查看完整版本: [-- چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tax 2012-03-19 18:46
چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
 
چىڭغىز ئايتماتوف 1928- يىلى 12- ئاينىڭ 12- كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىدىكى شېكەر ئاۋۇلىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 2008- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ دادىسى تۆرەقۇل ئايتماتوف سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر مەزگىل موسكۋادا تۇرغان. 1937- يىلى ئۇنىڭ دادىسى ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خەلق دۈشمىنى»، «بۇرژۇئازىيە مىللەتچىسى» دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 1938- يىلى بېشكەك شەھرىدە 137 ئادەم بىلەن بىللە مەخپىي ئۆلتۈرۈلۈپ كۆمۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئايتماتوف ئانىسى بىلەن شېكەر ئاۋۇلىغا كېلىپ، شۇ يەردە بالىىلق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىى ئۆتكۈزگەن. ئايتماتوف ئاۋۇلدا جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. بىرىنچىدىن، ئۇلار «خەلق دۈشمىنى» نىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئىدى؛ ئىككىنچىدىن، بۇ يىللاردا 2- دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان بولغاچقا، يېزىدىكى ياراملىق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدىنقى سەپكە ئەسكەر بولۇپ كېتىپ، ئېتىز- ئېرىقنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئانىلار بىلەن ئايتماتوفتەك ئۆسمۈرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئايتماتوف ئوقۇشتىن توختاپ ئاۋۇلدا ئەمگەك قىلغان، ئىلگىرى- كېيىن كاتىپ، باجگىر،  نومۇر خاتىرىلىگۈچى بولغان. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جامبۇل (تالاس) شەھەرلىك مال دوختۇرلۇق تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ مال دوختۇرى بولغان. 1956- يىلى سېنتەبىردە موسكۋادىكى گوركىي نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.              

ئايتماتوف ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ يېزىقچىلىققا كىرىشكەن. 1952- يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئىككى يىل ئوقۇشى ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتقان. 1958- يىلى ئايتماتوف ئوقۇشنى تۈگىتىپ قىرغىزىستانغا قايتىپ، مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ھەمدە «قىرغىز ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ «يۈزمۇيۈز»، «جەمىلە»، «سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم»، «بوتا كۆز»، «بىرىنچى مۇئەللىم» قاتارلىق پوۋېستلىرى مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ نامى سوۋېت ئىتتپاقى ئەدەبىيات ساھەسىدە ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن. بولۇپمۇ «جەمىلە» ناملىق پوۋېستىنىڭ 1963- يىلى لېنىن ئەدەبىيات ئوردېنىغا ئېرىشىشى ئۇنىڭغا ئالاھىاە شان- شەرەپ ئېلىپ كەلگەن.

   1960- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ «يەر _ ئانا»، «ئەلۋىدا گۈلسارى» ناملىق پوۋېستلىرى ئېلان قىلىنىپ، 1968- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. رۇس ھەم قىرغىز تىلىدا ئەسەر يازالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە بۇ كاتتا يازغۇچى 1970- يىللاردا دۇنياۋى ئابرويغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 1970- يىلى ئېلان قىلغان «ئاق پاراخوت» ناملىق پوۋېستى ئۇنىڭغا دۇنياۋى شۆھرەت ئېلىپ كەلگەن. «ئاق پاراخوت» ئېلان قىلىنىپلا كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ھەم كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئايتماتوف سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى داڭلىق ئەدەبىيات ژورناللىرىدا مۇھەررىر بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار بىرلەشمىسى مۇدىرىيىتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 50 ياشقا كىرگەن يىلى، يەنى 1978- يىلى «سوتسىيالىستىك ئەمگەك قەھرىمانى» دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان.

    1980- يىللاردىن باشلاپ ئۇ «ئەسىردىنى ھالقىغان بىر كۈن»، «قىيامەت» ناملىق رومانلىرىنى نەشر قىلدۇرغان، خەلقئارالىق يىغىنلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالى مەكتەپلىرى تەرىپىدىن پەخرىي پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. 1991- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، قىرغىزىستان دېموكراتىك يول بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئايتماتوف ئىسمى- جىسمىغا لايىق قىرغىزىستان يازغۇچىسىغا ئايلىنىپ، يېڭى قۇرۇلغان بۇ ياش دۆلەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە يۇقىرى ئابرويى بىلەن كۆپلىگەن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ليۇكسېمبۇرگتىكى ئەلچىخانىسىدا ئەلچىخانا باشلىقى سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇپ، ياۋروپادىكى بۇ تىنچ، گۈزەل دۆلەتتە خاتىرجەم ھالدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن.

چىڭغىز ئاتيماتوفنىڭ بارلىق ئەسەرلىرى 1980- يىلىدىن باشلاپ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئاق پاراخوت»، «ئايتماتوف پوۋېستلىرىدىن تاللانما»، «ئەلۋىدا، گۈلسارى»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»، «قىيامەت»، «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى»، «ئالا ئىت قىياسى»، «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەمدە بىر قىسىم ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. 

 

مەنبە: تولۇق ئوتتۇرا تەجرىبە دەرسلىكى  تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى



查看完整版本: [-- چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.141966 second(s),query:2 Gzip disabled

You can contact us