danix |
2012-04-05 20:12 |
ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپ f2uZK!:m مەن 11 يىل ئوقۇغۇچى ، 29 يىل ئوقۇتقۇچى بولدۇم . مۇشۇ 40 يىلىمغا ھەمرا بولغان ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر سالسام ، " ئۇيغۇر مائارىپى ئۇۋال مائارىپكەن " دېگەن خۇلاسىگە كېلىمەن : l0gH(28K 1966- يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە " مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى " ئېلىپ بېرىلدى . بۇ چاغدا مائارىپىمىزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى مەن سۆزلىمىسەممۇ ، كۆپچىلىككە بىلىدۇ . 1970– يىلىدىن 1973 – يىلىغىچە " مائارىپنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك " دېگەن چاقىرىق بىلەن مەكتەپلەر تاقىۋىتىلىپ ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئېتىزلىققا ھەيدىۋىتىلدى . 1970 –يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە ستالىننىڭ "لاتىنچىنى ئومۇملاشتۇرۇش " دېگەن بۇيرۇقى باشقا مىللەتلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ ، يەنە ئاناي تاپماق ئاسان بولغان ئۇيغۇر مائارىپىدا ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مائارىپى 10 يىل يېڭى يېزىق دېگەن يېزىقتا ئوقۇتۇش ئېلىپ باردى . 1982- يىلى ئۇيغۇر مائارىپى ئۆز يېزىقىمىزغا قايتتى . بۇنىڭ بىلەن 1970 – يىلىدىن 1980 -يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا يېڭى يېزىقتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ساۋاتسىزلارغا ئايلاندى . ئەسلى يېزىقىمىزغا قايتىپ ئەمدىلا بىر ئىزغا چۈشۈش قەدىمىنى باسقان مائارىپىمىزنىڭ رولچىلىرى مائارىپىمىزنى " ياپونچە مائارىپ " دېگەن يۈلۈنۈشكە ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قوللىرىنى ئارقىغا قىلىپ ھەيكەلدەك ئولتۇرغۇزۇپ دەرس ئۆتۈش باشلىنىپ كەتتى . بۇ خىل ئوقۇتۇش 10 يىلدەك داۋاملاشقاندىن كېيىن ، مائارىپ رولچىلىرىمىز " نىشان خاتا بولۇپ قاپتۇ " دەپ ، مائارىپ پاراخوتىمىزنى ئامىرىكىغا قاراپ ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىدا بىر نەرسە يىگۈسى كەلسە ، يەۋەرسە بولىدىغان ، ئەركىن – ئازادە ئوقۇتۇش يولغا قويۇلدى . بۇ خىل ئوقۇتۇشتا بەش يىلدەك مۇساپىنى باسقاندىن كېيىن ، مائارىپ پاراخوتىنىڭ رولچىلىرى مائارىپ پاراخوتىمىزنى كاناداغا قارىتىپ ھەيدىدى . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلدى . كاناداغا قاراپ ئىككى يىلدەك ماڭغاندا " جۇڭگو ھۆكۈمىتى چادقىرۋىتىپتۇ " دېگەن بىر بۇيرۇق كەلدى . بۇنىڭ بىلەن باشقا ئوقۇتۇشلارنى تاشلاپ قويۇپ " قوش تىل مائارىپى"نى باشلاپ كەتتۇق . سولچىللىق ئاتا – بوۋىسىدىن قېنىدا مىراس قالغان بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز " قوش تىل مائارىپى" دېگەننى " خەنزۇ تىلى مائارىپى " دەپ چۈشىنىپ ، دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈشكە باشلىدى . يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇشنىلا ئويلايدىغان بەزى ئەمەلدارلىرىمىز "دەرسنى خەنزۇ تىلىدا ئۆتسە ياخشى بولىدىكەن " دېيىشىپ ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرىنى خەنزۇ تىلىدىلا چىقىرىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى . بۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش يۈز بېرىپ ، تەبىئىي پەن دەرسلىكلىرى خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلدى . مائارىپىمىزنى باشقۇرۋاتقانلارمۇ مەيلى باشلانغۇچتا قوش تىلدا ئوقۇغانلار بولسۇن ياكى قوش تىلدا ئوقۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈشتىن ئىلگىرى باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ بولغانلار بولسۇن ھەممىسىنىلا "تەبىئىي پەنلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئۆگىنىسەن " دېگەن بىر تاياق بىلەن ھەيدەپ ماڭدى . بۇنىڭ بىلەن " مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش " يۈز بەردى . بەزى سىنىپلاردا خەنزۇ تىلىدا چىقىرىلغان دەرسلىكنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغان ئوقۇغۇچى تۆتتىن بىرىگىمۇ يەتمىدى . ئوقۇپ چۈشىنىشى تۆتتىن بىرىگە يەتمىگەن ئوقۇغۇچى ئەسلىدىلا ئۆگەنمەك ئىنتايىن قېيىن بولغان ماتىماتىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى قانداقمۇ چۈشىنىپ ماڭالىسۇن . سۈپەت بولۇپمۇ تەبىئىي پەندىكى سۈپەت ئەلەلىيەتتە ئىنتايىن تۈۋەن بولدى ، لېكىن ، تەكشۈرۈش كەلگەندە بۇنى مەلۇم ئامال – چارىلەرنى قوللىنىپ چاندۇرماي كەلدۇق . X32RZ9y مېنىڭچە ، يۇقارقىدەك "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش" ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈشلەر " ھەرگىزمۇ ئىلمىي تەرەققىيات بولمىسا كېرەك . ئۇ پەقەت ، يۇقۇرىغا ياخشىچاق بولۇپ ، ئەمەلنى ئۈستۈرىۋالغۇچىلىكلا كۆرگىلى بولىدىغان پايدا . 1950 – يىلىدىن 1960 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەتتە " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " بولۇپ بۇ چاغدا نۇرغۇن ئەمەلدارلار ئەمەللىرى ھەسسىلەپ ئۆسكەن . كېيىن ، ھۆكۈمەت ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئەمەلدارلار پايدىلانغان " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "تىن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىنتايىن چوڭ زىيان تارتقانلىقىنى ، سانائەت ۋە يېزا ئىەىلىكىدە ئىلگىرلەش ئەمەس ، چېكىنىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان . لېكىن ، شۇ چاغدىكى يېزا ئىگىلىكى ، سانائەتتە يۈز بەرگەن " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "لەرنىڭ ۋارىسلىرى " ئەمدى قالايمىقان قىلىنمىغان ئۇيغۇر مائارىپى قاپتۇ " دەپ " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " ، " مايسىنى تارتىپ ئۈستۈرۈش "نى ھازىر ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . بۇنىڭغا مېنىڭچە ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ناھايىتى ھۇشيار بولۇشى كېرەك . چۈنكى ، مائارىپتا زىيان تارتىش يېزا ئىەىلىكىدە ، سانائەتتە زىيان تارتىشقا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ . كېيىن ، "ئەستا " دەپ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ . ~&lQNl3`m6 ئۇيغۇر مائارىپىدىن ئىبارەت پاراخوتنىڭ رولىنى تۇتقانلارغا مېنىڭ دەيدىغىنىم : سىلەر بۇ پاراخوتنى تەرەپ – تەرەپكە ھەيدەۋەرمەڭلار ، چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىدىغان ساياھەت پاراخوتىڭلار ئەمەس . بۇ دېگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مائارىپى ! سىلەر ئەمدى ساياھەتنى توختىتىپ ، پاراخوتنى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىگە ھەيدەپ كېلىپ ، پاراخوتتىن چۈشۈپ ، تۆگىلەرگە مىنىپ ، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ قۇرغاق ئانا زېمىنىمىزنى بىر ئايلىنىپ چىقىڭلار . شۇنداق قىلغىنىڭلاردىلا ، سىلەر دۇنيانى ئايلىنىپ تاپالمىغان ئۇيغۇر پائارىپىنى تاپالايسىلەر ! ھازىر مائارىپنى دۇنياغا يۈزلەندۈرەيلى دېيىلىۋاتىسىلەر ، بىردەم ئۇنداق مائارىپنى ، بىردەم مۇنداق مائارىپنى يولغا قويۇپ ، تېخىچە ئۆزىنى تاپالمايۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنى قانداقمۇ بىراقلا دۇنياغا يۈزلەندۈرگىلى بولسۇن . بۇ خۇددى " نىسىگە بەرسە پۈتۈن دۇنيانى سېتىۋالىمەن " دېگەندەك گەپقۇ . بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنى تاپايلى . ئۇنى تېپىپ ئالدى بىلەن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرەيلى . شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈپ بولۇپ ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرەيلى ، ئىچكىرىي ئۆلكىلەرگە يۈزلەندۈرۈپ بولۇپ ، ئاندىن دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى ئويلىشايلى . b0y-H/d/} سۆزۈمنى خۇلاسىلىغاندا ، ئۇيغۇر مائارىپى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپى . بىز ئۇيغۇرلار بۇ مائارىپنىڭ ئىگىسى . شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر پۇقراسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە تەلمۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆز خاسلىقىنى يوقۇتۇپ ، تونۇغۇسىز بىچارە ۋە ئۇۋالچىلىقتا قېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلەيلى . ئۇنىڭ ئۆزىنى تېزرەك تېپىپ جۇڭگوغا ، دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى ! ldYeX+J
_
|
|