ئىجادىي ئەسىرىڭىزنى تېخىمۇ جانلىق، تەسىرلىك قىلىش ئۈچۈن يازمىڭىزغا ماس ھالدا كىرىشتۈرۈلگەن ناخشا - مۇزىكا بولىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ كۆركەملىكىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، تەسىر قىلىش كۈچىگە ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ،- دە. شۇڭا، بۇ قېتىملىق دەرسنى تېمىغا ناخشا - مۇزىكا قىستۇرۇشتىن باشلىدۇق.  ئەسىرىڭىزنى ئالدىنقى قېتىملىق دەرسلىكتە بىر تەھرىرلەپ بېزىۋېتىڭ،- دە، تېمىڭىزغا ماس كەلگۈدەك ناخشا ئىزدەشكە كىرىشىڭ. قولاي بولسۇن ئۈچۈن soso تورىدىن ئەلى كىرورەننىڭ نەرىم خاتا دېگەن ناخشىسىنى ئىزدەيلى. ناخشا ئاڭلاش كۆزنىكىدىن، ناخشا مەنبەسىنى كۆچۈرۈڭ. (چوقۇم ناخشا چىققاندىن كېيىن كۆچۈرۈڭ، بەزى ئۇلىنىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولىشى ۋە ياكى ئۆچۈرۈلگەن بولىشى مۇمكىن) ناخشا ئادىرىسىنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن (ناخشا ئادىرىسى چوقۇم http دىن باشلىنىپ .MP3 ۋە ياكى .wmv دا ئاخىرلاشقان بولىشى كېرەك) ناخشا قىستۇرماقچى بولغان تېمىغا قايتىپ مەشغۇلات قىلىمىز. ئادىرىسىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىن قويۇشنى بېسىپ، مۇقۇملاشتۇرىمىز. http://mawlanjan.ww.1g3.badudns.cc/mawlanjian/uyghur/NarimHata.mp3 ناخشا چىقىپ بولدى، ئادەتتىكى ئەسەرلەرگىغۇ سۈرەتلىك ناخشا قىستۇرمىغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆگىتىپ يۈرمەي بولدى. بىراق، سۈرەتلىك رەسىمنىڭ سۈرىتىنى يوشۇرۇپ تېمىغا قىستۇرۇشنى سۆزلەپ ئۆتسەم. tudou دىن بىر سۈرەتلىك ناخشىنى تاپتىم - دە، بۇ تېمىغا قىستۇرۇشنى لايىق تاپتىم. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئەڭ ئاۋال، ئوخشاشلا ئادىرىسى كېرەك ئەلۋەتتە. ئادىرىسى كۆچۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، يەنە شۇ تېمىغا قايتىمىز، ئوخشاش ئۇسۇلدا كۆپ ۋاستە قىستۇرۇشنى چېكىمىز. ئادىرىسىنى چاپلايمىز، ئوخشىمايدىغان يېرى flashنى تاللايمىز ھەمدە چوڭ - كىچىكلىكىگە ئازىراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزىمىز. (سۈرىتىنى يوشۇرىمىز دېسىڭىز، چوڭ - كىچىكلىكىنى رەسىمدىكىدەك قىلىڭ، ئەگەر سۈرەتلىك يوللايمەن دېسىڭىز، چوڭ - كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتمەڭ) تۈگىدى، تۈگىدى... بۇنىڭ ئۈنىمى مۇشۇ دەرسلىكنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ھېلىقى مۇزىكىدەك... چۈشەنمىگەن ھەر قانداق يېرىڭلار بولسا سوراۋېرىڭلار، كەچۈرنىڭ قولىدىن كەلسىلا جاۋابنى ئايىمايدۇ.
|