查看完整版本: [-- ئادالەت تېئورېمىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> ئادالەت تېئورېمىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muammar 2012-02-24 23:35
ئادالەت تېئورېمىسى
 
مۇئاممار ئۇلۇغيار
 
ئادالەت ـــ تەبىئىي قانۇنىيەتنى شەرت قىلغان ئىجتىمائىي مۇۋازىنەتنىڭ لىمىتىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ كونكېرت تەسۋىرىي تېئورېمىسى(قىسقارتىلىپ «ئادالەت تېئورېمىسى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ) تۆۋەندىكىچە:

ئادالەت ـــ تەڭسىزلىكنىڭ مۇۋازىنەت شەرتلىرى تويۇنغان پەيتتىكى ئالاھىدە ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

تەڭسىزلىك ـــ ئىجتىمائىي مۇۋازىنەت فۇنكىتسىيىسى تۇراقسىز (ئۆزگىرىشچان) قىممەت ئالغان پەيتتىكى ئومۇمىي كۆرۈنۈش فورمۇلىسىدۇر. بۇ خۇددى ئەگرى سىزىقنىڭ ئالاھىدە تەكشى قىممەت ئالغان شەكلى تۈز سىزىق بولغىنىدەك، بوشلۇقتىكى جىسىمنىڭ ئالاھىدە تەكشى شەكلى شار جىسىم بولغىنىدەك، ئادالەتمۇ تەڭسىزلىكنىڭ ئۆزگىرىشچان قىممەت ئېلىش جەريانىدا ئالاھىدە تەكشىلىك ھاسىل قىلغان پەيتتىكى ئالاھىدە ئوبرازىدىن ئىبارەت. دىمەك، رىياللىقتا تۈز سىزىق ۋە شار جىسىملار مەۋجۇت بولغىنىدەك، ھەقىقىي ئادالەت مىساللىرىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ. ئادالەت بىلەن تەڭسىزلىك قارىمۇ-قارشى ئۇقۇم بولماستىن، بەلكى بىر بىرىگە تەڭ بولمىغان قۇرداش ئۇقۇمدۇر. تەڭسىزلىك بولسا باراۋەرلىك (ئادالەت) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانا توپلامدىن ئىبارەت. تەڭسىزلىك بىلەن ئادالەت ھەر ئىككىلىسى ئىجتىمائىي رىياللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىز پەقەت ئادالەتتىن ئىبارەت ئالاھىدە ئۆلچەملىك پايدىلىش تەكشىلىكى ئارقىلىق تەڭسىزلىكنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ماھىيەتلىك تەركىپلەرنى پەرق ئېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز.

فىزىكىلىق مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادالەت ـــ بىر تۈركۈم تەڭ پوتېنسىئاللىق نۇقتىلارغا تەڭداش كېلىدۇ. تەڭ پوتېنسىئاللىق نۇقتىلار ئارا مېخانىك تەڭپۇڭلۇق بولغىنىغا ئوخشاش، ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سىجىللىقى ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق كاپالىتىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

 

2011-يىلى 22-فېۋرال، ئاقسۇ.
 



查看完整版本: [-- ئادالەت تېئورېمىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.024049 second(s),query:2 Gzip disabled

You can contact us