查看完整版本: [-- ياش تۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتىڭ ئەجەپ . --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ياش تۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتىڭ ئەجەپ . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-29 16:41
ياش تۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتىڭ ئەجەپ .
(بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ۋاپاتىغا )
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن

ھاراقتىن مىھرىڭنى ئۇزەلمەي ئاداش ،
ياش تۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتىڭ ئەجەپ .
مەستلىكتە چىلىشتىڭ ماشىنا بىلەن ،
تىنىقتىن توختىدىڭ ئالدىراپ-تىنەپ.

سويۇملۇك رەپىقەڭ،ئوماق ئۇز قىزىڭ ،
دوستلىرىڭ- بىشىڭدا بولدۇق ماتەمدار.
سەن كەتتىڭ ،ھىچكىمگە سوز قالدۇرماستىن ،
بولدۇڭمۇ ھاراقتىن ئوزۇڭ مىننەتدار؟

كۇنىگە بىز بىلەن كۇلگەن ئىدىڭغۇ !
تىخى بىر ئۈستەلدىن قوپقان ئىدىڭغۇ.
ئۇستەلنى يىققۇچە ،يولغا چىقىپسەن ،
ئويۇڭگە قارىلىق ئىلىپ كىردىڭغۇ!؟

بوپ قالدى دەل بۇگۇن ئوتتۇز ئىككى كۇن ،
ھاراقنى توختىماي ئىچىپ يۇردۇڭمۇ ؟
بولدى قىل ،ئەي ئاداش ئىچمىگىن ئەمدى ،
ئاناڭنى چۇشۇڭدە كورۇپ تۇردۇڭمۇ؟!

مىھرىبان جان ئاناڭ تۇگۇشۇپ كەتتى ،
سىغىنىش يالقۇنى پەلەككە يەتتى .
جەننەتتە خاتىرجەم- تاپقىن سەن ئارام ،
دوستلىرىڭ ھەر كۇنى سىنى ياد ئەتتى !





kumush 2012-03-30 09:53
ناھايىتى جايىدا يېزىلىپتۇ. جەمىيەت ئەخلاجىنى تۈزەشتە ئاچچىق گەپلەر بىلەن قايناۋېرىشنىڭ ئانچەئۈنۈمى بولمايدۇ.مانا مۇشۇنداق كۆۇنۇش ئادەمنى قايىل قىلىشى مۈمكىن.

kumush 2012-03-30 09:54
جەمىيەت ئەخلاقىنى دىمەكچى

tursun 2012-03-30 10:51
رەھمەت  توردىشىىم كۇمۇش،

tawpek 2012-03-30 11:00
ئىچىنىپ تازا بىر قاخشاپ كەتكەن ئوخشايدۇ دىسەم، ئوبدانلا تەنبىھ بوپتىغۇ.

مۇشۇنداق  ئىجاد مىھنەتلىرىڭىزنى ۋە ۋەزىنلىك ئىنكاسلىرىڭىزنىمۇ سۇنۇپ تۇرۇڭ.

ozqan 2012-03-30 11:33
بۇ شېئىرىڭىزنى تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز ، تۇرسۇن مۇئەللىم : رېتىم ، قاپىيە ۋە مەزمۇنى شۇنداق ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ ، شېرىي دىتى بار شائىر ئىكەنلىكىڭىز ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ .

ziba101 2012-04-05 10:33
تەربىيىۋى قىممىتى باركەن.

maaripqi 2012-04-06 20:40
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.

tursun 2012-04-09 16:05
قوللىغىنىڭلارغا،ھەم چۇشەنگەنلىكىڭلارغا ئالىي ئىھتىرام!

kudnigar 2012-04-11 10:50
نېمە دېگەن ياخشى يېزىلغان شېئىر، چىن ھېسسىيات،چوڭقۇر قايغۇ ،ئېچىنىش ئەينەن ئىپادىلىنىپتۇ. ھاراقتىن مىھرىنى ئۈزەلمەيۋاتقان بىر قىسىم ھاراق خۇمار ئەرلەر ئوقۇپ قويسا، خېلى ياخشى تەربىيەگە ئىگە بولگۇدەك.

kaqur 2012-04-11 16:04
بوپ قالدى دەل بۇگۇن ئوتتۇز ئىككى كۇن ،
ھاراقنى توختىماي ئىچىپ يۇردۇڭمۇ ؟
بولدى قىل ،ئەي ئاداش ئىچمىگىن ئەمدى ،
ئاناڭنى چۇشۇڭدە كورۇپ تۇردۇڭمۇ؟!

بۇ كۇبلىتى مەرھۇمغا دېيىلگەن گەپ ئەمەستۇ - ھە؟
شېئىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، شۇنداق كىشىلەرگە ئاچچىق تەنبىھ بولغۇدەك...

tursun 2012-04-13 18:13
ھاراقنىڭ مىھرى كۇچلۇك،كەيپى -يامان. ئۇ ئىنساننى ھەر قىسمەتلەرگە
دۇچار قىلىدۇ .ھاراققا بىرىلىپ،خىزمەتنى ،ئائىلىنى ،پەرزەنتلەرنى،ئاتا-ئانىلارنى
ئۇنتۇلۇپ قالمايلى.!

tursun 2012-04-24 16:25
تەنلىرىڭلار ئامان بولسۇن، ئىجات ۋە مىھنىتىڭلاردىن قىزىل گۇللەر ئۇنسۇن!


查看完整版本: [-- ياش تۇرۇپ بىز بىلەن خوشلاشتىڭ ئەجەپ . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.026007 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us