىز خىلى بىر ۋاخلارغىچە زوق ئالاركەنمىز.


مۇنبەر ئىشلىتىشكە ھەقىقەتەن ماھىركەنسىز.  مۇمكىن بولسا مۇشۇ ساۋاتلارنىمۇ سۆزلەپ ئۇستازلارغا بىر دەرىس ئۆتىۋەتمەمسىز.


ياۋا ئەتتىرگۈلنىڭ شىئىرىمۇ ياخشىكەن.

بۈگۈنكى بىر يىرىم سائەتلىك چۈشلۈك تاماق ۋاختىمغا ئوبدانلا توغرا كەلدى كەچۈرنىڭ بۇ شىئىرلىرى.


لىرىك مۇزىكىلارنى چۈشىرىۋالدىم.

ak gul 2012-04-18 16:46
كىچىك بىر يۈرەكتىن بۇ قەدەر ئوتلۇق سادالارنىڭ چىقىشى مېنى شۇنچىلىك خۇشال قىلدى.ھەر بىر قۇرغا سىڭگەن شېئىرىي ھېسسىيات كۆڭلۈمگىمۇ شۇنچىلىك ياقتى.كەلگۈسىدىكى كاتتا بىر شائىرەنى كۆرگەندەك بولدۇم.
داۋاملىق تىرىشقايسىز،ھايات مۇساپىڭىز رەڭدار گۈللەر بىلەن بېزەلگەي.

arzu 2012-04-18 17:54
ئەرزىمەس قۇرلار ئەمەسكەن سىڭلىم، ھەقىقەتەن قايتا - قايتا ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك قۇرلاركەن، بولۇپمۇ «سەت ئۆردەك چۈجىسى بوپ قالسام دەيمەن » نى ئوقۇپ، پىكىردىكى يېڭىلىقتىن بەك سۆيۈندۈم، تەۋپىق مۇنبىرى سىزنىڭ  قانىتىڭىزنىڭ قېتىشىغا مەدەت بولىدۇ، يار - يۆلەك بولىدۇ. يازغانلىرىڭىزنى دۆۋىسى بىلەن بىراقلا يوللىماي، ۋاقتى- ۋاقتىدا يوللاپ تۇرارسىز، ھەر بىر شېئىرىڭىزنىڭ تەمىنى ئۇزاققىچە تامشىساق دەيمەن....

dil33 2012-04-18 22:26
بەزى مىسرالىرىڭىز   بۇرۇنقى ئەسلىمىلەرنى كۆز ئالدىمغا  كەلتۈرۈپ  قويدى....     بەك ياخشى يىزىپسىز...

kaqur 2012-04-19 00:23
ئازىراق بولسىمۇ ھۇزۇر ھېس قىلدۇرالىغىنىمدىن خۇرسەنمەن، تۇتيا ئاكا... ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

ياۋا ئەتتىرگۈل ھەدە (ئاكا، دېيىشىم كېرەكتۇر بەلكىم) شېئىرىڭىزنى ھەقىقەتەن بەك ياقتۇردۇم. "جان - جىگەرىم" دېگەن سۆز بىر خىل رۇس شېئىرلىرىدەكلا تۇيغۇ بېرەمدۇ نېمە؟.... لېكىن، شۇ... ئىملا.... (يەنىلا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قالدىمدە)

باشلىق ئاكا، تەكلىپ - پىكىر، تەنقىد....   (باشلىق ئاكا دېسە چىرايلىق تۇرىدىكەن)

ئاقگۈل ھەدە، شېئىرلىرىڭىزنى بۇرۇندىنلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتۇم. بەك ماختىۋەتتىڭىز، شۇنداقتىمۇ ئىلھام - مەدەتلىرىڭىزگە تەشەككۈر....

ئەسلى شۇ بىردىن - بىردىن يوللىسام بولاتتى، ئارزۇ ھەدە. لېكىن، كونا شېئىرلارنى ئۇستازلارنىڭ كۆزىدىن ئۆتكۈزۈپ ئازراق بولسىمۇ تەكلىپ - پىكىرگە ئېرىشىۋېلىش ئۈچۈن ھەممىنى بىراقلا يوللىۋەتكەن. اللا خالىسا بۇنىڭدىن كېيىن ئۇدۇللۇقنى - ئۇدۇللۇققا يوللايمەن. شېئىرلارنى ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت...

ئوتتۇز ئۈچ دىلى بار (ئاكام، ھەدەم)نىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىغا تەشەككۈر

danix 2012-04-20 17:21
      كۆكسانغۇننىڭ ئېيتقىنىدەك سىڭلىمىز كەچۈرنىڭ ھەر بىريوللانمىسىدىن
ئەقىلنىڭ نۇرلۇق جىلۋىسىنى ، سېھىرلىك ھېسسىياتنىڭ يىنىك تەۋرىنىشلىرىنى
كۆرگەندەك بولۇپ ، بۇ سىڭلىمىزنى ئادەمنىڭ بىر كۆرگۈسى ، مۇڭداشقۇسى
كېلىدىكەن .

tawpek 2012-04-21 19:32
سىڭىلچاقنىڭ لىرىكىللىرى مۇنبىرىمىزنىڭ ئۇخلاپ قالغان قۇماندانلىرىنىمۇ ئويغىتىپتۇ دىسە.

yawaattirgul 2012-04-23 19:00
ظەسسالام كەچذر سىڭلىم ، ەەدە دىگىنىڭىز توغرا ،مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن تىزىملىتىم كىرگەن ئىدىم ،  كومپىيوتېرىمدىكى مەسلىمۇ يا باشقا سەۋەبمۇ بىلمىدىم بۇرۇن مەن ئىشلىتىپ كۆنگەن كۇنۇپكىلاردىن چىقماي تۇرىۋېلىپ بۇ بەڭباش ھەرپلەر مىنى بەكلا پاراكەندە قىلىۋەتتى ،  مەنمۇ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغؤچىلىرىمغا ئىملاغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا كأپ ظەسكەرتەتتىم بولمىسا   .  ظذ شاظىرىمىز مذەەممەتجان سادىقنىڭ شىئىرى. مەنبەنى ظەسكەرتىشنى ظذنتذپتىمەن    . مەن بەكلا ياقتذىمەن بذ شىئىرنى ، ظالي مەكتەپتىكى إاقتىمدا مذشذ شىئىرنى يادلايمەن دەپ مذظەللىمىمدىن تىلمؤ ظىششىتكەن ظىدىم ( دەرسلىك كىتابىمىزدا بار ظىدى) .ظەسلى گەپكە كەلسەم ،  يىزىقچىلىق ظىقتىدارىڭىزغا ەەقىقەتەن قايىل بولدذم ، قەلەم قؤإإىتىڭىز ياخشىكەن . يازمىلىرىڭىزدىن ەىس قىلىشىمچە تذلذق ظوتتؤرا ظوقؤغؤچىسىكەنسز، تىرىشىپ ظوقؤش بىلەن بىرگە بؤ ظىقتىدارىڭىزنى يەنىمؤ جارى قىلدؤرؤڭ .  مؤشؤ سەإىيەدە تەرەەقىي قىلسىڭىز خؤدا بؤيرىسا چؤقؤم ەؤسؤللؤق يازغؤچىلىرىمىزدىن بؤلالايسىز ، كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ، ظاتاقلىق شاظىرلىرىمىزنىڭ ظەسەرلىرىنى كأپرەك ظؤقؤپ ، سەؤىيەرىڭىزنى يەنىمؤ ظاشؤرؤڭ ، بولسا مەتبؤظاتلارغا ظەإەتىڭ ، روەىڭىزدىن ظذلگە ظالايلى .

tawpek 2012-04-24 02:21
مۇشۇنداق ئوقوغۇچىللىرىمىز كۆپرەك بولسا خىزمىتىمىزنىڭ جاپاسىمۇ بىلىنمەس ئىدى.

يەنىلا سىزنى تەربىيلىگەن ئۇستازلارغا ئاپىرىن.

yawaattirgul 2012-04-24 15:16
شؤنداق ، لىكىن بؤ جىنتەكتە تەبىي قابىليەتمؤ باركەن .

arzu 2012-04-28 19:23
نەقىل
引用第28楼tawpek于2012-04-21 19:32发表的 :
سىڭىلچاقنىڭ لىرىكىللىرى مۇنبىرىمىزنىڭ ئۇخلاپ قالغان قۇماندانلىرىنىمۇ ئويغىتىپتۇ دىسە.



ھى ھى ھى ھىىىىىىىىى ......................................

kamalat 2012-05-06 16:13
        تىرىشچانلىقىڭىزغا  قايىلمەن سىڭلىم . داۋاملىق تىرىشىپ نەتىجە قازىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.


查看完整版本: [-- كىچىك بىر يۈرەكتىن ئەرزىمەس قۇرلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044751 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us