查看完整版本: [-- ساغلاملىق  ساۋادى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ساغلاملىق  ساۋادى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

anayurt905 2012-04-07 00:10
مۇسكۇلنى كۆپەيتىپ ماينى ئازايتىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاقسىل مۇسكۇل ھۈجەيرىسىدىكى ناھايىتى موھىم تەركىپ بولۇپ، مۇسكۈل ھۈجەيرىسىنىڭ مېتابولىزىمىدا ناھايىتى موھىم روللارنى ئوينايدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى مۇسكۇلنىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بەرگەندىن سىرت، يەنە ھەرىكەتنى تېزلىكتە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا مۇسكۇلنى كۆپەيتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئوزۇقلىنىش پىرىنسىپى بولسا ئاقسىل ۋە مۇرەككەپ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى يېتەرلىك مىقداردا قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تاماق تىزىملىكىدە، ئاساسلىقى توخو گۆشى، كالا گۆشى، بېلىق گۆشى، توخو تۇخۇمى ئاقسىلى ۋە ئاقسىل پاراشوكى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئاقسىلغا ئېرىشىدۇ، سۇلۇ، بەرەنگە، گۈرۈچ تامىقى ۋە ئۇن تامىقى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرىگە ئېرىشىدۇ. قىسقىسى ئوزۇقلۇقنىڭ تۈرى قانچە كۆپ بولسا ئوزۇقلۇق ئۈنىمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ. شۇڭا يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇقلاردىن باشقا ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان نۇرغۇن يىمەكلىكلەر بار.

1. ھايۋانات جىگىرى: ھايۋانات جىگىرى ئوزۇقلۇق ئەڭ مول يىمەكلىكنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى گۆش، تۇخۇم، سۈت ۋە بېلىق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنىڭكىدىن كۆپ دەرىجىدە ھالقىپ كېتىدۇ، ئۇ نورمال ئۆسۈش ۋە نورمال كۆپىيىش فۇنىكسىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە بولىدۇ؛ تۆمۈر ھىموگلوبىن ( مۇسكۇل قىزىل ئاقسىلى ) نىڭ پەيدا بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ( بۇ مۇسكۇلدىكى ئېنېرگىيە ماددىسى بولۇپ، ئەسلىگە كېلىش ۋە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ).

2. كۇلى بىھىسى: بۇ بىر خىل ناھايىتى ياخشى بولغان گۈزەللەشتۈرۈش مىۋىسى. ئۇ كۆپ مىقداردىكى كالىي بىلەن تەمىنلەپ، مۇسكۇل گلىكوگېنىنىڭ پەيدا بولىشىدا موھىم رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇسكۇلنىڭ يىغىلىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ. بۇلاردىن باشقا پاپائىن ( كۇلى بىھىسى ئېنزىمى ) ئاقسىلنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرىلىشى، ساقلىنىشى ۋە مۇسكۇلنىڭ ئۆسىشىنى ياخشىلايدۇ.

3. زەيتۇن: زەيتۇندىكى كۆپ خىل تويۇنمىغان مايلار تېستوستېروننىڭ مىقدارىنى ۋاستىلىق ھالدا كۆپەيتىدۇ، يىمەك- ئىچمەك ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان مايلارنىڭ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، زەيتۇن يەنە مايلارنىڭ سەرپ قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4. ھەسەل: ھەسەل كۆڭۈلدىكىدەك كاربون سۇ بىرىكمىسى بولۇپ، مۇسكۇل گلىكوگېنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك كاربون سۇ بىرىكمىسى ھېساپلىنىدۇ. گەرچە ئۇ ناھايىتى تېز سەرپ قىلىنسىمۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

5. كۆممىقوناق كىراخمالى: ئۇ ئاشقازاندىكى باشقا كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. بۇ ماينى كېمەيتىش ۋە ئېچىرقاشقا قارشى تۇرۇشتا ناھايىتى موھىم رول ئوينايدۇ.

6. باشپىياز: خام باشپىيازدا ماينىڭ سەرپ قىلىنىشىغا پايدىلىق بولىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئېغىر چېنىقىشتا پەيدا بولىدىغان زىيانلىق ئەركىن رادىكاللارغا قارشى تۇرالايدۇ. باشپىيازدا گۈڭگۈرلەشكەن ماددىلار مول بولۇپ سالامەتلىككە ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى پروپېنىل دىسۇلفىد ئىنسۇلىننىڭ بەدەندىكى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولغاچقا، چېنىقىشتىن كېيىن ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. باشپىياز مۇسكۇلنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار ( مەسىلەن لاكتالبۇمىن، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، كرېئاتىن ) بىلەن بىرلىكتە ئىستىمال قىلىنسا، مۇسكۇلنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.

7. مەرۋايىتگۈل: مەرۋايىتگۈل سۈيدۈك كۆپەيتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، بەدەننىڭ كۆپ مىقداردىكى ئارتۇقچە سۇلارنى چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

          


ئۆزىنىڭ قېرىش ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش
بەدەن ئورگانىزىملىرىمۇ ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش قېرىپ ئاجىزلىشىدۇ، ئادەتتە  ئاددىي ئۇسۇللار ئارقىلىقلا ئورگانىزىملارنىڭ قېرىش ئەھۋالىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

بىر پۇت بىلەن تىك تۇرۇش ئىككى قولنى سېلىپ، بەدەنگە چىڭ چاپلاپ، كۆزنى يۇمۇپ، بىر پۇتلاپ تىك تۇرىدۇ، ئاندىن مىدىرلىماي تۇرالايدىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن- قىسقىلىغىغا ئاساسەن قېرىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ھۆكۈم ئۆلچىمى مۇنداق: 30 35 ياشلىق ئەرلەر ۋە 40 49 ياشلىق ئاياللارنىڭ 9.9 سېكۇنت ئەتراپىدا، 40 49 ياشلىق ئەرلەر ۋە 50 59 ياشلىق ئاياللارنىڭ 8.4 سېكۇنت ئەتراپىدا،  50 59 ياشلىق ئەرلەر ۋە 60 69 ياشلىق ئاياللارنىڭ 7.4 سېكۇنت ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسا قېرىشى سەل تېزرەك بولۇپ قالغان بولىدۇ.

بىناغا چىقىش ھەر بىر قەدەمدە ئىككىدىن پەلەمپەينى دەسسەپ تېز سۈرئەتتە بەش قەۋەتلىك بىناغا چىقالىسا، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى؛ پەلەمپەينى بىردىن- بىردىن دەسسەپ بەش قەۋەتلىك بىناغا چىقالىسا ھەم ئانچە بەك ھاسىراپ كەتمىسە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى؛  پەلەمپەينى بىردىن- بىردىن دەسسەپ بەش قەۋەتلىك بىناغا چىقالىسىمۇ بەك ھاسىراپ كەتسە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىپ بولغىچە ھېرىپ ھاسىراپ ھالىدىن كەتسە چوقۇم دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈش كېرەك.

قورساق قاتلاش بىر مىنۇت ئىچىدە 30 ياشلىق ساغلام كىشىلەر ئاز بولغاندا 40 قېتىم، 40 ياشلىقلار ئاز بولغاندا 35 قېتىم، 50 ياشلىقلار ئاز بولغاندا 25 قېتىم،  60 ياشلىقلار ئاز بولغاندا 25 قېتىم قورساق قاتلىيالىشى كېرەك.

تومۇر سوقۇش ئۈچ قېتىملىق تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنى ئۆزئارا قوشۇپ، ئۇنىڭدىن 200 نى ئېلىۋېتىپ 10 غا بۆلگەندە، يەنى 10 ( 200 - قېتىمC+ قېتىمB + قېتىم A ) نىڭ نەتىجىسى: 0 3 كىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى؛ 3 6 كىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى؛ 6 9 كىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىكىچە ئىكەنلىكىنى؛ 9 12 كىچە بولسا يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 12 دىن يۇقۇرى بولسا چوقۇم تېزدىن داۋالىتىش كېرەك.

koksangun 2012-04-07 10:07
مەنبەنى ئەسكەرتىپ ماڭاتتىڭىز ، بۇ قېتىم ؟
ئىنتايىن پايدىلىق تۇرمۇش ساۋادلىرىكەن ، رەھمەت ئەجرىڭىزگە ...

tawpek 2012-04-07 12:26
1. ھايۋانات جىگىرى:  

بازاردىكى ئەرزان جىگەردە مەسىلە بار جۇمۇ لىكىن.

سەھىپىسىنىمۇ ماس توغورلارسىز.

anayurt905 2012-04-08 21:31
گېزىتتىن كۆچۈرگەن. توردىكى ئەمەس. بۇدا گېزىتنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قوياي.

ozqan 2012-04-08 21:49
پايدىلىق ماتىريال يوللاپىسىز ،  رەخمەت ئەجرىڭىزگە .


查看完整版本: [-- ساغلاملىق  ساۋادى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.023064 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us