查看完整版本: [-- «ياق» ۋە «يوق» ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار! --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> «ياق» ۋە «يوق» ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qirak 2012-03-09 00:15
«ياق» ۋە «يوق» ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار!
               مەنبە: ئىزدىنىش تورى
     - چىراقنى ياقايمۇ؟
-
ياق.
بۇ يەردە چىراق ياقماقچى بولغان ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك؟ چىراقنى يېقىشى كېرەكمۇ ياكى ياقماسلىقى كېرەكمۇ؟
---------
نەق گەپكە كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا "ياق" ۋە "يوق"تىن ئىبارەت ئىككى سۆز بار. "ياق" سۆزى "بولمايدۇ" دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، "يوق" بولسا "مەۋجۇت ئەمەس" دىگەن مەنىگە ئىگە. لېكىن مېنىڭ بايقىشىمچە، ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تۈركىي تىللاردا "ياق" سۆزى يوق ئىكەن. "ياق" دىمەكچى بولغان ھەر قانداق جاۋابقا بىردەك "يوق\جوق\يوك" دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.
قىزىق يېرى، قۇمۇل- تۇرپان تەرەپلەردىكى چوڭلارمۇ رەت قىلىش مەنىسىگە "يوق" سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن:
-
تاماق يىدىلەمۇ؟
-
يوق، تېخى تاماق يىمىدىم.
لېكىن، قۇمۇل-تۇرپانلىق ياشلار بولسا "ياق" سۆزىنىمۇ ئىشلىتىدۇ، ھەتتا بەزىلەر پۈتۈنلەي "ياق" سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. ئۆزەمنى مىسالغا ئالساممۇ، مەن ئاساسەن "ياق" سۆزىنى ئىشلىتىمەن، لېكىن ئاتام-ئاپامنىڭ "يوق" سۆزىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا يېقىنقى مەزگىللەردە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.

مەن بۇرۇن باشقىلاردىن، قارامايدا مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم (بۇ ھېكايەنىڭ راست يالغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرەلمىسەممۇ، ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر چىنلىققا ياتىدۇ).
ئىككى ئۇيغۇر نېفىت ئىشچىسى بىر مۇنارغا ئوت ياقماقچى بولۇپتۇ. بىرسى مۇنارنىڭ ئۈستىدە، يەنە بىرسى مۇنارنىڭ ئاستىدا ئىكەن. ئۈستىدىكىسى مەلۇم بىر سىمنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاستىدىكىسى ئوت ياقىدىكەن، ئەگەر سىم ئۇلانمايلا ئوت يېقىلىپ كەتسە، مۇنار پارتىلاپ كېتىدىكەن. بىر كەمدە، ئاستىدىكى ئىشچى ئۈستىدىكىسىدىن ۋارقىراپ سوراپتۇ:
-
ئوتنى ياقايمۇ؟
-
ياق.
شۇنىڭ بىلەن، ئاستىدىكى ئىشچى ئوتنى شۇنداقلا يېقىپتىكەن، گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن مۇنار پارتىلاپ كېتىپتۇ.
ئەسلىدە، ئۈستىدىكى ئىشىچى "بولمايدۇ" دىگەن مەنادىكى "ياق" سۆزىنى ئىشلەتكەن ئىكەن. كىم بىلسۇن، بۇ سۆز "ئوتنى ياق" دىگەن مەنادىكى سۆزگە ئاھاڭداش بولۇپ قېلىپ، خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىنغان.
  بەزىدە ، ئەگەر ئۇلار پىشقەدەم قۇمۇل-تۇرپانلىقلار بولۇپ قالسا، بۇنداق پاجىئە يۈز بەرمىگەن بولاتتى، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن .
----
ئۆزىمىزنىڭ "ياق" سۆزىگە كەلسەك، بۇ سۆز جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن كاشغەر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلىدىكى "ياق" سۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزغا كىرىشى، ھەمدە بۇ ئەدەبىي تىل ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆزلەشكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغاندەك، "ياق" سۆزىنىڭ ئەدەبىي تىلىمىزغا كىرىشىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنى بېيىتىشتا، ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆركەملەشتۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە.  

راست گەپنى ئېيتسام، ئۇيغۇر تىلىدىكى "ياق" سۆزىنى سەلبىي ياكى ئىجابىي دىمەكچى ئەمەسمەن، ھەم بۇنىڭغىمۇ قۇربۇم  ۋە ھوقۇقۇم يەتمەيدۇ. بۇنى پەقەت خەلق ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مەن پەقەت "ياق" سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىلا بارلىقىنى، باشقا تۈركىي تىللاردا يوق ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ قويماقچى خالاس.  

مەنبە: www.koktash.com
 


gulnar 2012-03-09 12:16
دېمىسىمۇ <<ياق>> سۆزىنى ئويلۇشۇپ ئىشلەتسەك بولغىدەك

tunyukuk 2012-03-09 12:58
بۇ سۆزلەرنى جانلىق تىلدا ئىشلەتكەندە ھەقىقەتەن دىققەت قىلمىسا بولمايدىكەن.
«_ سەن ئۆيگە باردىڭمۇ - يوق؟» 
« _ ياق. »  
« _ ھەئە.»
بۇ ئىككى جاۋابنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە  بۇ كىشى ئۆيگە بارغانمۇ ياكى بارمىغانمۇ؟  
جاۋابى ئېنىق بولمايدۇ. چۈنكى سوئالدا ئىككى نۇقتا تەڭ سورالغان. بۇنداق چاغدا ئەڭ توغرىسى باردىم  ياكى بارمىدىم  دەپ جاۋاب بېرىش كېرەك.

tursun 2012-03-09 16:07
سىز پەقەت "ياق" سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىلا بارلىقىنى، باشقا تۈركىي تىللاردا يوق ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ قويماقچى بولۇپسىز ،قارىماققا ئاددىي ئىشتەك قىلغىنى بىلەن ،بىراق سىز
سىلىشتۇرما تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۇچۇن بىر ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپسىز ، قولىڭىزغا
بەرىكەت يار بولسۇن !

ozqan 2012-03-09 22:52
بۇ بىر دىققەت قىلىدىغان نۇقتىكەن ئەمەسمۇ ؟  رەخمەت ، ماقالە ئىگىسىگە ۋە ئۇلانما قىلغۇچىغا ..

ayhenim926 2012-03-09 23:23
ياقما دېسە بولمىدىمۇ،  ئەمما مەنمۇ قومۇلدى كۆپىنچە يوق سۆزىنى ئىشلىتىمەن.

ayhenim926 2012-03-09 23:25
ياقما دېسە بولمىدىمۇ،  ئەمما مەنمۇ قومۇلدىن كۆپىنچە يوق سۆزىنى ئىشلىتىمەن.

natiwan 2012-03-28 18:56
رەخمەت ، ماقالە ئىگىسىگە ۋە ئۇلانما قىلغۇچىغا ..  

ziba101 2012-03-28 19:09
                             قولىڭىزغا بەرىكەت يار بولسۇن !
                                                                                                                                                                                                                              

kalbinur 2012-04-28 23:31
رەخمەت........


查看完整版本: [-- «ياق» ۋە «يوق» ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.025309 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us