查看完整版本: [-- ئاچچىق نەپەسلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئاچچىق نەپەسلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-23 16:05
ئاچچىق نەپەسلەر
شىئىر
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن

ئاچچىقنى بەزىدە ئالاركەن ئاچچىق ،
لەۋلەردە بىر مەھەل قالاركەن ئاچچىق .
ئاچچىق شۇ كەيپكە بولسا ھەركىم لال ،
ئىنساننى ھەر كويغا سالاركەن ئاچچىق .

ھەسەتخور-تەبىئىكى كىلەر غەيۋەتخور ،
خاسلىقى شۇ ئۇنىڭ ئەلگە توھمەتخور .
ئاخىرى قالىدۇ ۋىجدان سوتىغا ،
قىلمىشى ھىساۋى-زەللە ھەسەتخور .
چاقمىساڭ دوستۇڭنى تويمامدۇ قورساق ،
ئەيىپىڭ ئوزۇڭگە قۇرغاندا -توزاق !

بولاركەن ھاياتلىق گويا تورسىمان ،
توساركەن يولىنى مۇشكۇل تاغ-داۋان .
شۇ يولدا خۇدىنى يوقاتسا كارۋان ،
بولاركەن گۇل سۇپەت باھارى -خازان !

2004-يىلى 10-ئاي خوتەن -نىيە

مەنبە:ئوزەمنىڭ ئىجادىيىتى.(ئاچچىق نەپەسلەر)ناملىق شىئىرلار توپلىمىمدىن ئىلىندى

koksangun 2012-03-23 16:38
ياخشى شېئىركەن ، تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ خاس ئىجادىيەتلىرىگە بەرىكەتلەر بولغاي !!!

tawpek 2012-03-26 02:19
2004-يىلى 10-ئاي خوتەن -نىيە

مەنبە:ئوزەمنىڭ ئىجادىيىتى.(ئاچچىق نەپەسلەر)ناملىق شىئىرلار توپلىمىمدىن ئىلىندى


قارىغاندا بىرەر كىتابىڭىز نەشىر قىلىنغانمۇ نىمە؟


قالايمىغان قارغۇلارچە تېما يۆتكەۋەرمەي مۇشۇنداق ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىزنى سۇنۇپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدىكەنغۇ مانا.

قوشنامنىڭ قوش كۆرنۆپتۇ دەپ نەدىكى ئەخلەت تىمىلارنى ئاز يۆتكەپ خاس ئىجادىيەتلىرىڭىزنى سۇنۇڭ، تور بەتلەرنىڭ كۆپخللىقىغا ھۆرمەت قىلىڭ،

تور بىتىمىزدىكى سىزنىڭ ئوقوشىڭىزغا سالاھىيتى توشىدىغان تىمىلارغا قىممەتلىك تەكلىپلىرىڭىزىنىمۇ سۇنۇڭ،

بىزنى پىكىرلىشىشكە مۇناسىپ دەپ قارىسىڭىز مۇنازىرە تىمىللىرىدا قارىشىىزنى ئوتورغا قويوڭ.

تور بىكىتىمىزگە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا سۇنۇپ تۇرۇڭ.

tursun 2012-03-26 18:37
”قوشنامنىڭ قوش كۆرنۆپتۇ دەپ نەدىكى ئەخلەت تىمىلارنى ئاز يۆتكەپ خاس ئىجادىيەتلىرىڭىزنى سۇنۇڭ، تور بەتلەرنىڭ كۆپخللىقىغا ھۆرمەت قىلىڭ، “ دەپ ياخشى
باھا بىرىپلا ،رەھمەت! مەسىلىلەرگە قايسى كوز بىلەن قاراش ھەر بىر ئىنساننىڭ
كۇزىتىشىگە باغلىق . پەقەت مەن شۇ يوللىغان تىمىلار ئىچىدىن تورداشلارغا
پايدىلىق بىرەر جۇملە تىپىلىپ قالسىكەن دىگەن ئارزۇدا ،باشقا خىيالىم يوق ئىدى.
«ئەخلەت ئىچىدىنمۇ بەزىدە ئالتۇن بايقىلىدۇ ئەمەسمۇ؟» تەۋفىق مۇئەللىمگە
تەشەككۇر !!!

ziba101 2012-04-05 10:35
ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

tawpek 2012-04-05 10:45
ئەگەر تىخىمۇ كۆپ كىشىگە بىلدۈرۈش ھەقىقەتەن زۆرۆر تىمىلار بولسا يۆتكىسىڭىز بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئاپتۇرىنى، ئەسلى ئىلىنغان ئورنىنى ئەسكەرتىش نورمال تور پىرىنسىپلىرىدىن.

تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلايلى دىگەن شۇئار قانۇنسىز نەرسە يوللىماڭ دىگەنلىكلا ئەمەس.

مەنبەسىز تىما يۆتكىگىنىڭىزمۇ تور ئەخلاقىغا خىلاپ.
باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق، ئىجادىيەت ھوقوقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىق. بۇ قىلمىشلىرىڭىز تور بىكىتىمىزنمىڭ ئوبرازىغا نۇخسان يەتكۈزىدۇ.

مۇشۇ ئىشلار تۈپەيلى كوت كوتلىرىمغا، خەت ساندۇقلىرىمغا كەلگەن كۆڭۆلسىز ئۇچۇرلارنى كۆرگەن بولسىڭىز ئاندىن چۈشىنەتتىڭىز.

maaripqi 2012-04-06 20:48
«چاقمىساڭ دوستۇڭنى تويمامدۇ قورساق ،» ماڭا مۇشۇ مىسرا ئەڭ ياقتى. رەھمەت!

gulhan 2012-04-08 00:23
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئىجادى ھاياتىغا بەركەت تىلەيمەن . سىزدىن تەلىم ئىلىشىمىز ئۈچۈن شېئىرلىرىڭىزنى كۆپرەك كۆرەيلى...
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ تورلاردىن يوللىغان يوللانمىلىرى مىنىڭدەك تورغا چىقىش ۋاقتى ئاز «بىچارىلەرگە» بەكمۇ ياقىدۇ . لېكىن تەۋپىق مۇئەللىم ئېيتقاندەك مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىسا...

ak gul 2012-04-08 19:20
تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى تولىمۇ ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر ئىكەن.داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز.

tursun 2012-04-13 18:07
تورداشلىرىمغا رەھمەت،چوقۇم دىققەت قىلىمەن....!

tursun 2012-04-16 13:27
   رەھمەت......

tursun 2012-04-25 17:39
  تورداشلىرىمغا رەھمەت


查看完整版本: [-- ئاچچىق نەپەسلەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.036912 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us