查看完整版本: [-- چاچ توغرىسىدا قىزىقارلىق رىۋايەت --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> چاچ توغرىسىدا قىزىقارلىق رىۋايەت [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-04-10 19:55
                       چاچ شەكىللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا قىزىقارلىق رىۋايەت
                                                  مۇھەممەت مەتنىياز دانىش
     ساتىراچلىق توغرىسىدا بىر قوللانما تۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ، تىلشۇناس ئالىمىمىز ئىبراھىم مۇتىئىي
ئەپەندى ھايات چېغىدا ، ئۇنىڭدىن ساتىراچلىق توغرىسىدا بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە ، ئۇنى زىيارەت قىلغان
ئىدىم . ئالىمىمىز چاچ شەكىللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى :
_ تارىخىي مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئۇرۇقداشلىق جەمەتى ئانىلىق
ئۇرۇقداشلىق جەمەتى بولۇپ ، ئۇ دەۋىردە ئانىلار يەنى ئاياللار          ئەقىل – پاراسەتتە ئەرلەردىن
ناھايىتى يۇقۇرى بولغاچ ، ئۇلار ئىلاھلىق يەنى ھۆكۈمىرانلىق ئورۇندا تۇرغان . رىۋايەت قىلىنىشىچە ،
ئەرلەردىن ئەقىل – پاراسەتتە ئەنە شۇنداق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ئاياللار شۇ دەۋىرلەردە
ئىنسانلارنى ھايۋانلاردىن پەرقلەندۈرۈش يولىدا  ئىزدىنىپ ، چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈۋالسا ، بېشىغا
قاراپلا ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى تاپقان ئىكەن . ھازىرقى چېچىنى ئىككى تال قىلىپ
ئۆرۈپ يۈرىدىغان ئاياللارنى ئەنە شۇ چاغدىكى ئەرلەردىن          ئەقىل – پاراسەتتە ناھايىتى ئۈستۈن
تۇرىدىغان شۇ ئىلاھىي ئاياللارنىڭ ۋارىسلىرى دېيىشكە بولىدۇ . كېيىنكى دەۋىرلەردە ، ئەرلەر جىسمانىي
جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىگە تايىنىپ ، ئايال ئىلاھلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمەتىنى
قۇرۇپ ، ئايال ئىلاھلارنى ئىنسى – جىن ئاياق باسمايدىغان چۆل – جەزىرىلەرگە سۈرگۈن قىپتۇ . ئۆزلىرىنىڭ
ئىلاھلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ئاچچىقى كەلگەن ئايال ئىلاھلار ئاچچىقىدا چاچلىرىنى چۇۋۇپ ،
ئۇچرىغان ئەرلەرگە غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ ، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن
چاچلىرى چۇۋۇلغان ، تىرنىقى ۋە لەۋلىرى قان بىلەن قىپقىزىل بويالغان بىر توپ پەيدا بوپتۇ . چاچلىرى
چۇۋۇلغان ، ئۇزۇن تىرنىقى ۋە لەۋلىرى قاندىن قىزارغان بۇ بىر توپ  ئەرلەرگە غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ ،
ئەرلەرنىڭ يۈرەكلىرىنى سۇغۇرۇپ يەيدىغان بولغاچقا ، ئۇلارنى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق دەپ تونىغان ئەرلەر
ئۇلارنى " ئالۋاستىلار " دەپ ئاتاپتۇ . ھازىرقى چاچلىرىنى چۇۋۇپ ، ئۇزۇن تىرناقلىرىنى ۋە لەۋلىرىنى قاندەك
بويىۋالىدىغان ئادەتنى ئەنە شۇ ئالۋاستى دەپ ئاتالغان توپتىن قالغان ئادەت دېيىشكە بولىدۇ .  شۇ
دەۋىرلەردە يەنە ، بەزى ئاياللار ئىنسى – جىن ئاياق باسمايدىغان چۆل – جەزىرە ۋە خارابىلەردە
ئالۋاستىلاردەك ياشاشنى خالىماپتۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى " باشلىرىمىزنى ھايۋانلارنىڭكىدەك قىلىۋالساق ،
ئەرلەر بىزنى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرەلمەي ، بىزگە زەربە بەرمەيدۇ " دېيىشىپ ، چاچلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ،
باشلىرىنى قوزىلارنىڭ  باشلىرىدەك قىلىۋاپتۇ . يەنى بەزىلىرى چاچلىرىنى قىرقىپ ، ئەر – ئاياللىقىنى بىلگىلى
بولمايدىغان قىلىۋىلىپ ، ئەرلەرنىڭ زەربە بېرىشىدىن ساقلىنىپتۇ . بۇنىڭ بىلەن قوزىباش ۋە قىرقىم چاچ
ئاياللار پەيدا بوپتۇ .
ئالىمىمىز يۇقارقى رىۋايەتنى سۆزلەپ كېلىپ :
_ بىز قىز- ئاياللارنى چېچىڭنى مۇنداق شەكىلدە قىلىسەن ، دەپ مەجىبۇرلىمىساقمۇ ، ئەقىلگە ئىگە قىز –
ئاياللىرىمىز چاچلىرىنى ئالۋاستىلارنىڭكىدەك ياسىتامدۇ ، قوزىباش قىلىۋالامدۇ ياكى ئايال تۇرۇپ چېچىنى
ئەرلەرنىڭكىدەك ياسىتىپ ، ھەمجىنىسلاردەك بولىۋالامدۇ ۋە ياكى چېچىنى ئىككى تال ئۆرۈپ ، ئۆزلىرىنى
ئەينى چاغدىكى            ئەقىل – پاراسەت جەھەتتە ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شۇ ئىلاھىي ئاياللارنىڭ
ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلامدۇ ، ئىشقىلىپ ئەقىل بىلەن ئىش قىلسا      بولىدۇ ، _ دېگەننى قوشۇپ
قويغان ئىدى .

adila 2012-05-16 18:54
بەك قىزىقارلىق ....


查看完整版本: [-- چاچ توغرىسىدا قىزىقارلىق رىۋايەت --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.118539 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us