查看完整版本: [-- قۇشلار ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> قۇشلار ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-04-09 12:32
قۇشلار ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە /Z@tv .f  
)C(? bR  
  $D | e>U  
تېنى پەي بىلەن قاپلانغان، قاناتلىرى بار، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقلىق، تۇخۇم تۇغىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار  قۇش دەپ ئاتىلىدۇ. بىئولوگىيە نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا قۇشلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى  ئۇلاردا ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بۇ، قۇشلارنىڭ باشقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردىن تۈپ پەرقى. 'gTbA?+@5  
قۇشلار نېمە ئۈچۈن ئۇچالايدۇ؟ قۇشلارنىڭ ئالدىنقى قولى تەرەققىي قىلىپ قاناتقا ئايلانغان. بۇ، قۇشلارنىڭ ئۇچۇش قورالى. ۋەھالەنكى، قۇشلار ئۈچۈن قاناتنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ تېشىدىن ئىچكى قىسمىغىچە بولغان تۈزۈلۈشى ئۇچۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەن. b-{=s + :  
قۇشلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى موكىغا ئوخشايدۇ. پەيلىرى يەڭگىل، سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇپ، ئۇچۇش جەريانىدىكى توسالغۇلارنى كېمەيتەلەيدۇ، سۆڭەكلىرىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، يەڭگىل، چىڭ ۋە ئىچىدە يىلىكى يوق، ھاۋا بىلەن توشقان. قۇشلارنىڭ قۇيرۇق سۆڭىكى چېكىنگەن، قۇيرۇقىدا يەلپۈگۈچسىمان پەيلىرى بولۇپ، كېمە رولىغا ئوخشاش ھەرقاچان يۆنىلىشنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇچۇش سۈرئىتىنى تەڭشەپ تۇرالايدۇ. قۇشلارنىڭ ئۆپكىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تەرەققىي قىلغان ھاۋا خالتىسىمۇ بار. ئۇ، گاز ئالمىشىشنى چوڭايتىپ، ئۇچۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. w[I E  
قۇشلارنىڭ يۈرەك سىغىمى چوڭ، يۈرەك سوقۇشى تېز، قان ئايلىنىشىمۇ تېز، ئۇ، پۈتۈن بەدەننى ئوكسىگېن مول بولغان يېڭى قانغا ئىگە قىلىپ تۇرىدۇ. قۇشلارنىڭ ئۈچىيى قىسقا، دوۋسۇنى يوق، پوق، سۈيدۈكى تېنىدە ساقلانماي ھەر ۋاقىت چىقىپ كېتىپ تۇرىدۇ. q&W[j5E  
قۇشلارنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ناھايىتى زور بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش مىقدارى كۆپ بولىدۇ. بىر دانە ھەرىقۇشنىڭ بىر كۈندە يەيدىغان شىرنىسى ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ بىر ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بىر يېرىم كىلولۇق بىر قۇرغۇي بىر سوتكىدا 800 گرامدىن بىر كىلوغىچە گۆش يەيدۇ. بىر دانە تاغ قۇشقىچىنىڭ بالىسى بىر سوتكىدا ئۆز ئېغىرلىقىغا تەڭ كېلىدىغان ھاشاراتلارنى يەيدۇ …  . ~1W x =  
قۇشلار كۆپ ئوزۇقلىنىپلا قالماي، ئوزۇقلۇقنى تېز ھەزىم قىلىدۇ. بىر دانە تاغ قۇشقىچىنىڭ يېگەن ئوزۇقلۇقى بىر يېرىم سائەتتە ھەزىم قىلىش يولىدىن ئۆتۈپ بولىدۇ. بىر خىل ئۆردەك باركى، ئۇنىڭ يېگەن ئوزۇقلۇقى يېرىم سائەتتىلا ھەزىم قىلىنىپ بولىدۇ. }L#_\  
قۇشلار خېلى يۇقىرى ۋە مۇقىم ماددا ئالماشتۇرۇش، ئىسسىقلىقنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 37 سېلسىيە گرادۇستىن 44.6 سېلسىيە گرادۇسقىچە مۇقىم بولىدۇ.  p4-o/8rO  
-wSg2'b4E  
قۇشلارنىڭ ياشاش ئادەتلىرى RkBb$q 9F]  
قۇشلار ھەر خىل تەبىئىي شارائىتقا لايىقلىشىپ ياشاش داۋامىدا، ئۆزلىرىگە خاس ياشاش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ سىرتقى رەڭگى، تەن تۈزۈلۈش شەكلى قاتارلىقلارمۇ ئۇلارنىڭ ياشاش ئادىتى ۋە ياشاش مۇھىتىغا ماسلاشقان بولىدۇ، دالىلاردا ياشىغۇچى ھەر خىل قۇشلارنىڭ رەڭگى سارغۇچ ياكى توپا رەڭدە بولىدۇ. ئوتلاقلاردا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ رەڭگى يېشىلغا مايىل، گۈل - چېچەكلەر ئارىسىدا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ رەڭگى بولسا ئالا - چىپار بولىدۇ. پاتقاق، سازلىقلاردا سۇ كېچىپ ياشايدىغان قۇشلارنىڭ بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇق ۋە پۇتلىرىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. سۇدا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى قېيىق شەكلىدە بولۇپ، سۇ ئۈزۈشكە لايىقلاشقان. ئۇلارنىڭ پەي، تۈكلىرى يۇمشاق ۋە قويۇق بولۇپ، سۇ يۇقمايدۇ. :]^P1sH[  
تۇمشۇق  قۇشلارنىڭ سىرتقى مۇھىتقا لايىقلاشقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن بەلگىسى، قۇشلار ئۈچۈن كۆپ ئىقتىدارلىق قورال. قۇشلار تۇمشۇقىدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق تۇتىدۇ، پەي - قاناتلىرىنى تۈزەيدۇ، ئۇۋا ياسايدۇ ۋە بالىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىدىن قوغدىنىدۇ. lJis~JLd`  
قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا ئۇچالايدىغان ھايۋانلاردىن ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇچۇشقا ماھىر ۋە چىداملىق كېلىدۇ. Ft;^g3N  
قۇشلارنىڭ پېيى مۈڭگۈزسىمان ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلاستىكلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئارقىغا قاراپ ياتقان بولۇپ، قۇشلارنىڭ بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرىدۇ ۋە بەكمۇ سىلىق بولىدۇ. بۇ، قۇشلار ئۇچقاندا ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى يېڭىشكە ياردەم بېرىدۇ.  
قۇشلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئۆتكۈر بولغاچقا، ئېگىزدە ئۇچۇۋاتقاندا، يەردىكى كىچىككىنە بىر پارچە گۆشنىمۇ كۆرەلەيدۇ. بۇمۇ قۇشلارنىڭ ئوزۇق ئىزدەپ ياشىشىشىغا ياخشى ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ h?8]C#6^  
zN"J}r:  
قۇشلارنىڭ كۆپىيىشى Oo q! 0g  
قۇشلار، بېلىق ۋە سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئوخشاشلا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولىدۇ. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 200 مىليون يىل بۇرۇن، شىمالىي چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بىر بۆلۈك ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ئۆزگىرىپ دەسلەپكى قۇشلارغا ئايلانغان. ئۇلار دەسلەپ قۇرۇقلۇقتا ياشاپ، يەرگە تۇخۇم سالغان. كېيىن تەدرىجىي راۋاجلىنىپ دەرەختە ياشىغان ۋە ئۇچۇشقا ماسلاشقان ھەمدە دەرەخكە ئۇۋا ياساپ تۇخۇم سالغان. كېيىن خىلمۇخىل مۇھىتقا ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ سۇدا ئۈزگۈچى قۇشلار، سۇ كەچكۈچى قۇشلار، يىرتقۇچ قۇشلار، قۇرۇقلۇق قۇشلىرى، ياماشقۇچى قۇشلار، سايرىغۇچى قۇشلار قاتارلىق كۆپ خىل ئېكولوگىيىلىك تۈركۈملىرى مەيدانغا كەلگەن. }`,t$NV`  
ئەتىياز كۈنلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، قۇشلار قىش كۈنلىرىدىكىدەك توپ - توپ بولۇپ ياشىماستىن بەلكى ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك جايلارنى تاللاپ، جورا ئىزدەيدۇ. ھەربىر جۈپ قۇش بىرەر پارچە يەرنى ئىگىلەپ، ئۇنى ھەرىكەتلىنىش ۋە ئوزۇقلىنىش دائىرىسى قىلىپ، شۇ جايغا ئۇۋا ياسايدۇ. بۇ جاي ئۇۋا رايونى دېيىلىدۇ. ئۇۋا رايونىنى ئەركەك قۇش تاللاپ ئىگىلەيدۇ، ئۇۋا رايونىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەركەك قۇشلارنىڭ كۈيلىشى چىشى قۇشلارغا قارىغاندا بالدۇر بولىدۇ. دائىم ئۇۋا رايونىدا سايراپ چىشى قۇشنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ ۋە مۇھەببەت ئىزھار قىلىدۇ. H s"HID  
قۇشلار ئۇۋا رايونىنى ئىگىلەپ، جورىلىشپ بولغاندىن كېيىن، ئۇۋا ياساپ ماكانلىشىشقا باشلايدۇ. ئۇۋىنى كۆپىنچە قۇشلارنىڭ ئەركىكى ياسايدۇ. بەزى قۇشلارنىڭ چىشىسى بىلەن ئەركىكى ھەمكارلىشىپ ياسايدۇ. قۇشلارنىڭ ئۇۋا ياساش ماتېرىياللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولىدۇ. كۆپىنچە شاخ - شۇمبا، يوپۇرماق، ئوت - چۆپ، پەي، لاي قاتارلىقلاردىن ياسايدۇ. قۇشلارنىڭ بەزىلىرى يەرگە، بەزىلىرى سۇ ئۈستىگە، بەزىلىرى كامارلارغا، بەزىلىرى بىنالارغا ئۇۋا ياسايدۇ. bj"J'  
قۇشلار ئۇۋا ياساپ بولغاندىن كېيىن تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە تۇخۇم باسىدۇ. قۇشلار تۇخۇمىنىڭ شەكلى ۋە رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ. كۆپىنچە قۇشلارنىڭ تۇخۇمى سوقىچاق كېلىدۇ. ھەربىر ئۇۋىدىكى تۇخۇمنىڭ سانى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇشلار كۆپىنچە ئەتىگەندە تۇخۇم تۇغىدۇ. ئۇششاق قۇشلار 13 كۈندىن 15 كۈنگىچە، ئوتتۇراھال قۇشلار ئۈچ ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە، چوڭ تىپتىكى قۇشلار ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق ۋاقىت تۇخۇم باسىدۇ. بەزى قۇشلارنىڭ بالىلىرى تۇخۇمدىن چىقىپ پەيلىرى قۇرۇغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ دانلاشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. بەزى قۇشلارنىڭ بالىلىرى تۇخۇمدىن چىققاندا گۆشلۈك بولىدۇ، ماڭالمايدۇ. ئۇلارنى ئاتا - ئانىلىرى دان توشۇپ باقىدۇ U}PiY"S<  
"G@g" gP  
قۇشلارنىڭ تۈك ئالماشتۇرۇشى <c,u3cp  
جىددىي كۆپىيىش باسقۇچىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىسىدا قۇشلارنىڭ پەي، تۈكلىرى تەدرىجىي كونىرايدۇ ياكى سۇنۇپ ئۈزۈلىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە قۇشلار بالىلىرى ئۇچۇرما بولغاندىن كېيىن تۈك ئالماشتۇرۇشقا كىرىشىدۇ. FcYFovS  
قۇشلارنىڭ تۈك، پەي ئالماشتۇرۇش جەريانى بەلگىلىك تەرتىپتە بولىدۇ. ئۇلار ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. بىراق بۇ چاغدا كۆپىنچە يوشۇرۇن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. قۇشلارنىڭ تۈك، پەي ئالماشتۇرۇش تەرتىپى ئادەتتە ئالدى بىلەن قۇيرۇق ۋە قانات پەيلىرىدىن باشلىنىپ، ئاخىر باش قىسمىنىڭ تۈكلىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ. قۇشلارنىڭ تۈك، پەي ئالماشتۇرۇشى سول، ئوڭ قانات بويىچە بىرلا چاغدا ئېلىپ بېرىلىپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. تۇرنا، ئۆردەك، ئاق قۇ قاتارلىق بەزى قۇشلار پەيلىرىنى بىرلا چاغدا تاشلاپ ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، توپ - توپ بولۇپ سازلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ ياشايدۇ. كۆپىنچە قۇشلار ھەر يىلى كۆپەيگەندىن كېيىن بىر قېتىم تۈك، پەي ئالماشتۇرىدۇ. قارلىغاچ ۋە بەزى يىرتقۇچ قۇشلار قىشتا پەي، تۈك ئالماشتۇرىدۇ. بەزى قۇشلار كۈزدە تۈك، پەيلىرىنى تولۇق ئالماشتۇرغاندىن تاشقىرى كۆپىيىش مەزگىلى ئالدىدا بىر قېتىم قىسمەن ھالدا تۈك، پەيلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.  ,]cD  
rjPL+T_  
قۇشلارنىڭ كۆچۈشى v>-VlQ  
كۈز كۈنلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، شىمالدا كۆپەيگەن نۇرغۇن قۇشلار بالىلىرىنى ئېلىپ توپ - توپ بولۇپ قىشلاش ئۈچۈن جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ، قىش ئۆتۈپ ئەتىياز كۈنلىرى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا يەنە شىمالغا قايتىپ كېلىپ تۇخۇم تۇغۇپ بالا چىقىرىدۇ. پەسىللەرنىڭ دەۋرىي ئالمىشىپ تۇرۇشى سەۋەبلىك كۆپىيىش رايونلىرى بىلەن قىشلاش رايونلىرى ئوتتۇرىسىدا يىلدا ئىككى قېتىم بولۇپ تۇرىدىغان بۇنداق كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش ھادىسىسى قۇشلارنىڭ كۆچۈشى، دەپ ئاتىلىدۇ. قۇشلارنىڭ كۆچۈش خاراكتېرىگە ئاساسەن قۇشلارنى كۆچمەس قۇشلار، پەسىل قۇشلىرى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. قۇشقاچ، سېغىزخانغا ئوخشاش يىل بويى كۆپىيىش رايونلىرىدا ياشايدىغان قۇشلار كۆچمەس قۇشلار، دەپ ئاتىلىدۇ. پەسىلنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئەگىشىپ مۇقىم يول بىلەن كۆپىيىش رايونى بىلەن قىشلاش رايونى ئوتتۇرىسىدا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىدىغان قۇشلار پەسىل قۇشلىرى، دەپ ئاتىلىدۇ. بىر رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كاككۇك، ئۆي قارلىغىچىغا ئوخشاش يازدا كۆچۈپ كېلىپ كۆپىيىپ، كۈزدە قىشلاش ئۈچۈن جەنۇبقا ئۇچۇپ كېتىدىغان قۇشلار ياز پەسلى قۇشلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. غاز، ئۆردەك، تۇرنىغا ئوخشاش قىشتا ئۇچۇپ كېلىپ قىشلاپ، ئەتىيازدا شىمالغا بېرىپ كۆپىيىدىغان قۇشلار قىش پەسلى قۇشلىرى، دەپ ئاتىلىدۇ. شاخسانىغۇچ قاتارلىق يازدا شىمالدا كۆپىيىپ، قىشتا جەنۇبتا قىشلايدىغان، ئەتىياز بىلەن كۈزدە جەنۇب بىلەن شىمال ئارىلىقىدا كۆچكەندە ئارىلىقتىكى جايلارنى بېسىپ ئۆتىدىغان قۇشلار سەيلىچى قۇشلار، دەپ ئاتىلىدۇ. cdZ~2vk  
دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ ئىقلىم پەرقى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، بەزى قۇشلار دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياز پەسلى قۇشلىرى بولسا، جەنۇبىي قىسمىدا قىش پەسلى قۇشلىرى بولىدۇ. شۇڭا، پەسىل قۇشلىرىنى ئايرىش جايلارغا قاراپ ئوخشاشمايدۇ. YA +E\  
بەزى قۇشلارنىڭ كۆچۈشى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبى ئوتتۇرىسىدا ياكى دۆلىتىمىز بىلەن ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆپىيىدىغان ئاق قوتان، ئاق بويۇن تۇرنا قاتارلىق قۇشلار كۈزدە ياپونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا بېرىپ قىشلايدۇ. بەزى قۇشلار ئېگىز تاغلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ قاتمۇقات ئوكيانلارنى كېزىپ ناھايىتى يىراق جايلارغا كېتىدۇ. مەسىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆپىيىدىغان قىزىل پاچاق ئىت ئالغۇ قىشلاش ئۈچۈن لياۋنىڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ، فۇجيەنلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھىندى ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ئافرىقىنىڭ شەرقىي ياكى جەنۇبىي قىسمىغىچە بارىدۇ. m$W <  
قۇشلارنىڭ كۆچكەندە ئۇچۇش ئېگىزلىكى ئادەتتە 900 مېتىرنىڭ تۆۋىنىدە، ئۇششاق قۇشلارنىڭ 100 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. كۆچۈش سۈرئىتى ئادەتتە سائىتىگە 40-80 كىلومېتىرغىچە، كېچىسى كۈندۈزدىكىدىن تېز، ئەتىياز كۈزدىكىدىن تېز بولىدۇ. ئۇچۇش مۇساپىسى قىسقىراق قۇشلار كۈنىگە 100 كىلومېتىر، ئۇچۇش مۇساپىسى ئۇزۇن قۇشلار كۈنىگە 150-200 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ. يول ئۈستىدە ئوزۇق مول جايلار ئۇچرىسا توختاپ دەم ئالىدۇ. نۇرغۇن قۇشلار دېڭىز قىرغىقىنى ۋە ئىچكى دەريالارنى ياقىلاپ كۆچىدۇ. قۇشلارنىڭ كۆچۈش مۇساپىسى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئۇچۇش يولى مۇقىم بولىدۇ. نىشاندىن ئادىشىپ كەتمەيدۇ.  c(n&A~*AJ%  
nx^]>w  
ناخشىچى قۇشلار DJ(q 7 W  
نۇرغۇن قۇشلار ناخشا ئېيتىشنى بىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ناخشا ئاۋازى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇلاردىن بەزى قۇشلارنىڭ ئاۋازى قۇلاققا بەكمۇ يېقىملىق ئاڭلانغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى سايرىغۇچى قۇشلار دېيىشىدۇ. 7qg{v9|,  
سايرىغۇچى قۇشلار قۇشلار دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي قۇشلار سانىنىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار تەن تۈزۈلۈشى بىرقەدەر كىچىك، يەڭگىل، ھەرىكىتى چاققان بولۇپ، ئۇۋا ياساشقا بەكمۇ ئۇستا كېلىدۇ. cnFI &,FM  
قۇشلار نېمە ئۈچۈن ناخشا ئېيتىدۇ؟ خۇشاللىنىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، قۇشلارنىڭ سايرىشى بىر خىل فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. بۇ ئۇلارنىڭ ياشىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 72Iy^Y[MX  
ئەتىياز ۋە يازدا كۆپىيىش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئەركەك قۇشلار يېڭى »تون« كىيىپ، بەس - بەستە توختىماي سايرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋازى رىتىملىق بولۇپ، قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ناخشا ئېيتىشى ئۆزىگە جورا تېپىشنى، بالا تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. n1&% e6XhO  
قۇشلار ئورماندا ئوزۇق ئىزدىگەن ياكى يىراقلارغا كۆچكەندە توختىماي سايرىشىدۇ. ناخشا ئېيتىش ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشتىكى بىر خىل ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. , 'ZD=4_  
قۇشلارنىڭ سايرىشى دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ئاگاھ بولۇپ، ئۆزىنى قوغداشنىڭ قورالى. مۇھىت تەسىرىگە ياكى دۈشمەن ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، ئۇلار ھەمىشە توختىماي سايرىشىدۇ، شۇنداقلا سايراش قۇشلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلىش سىگنالى. بالا قۇشلار ئاچ قالغاندا، ئاتا - ئانىسى قايتىپ كېلىپ ئوزۇقلاندۇرغانغا قەدەر توختىماي سايرىشىدۇ. #&m0WI1  
قۇشلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىش ئورگىنى سايراش نەيچىسى دېيىلىدۇ. ئۇ ھاۋا نەيچىسى بىلەن تارماق ھاۋا نەيچىسى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان. سايراش نەيچىسىدە ئېلاستىك سايراش پەردىسى بولىدۇ. ھاۋا ئۆپكىسىدىن چىقىپ سايراش پەردىسىنى تىترىتىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. سايراش نەتىجىسىدە سايراش مۇسكۇلى بولىدۇ. ئۇ سايراش نەيچىسىنىڭ شەكلىنى تەڭشەپ، ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. سايرىغۇچى قۇشلارنىڭ سايراش مۇسكۇلى ئومۇمەن خېلى تەرەققىي قىلغان. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.  JoN\]JL\,  
#z2rzM@/:  
قۇشلارنىڭ پايدا - زىيىنى L}}y'^(  
قۇشلار قەدىمدىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ دوستى ۋە ياردەمچىسى. قۇشلار ئىنسانلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق، بەخت - سائادەت، جۇشقۇن مەنزىرە ئېلىپ كېلىدۇ. nM-h&na{s  
بۇنىڭدىن تەخمىنەن 150 − 200 مىليون يىل بۇرۇن يەر شارىدا قۇشلار پەيدا بولغان. ھازىر دۇنيادا قۇشلارنىڭ 9021 دىن ئارتۇق تۈرى بولۇپ، بېلىقلاردىن قالسىلا دۇنيادا كەڭ تارقالغان، چوڭ ئومۇرتقىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. PG_0\'X)/w  
بەزى كىشىلەر: «قۇشلارنىڭ ئىنسانلار ھاياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭ ئەمەس، قۇشلارنىڭ ئاز - كۆپ بولۇشىنىڭ كارايىتى چاغلىق، بەزى قۇشلار نەسلىنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ نېمە ھاجىتى» دېيىشىدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس، قۇشلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق. hvuIxqv!y  
قۇشلار ئۆزلىرىنىڭ كۆركەم پەيلىرى، خۇش ئاۋازدا يېقىملىق سايراشلىرى، يۈكسەك دەرىجىدە پەرۋاز قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئىنسانلار تۇرمۇشىغا گۈزەللىك بېغىشلاپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلار تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە ياردەم قىلىدۇ. `KK>~T_$J  
قۇشلار ئارىسىدا خەلق ئىگىلىكىگە پايدا يەتكۈزىدىغانلىرىمۇ، زىيان يەتكۈزىدىغانلىرىمۇ بار. پەننىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن قۇشلارنىڭ زىيىنىدىن كۆرە پايدىسىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. z[cyA.  
قۇشلارنىڭ ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، لېكىن ۋاقىت، ئورۇن ۋە كونكرېت شارائىت تۈپەيلىدىن پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن، مەخسۇس دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھاشاراتلارنى يوقىتىدىغان قۇشلار پايدىلىق قۇشلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ پايدىلىق ھاشاراتلارنى يەپ، ھەسەل ھەرىسى ۋە پىلە قۇرتى بېقىلىدىغان رايونلاردا زىيان پەيدا قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ پايدىسىنى دەڭسەشتە يالغۇز ئۇلارنىڭ بىر كۈندە قانچىلىك زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ قۇشلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ھەقىقىي كونترول قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. بەزى قۇشلار ئەتىياز، يازدا بالا چىقىرىش مەزگىلىدە كۆپلىگەن زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتالىسىمۇ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدە زىرائەتلەرنى ۋەيران قىلىدۇ. قىشتا ئېتىزلاردىكى ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بەزى قىرغاۋۇل، ئۆردەك، غازلار قىسمەن رايونلاردا زىرائەتلەرگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، بەزى چۆمگەك، چايكا قاتارلىق سۇ قۇشلىرى بېلىقچىلىق ئىشلىرىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ گۆش ۋە پەيلىرى ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مەخسۇس تېرىلغۇ يەر ئاجرىتىپ ياۋا ۋە يېرىم ياۋا قۇشلارنى بېقىپ ئالىي سۈپەتلىك ئاقسىل ئالىدۇ. شاتۇتى، كەپتەر قاتارلىق ئاز ساندىكى قۇشلار مېڭە ياللۇغى، شاتۇتى قىزىتمىسىغا ئوخشاش ۋىرۇس خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تارقىتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «پايدا» بىلەن «زىيان» نىسبىي بولىدۇ، مۇتلەق پايدىلىق قۇش ياكى مۇتلەق زىيانلىق قۇش بولمايدۇ. قۇششۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، پايدىلىق قۇشلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. 'C:>UlzLy  
قۇشلارنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىسىنى تۆۋەندىكى جەھەتلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: h|h>u ^@  
ياۋا قۇشلار ئۆي قۇشلىرىنىڭ مەنبەسى. ئۆي قۇشلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىملىقى ئۈستىدە كۆپ سۆزلەش ھاجەتسىز. ھازىر دۇنيادا يالغۇز ئۆي توخۇسىنىڭ سورتى 60 تىن ئارتۇق بولۇپ، بىزنى ئەلا سۈپەتلىك گۆش، تۇخۇم ۋە پەي بىلەن تەمىنلەپ تۇرماقتا. بۈگۈنكى ئۆي قۇشلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ياۋا قۇشلار ئارىسىدىن تاللىشى، بېقىپ كۆندۈرۈشى ۋە تەربىيىلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن. ئۆي توخۇلىرى ياۋا توخۇلاردىن، ئۆي ئۆردەكلىرى ياۋا ئۆردەكلەردىن، ئۆي كەپتەرلىرى ياۋا كەپتەرلەردىن كۆندۈرۈلگەن. دۆلىتىمىز دۇنيادا توخۇسىمان ياۋا قۇشلار ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئۆي قۇشلىرىنى ئەڭ بالدۇر كۆندۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. غەربىي ياۋروپا ئىزچىل ھالدا ھىندىستاننى مىلادىيىدىن 2000 يىل بۇرۇن ئۆي كەپتىرىنى كۆندۈرگەن، دەپ قاراپ كەلمەكتە. دۆلىتىمىز قۇششۇناسلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆي توخۇلىرىنى كۆندۈرۈش تارىخى ھىندىستاندىن قېلىشمايدۇ. mXUGe:e8  
ياۋا قۇشلار ئىنسانلارغا كۆپلىگەن گۆش، تۇخۇم، پەي ۋە ماياق ئوغۇتى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ياۋا قۇشلارنىڭ گۆشى سۈپەتلىك، ئوزۇقلۇق ماددىسى مول، تەمى تاتلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي قۇشلىرىغا قارىغاندا سانائەتنىڭ بۇلغىشىغا ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئۇ، كىشىلەرنىڭ تالىشىپ يەيدىغان ياخشى ئوزۇقى. t@R ?Rgu3  
قۇشلار ھەر يىلى كىشىلەرنى تەمىنلەپ تۇرىدىغان پەي قاتارلىق خام ماتېرىيال، شۇنىڭدەك ئىش قوشۇش ئارقىلىق ئىشلەنگەن ھەر خىل يېنىك سانائەت بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇق ۋە گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. قۇش مايىقى تەركىبىدە ئازوت بىلەن فوسفور بىرىكمىسى كۆپ بولغان سۈپەتلىك ئورگانىك ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. n%k!vJ)]  
قۇشلار زىيانداش ھاشاراتلارنى، زىيانداش ھايۋانلارنى يوقىتىش ۋە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، بىر دانە قارلىغاچ يازدا 500 مىڭدىن بىر مىليونغىچە چىۋىن، پاشا ۋە كۆك پىت يەيدىكەن. قۇشلارنىڭ ئورمان ۋە شەھەرلەردىكى باغلارنى قوغداشتىكى رولىمۇ كۆرۈنەرلىك، دېھقانچىلىق دورىلىرى يوقىتالمايدىغان دەرەخ قوۋزىقى ئاستىدىكى ۋە مېۋىلىرىدىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى قۇشلار بىر - بىرلەپ چوقۇلاپ يەپ كېتەلەيدۇ. awOd_![c'  
قۇشلار ئارىسىدىكى يىرتقۇچ قۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەخسۇس چاشقان قاتارلىق غاجىلىغۇچىلارنى ئۆزىگە ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. @*qz(h]\  
ھۇۋقۇش كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان يىرتقۇچ قۇش بولۇپ، كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان چاشقانلارنى يوقىتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، بىر دانە ھۇۋقۇشنىڭ بىر يازدا يوقاتقان چاشقىنى بىر توننا ئاشلىقنى قوغداپ قالغانغا تەڭ كېلىدىكەن. نۇرغۇن يىرتقۇچ قۇشلار چىرىگەن گۆشلەر بىلەن ئوزۇقلىنىشقا ئادەتلەنگەن. ئۇلار كېسەل ھايۋانلار ۋە چىرىگەن جەسەتلەرنى يوقىتىش، ئورگانىك ماددىلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى تۈگىتىش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. s_> f5/i2  
نۇرغۇن قۇشلار ئۆسۈملۈك گۈل چېڭى ۋە ئۇرۇقلارنىڭ تارقاتقۇچىسى. لېكىن ئاز ساندىكى قۇشلار قىسمەن رايون ۋە ۋاقىتتا بەزىدە ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە زىيان كەلتۈرىدۇ. پاختەك، كەپتەر، شاتۇتى، قاغا، قارىغوجا، شاخساق، قۇشقاچ قاتارلىق قۇشلار دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە خېلى ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ. بۇ زىيانداش قۇشلارنى مۇۋاپىق ھالدا ئوۋلاپ تۇتقان ۋە كونترول قىلغاندىلا، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى مۇۋاپىق ھالدا گۆش بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ. Wt=|  
شاتۇتى، ئۆي كەپتىرى، ھالقا بويۇنلۇق قىرغاۋۇل، ئۆي توخۇسى، قۇشقاچ قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى قۇشلارنىڭ تېنىدىن شاتۇتى قىزىتمىسى، مېڭە ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ۋىرۇسى ئاجرىلىپ چىقىدۇ. 59!Fkd3  
قۇشلارنىڭ ماياقلىرى شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى بۇلغاپ، بەزى شەھەر باغچىلىرى، قەدىمكى يادىكارلىقلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئىنشائاتلىرى قاتارلىق جايلارغا زىيان كەلتۈرىدۇ. سايرىغان ئاۋازى قۇلاققا ياقمايدىغان قاغا، قۇشقاچ قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى قۇشلار شاۋقۇن پەيدا قىلىدۇ. بەزى دېڭىز قۇشلىرى شۇنىڭدەك كۆچمەن قۇشلار بوران چىققان ۋە تۇمان بولغان چاغلاردا ئايرودروم ئەتراپىدا ئايروپىلان بىلەن سوقۇشۇپ ۋەقە پەيدا قىلىدۇ. *3&fqBg  
بۇنداق زىيان ئاز ساندىكى قۇشلار ۋە ئايرىم رايون، مەزگىل بىلەن چەكلىنىدۇ، بەلكى ئۇنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇشلاردىكى كاۋاكلارنى ئېتىش ۋە سىم تورلارنى ئورنىتىش ئارقىلىق قۇشلارنىڭ قۇرۇلۇشلارغا ئۇۋا ياسىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  ^ mS o1?<  
m^#rB`0;L  
دۆلىتىمىزنىڭ قۇشلار بايلىقى  wAz&"rS  
دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، ئىقلىمى كۆپ خىل، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، دېڭىز بويلىرىدا ئاراللىرى كۆپ، ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ تۈرلىرى خىلمۇخىل، بۇ، قۇشلارنىڭ ياشاپ كۆپىيىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي شەرت - شارائىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە تەڭداشسىز ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇشلار ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھازىر بار قۇشلار تەخمىنەن 156 ئائىلە، 9000 تۈردىن ئارتۇق. بۇنىڭ دۆلىتىمىزدە 81 ئائىلە، 1183 خىلدىن ئارتۇق تۈرى بار بولۇپ، دۇنيا قۇشلار ئومۇمىي سانىنىڭ 14.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىزدە قىرغاۋۇللار ئائىلىسىنىڭ ياۋا تۈرىدىن 56 تۈرى بار بولۇپ، تەخمىنەن دۇنيا بويىچە قىرغاۋۇل ئائىلىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. دۇنيا بويىچە تۇرنىنىڭ 15 تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدىن توققۇز تۈرى دۆلىتىمىزدە؛ بۇلبۇللار ئائىلىسىنىڭ دۇنيا بويىچە 46 تۈرى بولۇپ، بۇنىڭدىن 34 تۈرى دۆلىتىمىزدە. }j^\(2  
دۆلىتىمىزدە دۇنيا بويىچە قۇشلارنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە تۈرلىرىمۇ بار. مەسىلەن، قوشماق ئۆردەك، قارا ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، ئاق گەجگىلىك، ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، سېرىق قورساق پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل قاتارلىقلار. دۆلىتىمىزدە ئوۋ قۇشلىرى ھەممىلا جايدا بار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى سوپسوپىياڭ، توز، بۇلبۇل، تورغاي، تۇتى، تۇرنا، سېرىق قۇشقاچ قاتارلىق ئەرمەك قۇش تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ.  !O#dV1wAa  
vk?skN@  
قوغدىلىدىغان قۇشلار <]T`3W9  
دۆلىتىمىزدە بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلارغا ئالاھىدە كەم ئۇچرايدىغان ياكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇشلار كىرىدۇ. بۇ خىل قۇشلار پۆپۈكلۈك شۇڭغۇغۇچ، قىسقا قۇيرۇق ئالباتروس، سۇلا باسانا، ئالباتروس، فېرېگات، ئاق لەگلەك، قارا لەگلەك، قىزىل لەگلەك، قىزىل ئاياغ ئېس، قارا بوي، ئاق ئېس، جۇڭخۇا چېراگى، قىران قارا، ئاق قۇيرۇق سۇ بۈركۈتى، يولۋاس باش سۇ بۈركۈتى، سۇ لاچىنى، ئاق قىرغاۋۇل، قارا ئورمان توخۇسى، كۆك ئۈكە، ئاق بويۇن ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا بويۇن ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، قارا ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، ئۇلار، بوز پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، سېرىق قورساق پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، قارا باش پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، قىزىل بويۇن تۇرنا، قىزىل باش تۇرنا، ئاق تۇرنا، قوڭۇر بويۇن كەركىدان، تاجىلىق تاغىل كەركىدان، قوش پۆپۈكلۈك كەركىدان، ئاق پوكان كەركىدانلاردىن ئىبارەت. MUA%^)#u4Q  
دۆلىتىمىزدە ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇشلارغا سانى ئاز، تارقىلىش دائىرىسى تار، يوقىلىش خەۋپى بار قۇشلار كىرىدۇ. بۇ خىل قۇشلار: قوشۇق بۇرۇن قوشماق ئۆردەك، ئاق تاڭلايلىق ياۋا غاز، قىزىل پوكانلىق قارا ياۋا غاز، ئاق قۇ، قارا قۇر، ئىنچىكە تۇمشۇق ئورمان توخۇسى، گۈل قۇيرۇق ئورمان توخۇسى، ئاق قورساق سېرىق قىرغاۋۇل، قىزىل قورساق سېرىق قىرغاۋۇل، كۆك ئورمان توخۇسى، قان رەڭ قىرغاۋۇل، ئاق قىرغاۋۇل، توز، توز قىرغاۋۇل، ئاق تاجىلىق ئۇزۇن قۇيرۇق قىرغاۋۇل، ئۇلاي، قىزىل پوكانلىق قىرغاۋۇل، قىزىل پۆپۈكلۈك قىرغاۋۇل، خېنىم تۇرنىسى، بوز تۇرنا، چوڭ دوغداق، كىچىك دوغداق، كىچىك قوشۇق بۇرۇن بېلىقچى، كىچىك كۆك پاچاق بېلىقچى، قوڭۇر باش چايكا، تۇتى قۇش ۋە بىر قىسىم يىرتقۇچ قۇشلاردىن ئىبارەت. m@Qt.4m%g  
c1_5, 1U'  
ئوۋ قۇشلىرى 5 gv/Pq&  
دۆلىتىمىزدە ئوۋ قۇشلىرىنىڭ تۈرلىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلار مۇئەييەن ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ئاساسلىق ئوۋ قۇشلىرى كىچىك پۆپۈچەكلىك چۆمگەك، پۆپۈچەكلىك چۆمگەك، قارا بويۇن پۆپۈچەكلىك چۆمگەك، يېشىل باش ئۆردەك،يىڭنە قۇيرۇق ئۆردەك، يېشىل قانات ئۆردەك، قىزىل بويۇن ئۆردەك، ئاققاش ئۆردەك، بوز تۇمشۇق ئۆردەك، خىرىلداق چۇررەك، چېگراگ، ياۋا غاز، قاشقالداقلار، كۆك قوتان، چوڭ ئاق قوتان، ئوتتۇرا ئاق قوتان، سېرىق باش ئاق قوتان، ئاق بەل قوشۇق تۇمشۇق، سېرىق چىق - چىق، سۇمۇرۇغباش قىز قۇش، ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، كەكلىك، ئورمان كەكلىكى، بۆدۈنە، تاغ كەپتىرى، ئەنجان پاختىكى، ھەر خىل قۇشقاچلاردىن ئىبارەت. بۇ قۇشلار ھەر خىل ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پايىلىرى، زىيانداش ھاشاراتلار، دانلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. گۆشى مەززىلىك بولۇپ، تاماق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ ۋە بەزىلىرى دورا سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ.  Rt{B(L.?<  
jC3Vbm&ZZ  
قۇشلارنىڭ دۇنياۋى تارقىلىشى RKa}$ 7  
قۇشلار بېلىقلار، سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئوخشاشلا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ چوڭ بىر ئائىلىسى. ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ۋە سانى كۆپ، تەن تۈزۈلۈشى، ياشاش شارائىتى خىلمۇخىل بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە قىتئەلىرىگە دېگۈدەك تارقالغان. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زىيانداش ھاشاراتلارنى كۆپلەپ يوقىتىش ۋە تەبىئەتنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىكى ئىقتىسادىي تۆھپىسىنى ئەتراپلىق چۈشىنىش ۋە پايدىلىق قۇشلارنى قوغداش، ئاسراش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى ياشاش شارائىتىغا قاراپ يىرتقۇچ قۇشلار، سۇ قۇشلىرى، ھاشاراتخور قۇشلار، سۇ كەچكۈچى قۇشلار، قۇيرۇقلۇق قۇشلىرى دېگەن چوڭ تۈرلىرى بار.  }?@rO`:EF+  
tBm_YP[  
(مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسلىك 3-كىتاب «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش  قوللانمىسى» 198- بەتتىن ئېلىندى. 2012-4-9  )      1$2D O  

uzqak 2012-04-09 13:51
بەك ياخشى بولدى قۇشلار ھەققىدىكى مەخسۇس تېمىنى مول ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ بېرىپسىز ! كۆپ رەخمەت!

aleltar 2012-05-01 19:57
بىزدە مۇشۇنداق ئەمىلىي، كونكىرىت ئىلمىي تىمىلار ھەقىقەتەن كەم بولىۋاتاتتى. رەھمەت سىزگە.

tawpek 2012-08-05 14:40
تولوقسىزدىمۇ بار مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس بىر تىما دەرىسى. GCttXAto  
A+&xMM2Wj  
ئوبدانلا پايدىلىنىدىغان بولدۇق.

hebibulla658 2012-08-05 17:57
بىزدە مۇشۇنداق ئەمىلىي، كونكىرىت ئىلمىي تىمىلار ھەقىقەتەن كەم بولىۋاتاتتى. رەھمەت سىزگە

tawpek 2012-08-06 11:49
بىرنى كۆچۆرسەك 20 نى يوللىغاننىڭ ئەجرى بىكار بولىدۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-04 22:48
قۇشلار ھەققىدە كەڭ بىلىمگە ئىگە بولدۇم.


查看完整版本: [-- قۇشلار ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us