ب د ت يېمەكلىك تەتقىقات مەركىزى بېكىتكەن 10ئەخلەت يېمەكلىك
بىرىنچى ، ياغدا قورۇغان يېمەكلىكلەر: ئەكس تەسىرى 1. يۇرەك قانتومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قاتىلى 2.راكنىڭ پەيدا بولۇش مەنبىيى 3.ئاقسىللاردا خىمىيىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ ۋىتامىنلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئىككىنچى، سۈرلەنگەن يېمەكلىك ۋە تۇزغا چىلانغان سەي: ئەكس تەسىرى 1. يۇقىرى قان بېسىمى، بۆرەك يۈكى ئارتىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق راكىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى 2. شىللىق پەردىلەرنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ئۈچەي ۋە ئاشقازان يوللىرىدا ياللۇغ ۋە يارا پەيدا قىلىدۇ. ئۈچىنچى، ساقلىغىلى بولىدىغان پىششىقلانغان گۆش مەھسۇلاتلىرى(كولباسا، گۆش قېقى، گۆش تالقىنى) : 1) بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان <ئامىل نىترت> راك پايدا قىلغۇچى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى. 2) كوپ مىقداردىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان تەركىبلەر جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ جىگەر خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. تۆتىنچى، پىرەنىك تۈردىكى تەييار يېمەكلىكلەر: بۇنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان تېتىتقۇ بىلەن رەڭ ماددىسىنىڭ كۆپ بولۇشى جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىپ يېمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىتامىنلارنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. بەشىنچى، گازلىق ۋە كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر: بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى<پوسپورىك كىسلاتا،كاربۇنات كىسلاتا>لار ئادەم بەدىنىدىكى كالىتسىنى زور مىقداردا ئازايتىۋېتىدۇ. ئالتىنچى، تەييار چۆپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: بۇنىڭ تەركىبىدىكى چىرتىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچ، تېتىتقۇ قاتارلىق تەركىبلەر جىگەر خىزمىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، ئازراقمۇ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوق. يەتتىنچى، شېكەر يالىتىپ ساقلانغان قارا ئۇرۇك قاتارلىق مېۋە قاقلىرى: بۇنىڭ تەركىبىدىمۇ ئوخشاشلا كۆپ مىقداردا راك پايدا قىلغۇچى تەركىپ ئامىل نېترت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدىكى يۇقىرى تۇز مىقدارى، تېتىتقۇلار جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. سەككىزىنچى، پىششىقلانغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: دۇفۇ قېقى،سېسىق دۇفۇ، پىشلاق، دۇفۇ تېرىسى>.بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى گەج ئادەم بەدىنىدە ھەزىم بولماي ئاسانلا تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توققۇزىنچى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: ئاسان يۇقۇملاندۇرىدۇ، ھەتتا زەھەرلەپ قويۇش نىسبىتى يۇقىرى. ھەتتا ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەردە گېن ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ راك پايدا قىلىدۇ. ئونىنچى، كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر: ئوتۇن دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ كۆمۈر ئىسى ئارقىلىق كاربون 4 ئوكسىدىغا تويغۇچە «غىزالىنىدىغان» بۇ خىل يېمەكلىكلەر راك پەيدا قىلغۇچى خەتەرلىك يىمەكلىك تۈرى بولۇپ قېلىش بىلەن بىرلىكتە بەدەندىكى ئاقسىلنى خورىتىپ بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ( مەنبە: تىركەش مۇنبىرى)
|