سۇغا سالساڭ سۇ كۈتۈرەلمەس مىسقال تۈمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى . ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس. ئادەم كۆركى يۇزدۇر، يۇزنىڭ كۆركى كۆز، ئېغىز كۆركى تىلدۇر،تىلنىڭ كۆركى سۆز. ئەسكى چاپان كىيگەندە ياخشى، يامان تۇققان ئۆلگەندە. ئالتۇنچىنىڭ بىر ئۇرغىنى، تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى. مەنمۇئىدىم سېنىڭدەكسەنمۇ بولارسەن مېنىڭدەك. باي ماختانسا تېپىلىدۇ، يوق ماختانسا چېچىلىدۇ. بىر سەر ئالتۇنۇڭ بولغىچە، بىر سەر ئەقلىڭ بولسۇن. ئاتمىش ياشلىقتىن سورىما، ئالتە ياشلىقتىن سورا. جان چىققاندىن كېيىن، ياسىننىڭ نېمە ھاجىتى. ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى، توقلۇقتىمۇ ئۇنۇتما. كۆپ ئوقىغان كۆپنى بىلۇر،ئوقۇمىغان نېمىنى. چوڭ ھۆرمەت قىلسا، كىچىك خىزمەت قىلىدۇ. ئۆزۈڭنى ئەرچاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا. ئاچچىقنى كۆرمەي تاتلىقنى بىلمەيسەن. بېخىل بايدىن سېخىي گاداي ياخشى. ئادەمنىڭ تېشىغا باقما، ئىچىگە باق. ساقالدىكى ئاشقا قورساق تويماس. ئەجەل يەتمەي جان چىقماس. ياخشى سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ. ئاتقا مىنسەڭ ئاكاڭغا باقما. ھەر كىشىنىڭ دەردى ئۆزىگە چوڭ. تىكەنسىزگۈل بولماس ,جاپاسىز راھەت. ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا. ئاتلىق پىيادىنىڭ ھالىغا يەتمەپتۇ. ئاچچىق يۈتۈش تاغ يۈتۈش. نە ئاغرىساجان شۇ يەردە. ساندا بار، ساناقتا يوق. ئەرنىڭ غېمى ئەلدە. چىراق تۈۋىقاراڭغۇ. يول ئازاۋى، گۆر ئازاۋى. ئاچ قورساققا ئاچچىق سۇ. سەۋر قىلساڭ غورىدا ھالۋا پىشار. ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىم پىشىدۇ. ئويلىماي سۆزلىسەڭ، ئاغرىماي ئۆلىسەن. تاما - تاما كۆل بولار، تامماي قالسا چۆل بولار. كۈننىڭ پىلانى سەھەردىن، يىلنىڭ پىلانى باھاردىن. ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى، مەن ئالدىرايمەن كەتكىلى. ھاياتلىقىمدا ئەيلىمىدىڭ يات، ئۆلگىنىمد ەقىلمىغىن پەريات. ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس، پىيادە يۈرمىگۈچە ئاتنىڭ. قارغىلار "قاق" ئېتىدۇ ئۆز كۆڭلىنى شات ئېتىدۇ. قارغىغا ئوق ئاتما يامانغا سۆزقاتما! مەنبە : تور دۇنياسى
|