查看完整版本: [-- ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

muammar 2012-02-19 16:21
ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسى
 
مۇئاممار ئۇلۇغيار
 

1. ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىي ئاساسى ـــ مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسى:

بىز ئالدى بىلەن ئاكتىپلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى كېڭەيتىلگەن ES مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. يەنى، بىر ئىنسان ياكى ئىنسانلار توپىنىڭ ئۆز زامانىسىدا يەتمەكچى بولغان تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئاشۇ توپنى تەركىپلىگۈچىلەرنىڭ تارماق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جۇغلانمىسى دىيىشكە بولىدۇ (بۇ يەردە مۇۋەپپەقىيەت پەللىسى دەپ قارالدى) .

M=[
+…]
بۇ يەردىكى M مۇۋەپپەقىيەت: بىر ئىشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى ياكى تەرەققىيات پەللىسىنى كۆرسىتىدۇ؛

P پۇرسەت: مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئىجتىمائىي ئىمكانىيىتىنى كۆرسىتىدۇ؛

A تەلەي(ئامەت): مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتا تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغان تەبىئىي ئىمكانىيەتنى، يەنى ئامەتنى كۆرسىتىدۇ؛

I ئىقتىدار: سوبېكتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ھەرىكەت قىلىش ساپاسىنى، يەنى سوبېكتنىڭ ھەرىكەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىكى ئىچكى قۇدرىتى(ئېنرگىيىسى) ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇپ روياپقا چىقىرىش ھۈنىرى(تېخنىكىسى)نى كۆرسىتىدۇ؛

B تىرىشچانلىق(بەدەل): مۇۋەپپەقىيەت يولىدا ئەمەلىي سەرپ قىلغان ۋاقت، ھەرىكەت سىجىللىقى، جىسمانىي كۈچ، ماددىي، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى سېلىنما(سەرپىيات) قاتارلىق بەدەللىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

T تالانت: ھەرىكەت سوبېكتىنىڭ ئۆز جىسمى ۋە روھىدىكى ئىرسىي ئامىللار(ئۇدۇم)نىڭ راۋاجى سۈپىتىدە تۇغما ياكى تەبىئي شەكىللەنگەن يوشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ ھەرىكەت داۋامىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك رولىنى كۆرسىتىدۇ؛

K قىزىقىش: ھەرىكەت ئوبېكتى، مەزمۇنى ۋە نىشانىغا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە تەشنالىقنى كۆرسىتىدۇ؛

a ئاكتىپچانلىق كوئېففېنسېنتى: ھەرىكەت جەريانىغا بولغان ئاكتىپچانلىق(قوللاش) پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ

W بولسا ئىنساننىڭ (ھەرىكەت سوبېكتىنىڭ) ھەرىكەتچان ئۆمرىنى ئىپادىلەيدۇ.   

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئوخشاش بولغان پۇرسەت، ئامەت، تالانت، قىزىقىش ۋە يەنە ئاكتىپچانلىق پوزىتسىيەسى شارائىتىدا، ئىقتىدار ۋە تىرىشچانلىق قانچە يۇقۇرى بولسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى ۋە يېتىدىغان مۇۋەپپەقىيەت پەللىسىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. ئىقتىدار ئۈگىنىش ۋە مەشقتىن كېلىدۇ، تىرىشچانلىقنىڭ ئۆزى بولسا جاپالىق ئەجىر-مېھنەت ۋە خىلمۇ-خىل بەدەللەردىن تەشكىل تاپىدۇ. شۇڭا بىر تەرەپتىن خىلمۇ-خىل پۇرسەت ۋە ئامەتنى ۋاقتىدا تۇتۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش ۋە چېنىقىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ھەم ئاشۇ پۇرسەت، ئامەت ۋە ئىقتىدارلارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ جاپالىق ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈرگەندە ۋە ھەر تۈرلۈك بەدەل تۆلىگەندىلا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى پەللىلىرىگە چىققىلى بولىدۇ. بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، پۇرسەتنى ئىنسانلار ئارىسىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۈمكىنچىلىگى بار، ئۇ بولسىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئىقتىدار ۋە تالانت بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىدار جاپالىق ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقىش داۋامىدا ھەقىقىي كامال تاپىدۇ. قىزىقىش بولسا شەخسنىڭ تەبىئىي ئىنتىلىشى، كۈچلۈك ئېھتىياجى ۋە ئۇ ئۇچراشقان مۇھىتنىڭ مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز رەۋىشتە جەلپ قىلىشىدىن كېلىدۇ.

دىمەك، رىياللىقتا گەرچە پۇرسەت، ئىنساننىڭ ئامەت ۋە تالانتى چەكلىك بولسىمۇ، ئىقتىدار(I) ۋە قىزىقىش (K)نىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدىكى قىممەت ئېلىش دائىرىسىنى تەدرىجى چوڭايتىشقا بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى تىرىشچانلىق(Bu)نىڭ قىممەت ئېلىش دائىرىسى مۇسبەت چەكسىز بولىدۇ! يەنە كېلىپ توختاۋسىز تىرىشچانلىق(ئۈنۈملۈك بەدەل: يەنى، ئەجىر-مېھنەت ۋە ھەر خىل سېلىنما) كۆرسىتىۋاتقان ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرلۈك پۇرسەت(P) ۋە تەلەي(A)لەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن چارلاۋاتقان(سكاننىرلەۋاتقان) بولىدۇ ھەم پۇرسەت ۋە ئامەتنى تۇتۇۋېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ تىرىشىش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئىقتىدار(I)نى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ بىۋاستە جەريانىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر ھەرىكەت تەركىپلىگۈچىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ۋاقتى(پائالىيەتچان ئۆمرى)نىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ يىغىندا ئۈنۈمىگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ بىز بىۋاستە كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ئەمەلىيەت!

قىسقىسى، مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغان مودېلىدىكى ئۈچ ئاساسىي گۇرۇپپا كۆپەيتكۈچىنىڭ ھىچقايسىسى نۆلگە تەڭ ۋە نۆلدىن كىچىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىقتىدار ۋە تىرىشچانلىقنىڭ قىممىتىنى چەكسىز ئاشۇرۇش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت ئىمكانىيەتلىرىنى چەكسىز ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر ھەرىكەت پۇرسىتى يېتىپ كەلگەن پەيتتە،  ئىقتىدار ياكى ئاكتىپچانلىق تاسادىپى مەنپىي قىممەت ئالسا، ئۇ چاغدا ئاشۇ پەيتتىكى ھەرىكەت نەتىجىسى بىر خىل مەغلۇبىيەتكە(ئەكس ئۈنۈمگە) ئېلىپ بارىدۇ(يەنى ئادەمنى پالاكەت باسقان بولۇشى مۈمكىن)...

    يۇقارقى مۇناسىۋەت ئىپادىسىدىن تەبىئي ھالدا بىرەر ئىشتا نەتىجە يارىتىش، يېڭى تەرەققىيات پەللىسىگە يېتىشتە، جەمئىيەتنى تەركىپلىگۈچى ھەرقايسى ئادەملەرنىڭ تېگىشلىك كىشىلىك ئىقتىدار تەرەققىياتى ۋە ئەجىر مېھنىتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنىڭدەك، تالانت ئىگىلىرىنىڭ رولىمۇ خېلى گەۋدىلىك بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار توپىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىقتىدار تەرەققياتىغا ۋە تىرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ــــ جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر تېما ـــ مائارىپ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. مانا بۇ ئىنسان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تەركىپلىگۈچى ئامىللىرىنى (ئېلېمېنتلىرىنى) تۇتقا قىلىش ئاساسىدا ئىلمىي ۋە نىشانلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان مائارىپ تەتقىقاتىدىن ئاپىرىدە بولغان نەزەرىيىنى «ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسى» دەپ ئاتىساق خاتا بولماس!

    2. ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسىنىڭ تۈپكى تەتقىقات نىشانى: بىرىنچىدىن، ئىنسان ۋە ئىنسانلار توپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت (تەرەققىيات) جەريانىنى تەركىپلىگۈچى ئامىللار ۋە شۇ ئاساستا مەيدانغا چىققان مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىنى يەنىمۇ ئىنچىكە تەتقىق قىلىش؛ ئىككىنچىدىن، مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدىكى تەركىپلىگۈچى ئامىللارنى يىپ ئۇچى قىلغان ئاساستا، مائارىپ ئارقىلىق ئاشۇ ئامىللارنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى تەتقىق قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئامىللىرىنىڭ تەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مائارىپ زەنجىرىنىڭ ئىچكى ئامىل(ئېلېمېنت) ئۈنۈم مېخانىزمىنى تەتقىق  قىلىش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك مائارىپ تورىنى ھەقىقىي ئۈنۈم ئىزىغا سېلىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.

    (داۋامى بار)


attila 2012-02-20 17:21
ئۆمەرجان مۇئەللىم، سىزنىڭ تەۋپىق مۇنبىرىگە كىرگىنىڭىزنى قارىشى ئالىمىز ھەم داۋاملىق كىرىپ ئۆزگىچە تېمىلىرىڭىزنى يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز!

tawpek 2012-02-20 17:34
ۋەدە بىرىمەنكى بۇداقى لۇجىيالۇننىڭ مۇۋەپىقىيەت تەڭلىمىسىنى ئۆتكەندە يۇقارقى مۇۋەپىقىيەت تەڭلىمىسىنى ئاساس قىلىپ ئۆتىمەن.

ئىلگىرى ئەركىن سىدىقنىڭ مۇۋەپىقىيەت تەڭلىمىسىنى ئۆتۆپ كەلگەنتىم.

دائىملىق ئەزالىرىمىزدىن بوپ قىلىشىڭىزغا تەشنامىز.

فۇرمىلا تولوق چىقمىغان بولسا رەسىمگە تارتىپ يوللاڭ.


查看完整版本: [-- ئېلېمېنتار مائارىپ نەزەرىيىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.030392 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us