ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى 6
يېزىقچىلىق دەرسىگە تەييارلىق كۆرۈش ، ئوقۇغۇچىلارغا خام ماتىريال ئىزدەش ئۈچۈن ، ئۇلىنىشقا كىرىپ ، «تېز تاپقا ›› مۇناسىۋەتلىك ماتىريال نامىنى يەنى «ئاتا –ئانا ›› دېگەن سۆزنى كىرگۈزدۈم . «تېز تاپ ›› نىڭ ياردىمى بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ ،بىر – بىرلەپ ئېچىپ كۆرۈشكە باشلىدىم.نۇرلان مۇنبىرىدىكى مۇنۇ يازما دىقىتىمنى تارتتى . «ئانام 22 يېشىدا مېنى تۇغۇپتىكەن. ئىلگىرىكى 19 يىلدا ئانام ھەر كۈنى مېنى كۆرەلەيتتى. ھازىر 19 ياشقا كىردىم، ئۆيگە قايتىپ باقمىغىنىمغا يېرىم يىل بولدى. ئانام بولسا 41 ياشقا كىردى. ئانامنى 100 ياشقىچە ياشىيالايدۇ دېسەم، ئۇنداقتا ئانام يەنە 59 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. مەن يەنە مۇشۇنداق يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئۆيگە قايتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسەم، ئۇنداقتا مەن بۇ ھاياتىمدا ئانام بىلەن 118 قېتىملا كۆرۈشەلەيدىكەنمەن.
مەن بۇ ھېسابنىڭ نەتىجىسىنى ئانامغا ھەرگىزمۇ ئېيتىپ بەرمەيمەن. چۈنكى ئانام بۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلسە، كۆڭلى بەكلا يېرىم بولۇپ كېتىدۇ! ھەر قېتىم ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئىمتىھان سوئالىدىكى ھېسابلارنى خاتا ھېسابلاپ قويماي دەپ شۇنچە ئېھتىيات قىلاتتىم، بىراق مۇشۇ ماتېماتىكىلىق ھېسابنى خاتا ھېسابلاپ قويغان بولسامچۇ دەپ بەكمۇ ئۈمىد قىلدىم، ئەمما نەتىجە يەنىلا شۇ 118 قېتىم بولۇپ چىقتى.
بۇنى ھېسابلاب باققانلارمۇ ماڭا ئوخشاشلا بۇ ھېسابلاش نەتىجىسىنى قورقۇنچلۇق ئىكەن، دېيىشى مۇمكىن. بىراق بەزى ياشلار مۇشۇنداق ماتېماتىكىلىق سوئالنى ھېسابلاپ باقسىلا ئاندىن ئۆز-ئۆزىمىزگە ئۆيگە قايتىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارغا مۇڭداش بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرالايدىكەنمىز.››
بۇ يازمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ، قايتا ئويلىنىشىغا سۇنسام ئۇلارنىڭ ھېسىياتىغا تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟ قەلەم تەۋرىتىش ياكى سۆزلەپ بېقىش ئىستىكىنى ئويغۇتارمۇ؟
كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ چ چ دا مۇنبىرىمىز ئەزاسى ياشار مۇئەللىم بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم. ياشار مۇئەللىم بۇنى كېڭەيتىپ مۇنداق ھىسابلاپ بېقىپتۇ.
yaxar 23:28:15 manmu Hisaplap kordum, ata- anamni yuz yaxkiqa yaxaydu disam, ular hazir 70 ka kirgan bolsa, har haptida bir kitim korsammu 1600 kitimga barmaydikan amasmu
yaxar 23:31:32 ularning 100 yaxka kirmigi bak tas, xundak boldi digandimu ular kop bolsa yana 30 yil yaxaydu, bir yil 54 hapta boyiqa hisaplisak jami 1620 hapta bolidikan amasmu.
yaxar 23:32:28 man amdi waktim yatmidi dap olturmay 2-3 kunda bir kitim qokum yoklap turuxka tirixsam bolgidak
ياشار مۇئەللىم بىلەن بولغان قىسقىغىنە سوھپەتتىن كېيىن ، ئوقۇتۇش پىكىر يولۇم تېخىمۇ ئىنىق بولۇپ قالدى. بۇنى ئوقۇغۇچىلار قانداق ئۇسۇلدا تەھلىل قىلىپ ، قانداق ھىسابلار؟
دەرس باشلاندى .
ئوقۇغۇچىلار قەلبىدە ساقلىنىپ قالغان ئاتا – ئانىلار ھەققىدىكى تەسىرلىك ئەسلىمىلىرىنى سۆزلىدى.
يۇقۇردا سۆزلەنگەن ئەمىلىي مېساللاردىن نېمىنى چۈشىنۋاالدىڭلار؟ سۆزلەش جەھەتتە يەنى قايسى جەھەتلەرگە دىقەت قېلىشى كېرەك؟ قىسقىچە باھالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ، يۇقارقى ماتىريالنى ئېكراندا كۆرسەتتىم .باللار سۈكۈت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى . ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بىلىشى بويىچە ھىسابلاپ دوسكىغا چىقىپ ئىشلىدى . ئوخشاش بولمىغان جاۋابلار،ھەر خىل ھىسابلاش ئۇسۇلىدىن كىيىن ،ئوقۇغۇچىلار ئاتا – ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش ھەققىدە سۆزلەشتى.
ئەمدى يېزىقچىلىق دەرسىنىڭ ئاساسى مەقسىتىگە كەلگەن ئىدىم .
- بالىلىرىم مۇشۇنداق يۈرىكى بىز ئۈچۈن كاۋاب بولۇپ كۈيىۋاتقان سۆيۈملۈك گەۋدىلەرنىڭ سىماسىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار . ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىنى قانداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىسەڭلار ئاندىن ئۇلارنىڭ رىياللىقتىكى سىماسى نامايەن بولىدۇ؟
- ئوقۇغۇچىلار بىر جۈملە ، ئىككى جۈملىدىن يېزىپ باقتى يازغىنىنى ئوقۇپ كۆردى. (ئوقۇغۇچىلار باھالىدى ) يېزىش شۇنداق قىلىپ باشلىنىپ كەتتى. ... كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەمىلىي مېساللارنى كىرگۈزۈپ يېزىپ كېلىش تاپشۇرىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قايتىپ چىقتىم . شەخسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قانداق يېزىشنى ئۆگۈتىشتىنمۇ بەكرەك ئۇلارغا ئاتا- ئانىلارغا ۋاپادار بولۇش تەربىيەسىنى بېرەلگەنلىكىمدىن خۇشال بولدۇم .
ئىككىنچى سائەتتە ئوقۇغۇچىلار ئەسەرلىرىنى سىنىپ ئىچىدە ئوقۇپ ،باھالاش بىلەن بىرگە ئاخىرىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلىرىنىڭ كەينىگە ساۋاغداشلىرىنىڭ كۆرسەتكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرى بويىچە باھا سۆزى يېزىپ چىقتى.
كىمدۇر بىرىنىڭ ؛«ياخشى دەرس ئوقۇتقۇچى تەرەقىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .›› دېگىنىدەك بۇ دەرسمۇ ۋاقت ، ھايات ، ۋاپادارلىق ، قەدىر – قىممەت ۋە دەرسخانە ھەققىدە يېڭى ئويلىنىشلارغا سېلىپ قويدى . بەزىدە ئەتراپتىكى ناتوغرىلىق ئىچىدە پىرقىراپ ، ئۆزىمىزنى تاپالمايمىز ، كىملەدىندۇر نارازى بولۇپ. كىملەردىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىپ قالىمىز . تەلەپ قىلىۋاتقان نەرسىمىز بىزگە باشقىلارنىڭ ئالقىنىدا پىقىراۋاتقاندەك بىلىنىدۇ . ... شۇنداق ئويلاردا قىلىشقا تىگىشلىك ، قىممىتىمىزنى ، ئىنسانىلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان ماھىيەتلىك ئىشلار بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ قالىدۇ . تاسادىبى بىر كۈنلىكى ئەقلىمىزگە كەلگەندە ۋاقتنىڭ ئاللى بۇرۇن بىزنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. مۇشۇنداق ئويلار بىلەن ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇغۇمنى ئاچتىم بەزىدە ئاجايىپ توغرا كېلىپ قىلىشلار بولىدۇ . مېنىڭ ئويۇمنى بىلگەندەكلا خەت ساندۇغۇمغا بىر كەسىپدىشىم مۇنداق ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى .
›› siz digandak biz talliwalgan yol bizni xakilan adam bolup yaxaxka yol koymaydikan، xunga uningdin kalgan zarbilarnimu huxallik bilan kubul kilip hayatning kimmat wa nixanliri ustida kayta- kayta oylinixka togra kelidikan .«
شۇنداق ،نىشانىمىز ھاياتىمىزنىڭ قىممىتىنى ، ئەمگىكىمىزنىڭ بەركىتىنى يارىتىدۇ .دەرسخانە ئوقۇتۇشى ،ئوقۇتقۇچىلىق قىممىتىمىز ۋە رولىمىزنى يارىتىشتىكى يادىرو. ئۇ خۇددى ئاتا – ئانىمىزغا ۋاپادارلىق كۆرسەتكىنىمىزدەكلا بىزدىن ۋاپادارلىق ، كۈيىنىش تەلەپ قىلىدۇ .ئۇنىڭ بىزگە سۆزۇلغان ئالقانلىرىنىڭ تۇمۇر تۇمۇرلىرىدا ،ھۈجەيرىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن بىر نىدا - بىزنىڭ بىر ئۇلۇغ ئانىمىز بار ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر .بىز ئۇنىڭ تىلىنىلا ئەمەس ، سۈپسۈزۈك دىلىنىمۇ دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك!
|