نىمە ئۈچۈن تىلىمىز ئاسان «يۇقۇملىنىدۇ»؟
مۇئاممار ئۇلۇغيار
بۈگۈن تورنى ئارىلاۋېتىپ تورداش «halida»نىڭ «ئۇيغۇرلار ياراتقان تۆھپە» دىگەن تېمىدىكى ماقالىسى دىققىتىمنى تارتتى. گەرچە بۇ ماقالىنىڭ ئىملا خاتالىقلىرى مېنى خېلى قىينىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىممەتلىك مەزمۇنلىرى كىملىك ۋە تەقدىر تەشنالىقىدا ئېچىرقاپ كەتكەن روھىي دۇنيارىمنى ئەسىر قىلدى.
ماقالىنىڭ بىرىنچى تېمىسىنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ خاس كەشپىياتلىرىدىن بىرى بولغان «كارىز»غا قويۇۋالغان ئاتاقىمىزنىڭ قانداقلارچە پارىسچە بولۇپ قالغانلىقى ئەقلىمنى ھەيران، كۆڭلۈمنى غەش قىلدى. تېخى بىز كۈندە نەچچە رەت تىلغا ئالىدىغان، «گۆش»، «نان»، «دەريا»...دىگەن سۆزلەرچۇ تېخى...(!)
تىلىمىزدىكى ئەبجەشلىك قوزغىغان چۆچۈش ماڭا جىددى بىر زۆرۈرىيەتنى ھىس قىلدۇردى. يەنى، بىز يىلتىزىمىزنى بىلىپ، مەدەنىيىتىمىزنى ئەتراپىق تەتقىق قىلىپ، كىملىكىمىزنى ئوبدانراق تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، پەقەت تارىخ ۋە جۇغراپىيەلىك باغلىنىشىمىز ئەڭ يېقىن بولغان خوشنا قېرىندىشىمىز خەنزۇلارنىڭ تارىخي يازمىلىرىنى ۋاراقلاپلا قالماي، يەنە چوقۇم تۈركچە، پارىسچە، ھىدىچە، ئەرەپچە، موڭغۇلچە، رۇسچە، نېمىسچە... يېزىلغان تارىخي مەنبەلەرنىمۇ ئەتراپىق توپلاپ، سېلىشتۇرما تەتقىقات مىتودى ئارقىلىق بىر ئومۇمىي تارىخىي تەسۋىرىمىزنى سىزىپ چىقىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر ھەم بىردىنبىر يول ئىكەن... بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمنىڭ، جۈملىدىن تارىخ ھەۋەسكارلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۈگىنىپلا قالماستىن يەنە ئىمكانبار قەدىمىي ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تۈركچە، پارىسچە، ھىدىچە، ئەرەپچە، موڭغۇلچە، رۇسچە، نېمىسچە تىل-يېزىقلارنىمۇ ئۈگىنىپ يېتەرلىك مەنبەلەردىن ئوزۇق ئالمىسا بولمىغۇدەك. چۈنكى ئارىلىقى يېقىن خوشنىلار بىر بىرى بىلەن يېقىن ئۆتۈپلا قالماستىن، يەنە ئاسان سۈركىلىشىپمۇ قالىدۇ، ئۇلار يېزىپ قالدۇرغان تارخىي خاتېرىلەردە دوستلۇق ياكى ئۆچمەنلىكتىن تۈزۈلگەن ھىكايەتلەر كەم بولمايدۇ...ئەگەر ئۆچمەنلىك سىڭگەن ياكى تېگىدىن مەنپەئەتپەرەس تائىپىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان مەنبەلەر بولسا، ئۇنىڭدا چوقۇم باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ چۈشەندۈرىدىغان خائىش ساقلانغان بولىدۇ.
ئەمدى ئەسلى تېمىغا كەلسەك، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي كەچۈرمىشلەر بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە قىلىنىشنىڭ تەمىنى تازا تېتىتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئارىلاشما مەدەنىيەت ۋە ئەبجەش تىلدىن ئىبارەت بۇ ئۆچمەس تامغىنى بېسىپ قويغان ئىكەن. مۇشۇ كۈنلەردە توردا ئېقىپ يۈرگەن بىر يۈرۈش ئەمەلىي دىئالوگ مىسللىرىنى ستاتىستكا قىلىشىمچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلىدا خەنزۇچە سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن %30 ئەتراپىغا يەتكەن بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئۆزىمىزنىڭ شۇنچە كۆپ يېزىقنى ئىجات قىلىپ ئىشلەتكىنىمىز ئاز كېلىپ قالغاندەك، مەجبۇرەن، زۆرۈەن ۋەياكى ئىستىخىيىلىك ھالدا خوشنا مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقلىرىنى ئارىلاش ئىشلىتىپ كۆنگەن خۇيىمىز تا بۈگۈنگىچە ئۆز ئىنېرتسىيىسىنى يوقاتماي كەلىۋېتىپتۇ. يۇقارقى ستاتىستىكىدا مەن تېخى مىسالەن «كارىز»، «گۆش»، «نان»،... دىگەندەك پارىسچە مەنبەلەردىن سىڭىپ كىرگەن سۆز ئامىللىرىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن...!!!
تىل-يېزىق مەدەنىيىتىمىزدىن مەلۇمكى، بۈگۈنكى زاماندىمۇ بىز تىل يېزىق ئىستېمالىمىزدا تارىختىن بۇيان «كۆنگەن خۇيىمىز»غا ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىپ، نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدا شۇ پېتى قوبۇل قىلىپ، «پۈۋلىۋەتمەيلا ئىستېمال قىلىپ»، ئىستېمال «تاغىرىمىز(كىتابلارنى دىمەكچى)»غا سېلىۋالدۇق. بۇمۇ ئاز كېلىپ قالغاندەك، يەنە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تۇرمۇش ئاتالغۇلىرىنىمۇ باشقا مىللەتلەرنىڭ پارالېل مەنىدىكى سۆز-ئاتالغۇلىرى بىلەن «دەرھال» ئالماشتۇرۇپ، زورمۇ-زور خاتا تەلەپپۇز قىلىپ، «تېخى تۈنۈگۈنلا خوشنا تىللاردىن «ئۇچراتقان» بەزى ئاتالغۇلارنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئانا تىلىمىزنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، سۆز تۆرىمىزدىن ئورۇن راسلاپ بەردۇق. ئەجداتلىرىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۆز ئاغزى بىلەن ئىشلىتىپ مىراس قالدۇرغان «تەۋەرۈك» سۆزلىرىمىزنى ئىككىلەنمەيلا تاشلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن تېپىۋالغان ئاشۇ «ئەڭگۈشتەر» تىل-يېزىقلارنى دەسسىتىپ ئىستېمال قىلىشقا تولىمۇ خۇشتار بولۇپ كەتتۇق... بەزىدە ھەتتا سۆيۈملۈك ئانام چەكسىز مېھرى-مۇھەببەت بىلەن تەييارلاپ «ئىسسىقىدا ئىچىۋال ئوغلۇم...» دەپ بېرىدىغان «شورپا» دىگەن ئۈنتۇلماس تائامنى بىلىپ-بىلمەي «تاڭ» دەپ سېلىپ نومۇستىن شۈركىنىپ كېتىمەن...بۇ بەلكىم بىزگە ئۆز تەم ياد نام بىلەن تاماق سېتىپ يۈرگەن ئاشپۇزۇللارنىڭ تۆھپىسىمىدۇ؟...تىلىمىزدىكى بۇ خىل يۇقۇملىنىش قانداق بىر ۋىرۇسنىڭ تەسىرىدىن بولدىكىن، ھىچ بىلمىدىم...نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن ئەۋلاتلىرىمىز كونا ئاشپۇزۇللارنىڭ خارابىسىدىن ئاشۇنداق تائام تىزىملىكىمىزدىن بىرنى قېزىپ چىقارسا، «تاڭ» دەپ يېزىلغان سۆزلەرنى خوشنىمىزغا نىمە دەپ تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭ كەشپىيات ھەقدارىنى نەدىن ئىزدەپ تاپاركىن تاڭ(؟!)...
تىل ئۈگىنىش ئەلبەتتە تولىمۇ پايدىلىق ئىش. مىللەتلەر ئارا ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئالاقە-ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، قەۋمنىڭ دۇنيانى تونىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆپرەك ئادەمنىڭ كۆپرەك تىلنى بىلىشى تېخىمۇ ياخشى. ئەممازە، بىر ئادەمنىڭ كىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئۇ ئۆزى بىلىدىغان قايسى تىلنى تاللاپ ئىشلىتىشى، ھەر بىر ئادەمدە كىملىك ئەقىدىسى ۋە ئەقەللىي ئىدراك بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ھۇش كاللىسى جايىدا ئادەم بولسىلا، ئۇ ئۆزى بىلىدىغان ھەرقانداق تىلنى تېگىشلىك ھەم زۆرۈر جايىدىلا ئىشلىتىدۇ. ھەرگىزمۇ «ھاجەتخانىدا تاماق يىمەيدۇ، داستىخان ئۈستىدە تاھارەت قىلمايدۇ»...
مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ھەر بىر مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ـــ دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل، ھاياتنى تېخىمۇ مەنىلىك قىلىدۇ. تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ خاسلىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ تۈپ ئامىل. ئۇنى ساقلاشنى خالىمىدۇق، ئۇنى ئىستېمالدىن چۆرۈپ تاشلاشقا ھەسسە قوشتۇق، ئۆزىمىزنىڭ زاۋالىغا تەشنا بولدۇق دىگەن گەپ. ئۇلۇغ تەڭرىمىز بەندىلىرىنىڭ ئاشۇنداق تەشنالىق-تەلپۈنۈشلىرىگە جاۋابەن، ئۇلارنىڭ مۇرادىنى بىر-بىرلەپ ھاسىل قىلىپ بەرسە كېرەك...خۇددى تارىختا تېگى پەس ئازغۇندى «قېرىندىشىمىز» ئاپاق غوجىنىڭ ئازغۇن ئىرادىسىگە ئەگىشىپ ئۆزئارا بۆلۈنۈپ قىرغىنچىلىق قىلىشىپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى شىددەت بىلەن ئاجىزلاشتۇرۇپ، پۈتۈن قەۋم بويىچە ۋەيران بولۇشقا ئالدىرىغان چېغىمىزدا، تەڭرىم بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزۈپ دەرھال مۇنقەرز قىلىپ، زاۋال تەشنالىقىمىزغا قاندۇرغىنىغا ئوخشاش...
تىلىمىز زادى نىمىشقا شۇنچە تېز يۇقۇملىنىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولسىمۇ، ئاساسلىق «كېسەل تارقاتقۇچى ۋىرۇس»لار تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن كېلىدۇ:
1. ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بىلىمسىزلىكى، ئۆزلۈك(مىللى خاسلىق)نىڭ نەقەدەر مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلمىگەنلىكى؛ ئائىلە تەربىيىسى ۋە ئۆزلۈك مائارىپىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى؛
2. كۆپ قىسىم سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى؛ تارىخنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلماي، ئۆز قەۋمىنىڭ زاۋالىنى تېزلىتىدىغان يولدا بەڭباشلىق بىلەن مېڭىۋېرىشى؛
3. زىيالىيلارنىڭ كالتە پەملىك قىلىپ، كىتاپ-ماتېرىياللارغا تەرجىمە قىلمايلا كىرگۈزۈۋەتكەن سۆز-ئاتالغۇلىرىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ۋە شۇ پېتى ئىستېمال قىلىنىشى؛ ئۆزلۈك مەنبەسى بولغان يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى تۈزۈپ ئومۇملاشتۇرۇشقا سەل قارىشى؛
4. قەۋمنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى، مەدەنىيەت ئەندىزىسى ۋە تەرتىۋىنى ساقلايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتى بولمىغانلىقى؛
5. سۆزلەرنى تەرجىمە قىلماي ئىستېمال قىلىشقا ئالدىرىتىدىغان ئەقىدىسىز ئاچكۆز گال ۋە يات تىللىق بازارنىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ زىيادە چوڭ بولۇشى؛
6. قەۋمدىن چىققان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ دۆلەت قانۇنى بەرگەن كەڭرى سىياسەت، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن، ئۆز قەۋمى ئۈچۈن ۋەكىل بولۇپ تېگىشلىك كۈچ چىقىشقا يارىماي، قەۋمنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «تەختىگە» ئولتۇرماي، بەلكى بەختىگە ئولتۇرۇشى...
7. ساپاسى تۆۋەن ئاچكۆز تىجارەتچى، شەرەپسىز كەسپكارلارنىڭ خەلقنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ كۆپرەك پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش مەقسىدىدە، بەزى ئاتالغۇلارنى قەستەن پارىسچە، ئەرەپچە، ھىندىچە، ئوردۇچە، خەنزۇچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە،...ئىشلىتىپ كىشىلەرنى يوشۇرۇن كوندۈرۈۋېتىشى...
قىسقىسى، تىلىمىزنىڭ مۇنچە تېز يۇقۇملىنىشى، زۆرۈر ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنىڭ تولىمۇ ئاجىز بولۇشىغا قاراپ، ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىش ماھارىتى جەھەتتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىمىزمىكىن دەيمەن...
ئەمەلىيەتتە ھازىر نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەقلى بەرىكەت تېپىپ، ئۆز تەقدىرىنىڭ كېلەر-كېتەر نىشانىغا نەزەر سالىدىغان، ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىدىغان بولۇشقا يۈزلەنمەكتە. ئەمما ئاتا-بوۋىسىنىڭ تىل يېزىق ۋە باشقا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ھىچبىر ئىككىلەنمەي ئاسىيلىق قىلىپ، يات قەۋملەرنىڭ مەسخىرىلىك بېقىشلىرىغا كۆنۈپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمنىڭ ئازغۇنلۇق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك چىرمىۋالغان غەپلەت ئۇيقۇسىدىن بالدۇرراق ئويغۇنۇپ، خۇددى ئۆزى ئىستېمال قىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن غەيرى ئانا تىللارنى سۆيگەنچىلىك بولسىمۇ ئۆز ئانا تىلىنى سۆيۈشىنى، قېرىنداش مىللەتلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئانا تىلنى ئىشلىتىشنىڭ ھىچقانداق نومۇس قىلىدىغان يېرى يوقلۇغىنى چۈشۈنۈپ يېتىشىنى، ئىمكانبار كۆپرەك تىللارنى ئۈگۈنۈپ دۇنيانى يەنىمۇ ئەتراپلىق تونۇشىنى، ئەمما ئۈگەنگەن ھەر بىر تىل، ھەر بىر سۆزنى تېگىشلىك ھەم زۆرۈر بولغان جايىدا ئىشلىتىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن!
ھەرقانداق خاراكتېردىكى يۇقۇملىنىش شەيئىنىڭ ئەسلىدىكى تەڭپۇڭلۇغىنى يوقىتىۋېتىدۇ، ھەتتا ئەسلى ماھىيىتىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىگە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. سۈپىتى بۇزۇلغان نەرسىنىڭ ئەتىۋارى ۋە قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ. شۇڭا، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم! تىل ئىستىمالىدىكى ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاشۇرۇڭ. ئەگەر سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يات قەۋمدىن تۇغۇلغان ھارامدىن بولغان بالىسى بولمىسىڭىزلا، ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى ئارقىلىق سىزگە يېتىپ كەلگەن ئانا تىلىڭىزغا ئاسىيلىق قىلماڭ... قەۋمىڭىزنىڭ ئانا تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساپ ۋە سەرخىل، خاس مىللىي مەدەنىيەتلىرى بىلەن ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ رەڭدارلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇڭ. ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىز ھەر بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك ھوقۇقتا باراۋەر ھالدا ئورتاق گۈللىنىشىگە پارلاق يول ئېچىپ بەرمەكتە!!!... 9 مىليۇن 600 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر كۆلەمگە ئىگە بۇ بىپايان زېمىندا، چۈچۈك تىللىرىمىز قىستىلىپ بويۇن قىسىپ قالمىسۇن... تەڭرى بەرگەن بۇ بىشارەتلىك داغدام يولدا مېڭىشتىن تايمايلى!!!
2012-يىلى 2-ئاپرېل.
|