tursun |
2012-03-23 15:37 |
شىئىرلار ئاپتورى :تۇرسۇن ھۇسەيىن
-ھاراققا بىرىلمە،ئۇ ئاچچىق زەھەر-
ھەر ئىشنىڭ پۇتمىكى-باغلىق ھاياتقا، ھاراقسىز -ھاجىتىڭ قالار سوراققا . ۋەلىكىن،ھاراقتىن كەلمىدى -ئامەت ، ئەكسىنچە ،ھاراقتىن ياغدى كوپ -ئاپەت.
ئۇنىڭسىز-ئىشلىرىڭ سوراقسىز ئەمەس، جاھاننىڭ ئىشلىرى قايناق ھەم پەۋەس . ھاراققا دو تىكسەڭ غۇرۇر،ھاياتنى ، كەلگۇسى ئەۋلادىڭ ئاتىلىدۇ-خەس!
ھاراقتىن بىشىڭغا ئوسمىدى مىڭگۇز ، نەپرەتلەر ياغدۇردى ساڭا سانسىز كوز. سويۇملۇك رەپىقەڭ ،ئوماق باللىرىڭ ، قانداقمۇ ياشاركىن كەلگىنىدە كۈز .
ھاراققا بىرىلمە، ئۇ ئاچچىق زەھەر ، سويگۇڭگە جور بولسۇن كوكتە-ئايقەمەر!
---ئانامنى ئەسلەپ ---
بۇ ھايات شۇنچىلىك ئىكەنغۇ ئەسلى ، بىر تىنىق بەلگىلەر ئىكەن ھەممىنى . ئويۇنچۇق ئىكەنمىز تەقدىر ئىلكىدە ، قىيناركەن ئازاپقا قويۇپ -بەندىنى .
ياشلىرىم قۇرۇماي ئوتتى كوزۇمدىن ، سىغىنىپ ياش توكتى يەنە نەۋرىڭىز . ئاداققى ئۇمۇدنىڭ ئىلكىدە تىلەي ، جان ئانا جەننەتتە بولسۇن جايىڭىز !
---يول-بۇيۇك ،يول-ئامەت ئىنسان بەختىگە---
يول-بۇيۇك ،يول-ئامەت ئىنسان بەختىگە، يول-ئۇلۇغ مۇھەببەت ئىشچان ئەقلىگە . يول سىرداش،ھەمنەپەس كارۋان-سەركىگە، يول-بۇيۇك،يول-ئامەت ئىنسان تەختىگە .
شاھلارمۇ شۇ يولدا، گادايلارمۇ ھەم ، ئوز بەختى كويىدا يىمەيدۇ ھىچ غەم . بالىلار شاد-خورام ماڭىدۇ تەم-تەم ، يول سويگۇ-مۇھەببەت ئىنسان ئەقلىگە .
يول دىگەن ئەسلىدە يوق ئىدى بۇندا ، ئىچىلغان شۇ يوللار ئەمگەكچان قولدا . بەختىنى ئىنسانلار تاپتى شۇ يولدا ، يول مىھرى قۇت-ئامەت ئىنسان ئەقلىگە .!
---تىل ھەققىدە غەزەل---
بۇرادەر،بىل شۇنى گۇلزار سىرىنى ئاچقۇچى تىلدۇر ، ۋەتەن سەھراسىدىن زەمزەم بۇلاغىن قازغۇچى تىلدۇر .
چاچار بولساڭ زامانەڭگە ھاياتلىق گۇللىرىڭدىن ھىد ، شۇبۇ گۇلدىن ساڭا دائىم بەخت ئىپ كەلگۇچى تىلدۇر .
ئىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ،كىلەر بەختىڭگە چىن قولداش ، قارا دىلنى يورۇق قىلغان ئەشۇ قولداش كۇچى تىلدۇر .
ئەگر بىلمەي نۇمۇسنى سەن يامان ئىشقا ئۇزاتساڭ قول ، سىنى ۋەيران قىلىپ شۇ چاغ،ساڭا مۇشت ئاتقۇچى تىلدۇر .
سىلىپ زىھنىڭنى سەن ئىشقا،ئىجاتكار قولدىشى بولساڭ ، يۇرەك تارىڭنى تارىخىي مۇقامغا چالغۇچى-تىلدۇر .!
1984-يىلى 5-ئاي قەشقەر
مەنبە: ئوزەمنىڭ ئىجادىيەتلىرىم |
|