查看完整版本: [-- ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، تىرىشچان باغۋەن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمھال ئەسەرلەر -> ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، تىرىشچان باغۋەن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەرك 2012-03-28 00:02
*{}Y :  
[attachment=449]
|$Y0VC4a  
ھەركىمنىڭ قانداق ياشاش يولىنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق. قانداقلا بولسۇن، كىشىلەرنىڭ لۇغىتىدە «مەسئۇلىيەت» دېگەن ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. ھاياتلىقتا كۆپلەر ئۆزى ۋە جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ ھەم شۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھالاۋىتىنى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرىدىن گۈللەر ئۈنىدۇ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ، قەدىرلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ياش، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەنە شۇنداقلارنىڭ بىرى.  q-3,p.  
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 1964-يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان يېزىسىدا ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدە مومىسىنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدىلا كونا يېزىقتا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇشنى، بولۇپمۇ سوۋېت ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن «شېئىرلار» ناملىق كىتابنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ئابدۇبەسىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى، چاغاتاي تىلىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. ئۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ھەقىقىي چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى يۈكسەلدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەتقىقاتقا كىرىشكەن. -kFPmM;  
ئۇ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىدىن 72 پارچە ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ تەتقىقاتقا ئائىت ماقالىلىرىدىن «ئۇيغۇر خەلق داستانى ‹ئاق ئۈلۈمبەردىخان› ۋە شامان دىنى»، «تۇتېمنىڭ مەنىۋى ئاساسى ھەققىدە»، «‹ئوغۇزنامە› ۋە ‹ماناس›»، «يېڭى پلاتونىزم ۋە مىستىتىزم»، «شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىنىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ شائىرى قۇل خوجا ئەھمەد يەسسەۋى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرى»، «‹كۆزگۈ› نىڭ شامانىزىمدىكى مەدەنىيەت مەنىسى» قاتارلىقلار يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە . ئۇ يەنە «قۇياش ۋە چۆچەك»، « ‹ئوۋ تاماشاسى›دىن تۇغۇلغان ئوي»، «سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ يارقىن ئوبرازى»، «غورا خىياللار»، «پىنھان قەلب سىزغان سۈرەتلەر»، «پاكىز سەھرانىڭ بىغۇبار ناخشىسى»، «ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ پەلسەپەۋى ئىدىيەسى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى»، «ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن ئوبزور - ماقالىلىرىنى يېزىپ، «ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. eM3-S=R? 
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز ھەققىدە ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى دەپ تونۇپ، خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلەرنى، ئاتاقلىق رۇس تۈركولوگى كىلياشتورنىينىڭ «تۈرك - رونېك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى، مەشھۇر تۈركولوگ تالات تېكىننىڭ «ئورخۇن ئابىدىلىرى» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. 2000-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «‹پالنامە› ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى» ناملىق تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىندى. «نۇتۇق ۋە نۇتۇقشۇناسلىق» ناملىق كىتابى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.  u:6PAVW?  
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى 2002-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ياپونىيە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر ئىنستىتۇتتا ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلەشكە قاتناشتى، بۇ جەرياندا چەت ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن تۈركولوگلار بىلەن تونۇشۇپ، كېيىن ئۇلارنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ لېكسىيە سۆزلەتتى. مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلار بۇ تىنماس باغۋەنگە نۇرغۇن شان - شەرەپ ئاتا قىلدى. 1993-يىلى «مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئوبزور مۇكاپاتىغا، 1994-يىلى «غورا خىياللار» ناملىق ماقالىسى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، 1995-يىلى «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بويىچە «نادىر تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.  c*5y8k  
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ھازىر خەلقئارا ئالتايشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئون ئىككى مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
(|{bZW}  
--------------------------- rO_|_nV[  
مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201203/t20120326_317745.html

ozqan 2012-03-28 00:42
ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنى تولىمۇ ھۆرمەتلەيمەن . ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ماڭا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ئوقۇتقۇچۇم . ئۇنىڭ ئىزدىنىش روھىغا ، نۇتۇق قابىليىتىگە  ، تەشكىللەش قابىليىتىگە قايىلمەن . ! uC`7a  
ئەرك يوللانمىڭىزغا كۆپ رەخمەت .

ئەرك 2012-03-28 01:23
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوشۇلىشى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىق ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيتى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە <<ئەلشىر نەۋايى  توغۇلغانلىقىنىڭ 570يىللىقىنى خاتىرىلەش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>ئۆتكۈزدى.   l_G&#sQ0  
aB`x5vg7ho  
(نەۋايىشۇناسلىققا تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچىدىكى ئالىم مۇتەخخەسىسلەر يىغىندا ئوتتورىغا چىققان 4 توملۇق <<چاھار دىۋان>> بىلەن مۇكاپاتلاندى)
$X.X_  
-------------------------- ^J DiI7  
مەنبە:http://bbs.alkuyi.com/thread-12545-1-1.html

akkax 2012-03-29 00:08
  پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى ئوقۇغانلا ئوقۇغۇچى بولسا ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي قالمامدىكىن دەيمەن. بەزى ئۆزى يېتىلىۋالغان « تالانت » لارنى ھېسابقا ئالمىغاندا. ياراتقان ئىگىسى بۇ كىشىگە ئۇزۇن ئۆمۈر، ساغلام تەن، ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي !

laziya 2012-03-30 14:46
ئابدۇبەسىر مۇئەللىم ھەقىقەتەنمۇ بىلىملىك، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە.   ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ دەرىسىنى  تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ ئاڭلايتتىم. ئۇ باشلىق بولغاچقا داۋاملىق كوماندىرىپقا چىقىپ كېتىپ، دەرىسى قېلىپ قالاتتى. بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسىلىنىمەن.

mamat 2012-04-03 17:01
ئىلىم دۇنياسىدىكى مەيلى قىسقا ساياھەتچىلەر ياكى يىراق مۇساپىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كىىشىنى تۇنۇيدۇ. ئەمما مەنچە بۇ كىشىنىڭ ئىجتىھاتىنى، مىۋىسىنى تۇنۇيدىغانلار بىر قەدەر ئاز . مەنمۇ شۇ كىشىنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىغان، پىكىر پوڭقۇرلىقىنى ھىس قىلغان كىشى . rYnjQr2a  
ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلغىنى بۇ ئادەمنىڭ ساپاسىىغا خاس بولغان پىسخىكىسى

tikangul 2012-04-05 17:22
بۇ ئوقۇتقۇچى مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ، سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بىرى ، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئەجەپ سېغىندىم ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز ، كۆپ تەشەككۈر .

tawpek 2012-04-05 18:15
مۇنبىرىمىزدىكىلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن جۇمۇ، E a&NJ]& g  
X5YOxMq  
بۇ تەتقىقاتچىمىزنىڭ ئوقوغۇچىللىرى كۆپكەن.

tursun 2012-04-06 11:55
قوللىرىغا بەرىكەت،ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتلىرىغا مول-ھوسۇل جور بولسۇن،تەنلىرى cN0 *<  
سالامەت،تۇرمۇشلىرى كوڭۇللۇك ئوتسۇن ئۇستاز!

nefise 2012-04-12 13:12
ئابدۇبەسر مۇئەللىم ھەقىقەتەن ھاياتنى نېمىگە سەرپ قىلىشنى بىلگەن ئادەم. ئۇنىڭ دەرس سۆزلىگەندە ھەر بىر سۆز ئارىلىقىدا تىلغا ئالىدىغان "قىرىنداشلىرىم" دېگەن مۇبارەك سۆزىنى مىھىر  بىلەن ئەسكە ئالىمەن.......

yumran 2012-05-07 19:04
ئابدۇبەسىر مالىمنىڭ تالانتىغا ھەقىقەتەن قايىلمەن.قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن مالىم. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنمەن.

gulhan 2012-05-08 00:16
مۇنبەردىكى ئابدۇبەسىر مۇئەللىمنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىغا ھەۋەس قىلىپ ئىچىمگە ئوت كەتتى.  مەن تەلەيسىز ئەدبىيات ھەۋەسكارى خالاس. ماڭا  ئەدبىياتتىن مۇنتىزىم تەربىيە ئالىدىغان پۇرسەت  نىسىپ بولمىدى.شۇنداقتىمۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ نۇتىقىنى بىر قىتىم نەق مەيداندا ئاڭلاش نىسىپ بولغان ماڭا.قايىللىق بىلەن ھۈرمەت تەختىمدىن ئورۇن بەرگەن ئىدىم بۇ ئۇستازغا. z^U+ oG  
ئۇستازنىڭ ئۈمرىگە بەركەت تىلەيمەن. V*b/N  
ئەرككە رەخمەت. v1 8<~  
  

tughluk414 2012-05-09 21:34
مەنمۇ بۇ يازمىنى كۆرۈپ ئىككى يىل دەرس بەرگەن بۇ مۇئەللىمىنى سېغىنىش ئىلكىدە يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ چىقتىم. رەھمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى، تىرىشچان باغۋەن --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.115712 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us