تىلىمىزدىن تانغانلارغا تەگسۇن
مەن خىزمەتتىن چۈشكەن ياكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدا ، ئىچكەركى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يە كىتاب ئوقۇيمەن ، يە يېزىقچىلىق قىلىمەن ، يە ئارام ئالىمەن . بۇ چاغلاردا تاشقارقى ئۆيۈمدە بالىلىرىم كۆرۈۋاتقان تېلىۋىزورنىڭ ئاۋازى قۇلۇقىمغا كىرگەچ تۇرىدۇ . بىر كۈنى تېلىۋىزوردا بىر ئايالنىڭ " يىگىن قوزام ، ساڭا تازا لايىقكەن " دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم - دە ، " ۋوي ، بۇ بۇنداق ئەتىۋارلاپ بېقىلىۋاتقان قانداق قوزىدۇ ؟" دەپ چىقىپ قارىسام ، ئۇ قوزا ئەمەس ، شۇنداق ئوماق بىر بالىكەن . بۇنى كۆرۈپ بېشىمنى ئىختىيارسىز چايقىۋەتتىم ، ئوماق بالىسىنى ھايۋاننىڭ بالىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان ھېلىقى ئايالنىڭ ئەقلىگە نېمە دەي ؟ بالىسى قوزا بولسا ، ئۆزى ساغلىق ( قوينىڭ چىشى) بولىدۇ - دە . بىزدە ئوماق بالىلىرىمىزنى " يۈرەك پارەم "، "جان -جىگىرىم " دەپ ئاتايدىغان قائىدە بار ئىدى . باشقا مىللەتلەردە ئات ، كالا ، قوي ، چوشقىلارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قويىدىغان ئادەت بار ئىدى . ئەمدى بۇ ئادەت ھېلىقى ئايالنىڭ ئوماق بالىسىنى ھايۋاننىڭ بالىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىشىدىن قارىغاندا بىزگىمۇ كىرىۋىتىپتىمۇ نېمە ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم . بىر كۈنى تېلىۋېزوردا " ئەركەك قۇدام بىلەن چىشى قۇدام بىللە كەلگۈدەك " دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ قالدىم - دە ، " ۋوي ، بۇ ھايۋاناتلار پىرسۇناژ قىلىنغان كارتون فىلىم ئوخشىمامدۇ ؟ بۇ قانداق ھايۋانلاردۇ ، ئادەملەردەك قۇدىلىشىدىغان ؟ " دەپ چىقىپ قارىسام ، سۆزلىگۈچى ھايۋان ئەمەس ، ئادەمكەن . بۇنى كۆرۈپ " ئەجەپ بىر ئادەملەركىنا ،ئۆزىنىڭ ئوماق ، ئەتىۋار قىزىنى ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىغا جۈپلىگەن ؟ " دەپ ئويلاپ قالدىم . بىزدە " ئايال قۇدام ، ئەر قۇدام " دەيدىغان سۆز بار . ئەسلى مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىنسا توغرا بولىدىغان سۆزنى يۇقارقىدەك تەرجىمە قىلىپ ، بىر كاتتا ئادەملەرنى ھايۋانلاردەك قىلىپ قويغان تەرجىمانىمىزنىڭ ئەقلىگە نېمە دەي ؟ يەنى بىر كۈنى تېلىۋىزوردا بىرەيلەننىڭ" سىلەر ئۈچۈن قولۇم كۆكسۈمدە " دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم- دە ، " ۋوي ، بۇ ئەر كىشىمۇ - ئايال كىشىمۇ ؟ " دەپ چىقىپ قارىسام ، خېلى تونۇلغانلا بىر ئەر رىياسەتچىمىزكەن . " 'كۆكسى' دېگەن ئاياللارنىڭ بالا ئېمىتىدىغان ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان . ئەمدى بۇ يەردە بىر ئەر كىشىنىڭ ' قولۇم كۆكسۈمدە ' دېگىنى قىزىق ئىشقۇ ؟ بۇ ئەركىشىنىڭ بالا ئېمىتىدىغان ھېلىقى ئەزاسى بارمىدۇ - يە ، ياكى بولمىسا بۇ ھەمجىنىس كىشىمىدۇ يە ؟" دەپ ئويلاپ قالدىم . بىزدە دادىللىقنى ، مەرتلىكنى ، بىرەرى ئۈچۈن جان پىدائىي قىلىشنى ئىپادىلەيدىغان " كۆكرەك كېرىپ چىقىش " دېگەن سۆز بار . شۇڭا " قولۇم كۆكسۈمدە " دېمەي ، " قولۇم كۆكرۈكىمدە " دېسە بولىدىغان سۆزنى " قولۇم كۆكسۈمدە " دەپ ، ئۆزىگە بىر مۇنچە ھاقارەت كەلتۈرىۋالغان رىياسەتچىمىزنىڭ ئەقلىگە نېمە دەي ؟ بىر كۈنى تېلىۋېزوردا بىرەيلەننىڭ " قىزىمىز يولدىشى بىلەن بىللە كەلگۈدەك " دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ قالدىم . " يولدىشى " دېگەن سۆز " يولداش " ( يەنى بىر يولدا ماڭغۇچى) دېگەن سۆزگە ئۈچۈنچى شەخس قوشۇمچىسى " ى"نىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈرلەنگەن سۆز . تۈرلەنگەن سۆزلەر يېڭى مەنا ئاڭلاتمايدۇ . شۇڭا " يولدىشى " دېگەن سۆز " بىر يولدا ماڭغۇچىسى " دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ . بىر ئايال ماڭغان يولدا ماڭغۇچى ئەر بىرلا بولمايدۇ . ئۇ ئايال ماڭغان يولدا نۇرغۇن ئەرلەر ماڭىدۇ . " ئېرى " ياكى " كۈيۈسى " دېگەن كاتتا سۆزىمىزنىڭ ئورنىغا "بىر يولدا ماڭغۇچىسى " دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغان " يولدىشى " دېگەن سۆزنى ئالماشتۇرىۋىلىپ ، قىزىنى نۇرغۇن ئەرنىڭ خوتۇنى دەپ، قىزىغا ھاقارەت قىلغان شۇ ئاتا- ئانىلارنىڭ ئەقلىگە نېمە دەي ؟ |