ئۇستازلار، بالىلارغا چىن مېھرىڭلارنى بېرىڭلار قۇربانجان توختى ئازىق (ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن)
نۆۋەتتە ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستازلىق مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ‹‹ رەھبەر›› سالاھىيىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ، ھەۋىسى ، غايىسى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي ، ھەددىدىن زىيادە قاتتىق قول بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ . بۇ شەك–شۈبىھىسىزكى پىسخولوگىيە ، پېداگوگىكا بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىشى يېتەرسىز ، مېتودى تەلەپكە لايىق بولمىغان ئوقۇتقۇچىلاردا ساقلىنىۋاتقان ، سەلبىي خاراكتېرگە ئىگە تەلىم-تەربىيە ئۇسۇلىدۇر . ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى فىزىيولوگىيە جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش ، تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا ، ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيانى چۈشىنىش ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ، بىلىش قابىلىيىتى دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ ، ئاستا-ئاستا شەكىللىنىۋاتقان ، تەرەققىي قىلىۋاتقان بولىدۇ . بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسى يۇقىرى بولۇپ ، ئۇلارنى خۇددى ھەممىنى بىلىدىغان ‹‹ئەۋلىيا›› ھېسابلايدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بەزىدە ئۆز ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان ھۆرمەتتىنمۇ ئۈستۈن بولىدۇ . يەنە بىر جەھەتتىن ، بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلاردا پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن ئۆزلىرىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدار بارا-بارا ئاشكارىلىنىدىغان ، كىمدە قايسى تۈردە ئالاھىدىلىك بولسا شۇ تۈرگە قىزغىن ئىشتىياق باغلايدىغان ، شۇنىڭدا نەتىجە قازىنىشنى مەقسەت قىلىدىغان ھالەتلەر شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .يەنى بەزى ئوقۇغۇچىلار رەسىم سىزىشقا قىزىقسا ، بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇزىكىغا قىزىقىدۇ ، بەزىلىرى تەنتەربىيەگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىسا ، يەنە بەزىلىرى فىزىكىغا قىزىقىپ ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمۇنت قىلىشقا ئىشتىياق باغلايدۇ . قىسقىسى ، ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆزىدە بار بولغان تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەيدۇ . شۇڭا ئۇلار بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشىنى ، ئۆزلىرىنى قوللىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ .لېكىن ئاشۇ خىلدىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا بەكمۇ قاتتىق قول بولۇپ ، ئۇلارغا قىلچىمۇ تاللاش پۇرسىتى بەرمەي ، ئوقۇغۇچىلارنى نېمە دېسە شۇنى قىلىدىغان ، نېمە ئۆگەن دېسە شۇنى ئۆگىنىدىغان ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇلارنى ئۆز بۇيرۇقىنى شەرتسىز ئىجرا قىلىدۇرىدىغان ‹‹ماشىنا ئادەم›› لەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ ، ئەركىن پىكىر قىلىشنى ، دادىل سۇئال سوراشنى ، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنى پۈتۈنلەي توسۇپ قويۇۋاتىدۇ . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويماسلىقى ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بىلىملىك ، ھەممىنى بىلىدىغان ‹‹ئەۋلىيا›› سىغا ئايلىنىشقا تىرىشىشى كېرەك .
|