جەمەتىمىزنىڭ «ئائىلە تەربىيىسى پروگىراممىسى»
(دەسلەپكى تىزىس)
مۇئاممار ئۇلۇغيار، 2012-يىلى 25-مارت.
كىرىش سۆز
دەۋرىمىزدە، مەدەنىيەتلەرنىڭ توسالغۇسىز ئۇچرىشىشى ۋە شىددەتلىك رىقابەت قاينىمىدا، مىللىي خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت-مائارىپىمىز ھەر خىل ئارىلاش مەدەنىيەتلەرنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچراش ۋە باشقا تۈرلۈك تۈمەن سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئېغىر دەرىجىدە ئۈنۈمىنى يوقىتىش، قايمۇقۇش، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش، قەۋمنىڭ زاۋالىنى تېزلىتىش قاتارلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ، پۈتۈن قەۋمىمىز مىللىي كىملىگىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە ئېغىر بېسىم ۋەھىمە ئاستىدا قالدى. شۇ ۋەجىدىن، توسۇپ بولمايدىغان بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەر بىر ئائىلە ۋە ئاتا-ئانىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا مەجبۇر قىلماقتا...چۈنكى، غايەت زور كۈچ قۇدرەتكە ئىگە سىياسىي ئىجتىمائىي دولقۇنلار مائارىپىمىزنىڭ مىللىي خاسلىغىنى شىددەت بىلەن يوقۇتۇپ بارماقتا. جۈملىدىن، ئەسلىدە بار بولغان جامائەت مەكتەپلىرى ئاجىز توپلارنىڭ مەدەنىيىتىنى مەجبۇرى يوقىتىدىغان ئاسسىمىلاتسىيە زاۋۇتىغا ئايلانماقتا؛ گەرچە نوپۇسىمىز تەبىئىي نىسبەت بويىچە تەدرىجى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەسلىدە بار بولغان خاس مىللىي مەكتەپلىرىمىز ۋە سىنىپلىرىمىز يىلسېرى قىسقىرىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە، مىللىي خاسلىققا ئىگە مائارىپىمىزنىڭ غېمىنى قىلىدىغان، گېپىنى تىڭشايدىغان ۋە ئۇنى يۆلەيدىغان ھىچبىر تەشكىلات ۋە رەھبەر قالمىدى. بارلىق جامائەت سېلىنمىسى ئاسسىمىلاتسىيە مائارىپى ئېقىمىغا مەركەزلەشتى. قەغەز يۈزىدىكى «ئاساسىي قانۇن»، «تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»، «تىل-يېزىق قانۇنى» ۋە «مائارىپ قانۇنى»دىكى ئاجىز توپلارغا بىرقەدەر پايدىلىق بولغان ماددىلارمۇ نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭسىز رىقابىتى قاينىمىدا، قەۋمىمىزنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە مائارىپىنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ساقلاپ قېلىشقا ئاجىز كەلدى... شۇڭا، مۇشۇنداق جىددىي تەھدىت ۋە پاناھسىزلىق شارائىتىدا، ئەمدى «ھەر بىر ئائىلە مۇستەقىل بىر مەكتەپ» شەكىللەندۈرۈپ، مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسىنى يادرو قىلغان ۋە قەۋمىمىز چىن دىلىدىن قوبۇل قىلالايدىغان مەۋقەدە تۇرۇپ تۈزۈلگەن «ئائىلە تەربىيىسى پروگىراممىسى»نىڭ يېتەكچىلىگىگە مۇھتاج بولماقتا، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى ئەتراپلىق تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولماقتا...
«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»غا ئاساسەن، قەۋمنىڭ ھۈجەيرىسى بولغان ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدىكى ئۆزىنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش ۋە ئەۋلاتلارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ھوقۇق ھەرقانداق دۆلەت ۋە رايۇندا، ھەرقانداق دىن ۋە سىياسىي تۈزۈلمە ئاستىدا دەخلىسىزدۇر. بۇ ئەڭ تۈپكى ئىنسانىي ھوقۇق بولۇپ، ئۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەرقانداق تۈزۈلمە، ھاكىمىيەت ياكى تەشكىلات ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى سۈپىتىدە قاتتىق ئىنكار قىلىنىشى لازىمدۇر. شۇڭا نۆۋەتتە، مۇرەككەپ جەمىيەتنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىدىن مۇستەسنا بولالمايۋاتقان ئىجتىمائىي مائارىپتىكى ئېغىر كەمتۈكلۈكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان مىللىيچە مائارىپتا مەھرۇم بولغانلىرىمىزنىڭ ئورنىنى جىددىي تولۇقلاش زۆرۈرىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ئېھتىياجىغا ئاساسەن پايدىلىنىشى ئۈچۈن جەمەتىمىزنىڭ «ئائىلە تەربىيىسى پروگىراممىسى» تۈزۈپ چىقتىم.
1-باپ: ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئاساسلىق نىشانى
1. ئانا تىل-يېزىقنى ئۈگىتىش ۋە مۇستەھكەملەش
2. ئائىلىۋى تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى ئۈگىتىش
3. مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مىللي مەدەنىيەتنى ئۈگىتىش
4. ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ماھارەتلىرىنى ئۈگىتىش
5. ئەنئەنىۋى ساغلاملىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش
6. غايە-ئېتىقاد ۋە ئەخلاق تەربىيىسى بېرىش
7. ئىجتىمائىي ئالاقە يوسۇنلىرىنى ئۈگىتىش
8. مۇۋەپپەقىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش
9. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تەربىيىسى بېرىش
2-باپ: ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى
1. ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش پىرىنسىپى
2. ئىزچىللىق پىرىنسىپى
3. ئىلمىي راۋاجلاندۇرۇش پىرىنسىپى
4. ئۆزئارا تەسىر(ئۈلگە) كۆرسىتىش پىرىنسىپى
5. كۆيۈنۈپ ياردەم بېرىش پىرىنسىپى
6. جەمەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ناچار تەقدىرنى ئۆزگەرتىش پىرىنسىپى
7. چوڭلار كىچىكلەرنى، بىلىملىكلەر بىلىمسىزلەرنى يېتەكلەش پىرىنسىپى
8. ياشاش(تۇرمۇش) تەجرىبىسى بىلەن تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى
9. ياتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپى
3-باپ: ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئەندىزىسى
1. ئاغزاكى نەسىھەت ۋە سۆز بىلەن قايىل قىلىش ئەندىزىسى
2. ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئۈنسىز ئۈلگە ئەندىزىسى
3. ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى ئەندىزىسى
4. ھىكايە ئېيتىش، كىتاپ ئوقۇش ئەندىزىسى
5. ئۈن-سىن پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق تەربىيىلەش ئەندىزىسى
6. ئەنئەنىۋى مۇراسىم پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش ئەندىزىسى
7. ئىشتىن سىرتقى شاگىرتلىق ئەندىزىسى
8. سەيلە-ساياھەت، ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرۇش ئەندىزىسى
9. تور، تېلېفۇن ياكى خەت ئالاقە ئارقىلىق يېتەكلەش ئەندىزىسى
4-باپ: ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى
1. ئانا تىل تەربىيىسى(1-7 ياشقىچە)
(1) ئانا تىلدا ئېغىزچە توغرا سۆزلىشىش
(2) ئانا تىلنى يېزىقتا ئىپادىلەش
(3) ئانا تىلدا ھىكايە-چۆچەكلەرنى ئۈگىتىش
(4) ئانا تىلدا بېيت-قوشاق ئېيتىش
(5) ئان تىلدا تېپىشماق ئېيتىش
(6) ئانا تىلدا تارىخي داستانلارنى يادلاش
(7) ئانا تىلدىكى ناخشا-مۇقاملارنى ئۈگىتىش
(8) ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش
(9) ئانا تىلدا ئۈن-سىن پروگىراممىلىرىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش
2. ئائىلىۋى ئەنئەنە تەربىيىسى
(1) يىمەك-ئىچمەك ئەنئەنىسى
(2) كىيىنىش ئەنئەنىسى
(3) كۈندىلىك پائالىيەت ئەنئەنىسى
(4) تازىلىق ئەنئەنىسى
(5) كۆڭۈل ئېچىش ئەنئەنىسى
(6) قېرىنداشلار يار-يۆلەك بولۇش ئەنئەنىسى
(7) ھويلا-ئارام ئىگىلىگى ئەنئەنىسى
(8) كىشىلىك ئەخلاق ئەنئەنىسى
(9) كېسەل بېقىش، يوقلاش ئەنئەنىسى
3. مىللىي مەدەنىيەت تەربىيىسى(12 ياشتىن 15 ياشقىچە)
(1) مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مىللىي تارىخ، مىللىي كىملىك، مىللىي ئېتىقاد تەربىيىسى بېرىش
(2) مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە كىيىنىش ئۆلچىمىنى ئۈگىتىش
(3) مىللىي مۇراسىم، ھېيت-بايرام، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، ئەنئەنىۋى ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ قائىدە يوسۇنلىرىنى ئۈگىتىش
(4) مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداشنى ئۈگىتىش
(5) مىللىي يىمەك-ئىچمەك تەييارلاش ۋە ئىستىمال قىلىش يوسۇنلىرىنى ئۈگىتىش
(6) مىللىي تىل-يېزىق، مائارىپ ئەنئەنىسىنى ئۈگىتىش
(7) مىللىي مىللىي ناخشا-ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى ئۈگىتىش
(8) مىللىي تىبابەت، ئاممىۋى تازىلىق ۋە ساغلام تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى ئۈگىتىش
(9) مىللىي ھويلا-ئارام بېزەكچىلىك ۋە مۇھىت مەدەنىيىتىنى ئۈگىتىش
4. ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ماھارەت تەربىيىسى
(1) ھويلا-ئارام ئىگىلىگىنى ئۈگىتىش
(2) يېزا ئىگىلىك تېرىم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۈگىتىش
(3) كۈندىلىك يىمەك-ئىچمەك پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئۈگىتىش
(4) تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەييارلاش ماھارەتلىرىنى ئۈگىتىش
(5) تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ئاسراش ۋە رېمونت قىلىشنى ئۈگىتىش
(6) قول ھۈنەر، ياساش كەسپلىرىنى ئۈگىتىش
(7) قۇرۇلۇش كەسپلىرىنى ئۈگىتىش
(8) ئەنئەنىۋى ئۇچۇر-ئالاقە بەلگىلىرىنى ئۈگىتىش
(9) سودا-سېتىق، پۇل-مۇئامىلە ماھارەتلىرىنى ئۈگىتىش
5. ساغلاملىق تەربىيىسى
(1) ساغلام ئوزۇقلىنىش تەربىيىسى
(2) ساغلام كىيىنىش تەربىيىسى
(3) شەخسىي تازىلىق تەربىيىسى
(4) كۈندىلىك ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيىسى
(5) مۇۋاپىق ئەمگەك ئارقىلىق تاۋلاش تەربىيىسى
(6) ئاممىۋى تەنھەرىكەت ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرۇش
(7) ھەرىكەت تىپىدىكى مىللىي ئويۇنلار ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش
(8) قوغدىنىش تىپىدىكى ماھارەت تەنتەربىيىسى ئېلىپ بېرىش
(9) يەرلىك ئۇسۇلدا جاراھەت تېڭىش ۋە كېسەل داۋالاش تەربىيىسى
6. غايە-ئېتىقاد تەربىيىسى
(1) تەڭسىزلىك، جاپا-مۇشەققەت ۋە ئاچچىق ئازاپ-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىشنى ئۈگىتىش
(2) تەنھالىق ئىچىدە چارە-تەدبىر ئىزدەپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنى ئۈگىتىش
(3) ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش
(4) مەنىۋى قانائەت ۋە ئالىيجانابلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش
(5) قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش
(6) باشقىلارغا قارغۇلارچە تەن بەرمەسلىك، رىقابەتتە باش ئەگمەسلىك ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈش
(7) سىر ساقلاش ۋە تەۋرەنمەس غايە-ئېتىقاد ئېڭى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
(8) كىشىلىك ھاياتنى ئۆمۈر(ۋاقت)نى قەدىرلەش، قەۋم-قېرىنداشلىرىنى ۋە ئىنسانىيەتنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناپ غايە تەربىيىسى بېرىش
(9) پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇپ، مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىنى ئۈگۈتۈپ، ياخشى ئەخلاق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
7. ئىجتىمائىي ئالاقە تەربىيىسى
(1) جەمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش
(2) ئىجتىمائىي ئالاقە ماھارەتلىرى ۋە بېرىش كېلىش قائىدىسىنى ئۈگىتىش
(3) ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىك تەربىيىسى
(4) جەمىيەت قانۇن-تۈزۈملىرى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەربىيىسى
(5) سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە ئارىلىق ساقلاش تەربىيىسى
(6) توختام تۈزۈش ۋە لەۋزىدە تۇرۇشنى ئۈگىتىش
(7) كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم سوراشنى ئۈگىتىش
(8) ئېلىم-بىرىم، سودا-سېتىق يوسۇنلىرىنى ئۈگىتىش
(9) ئىشلاردىن ئىنچىكە خاتېرە قالدۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
8. مۇۋەپپەقىيەت تەربىيىسى
(1) مۇۋەپپەقىيەت قانۇنىيىتىنى ئىگەللىتىش
(2) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇش
(3) مۇۋەپپقىيەت ئامىللىرىنى چېنىقتۇرۇش
(4) مۇۋەپپەقىيەت سىناقلىرىغا قاتناشتۇرۇش
(5) مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىلىرىنى ئانالىز قىلدۇرۇش
(6) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش
(7) يېڭى نىشان بەلگىلەپ ئۆتكەلگە ھۇجم قىلىش
(8) داڭلىق شەخسلەر بىلەن رىقابەتلىشىش
(9) داڭلىق ئىجادىيەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىش
9. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(1) ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(2) جەمەتتىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(3) ئىجتىمائىي كوللىكتىپتىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(4) مىللىي توپتىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(5) ئېتىقادتىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(6) سىياسىي تەشكىلاتلاردىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(7) دۆلەتتىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(8) ئىنسانىيەت ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
(9) تەبىئەتتىكى مەسئۇلىيەت تەربىيىسى
5-باپ: ئاتا-ئانا (ئائىلە تەربىيىچىسى) بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى
1. ئانا تىل ئۆتكىلى: ئانا تىلدا ئۆلچەملىك سۆزلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان، جايىدا ئىشلىتەلەيدىغان ئىقتىدارى ۋە ئادىتى بولۇش، ئەبجەش تىلدا سۆزلىمەسلىك
2. ئۆزىنىڭ نەسەبىنى ۋە جەمەت تارىخىنى تولۇق بىلىش
3. مىللىي كىملىك ۋە مىللىي تارىخىنى تولۇق بىلىش
4. مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق-يوسۇنلىرىنى تولۇق بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ئەمەل قىلىدىغان بولۇش
5. مىللىي مەدەنىيەتنى ئەتراپلىق بىلىش
6. مۇستەھكەم غايە-ئېتىقادى ۋە كىشىلىك قەدىر قىممەت كۆزقارىشى ئېنىق، ھەققانىي، ئەمەلىيەتچىل بولۇش
7. يېتەرلىك تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، گەۋدىلىك ئالاھىدىلىگى بولۇش
8. مۇقىم ھۈنەر-كەسپى ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كىرىم قىلىش ئىقتىدارى بولۇش
9. يېتەرلىك مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى بىلگەن بولۇش
10. ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ھەققىدە ئەتراپلىق ساۋاتقا ئىگە بولۇش
11. ئاتا-ئانىلىق مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلالايدىغان تۇرمۇش شارائىتى بولۇش
12. ساغلام تۇرمۇش ۋە تىرىكچىلىك ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بولۇش
13. باشقىلارغا خالىس يار-يۆلەك بولۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇش
14. مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، غۇرۇرلۇق، كۆيۈمچان بولۇش
15. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، بەلگىلىك نوپۇز-ئىناۋەتكە ئىگە بولۇش
16. پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇش نىشانى ئېنىق، ئىجابىي بولۇش
17. پەرزەنت تەربىيىلەش بىلىملىرىنى پۇختا بىلىش
18. توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئەگ، لەۋزىدە تۇرىدىغان، پايدا-زىياننى ھىساۋاتىنى بىلىدىغان، ئېلىم-بېرىمنى جايىدا قىلىدىغان بولۇش
6-باپ: ئائىلە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ ماددىي شەرتلىرى
1. مۇقىم تۇرالغۇ، ھويلا-ئارام بولۇش
2. ياخشى مۇھىت بولۇش(سۇ، ھاۋا، ئاپتاپ، تىنىچلىق، يېشىللىق، تۇپراق، ئازادىلىك...)
3. زۆرۈر تۇرمۇش جابدۇقلىرى بولۇش
4. يېتەرلىك ئىقتىسادىي مەنبەسى بولۇش
5. تاللانغان كىتاب-ماتېرىيال بولۇش
6. تاللانغان ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بولۇش
7. تور-ئالاقە شارائىتى بولۇش
8. ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش
9. زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بولۇش
7-باپ: ئائىلە تەربىيىسىنىڭ 20 يىللىق باسقۇچلۇق پىلانى
1. توي قىلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق: ئاتا-ئانا بولغۇچىلار 16 ياشتىن 20 ياشقىچە، ھازىرلاشقا تېگىشلىك 18 تۈرلۈك ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولۇش؛
2. پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق: ئىلمىي رىسالىلەر ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ مۇناسىپ تەييارلىقلىرىنى قىلىش،...
3. بوۋاق پەرۋىشى: مىللىيچە ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش، يەڭگىل مىللىي مۇزىكا، ساپ ھاۋا، پاكىزە ۋە تىنىچ مۇھىت، مىللىيچە ساقلىق ساقلاش، ئەللەي ناخشىسى، ھىكايە-چۆچەكلەر...
4. ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى تەربىيە: ئانا تىل-يېزىق، ئاتا-ئانا ئۈلگىسى، مېھىر-مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇرۇش، تۇرمۇش رېتىمى ۋە تەرتىپىنى ھىس قىلدۇرۇش، مىللىيچە يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، مىللىي چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش، قويۇق مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدا پەرۋىش قىلىش
5. بالىلىق ۋاقتى: ئان تىلنى مۇستەھكەملەش، گۈزەللىك ۋە مىللىي ئەخلاق، كىشىلىك قەدىر-قىممەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت، مەنپەئەت ۋە ھەمكارلىقنى ھىس قىلدۇرۇش، ئاددىي ھەق-ناھەق قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى بىلدۈرۈش، ئۇرۇق-تۇققانلارنى تونۇتۇش، مىللىيچە كىتابلارنى ئوقۇش ۋە شەيئىلەرنى كۈزىتىش ئادىتىنى يېىتلدۈرۈش، چامى يېتىدىغان ئاددىي ئىشلارغا ياردەملەشتۈرۈش...
6. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتى: ئاددىي ئەمگەكلەرگە قاتناشتۇرۇش، مۇستەقىل پىلان تۈزۈپ ئىجرا قىلىش مەشقى قىلدۇرۇش، سەيلە-ساياھەت ۋە باردى-كەلدى قىلىشقا ئاپىرىپ، جەمئىيەتنى چۈشەندۈرۈش، توغرا قىزىقىش ۋە غايە تۇرغۇزۇش، كىتاب ئوقۇپ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشنى مەشق قىلدۇرۇش، ئاددىي قول ھۈنەر كەسپلىرىنى ئۈگىتىش، ئۆزى ئىجادىيەت يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىرى ۋە ھىساۋاتىنى خاتېرىلەشكە ياردەملەشتۈرۈش، ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرۈش، داڭلىق شەخسلەرگە دائىر ھىكايىلەرنى ئوقۇتۇش، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇپ مۇۋاپىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش،...
7. ياشلىق ۋاقتى: ئەتراپلىق ساغلاملىق تەربىيىسى، غايە-ئېتىقاد تەربىيىسى، ئەمگەك تېخنىكا تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى، مىللىي ئەنئەنە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، يىراق جايلارغا سەيلە-ساياھەتكە ئاپىرىپ جەمئىيەتنى ۋە تۇرمۇشنى چۈشەندۈرۈش، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر چىراق ئىشلىرى ۋە قېرىنداشلارنىڭ كوللىكتىپ كۆڭۈل ئېچىش، ئەمگەك پائالىيەتلىرىگە تولۇق قاتناشتۇرۇش، تۇرمۇش ۋە ئىقتىساد تەربىيىسى ، مىللىي كىملىك ۋە مەدەنىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش؛ مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئوقۇشتىن سىرتقى چاغلىرىدا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىشقا ياردەملىشىش، داڭلىق شەخلەر ۋە كەشپىيات-يېڭىلىقلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ، سىستېمىلىق ھالدا مۇۋەپپەقىيەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، كېيىنكى كەسپ نىشانىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بېرىش، توغرا دۇنيا قاراش ۋە ئېتىقاد شەكىللەندۈرۈش، ھەر تەرەپتىن تولۇقلىما ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ، ھەر تۈرلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ياشاش ۋە قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش...
8. تۇرمۇشلۇق بولۇش ئالدىدا: تۇرمۇش قۇرۇشقا دائىر ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن يېتەكچىلىك، مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش، زۆرۈر بولغان ماددىي شارائىتلارنى غەملەپ بېرىش،...
9. تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كېيىن: ئائىلىنى باشقۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەپ ئائىلىنى قامداشقا يېتەكچىلىك ۋە ياردەمدە بولۇش، پەرزەنتلىك بولۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ۋە بوۋاق پەرۋىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەمدە بولۇش، ياخشى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە توغرا يول تۇتۇشىغا يار-يۆلەكتە بولۇش، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئۈگىتىش...
8-باپ: ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۆلچىمى ۋە ئۇنى باھالاش قائىدىسى
1. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتىشتىكى ئاساسلار
2. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مەزمۇن ئۆلچىمى
3. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ شارائىت ئۆلچىمى
4. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى
5. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈم ئۆلچىمى
6. ئائىلە تەربىيىسىنى باسقۇچلۇق ئانالىز قىلىپ باھالاش
7. ئائىلە تەربىيىسى ۋە پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنىڭ مەخپى خاتېرىسىنى تۇرغۇزۇپ، ئائىلە تەربىيىسى ئەسلىمىسى ۋە خۇلاسىسى يېزىش (پەرزەنتى 20 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ساقلىشىغا بېرىلىدۇ)
8. پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى سۈرەتلىك ئالبۇمىنى ئىشلەش ۋە مۇناسىۋەتلىك خاتېرە بۇيۇملىرىنى يىغىپ ساقلاش(سۈرەت، ئاۋاز، قول يازما، رەسىم، ياسىغان نەرسىلىرى، ئامراق ئويۇنچۇقلىرى،... قاتارلىقلار)
9. پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ داۋاملاشتۇرۇش
9-باپ: جەمەت ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مەدەنىيەت مائارىپتىكى ھالقىما تەرەققىيات يولى
1. پۈتۈن جەمەتتە، مەدەنىيەت قاتلىمىدا پەلەمپەيسىمان ئۆرلەشنى ھەممە ئائىلىنىڭ ئىچكىي قائىدىسىگە ئايلاندۇرۇش: يەنى، ئاتا ئانىسىغا نىسبەتەن، ھەر بىر پەرزەنت:
① ئوقۇش تارىخىدا بىر دەرىجە ئۆرلەش،
② ئائىلىۋى مەدەنىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،
③ ئىجادىيەت-كەشپىيات سانى جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،
④ ئىقتىساد(مال-مۈلۈك ياكى يەر-زىمىن) جۇغلانمىسىدا بىر دەرىجە ئۆرلەش،
⑤ بېرىپ كۆرگەن(ساياھەت قىلغان) دائىرە جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،
⑥ ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىل-يېزىق سانى جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،
⑦ بەدەن ساپاسى جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،
⑧ قېرىنداشلىرىغا يار-يۆلەك بولۇشتا بىر دەرىجە ئۆرلەش،
⑨ كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ھەق-ھوقۇقتا بىر دەرىجە ئۆرلەش ـــ
ـــ تىن ئىبارەت «توققۇزدا بىر دەرىجە ئۆرلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛
2. ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات تەبىئىي پەن ۋە سانائەت تېخنولوگىيىسىنى ئۆگىنىشنى، جەمەتنىڭ سانائەتكە يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاساسلىق يولى قىلىش؛
3. پۈتۈن جەمەتتە بىر تۈركۈم يۇقۇرى ساپالىق ۋە مەسئۇلىيەتچان مائارىپ پىدائىيلىرى(ئاۋانگارتلار)دىن تەشكىللەنگەن «پىدائىي مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ، قەۋمنىڭ مائارىپ ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مائارىپچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە يول ئېچىپ ئۈلگە تىكلەش؛
4. پۈتۈن جەمەتتە «قېرىنداشلار مائارىپ فۇندى» تەسىس قىلىپ، شۇ يۇرتتىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى فۇند ئارقىلىق تولۇق ھەل قىلىپ بېرىش؛
5. «قېرىنداشلار مائارىپ فوندى» ۋە «پىدائىي مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى» ئەمەلىي كۈچ چىقىرىپ، يەسلى مائارىپىدىن تاكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشى قاتلىمىغىچە، ئۆز ئانا تىل-يېزىقتا يېزىلغان «ئائىلىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈش پروگىراممىسى»نى، ھەمدە شۇنىڭغا ماسلاشقان يۈرۈشلۈك ئۆزلۈگىدىن ئۈگىنىش دەرسلىك سىستېمىسىنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر يېڭىلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىش؛
6. ھەر بىر ئائىلىدە ئۆلكە ياكى دۆلەت ھالقىپ ئوقۇغان، ۋە ياكى جاھان كېزىپ دۇنيانى چۈشەنگەن ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛
7. ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئائىلە مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش، ياكى يىلمۇ-يىل ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش؛
8. بارلىق ئائىلىدە قەتئىي بوشاشماي ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش؛
9. پۈتۈن جەمەتتە ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇھى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىشىپ بازار ئېچىپ، كۈچلۈك ئىقتىسادىي بىرلىك بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆز ئىچىدە مۇقىم يۇقۇرى كىرىملىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاش؛
|