gulhan |
2012-04-10 17:04 |
2011-2012ئۇقۇش يىلىى 7-يىللىقلارنىڭ تىل-ئەدەبىياتتىن 1 –مەۋسۈملۈك چارەك ئىمتىھان سۇئالى (ۋاقتى: 90 مىنوت 100 نومۇرلۇق سۇئال) __________ مەكتەپ___يىللىق___ سىنىپ، ئىسىم_فامىلىسى_________ سۇئال رىتى Ⅰ Ⅱ Ⅲ Ⅳ Ⅴ جەمى نومۇر بېرىلگەن نومۇر Ⅰتاللاش سۇئالى(تۈۋەندە بېرىلگەن جاۋابلاردىن پەقەت بىرسىلا توغرا . سۇئال تەلىۋىگە ئۇيغۇن جاۋابنى تۈۋەندىكى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ.ھەربىرىگە 2دىن جەمى 20 نومۇر)
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 1-«ئۇلۇغ بەگ »دىگەن تېكىستە : A .ئۇلۇغبەگكە دائىر بىر قانچە ۋەقەلىك ناھايىتىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان. B .ئۇلۇغبەگنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ئارقىلىق ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە باھا بېرىلگەن. C.ئۇلۇغبەگنىڭ ئۈلىمىنىڭ سەۋەبى نۇقتىلىق قىلىپ يېزىلغان . D. ئۇلۇغبەگنىڭ تار ىخى مۇكەممەل بايان قىلىنغان. 2.«ئايال خىزمەتكارئازراق ئارسالدى بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن يېنىغا كەلدى » دىگەن پارچىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزنىڭ مەنىسى: A .ناھايىتى خۇشال بولۇش Bناھايىتى خاپا بولۇش . C.ئىككىلىنىش . D. قورقۇپ كىتىش 3. « بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بىشىم كۆككە يېتىدۇ »بۇ جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆز: A .ماقال B. تەمسىل C. ئىدىئۇم D. ھىكمەتلىك سۆز 4.«ئۇنىڭ سىمىز بىلىكى ئالقىنىمدا بىلىقتەك سىلكىنەتتى»دېگەن جۈملىدە ئىشلىتىلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە : A.سۈپەتلەش ، مۇبالىغە B.جانلاندۇرۇش ، ئۇخشىتىش C.سۈپەتلەش ، سىلىشتۇرۇش D. سۈپەتلەش ، ئۇخشىتىش 5. «بىر تىيىنلىق ئەسكى –تۈسكىلەرنى بېرىپ ،ئون تىيىنلىق ئىشلىتىپ ئاپامنى تۈگەتتىڭلار، ئەمدى مىنى ئىشلەتمەكچىمۇ سىلەر!_دەپ ۋارقىراپ ئەسكى دۇپپىسىنى پىرقىرتىپ ئالدىغا تاشلىدىم _دە تالاغا چىقىپ كەتتىم» دىگەن پارچىدا قوللىنىلغان تەسۋىر: A.مۇھىت تەسۋىرى بىلەن قىياپەت تەسۋىرى . B.روھىي ھالەت تەسۋىرى بىلەن قىياپەت تەسۋىرى. C.تىل تەسۋىرى بىلەن ھەرىكەت تەسۋىرى D. تىل تەسۋىرى بىلەن مۇھىت تەسۋىرى 6.تۈۋەندىكىلەر ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچە : A.ۋېرسال سارىيىنىڭ ئۈستى قۇرلىشى بارۇكچە يۇمۇلاق ئۆگزە قۇرلىشى بۇيىچە سىلىنغان. B .مىڭئۆيلەرنىڭ بىناكارلىق شەكلى كىمىر شەكىلدە. Cمەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر مائارىپچىلىقىدا زور تارىخي بۈسۈش ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ زات. D. بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا يول قويۇش تەسۋىرلەنگەن ئەسەر « ئائىلىمىزدىكى ئەزمەت». 7. تۆۋەندىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى بايانلاردىن مۇۋاپىق بولمىغىنى : A.« ئۇ ئاستا قەدەم بىلەن كىلۋاتقان، كەكە ساقال كىشى مىنىڭ داادام ئىدى» دېگەن پارچىدا بايان بىلەن تەسۋىر قوللىنىلغان. B«سۈبھى كۈتۈرۈلۈپ ،تاڭ ئەمدىلا غۇۋا يورىشقا باشلىغانىدى. سەھەرنىڭ سالقىن شامىلى شەبنەم باسقان ئوتلار ئۈستىدىن غۇر_غۇر ئۇچماقتا » بۇ پارچىدا ھەرىكەت تەسۋىرى قوللىنىلغان. C«كىچىكىش كىچىك ئىش ئەمەس ، ئۇ بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ..»بۇ پارچىدا مۇھاكىمە قوللىنىلغان. « پاھ بۇ گۈللەر نىمە دىگەن چىرايلىق» بۇ جۈملىدە لېرىكا ئىپادىلەنگەن . 8 . ئادەمنىڭ ساغلاملىقى دىگىنىمىز :
A. روھىي ساغلاملىقنى كۆرسىتىدۇ.. B.تەن ساغلاملىقىنى كۆرسىتىدۇ C. پىسخىك ھەم تەن ساغلاملىقىنى كۆرسىتىدۇ. 9.ئۇيغۇر مىڭ ئۆيلىرى ئاساسلىقى : A.كۈسەن، خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. B. كۈسەن، باي ، تۇرپان، پىچان قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. C.باي، كۈسەن، ئاقسۇ، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا قايلاشقان. D. باي، پىچان،ئۈرۈمچى،جىمسارلارغاجايلاشقان. 10.تېكىست ئىچىدە كۈچۈرمە سۆز ۋە جۈملىلەر ھەمدە ماقالە ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى كەلگەندە قۇيۇلدىغان تىنىش بەلگىلىرى: A .قوش تىرناق « » B . يالاڭ تىرناق < > C. تىرناق ( ) D. چىكىتلىك پەش ؛ Ⅱبوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.(ھەر بىرىگە بىردىن جەمى 10نومۇر) 1.كۇمراجىۋا بۇددا نوم _ ئەھكاملىرىنى_______________، _____________ قىلىپ ، ________كە تۇنۇشتۇرۇشقا ئاجايىپ زور تۆھپە قۇشقان بۈيۈك ئالىمدۇ. 2.مەمتىلى ئەپەندى ______ يىلى توغۇلۇپ، _______ يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ____________. 3.«بىگىم ،سىڭلىم يوققۇ؟ »دىگەن بىرىكمىدىكى تاۋۇش چۈشۈپ قالغان سۆزى ____________بولۇپ تاۋۇش ئاجىزلاشقان سۆز _________ .بۇ جۈملىدىكى ئاساسى لوغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر___________ ، _____________
Ⅲسۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ ( جەمى 20 نومۇر ) 1. تۈۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى تۇلۇقلاڭ ؟(4نومۇر) ① بىلىكى چوڭ بېرنى يىڭەر ،_____________________________ ② _____________________________، ئۆز يۇرتىڭدا ئۇلتاڭ بول.
2.« ئەزىمەت » دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟ھەقىقى ئەزىمەت قانداق بولىشى كېرەك؟(6 نومۇر)
3. روھىي ۋە ھېسىيات جەھەتتكى ئوزۇقلۇق نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟( كۆز قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ)(4نومۇر)
4. زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقىدىكى تىپىلغان ھەمدەپىنە بۇيۇملىرىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
Ⅳمۇھاكىمە قىلىڭ ( جەمى 20 نومۇر ) 1. تۈۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ ،سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ .(جەمى 13 نومۇر) « سەييارە بىلەن تولغان كائىنات ، رەڭدار تەبىيەت ، مەيىن شامالدا يەلپۈنىپ تۇرغان قىرلار ۋە ئىدىرلار كىشىگە ئارامبەخىش ھىكمەت لەززىتىنى بېرىدۇ يۇ، نىمىشقا سەلتەنەت،تاجۇ- تەخىت دىگەن نەرسىلەر كىشىگە شۇنچە بىئاراملىق ئىلىپ كىلىدۇ؟.» ① بۇ پارچە كىمنىڭ، قايسى ئەسىرىدىن ئىلىنغان؟بۇ پارچىدىكى كىمنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى كەسكىن مۇنازىرە تەسۋىرلەنگەن؟(5نومۇر)
②ئۇ نىمە ئۈچۈن شۇنچە ھەسرەت چىكىدۇ؟ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى بايان قىلىڭ (5 نومۇر )
2.« كۆز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سەزگۇ ئەزاسى. ئۇ بىزنى تاشقى دۇنيادىكى ھەرخىل شەيئىلەرنىڭ چوڭ _ كىچىكلىكى، رەڭگى، شەكلى، ئورنى ۋە ھەرىكەت ئەھۋاللىرىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. كۆز ئادەمنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.كۆزنى ئاسىرمىغاندا دۇنيانى بىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە تەسىر يىتىدۇ. » 1)بۇ پارچىدە قايسى خىل ئىپادىلەش ئۇسولى قوللىنىلغان؟ (2 نومۇر).
② پارچىدىكى تاۋۇش ئاجىزلاشقان سۆزلەرنى تىپىڭ؟ (3نومۇر)
3) پارچىدىكى« _ » قانداق جايدا ئىشلىتىلگەن ؟ سىز يەنە ئۇنىڭ قانداق جايلاردا ئىشلىتىلدىغانلىقنى بىلىسىز؟( 5نومۇر)
Ⅴيېزىقچىلىق سۇئالى (جەمى 30 نومۇر)
1.ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئادەمنىڭ قىياپەت تەسۋىرىنى يېزىپ بىقىڭ (10 نومۇر)
2. ماقالە يېزىڭ.(20 نۇمۇر) بىر قەلەندەر ھەر كۈنى «مەندە 20 مىڭ يۈەن بولغان بولسا نىمېدېگەن ياخشى بۇلاتتى_ھە!»دەپ خىيال سۈرىدىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئوماققىنە بىر كۈچۈك تىپىۋاپتۇ. بۇ كۈچۈكنىڭ ئىەىسى بۇ شەھەردىكى بىر چوڭ مىليونىر بولۇپ،كۈچىكى يۇقاپ كەتكەندىن كېيىن ئىنتايىن تىت_تىت بۇلوپ كىتىپتۇ. چۈنكى ئۇ سھپ نەسلىلىك ئىمپورت قىلىنغان كۈچۈك ئىكەن. شۇنۇڭ بىلەن ئۇ مىليونىر تىلۋۇزوردا « ئىت ئىزدەش ئېلانى» بېرىپتۇ. ئېلاندا: كۈچۈكنى تىپىۋىلىپ قايتۇرۇپ بەرگۈچىلەرگە 20 مىڭ يۈەن سۈيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئىيتقانىكەن. شۇنۇڭ بىلەن قەلەندەر كۈچۈكنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىلىپ كىلىپ يۇشۇرۇپ قۇيۇپتۇ. ئۈچۈنچى كۈنى تىلۋۇزوردا ھىلىقى مىليونېر سۈيۈنچىنى يەنە ئۈستۈرۈپتۇ. تۆتىنچى كۈنى يەنە ئۈستۈرۈپتۇ.يەتتنچى كۈنىگە بارغاندا سۆيۈنچە سوممىسى پۈتۈن شەھەر خەلىقى ھەيران قالغۇدەك ئۆرلەپتۇ. قەلەندەر مۇشۇ ۋاقىتتا ئاندىن كەينىگە يۈگرۈپ بېرىپ كۈچۈكنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بۇپتۇ. لېكىن،برىپ قارسا كۈچۈك ئاللىققاچان ئاچلىقتىن ئۈلۈپ قالغان ئىكەن. قەلەندەر يەنە قەلەندەر پىتى قاپتۇ.
تەلەپ: ① يۇقىرقى پارچە ئاساسىدا ماقالە يېزىڭ .ژانىرى چەكلەنمەيدۇ.قايسى ژانىردىكى ماقالە يازسىڭىز شۇ ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈڭ. ② ئىملاسى توغرا، خەت چىرايلىق يېزىلسۇن. ③ ماقالە چۇقۇم بىر يېرىم بەتتىن كام بولمىسۇن.
يۇقۇرقى سۇئالنىڭ جاۋابى Ⅰتاللاش سۇئالى(تۈۋەندە بېرىلگەن جاۋابلاردىن پەقەت بىرسىلا توغرا . سۇئال تەلىۋىگە ئۇيغۇن جاۋابنى تۈۋەندىكى جەدۋەلگە تولدۇرۇڭ.ھەربىرىگە 2دىن جەمى 20 نومۇر)
1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 ب س س د س د ب س ب ئا
Ⅱبوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ.(ھەر بىرىگە بىردىن جەمى 10نومۇر)
1. تەرجىمە، تەپسىر، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە. 2. 1901 ، 1933 ، ئاساسىنى سالغۇچى. 3. سىڭلىم، بەگ، سىڭلىم، يوق.
Ⅲسۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ ( جەمى 20 نومۇر ) 1. تۈۋەندىكى ماقال تەمسىللەرنى تۇلۇقلاڭ ؟(4نومۇر) بىلىمى چوڭ مڭنى خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، 2. 3. 4. لىرىنى ئوقۇتقۇچى ئۆزى تەكشۈرسە بولىدۇ.
Ⅳمۇھاكىمە قىلىڭ ( جەمى 20 نومۇر ) 1.تۈۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ ،سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ .(جەمى 13 نومۇر) 1)بۇ پارچە ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ « ئولۇغبەگ » دىگەن ئەسىرىدىن ئىلىنغان. 2) ئىجادىي جاۋاب بېرىلىدۇ .
2 .1) چۈشەندۈرۈش، 2) ئىمكانىيىتىگە، يىتىدۇ. ئەھۋاللىرىنى، 3) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا سىزىقچە كىلىدۇ. يەنە قۇر ئاخىرىدا بۇغۇم ئايرىپ يازغاندا ، دەرىجە سانلاردىن كىيىن .
Ⅴيېزىقچىلىق سۇئالى (جەمى 30 نومۇر) تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈش كېرەك. تەلەپ: ④ يۇقىرقى پارچە ئاساسىدا ماقالە يېزىڭ .ژانىرى چەكلەنمەيدۇ.قايسى ژانىردىكى ماقالە يازسىڭىز شۇ ژانىرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈڭ. ⑤ ئىملاسى توغرا، خەت چىرايلىق يېزىلسۇن. ⑥ ماقالە چۇقۇم بىر يېرىم بەتتىن كام بولمىسۇن. |
|