查看完整版本: [-- «تېگى پەس»ئادەملەر كىم؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> «تېگى پەس»ئادەملەر كىم؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muammar 2012-03-30 00:53
«تېگى پەس» دىگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى
 

مۇئاممار ئۇلۇغيار، 2012-يىلى 30-مارت.
 

    «تېگى پەس» دىگەن سۆز، كىشىلەر ئۆزئارا قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاندا دەيدىغان زەھەردەك ئاچچىق سۆز بولۇپ، بۇ قارشى تەرەپنى ئىنتايىن تۆۋەن تەبىقىنىڭ پۇشتى، دەپ ھاقارەتلەش مەقسىدىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۇنداقتا «تېگى پەس ئادەم» دىگەن زادى قانداق ئادەمگە قارىتىلغان؟    ئىنچىكە تەھلىل قىلساق ئېنىقكى، «تېگى پەس ئادەم» تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

1.       تېگى-تەكتى، ئەسلى ۋەسلىدىن تەربىيە كۆرمىگەن، ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن، قارا قۇرساق، مەدەنىيەتسىز، بىلىمسىز، ئاڭسىز ئادەم؛

2.       ئىشنىڭ ئېپىنى بىلمەيدىغان، دىتى يوق، چارىسىز، ئۇرۇغىدىن دۆت، قائىدە چۈشەنمەيدىغان ئادەم؛

3.       ئىرادە-ئېتىقادىنىڭ تايىنى يوق، نام-نىشانسىز، بېلى بوش، لىڭتاسما، لايغەزەل ئادەم؛

4.       كېپىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان، «ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالىدىغان»، يۆلىگەنسېرى سوڭىغا دەسسەيدىغان، ئەسلى نەسەبىدىن ئىلگىرى كەلمەيدىغان يالاڭتۆش ئادەم؛

5.       ئەسلى-ۋەسلىدىن تارتىپ چاكىنا، قىلىقسىز، تۇتۇرۇقسىز، شاللاق، تاماگەر، يالاقچى، خۇشامەتچى، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، شەرمى-ھاياسىز، پەدىشاپنى تەرك ئەتكەن ، يۈزى قېلىن ئادەم؛

6.       ئۇرۇغىدىن گۇمانخور، پىتنە-غەيۋەتچى، ئىچى تار، ھەسەتخور، قىتىغۇر، زەھەرخەندە، چېقىمچى ئادەم؛

7.       پۇشتىدىن قولى ئەگرى، ھارامخور، ئاچكۆز، تەييارتاپ، نەپسانىيەتچى ئادەم؛

8.       ئۇرۇغىدىن كۆكەمە، يۈزسىز، جىدەلچى، گەدەنكەش، بالاخور ئادەم؛

9.       ئەسلى-ۋەسلىدىن تانغان، ۋاپاسىز، تۇزكور، ساتقىن-مۇناپىق ئادەم.

ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدا، ھەر قەۋم، ھەر جەمەتتە يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئىللەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىۋالغان «تېگى پەس» ئادەملەرنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ قالىمىز. زامانىمىزدا، ئەجەش مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىنسان ئەقلىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشى ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل «تېگى پەس» ئادەملەر كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، «تېگى پەس» ئادمەلەرنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ تاپالاياىغان بولۇپ كەتتى. ئىشەنمىسىڭىز، ئەتراپىڭىزغا ئوبدان قاراڭ،  ئەنە چوڭ-چوڭ ئەمەلدار، كادىر، سودىگەر، دېھقان، ئوقۇغۇچى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن...ئىشقىلىپ، ھەممە تائىپىلەردىن يەتكۈچە ھۆ بولغۇدەك مىساللارنى تاپالايسىز...

بىر قەۋم ياكى جەمەتكە نىسبەتەن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «تېگى پەس» دىگەن باھاغا ئىگە بولۇپ قېلىش ئىنتايىن شەرمەندە بولغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ھايۋانلاردىمۇ كۆرۈلمەيدۇ! شۇڭا بۇنداق «تېگى پەس»لەرنىڭ خالا قۇرۇتىدەكمۇ ئىززەت-ھۆرمىتى يوق، ھەرقانداق بىر ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئادەم ئۇلاردىن ئىنتايىن يىرگىنىپ، خۇددى ۋابا كېسىلىدىن قاچقاندەك قاچىدۇ...

قاراڭ، قېرىندىشىم، لاياقەتلىك ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس، ھەممە ئادەم ئۆزىنى سەللا ئىختىيارىغا قويۇۋېتىدىغانلا بولسا، ئارتۇق كۈچىمەيلا «تېگى پەس» تائىپىلەر قاتارىغا كىرىپ كېتەلەيدۇ!...شۇڭا، ئەقلىمىزنى بىلگەندىن باشلاپ، ئۆز ئۆزىمىزنى باشقۇرۇشنى ھەر-بىر دەقىقىلەردە ئەستىن چىقىرىپ قويساق بولمايدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، تازا ئۆلچەملىك «تېگى پەس»لەردىن بولۇپ كەتتى...بۇنداق كۆپىيىۋەرسە پۈتۈن قەۋمىمىز بىر چوڭ توپ سۈپىتىدە «تېگى پەس» قەۋم بولۇپ قالماسمۇ؟ ئۇنداقتا بىز ۋە بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى قانچىلىك بولار؟...ئۇلۇغ تەڭرىم شۇ كۈنلەرنى بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن!!!

muammar 2012-03-30 00:58
بىرنچى ئابزاسنىڭ ئاخىرىدىكى «دىگەن مەنىدە» دىگەن سۆز ئارتۇقچە،
6-تۈردە ئىككى سۆز چۈشۈپ قاپتۇ: ... قىتىغۇر، زەھەرخەندە، ...
(تۈزىتىپ ئوقارسىزلەر)

muammar 2012-03-30 01:03
5-تۈردە:  «ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، » دىگەن ئىككى سۆز چۈشۈپ قاپتۇ. رەنجىمەي قوشۇپ قويساڭلار...

muammar 2012-03-30 01:10
تۈزىتىش:    
5.    ئەسلى-ۋەسلىدىن تارتىپ چاكىنا، قىلىقسىز، تۇتۇرۇقسىز، شاللاق، تاماگەر، يالاقچى، خۇشامەتچى، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، شەرمى-ھاياسىز، پەدىشاپنى تەرك ئەتكەن، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى، يۈزى قېلىن ئادەم؛
6.    ئۇرۇغىدىن گۇمانخور، پىتنە-غەيۋەتچى، ئىچى تار، ھەسەتخور، قىتىغۇر، زەھەرخەندە، چېقىمچى، ساتقىن-مۇناپىق ئادەم؛
7.    ئۇرۇغىدىن كۆكەمە، جىدەلچى، گەدەنكەش، بالاخور ئادەم.

mamatjan74 2012-03-30 10:25
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك پىكىرنى ئەتىراپلىق،ئىنچىكە شەرھىلەپسىز.ئۆزىمىزگە ئوبدان تەدبىقلاپ ،ئۆزىمىزگە ئوبدان نەزەر سېلىپ باقساق بولغۇدەك.

tawpek 2012-03-30 10:48
تەپەككۇرلىرىڭىزنىڭ ۋەزنىگە گەپ كەتمەيدۇ، تەۋپىقداشلار سىزنىڭ مۇشۇنداق ئەسەرلىرىڭىزنىڭ يولىغا بويون قىسىپ قارايدىغان بوپ كەتتۇق، قىسقىسى مەن ،

داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ، تور بىكىتىمىز ئۈچۈن بەك ياخشى تۆھپە قوشىۋاتىسىز، كۆپ تەشەككۇر.

ئەسەرلىرىڭىز تەۋپىقداشلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە شۇنداق بىر ئەھمىيتىنى كۆرسىتىۋاتىدۇكى:

ھەربىر تىمىڭىزنى تور بەتچىلەرنىڭ تور بىكىتىدىكى تىمىللىرىنى ئۇلانما تورى ئارقىلىق ulinix.cn دا بىۋاستە تەشۋىق قىلىش باھالىشىغا قاتناشتۇرىۋاتىمەن، ھەربىر تېمىڭىز مۇنبەر تېمىللىرى تەشۋىقاتىغا تاللىنىپ تور بىكىتىمىز ئۈچۈن ناھايتى ياخشى بىر ھەقسىز تەشۋىقات بولىۋاتىدۇ.

تەۋپىق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزگە ئاپىرىن.

مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق داۋاملىق تور بىكىتىمىزنىڭ خاس قەلەمكەشلىرىدىن بولوپ قالغايسىز.

سۆزلەشتە تىلىم سەل كالۋا، كۆڭلۆمنى چۈشەنگەيسىز.

babur 2012-03-30 11:23
ئەمسە تېگى پەس ئادەملەر ئەتراپىمىزدا خېلى باركەن، كۈندە ئۇچرىتىپ تۇرىمەن شۇلارنى !

ئەلدۇز 2012-03-30 12:54
   «تېگى پەس» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى تولۇق،توغرا شەرھىلىنىپتۇ،سىزگە تولىمۇ قايىل بولدۇم. كۆپ تەشەككۈر،سالاملار سىزگىلا مەنسۇپ!
  ھازىرقى تېگى پەسلەرنى ئازايتىش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ،بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبورىيىتى!

akkax 2012-03-31 22:40
  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.
ئۆزىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ھەممىنى چۈشەندىم ، دەپ تۇرىۋالىدىغان ئادەم «ئەڭ پەسكەش ئادەم»   دەپ قارايمەن. مۇشۇنداق ئادەم ھەرجايدا ھەققانىيەتنىڭ، ئادالەتنىڭ، پۈتكۈل ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ .... جارچىسى بولىۋالىدۇ. ھەممىگە مۇھەببەت بىلەن قارىغۇچى سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ. بىراق، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەپتى - بەشىرىسى ئاشكارلانغان چاغدا ھەممىگە لەنەت، نەپرەت ئوقۇيدۇ. دۇنيادىن زارلايدۇ، ئۆزىنىڭ توغرا نىيەتلىرىنىڭ توغرا چۈشىنىلمىگەنلىكى، توغرا مۇئامىلىگە ئۇچىرىمىغانلىقىدىن قاخشايدۇ.
   يازغانلىرىمنى مۇئەممارنىڭ قاراشلىرىغا كىچىككىنە تولۇقلىما قىلالىسام تولىمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم.

tawpek 2012-04-01 02:00
تېمىللىرىڭىزنىڭ پەقەت تەۋپىق مۇنبىرىمىزدىنلا ئورون ئالغانلىقى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىغاندىن كىيىن سۆيۆنۆش ئىلكىدە تىمىللىرىڭىزنى مۇنبىرىمىزنىڭ پەخىرلىك تېمىللىرى قاتارىدا كۈندا بىرنى باھالاشقا قاتناشتۇرىۋاتىمەن، ھەممىسى دىگۈدەك باھالىنىپ ئۇلىنىش تورىدا تىما ماۋزۇسى بويچا نامايان قىلىنىپ كۆرىدىغانلارغا ئۈشبۇ ئادىرىسنى ئىچىپ بەرمەكتە.

تىمىللىرىڭىز مۇنبىرىمىزگە يىڭى بىر گۈللىنىش ئاتا قىلماقتا، گەرچە مۇنبىرىمىزدە سىزگە پىكىرداش بولالايدىغان ئاققاشتەك ئۆتكۆر پىكىرلىك ئەزالىرىمىز ئاز بولسىمۇ(كۆپىنچىلەر كەسىپ ئۇستىللىرى)سىزنىڭ بۇ خىلدىكى تىمىللىرىڭىز تەۋپىقداشلارنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ كەسىپتىن باشقىغا زىھنىنى قارىتىپ بولالماي  بوغولوپ قالغان ئۆتكۆر پىكىرلەرنى قايتا نۇر چاچقۇزسا ئەجەپ ئەمەس.

akkax 2012-04-01 08:26
   تەۋپىق ئەپەندىنىڭ پىكىرىدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم. مۇئەممارنىڭ پىكىرىگە يازغان ئىنكاسىمنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىشى شۇنى ھېس قىلالايدۇكى، مېنىڭ قىلغانلىرىم خۇددى بىر ماك - ماك موماينىڭ ناننى شۇنداق يۇمشاق قىلىپ بەرسىمۇ پۈتۈن يۇتقىنىغا ئوخشايدۇ.
  ئەمما، تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولىمەن. چۈنكى، ھەربىر ئىنكاسى ماڭا ئىنگىلىزلارنىڭ  ” simple it stupid “ ( ئاددى قىلىپ سۆزلە كالۋا » دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئەسلىلا مۇرەككەپ بولغان تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسىم شۇنچە قوپال، نامۇۋاپىق ئىدى. بىراق، تەۋپىق ئەپەندى شۇنداق تېتىملىق، يېقىملىق، چۈشىنىشلىك ئاددىي تىللار بىلەن ماھىيىتىدىن ئېچىپ بېرىپ مېنىڭ كۆزلىرىمنى ئاچتى. ئەگەر بۇ ئىنكاسىمدىن كىمىكى مېنى خۇشامەتچى، تىل ياغلىمىچى دەپ چۈشەنسە ماڭا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت دەپ بىلىمەن. بۇلار پۈتۈنلەي ئۆز سۆزۈم.

tawpek 2012-04-01 10:03
مەن ئۆزۆمنىڭ تۈز توخماقتەك سۆزلىرىمدىن ئەيمىنىپ ئىنكاس يىزىشتىنمۇ ئىرىنىدىغان بوپ يۈرەتتىم.

باشقىلارنىڭ پاساھەتلىك ، يۇقىرى بەدىئىيلىككە تويونغان تۇيغۇلىرىنى ئوقوسام بويون قىسىپ قالىمەن.

بولوپمۇ مۇنبىرىمىزدە شەيدا مۇئەللىم بىلەن ئاققاش مۇئەللىم ئۆز مەخسەتلىرىنى يۇقىرى ماھارەتتە ئىخچام ھەم مەزمۇنلۇق قىلىپ ئىپادىلەپ بىرىدۇ.

ھەۋەسلەر قايناق جۇمۇ لىكىن.

narquk 2012-04-02 01:50
باشقىلارنىڭ رىزقىغا چاڭ سالىدىغان، تۈرلىك ئاماللار بىلەن ئادەم پۇتلاشنىلا ئويلايدىغان ، ئۆزىنىڭ بىر يۈەن پۇلىنى دەپ باشقىلارنىڭ 100 يۈەن پۇلىنى تونۇرغا سېلىشتىن يانمادىغان، ئالدىدا بىر خىل كەينىدە بىر خىل ئۆزگىرەلەيدىغانلارنىڭ ماھايىتى ھەقىقەتەن ئىخچام گەۋدىلىنىپتۇ.  

akkax 2012-04-02 08:15
  سۆزلەشتىن مەقسەت، يېزىشتىن مەقسەت باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈندۇر. ياۋرۇپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىگەندە بىر پىكىرنى ئىپادىلەشنىلا ئەمەس، بەلكى قانداق ئىپادىلەشنى، قارىشى تەرەپ چۈشەنمىسە يەنە بىر خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشنى، تاكى قارىشى تەرەپ چۈشەنگەنگە قەدەر ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىتىدىكەن. شۇڭا، ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچى، شائىرلىرىمىز خەلق تىلىغا مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭغا ئۇلۇغ شائىر مىرئەلىشىر نەۋائى ھەزرەتلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
  بىز قارىشى تەرەپكە مەقسىتىمىزنى بىر خىللا ئۇسۇلدا يەتكۈزىمىز، چۈشىنەلمىسە ياكى خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىمىز ياكى قارىشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمايمىز. بۇنىڭ ئىككىلىسى خاتا ئەھۋال. مەقسەت تولۇق ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپلا ۋاز كېچىلدى. ياماتولار خەلقئارا خەۋەرلەرنى كىچىك بالىلار چۈشىنەلىگۈدەك ئاددىيلاشتۇرۇپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ خەۋەر قىلىدىكەن( ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق بىر ئۇچۇرنى بەرگەن). شۇڭىلاشقا ، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ دۆلەت ئىشلىرىغا قىزىقىدىكەن، كۆڭۈل بۆلىدىكەن. پىكىرلىرىنى بايان قىلىشىدىكەن .
  ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، مەن مۇئەممارغا سىزنىڭ يازغانلىرىڭىز بولمايدۇ، چۈشىنىش دائىرىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن ئەسەرلىرىڭىزنى توختىتىڭ، دېمەكچى ئەمەس( بۇنداق دېسەم پۈتۈن خالايىققا  ئۆزۈمنىڭ ئەڭ تېگى پەس ئادەملىكىمنى جاكارلىغىنىمدىن باشقا ئىش ئەمەس) . بىزدە دەل سىزدەك ئادەملەر كەمچىل. بىراق، پىكىرلىرىڭىزنى ئاددىي ئاۋام خەلققە يەتكۈزۈشتە تەۋپىق ئەپەندىدەك تەپەككۈر قىلىدىغانلار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ. « فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى » دېگەن كىتابىدا ئا. مۇھەممەتئىىمىن ئەپەندى مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى بەرگەن. ئىبىن سىنا ئارستوتىلنىڭ « مېتافىزىكا » دېگەن ئەسىرىنى قىرىق قېتىم ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ. بىر كۈنى فارابى يازغان «ئارستوتىلنىڭ مېتافىزىكىسغا شەرھىي » دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ بىردىنلا قىيىن تۈگۈنلەرنىڭ ھەممىسى يېشىلىپ كەتكەندەك، كاللىسى ئېچىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ. ھەمدە فارابىنى ئۆزىنىڭ غايىۋى ئۇستازى قىلىدۇ.
  يېزىش مۇھىم، يەتكۈزۈشمۇ مۇھىم. بولمىسا قەدىرلەش دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مەرھۇم ئالىمىمىز ئا. مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنى ھايات چاغلىرىدا قەدىرلەلمىدۇق، سەۋەبى ناھايىتتى ئاددىي، جوھۇد چۈشەندۈرگۈچىلەر ئالىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم ئېتىقادىنى تەتقىق قىلغىنىنى ئالىمنى كاپىر بولۇپ كەتتى، دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنداق توقى - لەنەتكىمۇ چىداپ يەنىلا ئۇيغۇر ئۈچۈن شۇنچە كاتتا، ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇردى. ۋاپاتىدىن كېيىن يىغلاپ - قاقشىدۇق. نېمە پايدىسى؟

akkax 2012-04-02 08:19
  ئەشۇ ئۇلۇغ شائىر ، يازغۇچىلىرىمىز ياۋرۇپالىقلاردىنمۇ ئىلگىرىرەك ئاۋام خەلق تىلىدا سۆزلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلگەن دېگەن مەقسەتنى تازا ياخشى ئېيتالماپتىمەن. ئوقۇغانلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

muammar 2012-04-02 09:56
«ئاققاش» ئەپەندىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە رەھمەت، مەن سىزنىڭ بىرقەدەر ئۇزۇن پەلسەپىۋى  ئەسلەتمىڭىزنى چۈشەندىم.
     بىرىنچىدىن، پەرىزىمچە، مېنىڭ بۇ يازمامنىڭ ئوبېكتى كەم دىگەندە ئالىي تېخنىكومدىن يۇقۇرى مەلۇماتلىق ئەپەندىلەردىن تەركىپ تاپقان تەۋپىقداشلار، ئارتۇقچە ئەزۋەيلىمىسەممۇ، ئۇلارنىڭ ئويلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارى يېتەرلىك؛ ئادەتتىكى ئاۋامغا كەلسەك، قانچە جىق سۆزلىسىڭىز، شۇنچە بىزار بولىدۇ...دىمەكچى بولغىنىڭىزنىڭ مېغىزىنى تېخىمۇ تاپالمايدۇ...
    ئىككىنچىدىن، ھەممەيلەننىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى ۋە خىزمەت جىددىيچىلىكىدە ئارتۇق ۋاقتىنى ئالماي دەپ گەپنىڭ بولار يېرىنىلا يېزىۋاتىمەن، ئدرتۇقچە ئەزۋەيلىمىسەممۇ كۆپچىلىكنىڭ بۇ بىر پارچە لوقمىنى چايناپراق ھەزم قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. مېنىڭ چايناپ بېرىشىم ئانچەزۆرۈر بولمىسا كېرەك.چۈنكى ئىلگىرى مەن بىر دانا كىشىدىن «قۇرۇق گەپ ئەرنى ئەخمەق قىلار...»  ھىكمەتنى ئاڭلىغاندەك قىلغان...
    ئۈچىنچىدىن، تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن مەقسەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىگە ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئەڭ ئاددىي «تەرتىپ» بويىچە دىئاگنۇز قويۇش ئارقىلىق خاراكتېردىكى نورمالسىز ئۆزگۈرۈشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ تۈزىتىشىگە ئىخچام ھەم قاراتمىلىق ھالدا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن...
    ئاققاش ئەپەندىمنىڭ، كەمىنە كۆپ ئويلاپ ئاز يازغان، بىر چوڭ كىتاپنى بىر-ئىككى بەت تەۋسىيە دەرىجىسىدە پىرىسلاپ يازغان يازمىلىرىمنى ئازراق جاپا تارتسىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئىمكانبار قىسقا جۈملە، ئاممىباپ ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە تىرىشىمەن. كۆپچىلىكنىڭ چۈشەنگەنلىگى ۋە قوللاپ ئىلھام بەرگەنلىكىگە كۆپ تەشەككۈر...

akkax 2012-04-02 18:59
ئەگەر ئادەملەرنى ئالغان مەلۇماتىغا ئاساسەن بىر نەرسە چۈشىنىدۇ، دەپ يازغان بولسام ھازىرلا بۇ قارىشىمدىن مىڭ يىللىق كېچىپ كېتىمەن. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپمۇ بىر پارچە ھېكايىنى ئوقۇپ شۇنىڭدىن زوق ئالالمايدىغانلارنى كۆرگەنمەن. باشلانغۇچنى پۈتتۈرمىگەن ئاپام ماڭا ئادەم بولۇش تەربىيىسىنى دوكتۇرلاردىن ئوشۇقراق بەردى. ئىنكاسىم تازا ياقمىغان بولسا مەن ناماقۇل بولاي. بۇ رەنجىش ئەمەس. پەقەت نېمە ئويلىسام شۇنى يازىدىغان بىر ئەسكى مىجەزىم بار. توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

gulhan 2012-04-02 20:25
مۇئاممار ئۇلۇغيارئەپەندى ،بۇ تېممىڭىزمۇ خۇددى تەۋپىق ئېيتقاندەك «تىمىللىرىڭىز تەۋپىقداشلارنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ كەسىپتىن باشقىغا زىھنىنى قارىتىپ بولالماي  بوغولوپ قالغان ئۆتكۆر پىكىرلەرنى قايتا نۇر چاچقۇزسا ئەجەپ ئەمەس.»
   سىزنىڭ تېممىلىرىڭىز بىزنى يىڭى بىر تەپەككۈر قوينىغا ئاستا -ئاستا يىتەكلەپ ماڭماقتا.بىر ئەلدە بىرى ساخاۋەتلىك باي، يەنە بىرى دانىشمەن بولمىسا ئۇ ئەلنى پالاكەت باسىدۇ دەپتىكەن دانالىرىمىز.تەۋپىق مۇنبىرى سىزدەك دانا، ئۇزچاقتەك مائارىپ ئۈچۈن پىداكار، يەنە ......لاردەك ھەسەل ھەرىسىدەك تۆھپىكارلار بولغاچقا كۈندىن -كۈنگە ئاۋاتلىشىپ، مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارنى تاۋلىماقتا.
  سىزگە ساقلىق، شاتلىق يار بولغاي!

abdurahman 2012-04-13 21:46
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.

abdurahman 2012-04-13 21:46
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بولۇپتۇ.

danix 2012-04-28 14:06
  بۇ يوللانمىنى بەزىلەر ئوقۇسا ، <<بۇ مۇئاممار مېنىلا دەپتۇ>> تازا
ئاچچىقلىنىپ كېتەر - ھە ؟!


查看完整版本: [-- «تېگى پەس»ئادەملەر كىم؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.027972 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us