anayurt905 |
2012-03-04 11:50 |
بىز تارىخنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئالمايمىز
تاگور (ھىندىستان)
ھىندىستاننىڭ ھازىرقى زىيالىيلىرى تارىخىي ساۋاقلارنى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىگە مۇخالىپ ھالدا قوبۇل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بارلىق شەرق ئەللىرى باشقىلارنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ تارىخىنى ئېتىراپ قىلىش كويىدا بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيە بىز غەربلىشىش تۈپەيلى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتىمىز، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما، ياپونىيە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خورىتىپ بولغان، پەقەت چەتتىن كەلگەن مەدەنىيەت قوراللىرىلا قالغان چاغدا، ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يولى قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ.
ياۋروپا ئۆزىگىلا تەئەللۇق ئۆتمۈشكە ئىگە. شۇڭا، ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئۆز تارىخىغا يوشۇرۇنغان. بىز ھىندىستانلىقلار باشقىلاردىن تارىخنى قەتئىي ئۆتنىگە ئالماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۆز تارىخىمىزنى يوققا چىقارساق، بۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئۆلتۈرگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس. سەن ئۆتنە ئالغان، ئۆزۈڭگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسە سېنىڭ ھاياتىڭنى نابۇت قىلىدۇ، خالاس.
شۇڭا، مەن ھىندىستاننىڭ ئۆز تۇپرىقىدا غەرب مەدەنىيىتىنى دورىشى زىيانلىقكى، قىلچىمۇ پايدىسىز دەپ قارايمەن. بىز ئۆز يولىمىزغا ماڭساق، چەتتىن كەلگەن ھاقارەتلەرگە باش ئەگمىسەك، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز ياراتساق، ئۇ بىزگە پۈتمەس - تۈگىمەس مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.
بىز تەقدىرىمىزنىڭ پارلاقلىقىغا، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىرادىلىك، غايىلىك كىشىلەرنىڭ يارىتىشىغا تەقەززا ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشىنىشىمىز كېرەك. بۈيۈك مەقسەتلەر يولىدا تىرىشىش ئارقىلىق رېئال تۇرمۇشنى ياخشىلاش − ھەربىر شەخسنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى. بىز باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەرەپلىرىگە قارىغۇلارچە ئېسىلىۋالماسلىقىمىز، كونا قائىدە - تەرتىپلەرگە يېپىشىۋالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز، كۆڭۈلگە غايىنى پۈكۈپ، چەكسىز كەڭ كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
بىز ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، غەربلىكلەرنىڭ ھىندىستانغا كېلىشى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت، ئەمما بىز شەرقنىڭ مەدەنىيىتىنى غەربلىكلەرگە نامايان قىلىپ، ئۇلارغا شەرقلىقلەرنىڭ جاھان مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى، ھىندىستاننىڭ غەربلىكلەرگە بىر نەرسە تىلەپ قول سوزمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، مەن مەقسەتلىك ھالدا غەرب مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىۋاتقىنىم، بېكىنمىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈش كېرەك دەۋاتقىنىم يوق. مەن پەقەت شەرق بىلەن غەربنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر پەرۋەردىگار ئەنگلىيىنى بۇ يەرگە شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەمكارلىقىغا كۆۋرۈك بولۇشقا ئەۋەتكەن بولسىدى، مەن زور خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان بولاتتىم. مەن ئىنسانىي ۋىجداننىڭ غەربلىكلەرگە ئۆز زىممىسىدىكى ھەقىقىي بۇرچىنى تونۇتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمما، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ شۆھرىتى ھەمدە بۇرچىغا داغ چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى بايقىغاندا، ئىختىيارسىزلا غەرب مەدەنىيىتىدىن سەسكىنىپ قالىمەن. غەربلىكلەر ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈكلۈكى، چوڭ دۆلەتلىكلىكىگە تايىنىپ بۇ دۇنياغا بالا - قازانى تاڭماسلىقى كېرەك. ئۇلار نامرات ۋە ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ، نادانلارغا ئەقىل ئۆگىتىپ، بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ئېغىر پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇشى، تاجاۋۇزچىلىق ۋە باراۋەرسىزلىك ھادىسىلىرىنى يوقىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ماددىي جەھەتتىن گۈللىنىش كويىغىلا كىرىۋالماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق دۇنياسىنى ماددىنىڭ خورلىشىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى كېرەك.
ئىشىنىمەنكى، ھىندىستانغا ئەڭ زۆرۈرى، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەش، تىرىشىپ قۇرۇلۇش قىلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز خېيىمخەتەرگە قارىماي ئۆز ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، ھەققانىيەتنى قوغدىشىمىز، ھاردىم - تالدىم دېمەستىن، قىلچە بوشاشماستىن ئەخلاق جەھەتتىكى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى بولغانلارغا بىزنىڭ ئەخلاقىي جاسارىتىمىز ھەمدە كۈچ - قۇدرىتىمىز، ھەقىقەت، ئادالەت ئۈچۈن رىيازەتلەرگە بەرداشلىق بەرگۈدەك سەۋرچانلىقىمىز بارلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
بۇ، تاگورنىڭ 1925- يىلى ئامېرىكىدا سۆزلىگەن نۇتقىنىڭ قىسقارتىلمىسى
|
|