anayurt905 |
2012-03-04 11:46 |
ئادەم مەۋجۇتلۇقى بىلەنلا قانائەتلەنمەسلىكى كېرەك
فولكنېر (ئامېرىكا)
مېنىڭچە، بۇ مۇكاپات ماڭا ئەمەس، بەلكى نام - شۆھرەت، پايدا - مەنپەئەتنى دېمەي، بۇرۇن بولمىغان نەرسىلەرنى يارىتىش يولىدا بىر ئۆمۈر سەرپ قىلغان يۈرەك قېنىمنىڭ سەمەرىسىگە بېرىلگەن. شۇڭا مەن بۇ مۇكاپاتنى ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىمەن. مۇكاپات پۇلىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان چاغدا دېيىلگەن مەقسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئاتاش كېرەك، شۇنداق قىلماق تەس ئەمەس، مەنمۇ شۇنداق قىلالايمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ئەپەندىلەر، خانىملارغا − بۇلارنىڭ بەزىلىرى كەلگۈسىدە خۇددى ماڭا ئوخشاشلا مۇشۇ مۇنبەردە تۇرۇپ مۇكاپات ئېلىشى مۇمكىن − بىرنەچچە ئېغىز تەسىراتىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
بىزنىڭ ھازىرقى پاجىئەيىمىز شۇكى، ھەربىرىمىز جىسمانىي ئازابتىن بەكلا قورقىمىز. ئەمما، ۋاقىت ئۇزارسىلا ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالىمىز. بىراق، بىز روھىي مەسىلىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىۋەتتۇق، ئويلايدىغىنىمىز مېنى بىرەرى قاچان پارتلىتىۋېتەر، دېگەندىنلا ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا، ھازىر يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەر - ئاياللار ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكى توقۇنۇشلىرىنى تەسۋىرلىگەندىلا ياخشى ئەسەر ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، پەقەت شۇنداق باش تېمىنىڭلا جان - دىل بىلەن يېزىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ قالدى.
شۇڭا، ھەربىر يازغۇچى چۈشىنىشى كېرەككى، دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش − قورقۇنچاقلىقتۇر. قورقۇشنى ئۇنتۇپ، پۈتكۈل زېھىن ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئىنسانلارنىڭ ھېسسىياتىغا تەئەللۇق بولغان ھەقىقەتكە، مەسىلەن، مۇھەببەت، شان - شەرەپ تۇيغۇسى، ھېسداشلىق، قەدىر - قىممەت ھەمدە پىداكارلىق روھىغا قارىتىش كېرەك. ناۋادا ئەسەرلەردە مۇشۇ دۇنياۋى ھەقىقەت كەمچىل بولسا، ئۇنداق ئەسەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ، تىل - ئاھانەتكە كۆمۈلىدۇ. چۈنكى، ئاپتورنىڭ ئۇنىڭدا يازغىنى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئارزۇ - ئىستەكتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاتالمىش مەغلۇبىيەتمۇ، قانداقتۇر بىرەر ئادەمنىڭ ئاجايىپ قىممەتلىك نەرسىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، غالىبىيەتمۇ ھەرقانداق ئارزۇ - ئۈمىدكە باغلىنىپ قالمايدۇ. تېخىمۇ چاتاق يېرى، قىلچىمۇ ئېچىنغۇدەك يېرى يوق، قايغۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان ئىشلار ئۈچۈن كۆز يېشى قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ قايغۇسى پەقەت ۋاقىتلىق ۋە ساختا، شۇڭا يازغان نەرسىسى ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلمەيدۇ.
ئۇ ئالدى بىلەن نېمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالىغان چاغدىلا ئەبەدىي ئۆلمەيدىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ. مەن ئىنسانىيەت ھالاك بولىدۇ، دەپ قارىمايمەن. چۈنكى، بىز ئادەملەرنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا توختاۋسىز كۆپىيىدىغانلىقىغا قاراپلا، ئىنسانىيەتنىڭ ئەبەدىي ھالاك بولمايدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. مېنىڭچە، بۇنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئادەم مەۋجۇتلۇقى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشى كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ ئەبەدىيلىكى، پەقەتلا ئۇنىڭ بارچە مەۋجۇدات ئىچىدە پۈتمەس - تۈگىمەس ئاۋازى بولغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا قەلب، ھېسداشلىق، پىداكارلىق ھەمدە چىداملىقلىقنىڭ بولغانلىقىدا. شائىر، يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى مانا شۇلارنى يېزىشتا، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ روھىي دۇنياغا كۆتۈرۈلۈشىگە ياردەم قىلىشقا، كىشىلەرنى بۇرۇنقى شان - شەرىپى، جاسارىتى، شۆھرىتى، ئۈمىدى، قەدىر - قىممىتى، ھېسداشلىقى ھەمدە پىداكارلىق روھى بىلەن سەگىتىپ تۇرۇشقا ھوقۇقلۇق. شائىرنىڭ ئەسىرى ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسىلا ئەمەس، ئۇنى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەمدە ھەممىدىن ئېشىپ چۈشۈشىگە ياردەم بېرىدىغان تۈۋرۈك، دېيىشكە بولىدۇ.
|
|