查看完整版本: [-- ئويغاق ئانا زىمىن بۇ (شىئىر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئويغاق ئانا زىمىن بۇ (شىئىر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-03-23 15:53
ئويغاق ئانا زىمىن بۇ
      شىئىر
ئاپتورى: تۇرسۇن ھۇسەيىن

تىرىق-تىرىق تىۋىشلار ،
ھەر تەرەپنى قاپلىغان .
خىيال بىلەن رىئاللىق ،
گىرەلەشكەن ،زىمىن بۇ.

كەڭرى كەتكەن باغرىنى ،
ئىچىپ كىلەر يىراقتىن .
چارچاشلارغا تەن بەرمەس ،
ئويغاق ئانا زىمىن بۇ .

چارچاشلارغا تەن بەرمەي ،
تەۋرىنىدۇ مەردانە .
مەرتلىك نۇرى چاقنىغان ،
ئويغاق ئانا زىمىن بۇ .

خىياللاردىن كىلىچەك ،
نۇرى تامغان زىمىن بۇ .
سان-ساناقسىز كوڭۇلنىڭ ،
مىھرى چۇشكەن زىمىن بۇ .

قوينى ئىللىق ،مىھرىبان ،
ئويغاق ئانا زىمىن بۇ .
كىلەچەككە ھۇل تىشى ،
باسقان،ئانا زىمىن بۇ .

ئويغاق ئانا زىمىن بۇ ،
باغرى گۇلخان زىمىن بۇ !

1994-يىل 1-ئاي ئۇرۇمچى

مەنبە: ئوزەمنىڭ ئىجادىيتىم

gulhan 2012-03-24 00:23
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى قۇشاق شەكلىگە يىقىن ، دىكىلماتسىيە قىلىشقا قۇلايلىق، تىلى يىنىك ، يىقىشلىق شېئىر ئىكەن.
قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

tawpek 2012-03-26 02:23
94-يىلدىكى ئەسەرلىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۆندۇق،


يىقىنقى زامان شىئىرلىرىڭىزدىنمۇ سۇنۇپ تۇرۇڭ.

يىقىندىن بىرى ئۇ مۇنبەردىن بۇ مۇنبەرگە تىما يوللاپ دوللارغا ئىشلەپ بولالماي ئىجاىيەتكە ۋاقىت چىقماۋاتامدۇ يا؟


مۇشۇنداق ئىقادىيەتلەرنى سۇنۇپ ئۈلگۈرسىڭىز مەن نادىرلاپ ئۈلگۈرىمەن ئەمەسمۇ؟

tursun 2012-03-28 18:09
تەۋفىق مۇئەللىمگە رەھمەت،ئىنكاسلىرىدىن تولىمۇ سويۇندۇم ...

ziba101 2012-04-05 10:38
ئىجادىيىتىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

kalbinur 2012-04-05 17:27

ياخشى


tawpek 2012-04-05 18:06
شاھىد بولوپ ھەممىگە
نالە قىلىپ تەڭرىگە
بىھۇش كەبى ياتسىمۇ
ئويغاق ئانا زىمىن بۇ.

tursun 2012-04-09 16:16
“شاھىد بولوپ ھەممىگە
نالە قىلىپ تەڭرىگە
بىھۇش كەبى ياتسىمۇ
ئويغاق ئانا زىمىن بۇ.”   تەۋفىق مۇئەللىمگە ئالىي تەشەككۇر !

ئىشچانلارغا گۇلدەستە،
سۇنۇپ ياتقان زىمىن بۇ.
تاجىداردىن زارلانماي،
كۇلۇپ ياتقان زىمىن بۇ .

باي-گادايلىق پەرقىنى ،
كىچىكلەتكەن زىمىن بۇ .
ئاجىزلارنىڭ بەختىنى ،
چىچەكلەتكەن زىمىن بۇ.

باغرى گۇلخان زىمىن بۇ ،
گۇلگە تولغان زىمىن بۇ!!!
  
مەنبە:يەنىلا ئوزۇم(تۇرسۇن ھۇسەيىن)

zulmakan 2012-04-09 16:59
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز،ررەھمەت

kaqur 2012-04-13 23:05
مەندىنمۇ چوڭكەن بۇ شېئىر...
راست، زېمىن ئويغاق، ئەمما....

tursun 2012-04-25 17:44
رەھمەت،رەھمەت،رەھمەت!

tursun 2012-04-26 16:18
بۇ شىئىرنىڭ نەۋرىسى بار....!شۇڭا سىزدىن چوڭ بولىشى تەبىئى ئەھۋالدە......
قىرىندىشىم!


查看完整版本: [-- ئويغاق ئانا زىمىن بۇ (شىئىر) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.026137 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us