查看完整版本: [-- مىللىتىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن سۈيەيلى!!! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> مىللىتىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن سۈيەيلى!!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2012-03-22 00:18
ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ تۇغما قابىل ياكى ساھىبجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىئون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم-پەن، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسىي ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر-قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ-قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈمنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.  EOn[!  
                                                                                                                  ---ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن L'@@ewA  
    ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ،كاللامغا ئازراق ئەقىل كىرگەن كۈنلەردە يۈز بەرگەن بەزى ئىشلار مېنى سەگىتىپ،مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان «مىللەت» ۋە ئۆزۈم توغرىسىدا ئويلىنىشقا ئۈندىدى.مىللەتكە بولغان يۈزەكى ھېسسىي مۇھەببىتىم ئويغىنىشقا باشلىدى.خېلى ئۇزۇنغىچە مىللىتىمنى ھېسسىي مۇھەببىتىم بىلەن سۈيۈپ يۈردۈم.بارغانسىرى بۇنداق ئېغىزدا دەپ قويغان ياكى كۆڭۈلدە بىلىپ قويغان بۇ خىل سۆيۈشنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتسىز سۆيۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. x\R%hGt  
    سۆزنى باشلاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال مىللەت ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بېرىپ ئۆتكۈم كەلدى.مىللەت دېگنىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل،ئورتاق زېمىن،ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلكىنىدىغان ئورتاق پىسخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى.بىر مىللەت تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللىنىدۇ ھەم تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا يوقىلىدۇ. 79bt%P  
مىللەت شۇنداق بىر چەمبەركى،كىرىمەن دەپلا كىرەلمەيسىز،چىقىمەن دەپلا چىقالمايسىز.سىزنىڭ قايسى چەمبەرگە تەۋە بولۇشنى تاللاش ھوقۇقىڭىز يوق.مىللەتنى سۆيۈشمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك جۈملىسىدىندۇر.ئۇنى ھەرگىز نوقۇل ھالدا تار مەنىدىكى مىللەتچىلىك ياكى تەپرىقىچىلىق دەپ قاراشقا قەتئىي بولمايدۇ. u&Lp  
    مىللەتنى سۆيۈش توغرىسىدا ھەر كىمنىڭ ئۆزگىچە ئوي-خىيالى بولۇشى مۇمكىن.بۇ يەردە مەن كۆپچىلىك بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ~\QN.a   
    بىر كۈنى مەلۇم قانالدىكى مەلۇم بىر پىروگراممىدا دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق رىژىسسور ۋە كىنو ئارتىسى جاڭ تىيېلىن ئەپەندى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۆتتى.ئۇ خېلى يىللار بۇرۇن ئەنگىلىيەدە مەلۇم بىر داڭلىق كىنوغا مۇئاۋىن رېژىسسورلۇق قىلغان ۋاقىتتا، باش رېژىسسور جۇڭگولۇقلار چىقىدىغان قىسمىغا ئەنگىلىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىدىن ئارتىس تەكلىپ قىلىدۇ.ئاساسى جەھەتتىن شۇ يەردىكى كاتتا بايلار قاتنىشىدۇ.گىرىمچىك بۇ ئارتىسلارغا گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،جاڭ تىيېلىن ئەپەندى بۇ ئارتىسلارغا قاراپ چۆچۈپ كېتىدۇ.بايىقى بايلارغا قەلەندەردىنمۇ ئۆتە كىيىم كىيدۈرۈلۈپ،يۈزىگە پاتقاقلار سۈرتىلىپ،شۇنداق ۋەيرانە قىياپەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.ئەنە شۇلار ئاشۇ باش رېژىسسورنىڭ ئېڭىدىكى جۇڭگۇلۇقلار ئىدى.بەلكىم بۇ رېژىسسور ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىنكى جۇڭگولۇقلارنى كۆرۈپ باقمىغاندۇ،بىرەر تارىخىي ھۈججەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ شۇنداق ھېس قىلىپ قالغاندۇ ياكى شۇ جايدىكى جۇڭگولۇق تىلەمچىلەرنى كۆرۈپ قالغاندۇ.بۇ رېژىسسورنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئويلاپ قالغانلىقىنى بىلمىدىم.ئەمم، بۇ ئىشتىن مۇنداق تەسىراتقا كەلدىم.مىللەت خۇددى تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش بىزگە چاپلانغان ماركا،سىزنىڭ قانداق بولۇشىڭىز ئۆزىڭىزگە بەرىبىر بولۇشى مۇمكىن.ئەمما،سۈپەتسىز تاۋار ماركىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنگە ئوخشاش،سۈپەتسىز مىللەت ئەزاسى مىلللەتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ماركىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدۇ. ^rX5C2}G\D  
    دائىم «مىللەتنى سۆيۈش» توغرىسىدا ئويلىنىمەن.مىللەتنى زادى قانداق سۆيۈش كېرەك؟بۇ سوئالنى دائىم ئۆزۈمدىن سورايمەن.بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزلەش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك كۆز قاراشلارغا كەلدىم. VS\+"TPuH  
    1.ئۆزىمىز تەۋە بولغان مىللەتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقمۇ مىللەتنى سۆيۈش ھېسابلىنىدۇ.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا ئورتاق تىل-يېزىقىمىز ۋە ئۆزىمىزگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بار.بۇنى ساقلاپ قېلىش ھەر بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.بۇلار بىزنىڭ مۇشۇ مىللەتكە تەۋەلىكىمىزنى دەلىللەيدىغان مۇھىم ئىسپات بولۇپلا قالماي يەنە مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىيلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى.ئەگەر بۇلار بولمىسا مىللىتىمىز ئىجتىمائىيلىقتىن قېلىپ تارىخىي مىللەت قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.ئەگەر بۇلارنى ساقلاپ قالالمىساق مىللىتىمىزنى سۆيگەننىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى قالمايدۇ.چۈنكى ئۇ چاغدا «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ.ئەگەر بۇ خاسلىقنى ساقلاپ قالالمىساق ئاشۇ ماركا چاپلانغان ساختا تاۋار ئوخشاپ قالىمىز. ;&~9k?v7L  
    2.مىللەتنىڭ ساپاسىنى ھەر بىرىمىزنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ.دائىم مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى ئۇنداق تۆۋەن بۇنداق تۆۋەن دەپ قاقشايمىز.مىللەتنىڭ ساپاسى ئۆز ئالدىغا ئايرىم نەرسە ئەمەس.ئۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ساپاسىدىن تەشكىل تاپقان.ھەقىقەتەن مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىيتىمىز بولسا ھەممەيلەن ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.ئەگەر ساپايىمىزنى يېتەرلىك يۇقىرى دەپ قارىساق ئۇنداقتا ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.ھېچنىمە قىلماي تۇرۇپ قاقشىغاننىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوق.چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە كۆپرەك كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەلۋەتتە بۇ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى. 9N* !C{VW  
    3.باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىزنى ساقلاپ قالغىنىڭىز،مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاپ قالغانلىقىڭىز بىلەن باراۋەر.باشقىلار ئالدىدا،بولۇپمۇ يېنىڭىزدا باشقا مىللەتداشلار يوق ئەھۋال ئاستىدا سىز تەبىئىيلا شۇ مىللەتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالىسىز.خۇددى يەرمەنكىگە قويۇلغان تاۋارغا ئوخشاش.ئەگەر تاۋار يەنى سىز ياخشى چىقسىڭىز ماركىڭىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ.ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىڭىز ئىناۋىتى تۆكۈلىدىغىنى سىزلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى ماركىنىڭ ئىناۋىتى تۆكۈلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشۇ ماركىدىكى باشقا سۈپەتلىك تاۋارلارغىمۇ زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز.شۇڭا ياتلارنىڭ ئالدىدا مىللەتداش دۈشمىنىمىز پەيدا بولۇپ قالسىمۇ ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز كېرەك.ئۇنىڭ ئەيبىنى ياتلار ئالدىدا ئاچماسلىقىمىز كېرەك.چۈنكى بۇ ماركا ھەممىزگە ئورتاق. F=9 -po  
    4.ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولغىنىمىز مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولغان بىلەن باراۋەر.بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار يۈكنىڭ ئېغىرىنى ئۈستىگە ئالغان.ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىگە،ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدا بولسا،ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ياخشى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرەلىسە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى.باشقىلارمۇ بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىپ،كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا ھەرقانداق يامان تەسىرى بار سۆز ھەرىكەتلەردە بولماسلىققا تىرىشىشىمىز كېرەك. Pg%k>~i  
    5.ئۆز-ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇمىز بولۇشى كېرەك.ئۆز-ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇمىز بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلىشىمىزدىكى مەنىۋى كۈچ.يېقىندىن بۇيان ئۆز-ئۆزىمىزنى كەمسىتىدىغان يازمىلار كۆپىيىپ قالدى.كەمچىلىكنى كۆرسىتىپ بېرىش خاتا ئەمەس.ئەمما كۆپتۈرۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ.ھە دېسىلا قوشنىمىزنىڭ قوش كۆرۈنۈپ كەتسە بولماس.ئۆزىمىزنى ئارتۇقچە كەمسىتىىۋەتسەك ئىشەنچىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز.بۇلارنى يوقىتىپ قويساق يەنە ئالغا ئىلگىرلىيەلەمدۇق؟بىزنىڭ پەخىرلەنگۈدەك تارىخىمىز بولغان.بىز ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولغاندىكىن ئۆزىمىزنىڭمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمىزغا قارىتا ئىشەنچ تۇرغۇزىشىمز كېرەك.پەخىرلىنش بىلەن بىرگە پەخىرلەنگۈدەك كەلگۈسى يارىتىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك.ئەلۋەتتە ئۆز-ئۆزىدىن پەخىزلىنىش تۇيغۇسى چەكتىن ئېشىپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. -q")qNt.  
    6.تەنقىدلەش مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي بولسۇن.«يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» دىن كېيىن ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدلەش خارەكتېردىكى ئەسەرلەر كەينى –كەينىدىن مەيدانغا كەلدى.مۇۋاپىق يېزىلغانلىرىمۇ بولدى،چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىرىمۇ بولدى.تور ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ،بۇ خىل يازمىلار كۆپ يېزىلدى ۋە ئوقۇرمەنلىرى كۆپ،بازارلىق يازمىلاردىن بولۇپ قالدى.كەمچىلىكنى قوبۇل قىلماسلىق زاۋاللىق،كەمچىلىككە چاپان يېپىش يارىماسلىق.ئەمما،تەنقىد زامان ۋە ماكانغا لايىقلاشقان بولۇشى كېرەك. بىر ئىككى شەخىسنى تۇتقا قىلىپ بىر مىللەتكە باھا بېرىشكە بولمايدۇ.بولمىسا كىشىنى قايىل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويىدۇ.مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي قويۇلغان تەنقىد بىزنىڭ ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ.ئەمما مىللەت چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۇرغان ئەھۋالدىمۇ داۋاملىق تەنقىدلەش،پاتقاققا پېتىپ قالغان ئادەمنى تارتىۋالماقتا يوق ئەكسىچە دەسسەپ چۆكتۈرۋەتكەنلىك بىلەن ئوخشاش.تەنقىدلەشتىن ئىلگىرى خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ بايقالغان مۇھىم كەمچىلىكىمىزنى مۇۋاپىق پەيىتتە چەكتىن ئاشۇرۋەتمەي ،ئىلمىي ھالدا كۆرسىتىپ بەرسەك.جايىمىزدا ئولتۇرۇپلا قاقشاۋەرسەك،بالىسى خاتالىق ئۆتكۈزسە تىللاپ قويۇپلا تەربىيە قىلمايدىغان نادان ئانىغا ئوخشاپ قالىمىز.شۇڭا تەنقىد قىلىپلد قالماي يەنە بۇ كەمچىلىكنى تۈزىتىشكە ئاكتىپ ياردەم بېرىشىمىز كېرەك ياكى تۈزىتىش يولى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. 9'I$8Su  
    يىتۈك مۇتەپپەككۇرلاردىن ئەمەسمەن.شۇڭا يېتىشسىزلىك بولسا مەندىن رەنجىمىگەيسىزلەر.كۆپچىلىكنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ئورتاقلاشقايمەن. Cz)/ Bq  
مەنەبە__ ماكانىم مۇنبىرى. L`@)*x)~R  
r(i!".Z  

ak gul 2012-03-22 17:05
ياخشى ماقالىنى ئۇلانما قىپسز،داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ. ,Z aPY  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2012-03-26 03:56
دۇرۇس، مىللەت سۆيۆشنى ئىغىزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىز. cjyb:gAO  
i8 fUzg)  
مۇھىمى ئەقلىمىز بىلەن سۆيۆش ئەڭ زۆرۆر.

halida 2012-03-28 19:29
ھەركىم مىللىتىمنى سۆيىمەن دەيدۇ،بىراق قانداق سۆيىشىگە قاراش كېرەك.

danix 2012-06-17 11:01
<<مىللەت شۇنداق بىر چەمبەركى،كىرىمەن دەپلا كىرەلمەيسىز،چىقىمەن r`krv-,O$  
دەپلا چىقالمايسىز.سىزنىڭ قايسى چەمبەرگە تەۋە بولۇشنى تاللاش a0n F U  
ھوقۇقىڭىز يوق.>> @fY!@xSf  
     گۈلخاننىڭ يۇقارقى ئاجايىپ چوڭقۇر ئىزدىنىشلەردىن چىقارغان EmH{G  
ھۆكۈمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، بىر ئادەمنىڭ ھەر بىر قىلغان ئىشى "au"\}   
ئۆزى ئۈچۈن بولمايدۇ ، مىللەت ئۈچۈن بولىدۇ . ئۇ ئادەم ناھايىتى 5P! ZJ3C  
ناچار بولسا ، بۇ ناچارلىق شۇ ئادەم بىلەنلا كەتمەي ، <<پالانى مىللەت Wb|IWn H$  
دېگەن مانا مۇشۇنداق >> دەپ شۇ ناچار ئادەم تەۋە بولغان مىللەتمۇ k&**f_b  
ھاقارەتلىنىدۇ . شۇڭا ھەر ئىشنى ئۆزىمىزنىلا ئەمەس ، مىللىتىمىزنى كۆز dFUsQ_]<  
ئالدىمىزغا كەلتۈرگەن ھالدا قىلىشىمىز ، مىللىتىمىزگە ھاقارەت ئېلىپ FVSz[n  
كېلىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز كېرەك . w3& F e=c  
      يىغىپ ئېيقاندا ، گۈلخان مۇئەللىمنىڭ تەلىمى بويىچە ,مىللىتىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن سۈيۈشىمىز ، ھەر بىر قەدىمىمىزنى مىللەتنى !qcR5yk`2  
سۈيۈش ئۈچۈن بېسىشىمىز كېرەك ! 2D-*Z=5^  
     گۈلخان مۇئەللىم سىزنىڭ مىللەتنى سۆيۈشتە سۆزىڭىز بىلەنلا ئەمەس ، ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىڭىزدە  ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۈلگە بولغان x3vz4m[  
ھەم مۇنبەرداشلارنى بۇ جەھەتتە يېتەكلىگەن ئەجرىڭىزدىن دىلىم سۈيۈنىپ %i^%D  
تۇرىدۇ ! سىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن گۈلخاندەك يېنىپ تۇرغان قەلبىڭىزگە qg'm<[  
تەشەككۈر ! 1ra}^H}  
    


查看完整版本: [-- مىللىتىمىزنى ئەقلىمىز بىلەن سۈيەيلى!!! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.271770 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us