查看完整版本: [-- بىلگە قاغان مەڭگۆ تېشى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوق ئوتتورا ئەدەبىياتىدىكى دەرىس تىكىسىتلىرى -> بىلگە قاغان مەڭگۆ تېشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

istami 2012-01-18 20:37
 بىلگە قاغان مەڭگۆ تېشى  4 ;^  
    58]t iP"  
Dk}txw}#  
بىلگە قاغان قۇتلۇق قاغاننىڭ ئوغلى . ئۇ تاغىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن 716 - يىلىدىن 734 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . بىلگە خاقان تەختكە چىقىپلا دانىشمەن مەسلىھەتچىسى تۇنيۇقۇق بىلەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ ياردىمى ئاستىدا تۈركىي خەلقىگەنۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن .تاڭ سۇلالىسىغا ئەل بولغان تۈرك قەبىلىلىرىنىئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ~ تاڭ سۇلالىسىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن . تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن شىمالغا قوغلانغان تۈرك خەلقىنى ئۆتۈكەن تېغىدا قىزغىن قارشى ئالغان . 718 - يىلى قۇمۇقلارغا زەربە بەرگەن .719 - يىلى قارلۇقلارنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان .720 - يىلى بېشبالىقتىكى باسمىل قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان .شۇ يىلى يەنە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ۋاڭ جۈن باشچىلىقىدىكى 300 مىڭ كىشىلىك بىرلەشمەقوشۇنىنى تارمار قىلىپ ، گەنسۇغىچە يېتىپ كەلگەن . 722 - يىلى تاتابىلارنىڭئىسيانىنى بېسىقتۇرغان .بىلگە خاقاننىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپىقىيىتى ~ ئەينى چاغدىكىپارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرك خانلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى  بولۇپ  ھېسابلىنىدۇ . { 
734 -
يىلى بىلگە قاغان قول ئاستىدىكى ۋەزىرى بۇيرۇق چۇر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن . A s8IjGNs{  
بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدىنتېپىلغان . قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان . بۇ چوڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ ، جەمىئىي 80 قۇر خەت يېزىلغان . بۇ تاش مىلادى 735 - يىلى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن ئورنىتىلغان . ?$=Ml$  
مەڭگۈ تاش تېكىست تەرجمىسى : /brHB @$  
1 .
تەڭرىدەك تەڭرى يارالغان تۈرك بىلگە خاقان ، مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام بىلگە خاقان ....نى سىر توققۇز ئوغۇز ئىككى ئەدىر مۇھىم بەگلىرى ۋە خەلقىنى ... تۈرك تەڭرىسى .... o:@A%*jg  
2 .
ئۈستىدە مەن خاقان بولۇپ ئولتۇردۇم . مەن تەختتە ئولتۇرغىنىمدا ھەسرەت چېكىپئۆلۈمنى تىلەپ يۈرگەن تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى ئىنتايىن خوشاللىنىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىزكۆزلىرىگە جان كىردى . ئۆزەم تەختكە ئولتۇرۇپ تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مۇھىم قانۇنى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ بەردىم . [k=LX+w@  
3 . ( 3 - 23 -
كۆل تېكىن ئابىدىسى شەرق تەرەپ (1) - (30) غا ئوخشاش ) q]v{o8:U  
24 .
ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم ، (ئۇلارنى) قۇدرەتلىك دۆلىتى بار كۈچلۈك خانلىغىبارلاردىن ياخشى ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنىبويسۇندۇردۇم . (ئۇلارنى) دۈشمەنسىز قىلدىم . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى . ئونيەتتە يېشىمدا تاڭغۇتتا ئەسكەر چىقاردىم ، تاڭغۇت خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . ئاشۇنداق قىلىپ ( ئۇلارنىڭ ) ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىلىرى ۋە مال - مۈلكىنىقولغا چۈشۈردۈم . ئون سەككىز يېشىمدا ئالتە جۈپ سوغداتقا G.qjw]Llf  
25 .
ئەسكەر چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ( ساغراق ) خەلقىنى مەغلۇب قىلدىم . تابغاچنىڭ تۇتۇقى ۋاڭ بەش تۈمەن ئەسكەر (باشلاپ) كەلدى . بىر مۇقەددەس بۇلاقتا ( ئۇلار بىلەن ) ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە يېشىمدا ، باسمىل ئىدۇقۇت ئۆز ئۇرۇقىمىزدىن ئىدى . ئۇلار تارتۇقچىلاردىن ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈنئۇلارغا يۈرۈش قىلدىم . ق ...(ب) ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . نۇرغۇنلىغان ( ئولجىلارنى ) ئۆيگە يۆتكەتتىم . يىگىرمە ئىككى يېشىمدا تابغاچقا P]4@|u;=6[  
26 .
يۈرۈش قىلدىم . چاچا سانغۇننڭ سەككىز تۈمەن لەشكىرى بىلەن ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتىم . يىگىرمە ئالتە ياش ۋاقتىمدا ، جىق خەلقى قىرغىزلاربىلەن بىرگە بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى ، كەم دەرياسىدىن ئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . ئورپەندە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئاز خەلقنى قولغا چۈشۈردۈم .... ھەمدە ئۇلارنى بويسۇندۇردۇم . يىگىرمە يەتتە يېشىمدا قىرغىزلارغا يۈرۈش قىلدىم . ^F-AZP /5F  
27 .
نەيزە قارنى بېسىپ كۆكمەن تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . خاقانى بىلەن سوڭدا تېغىدا ئۇرۇش قىلدىم . خاقاننى ئۆلتۈردۈم ، شۇنداق قىلىپئېلىنى ئالدىم . شۇ يىلى تۈركەش خەلقىغە ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ ، ئېرتىش دەرياسىدىنئۆتۈپ يۈرۈش قىلدىم . تۈركەشلەرنى ئۇيقۇدا بېسىۋالدىم . تۈركەش خاقان قوشۇنىشىددەت بىلەن كەلدى . RY~m Q  
28 .
بولجۇدا ئۇرۇشتۇق ، خاقاننى ، بۇيرۇقنى ، شادىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈردۈم ..... ئوتتۇز يېشىمدا بەشبالىققا يۈرۈش قىلدىم ، ئالتە قېتىم ئۇرۇشتۇق ... قوشۇننىپۈتۈنلەي يوقاتتىم ... ئۇ يەردىكى كىشىلەر يوقىتىلاتتى ... ئۇلار بىزنى تەكلىپقىلغىلى كەلدى . بۇنىڭ بىلەن بەشبالىق ئاپەتتىن قۇتۇلدى . ]GzfU'fOn|  
29 .
ئوتتۇز بىر يېشىمدا قارلۇقلار غەم - ئەندىشىسىز ھالدا ئۆزىگە ئۆزى غوجابولغاندا بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . مەن تاماغ دىگەن مۇقەددەس بۇلاق بېشىدا ئۇرۇش قىلدىم . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۈم . شۇنداق قىلىپ ئېلىنى ئالدىم ( ئوتتۇز ئىككى ) يېشىمداقارلۇقلار يىغىلىپ ( بىزگە قارشى تۇردى ) ، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈردۈم . توققۇز ئوغۇزئۆز خەلقىم ئىدى . جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ، r?W Oum  
30 .
ئىچىدە غۇم ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن دۈشمەنلەشتى . بىر يىل ئىچىدەتۆت قېتىم ئۇرۇش قىلدىم . دەسلەپتە توغۇ شەھرىدە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇنۇم توغلادەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتۈپ ، ئۇلارنىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى . ئىككىنچى قېتىم ئاندارغۇدائۇرۇش قىلدىم ... قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . ئۈچىنچى قېتىم چۇش دىگەن بۇلاق بېشىدائۇرۇش قىلدىم . تۈرك خەلقى ئىككىلىنىپ قالدى . }QJ6"s  
31 . ...................................... \5F {MBx !  
32 .
ئەھۋال يامانلاشقان ئىدى . بىر قوشۇنى ئۇرۇشقا چىققان ئىدى . يەنە بىر قوشۇنىخان ئوردىسىدا قالدۇرۇلغان ئىدى . ئۈچ ئوغۇز قوشۇنى بېسىپ كەلدى . ئۇلار (بىزنى) ھۇجۇم بىلەن ئالغىلى كەلدى . سىڭار قوشۇنى ئۇرۇشقىلى كەلدى ... بىز ئاز ئىدۇق . قىيىن ئەھۋالدا ئىدۇق . ئوغۇز .... تەڭرى كۈچ - قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ( ئۇلارنى ) ئاشۇ يەردە تارمار قىلدىم . Y%8[bL$ d  
33 .
تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن تۈرك خەلقى غەلىبەقازاندى . مەن ۋە ئىنىم باشلامچىلىق بىلەن تىرىشمىغان بولساق تۈرك خەلقى ئۆلگەنبولاتتى . تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقى سىلەر ئاشۇنداق ئويلاڭلار ۋە ئاشۇنداق بىلىڭلار !ئوغۇزلار تارتۇقچىلارنى (؟) ئەۋەتمىگەنلىگى ئۈچۈن مەن ئۇلارغا ئەسكەر چىقاردىم . %kiPE< 
34 .
ئوردا ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم . ئوغۇزلار توقۇز تاتارلار بىلەنبىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى . ئاغۇ دىگەن جايدا ئىككى چوڭ ئۇرۇش قىلدىم .قوشۇننىمەغلۇب قىلدىم ، ئېلىنى ئالدىم . مەن ئاشۇنداق تىرىشىپ ، تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈنئۆزەم ئوتتۇز ئۈچ يېشىمدا .... ئۇلار ئۈستىگە ئوتولوگ..... ksQw|>K  
35 .
بېقىۋاتقان باتۇر خاقان ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى . ئۈستىمىزدىكى تەڭرىمۇقەددەس يەر ، سۇ (ئىلاھى) ۋە ئەجدادىم خاقاننىڭ روھى خوشال بولمىغان بولسا كېرەك . توققۇز ئوغۇز خەلقى يەر - سۈيىنى تاشلاپ تابغاچقا باردى . ئۇلار تابغاچ ، يەنە بۇيەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئۇلارنى باقاي دەپ ئويلاپ ..... خەلق ... TL([hR _  
36 .
جىنايەت ئۆتكۈز .... جەنۇب تابغاچقا ئۇلارنىڭ ئاتاق - ئابرويى قالمىدى . بۇيەردە ماڭا قۇل بولدى . مەن ئۆزەم خاقانلىققا ئولتۇرغۇنۇم ئۈچۈن ، تۈرك خەلقىنىقىلمىدىم . مەن دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈمنى ياخشى (باشقۇرۇشقا) تىرىشتىم ... بىرلىشىپ %~qY\>  
37 .
ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلدىم . قوشۇننى مەغلۇب قىلدىم . بوي سۇنغانلىرى بوي سۇندى (مېنىڭ) خەلقىم بولدى . ئۆلگەنلىرى ئۆلدى . سېلىنگا دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنلەپ ، قاراغىن دىگەن قىساڭدا ئوردىسى ۋە قۇرۇلۇشلىرىنى خانىۋەيران قىلدىم ...ئۇلار تاغقاچىقتى. ئۇيغۇر ئىلتەبەر يۈزچە ئەر بىلەن شەرققە قېچىپ كەتتى .... VRz9;=m  
38 . ...
تۈرك خەلقى ئاچ قالغان ئىدى . مەن ئۇلارنىڭ يىلقىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپئۇلارنى باقتىم . ئوتتۇز تۆت يېشىمدا ئوغۇزلار قېچىپ كېتىپ .... تابغاچقا قوشۇلدى . مەن ئۇلۇنۇپ ئەسكەر چىقاردىم .... ئوغۇللىرىنى ، قىزلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم . +<n8O~h  
39 .
ئىككى ئىلتەبىرنىڭ خەلقى ..... تاتاس خەلقى خاقانىغا بېقىندى . ئەلچىئەۋەتمىگەنلىكى ۋە ھال - ئەھۋال سورىمىغانلىقى ئۈچۈن مەن يازدا ئۇلارغا يۈرۈشقىلدىم . خەلقنى ئۇيەردىن مەغلۇب قىلدىم . يىلقىسىنى ... قوشۇنى يىغىلىپ كەلدى . 79>_aD9  
40 ......
تېغىدا ... بۇرۇنقى يۇرتىدا ئولتۇراقلاشتى . جەنۇبتىكى قارلۇقخەلقلەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن ، يامتاردوننى ئەۋەتتىم . ئۇ باردى .... (قارلۇق) ئىلتەبەر يوقىتىلىپتىمىش ، ئىنىسى بىر قورغانغا ( قېچىپ كەتكەنمىش ) ~)iQbLI  
41 .
تارتۇقچىلار كەلمىدى . ئۇلارنى جازالاي دەپ يۈرۈش قىلدىم . مۇھاپىزەتچىلەرباشلىغى ئىككى ، ئۈچ كىشىنى باشلاپ قېچىپ كەتتى . ئاددى خەلق خاقانىمىز كەلدى دەپمەدھىيە ئوقۇدى . ( ؟ ) /w:~!3Aj0+  
     جەنۇب تەرەپ _eMY ?  
1 .
تابغاچنىڭ ئون يەتتە مىڭ ئاتلىق ئەسكىرىنى بىرىنچى كۈنى يوقاتتىم . ئىككىنچىكۈنى پىيادە ئەسكەرلەرنى يوقاتتىم . بىز ... ئېشىپ باردى ??=7pFm  
2 . .....
قېتىم ئەسكەر چىقاردىم . ئوتتۇز سەككىز يېشىمدا ئەتىيازدا قىتانغا يۈرۈشقىلدىم .... nWv6I&  
3 . .....
مەن ... يوقاتتىم . ئوغۇللىرى ، قىزلىرى ، يىلقىسى ۋە مال - مۈلكىنى N1u2=puJY  
4 .
بۇ .... ئاياللارغا ئۆلۈم جازاسى بەردىم .... '@eH)wh@m)  
5 .
بار .... >O}J*4A>+#  
6 .
ئۇرۇش قىلدىم ...... ob"yz}  
7 . ....
بەردىم (؟) باتۇرلى ئولتۇرۇپ بالبال قىلىپ بەردىم . يېشىمدا تاتابى خەلقىقىتاندىن ئايرىلىپ چىقتى ..... تۇڭكەر .... dSIZsapH  
8 .
قۇغ سانغۇن ئون تۈمەن ئەسكەر باشلاپ كەلدى . تۇڭكەر تېغىدا ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدىم . ئۈچ تۈمەن ئەسكەرنى ئۆلتۈردۈم . بىر تۈمەن ئەسكىرى ... ^Ts8nOGMh  
9 .
تاتابىيوقىتىلدى . چوڭ ئوغلۇم ئاغرىپ ئۆلگەندە قۇغ سانغۇننى بالبالقىلىپ تىكلىدىم . مەن ئون توققۇز يىل شار بولدۇم ، ئون توققۇز يىل خاقان بولدۇم . دۆلەتنى باشقۇردۇم ئوتتۇز بىر .... /V)4B4  
10 .
تۈركلىرىمگە ، خەلقىمگە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردىم . مۇشۇنداقتىرىشىۋېرىپ ئاتام خاقان شۇ يىلى ئونىنچى ئاينىڭ 26 - كۈنى قازا تاپتى . توڭگۇزيىلى بەشىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنى قىلدۇردۇم . 5?L:8kHsH  
11 .
بۇقاق تۇتۇق دادىسى لىسۇن دىگەن چوڭ سانغۇن بەش يۈز ئەرنى باشلاپ كەلدى . مەززىلىك ... ئالتۇن كۈمۈشلەردىن ناھايىتى كۆپ كەلتۈردى . ئۆلۈم رەسمىيىتى ئۈچۈن ( ئىشلىتىشكە) ئىرىق ۋە شاملارنى كەلتۈرۈپ تىكىپ بەردۇق . سەندەل ياغىچىدىنكەلتۈرۈپ ئۆز .... Jf<yTAm  
12 .
مۇنچىۋالا كۆپ خەلق چېچىنى كەستى . قۇلىغى ۋە يۈزىنى قىيما - قىيما قىلىۋەتتى . ئۇلار مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان نەسىللىك ئات ، قارا بولغۇت ، كۆك تىيىنلەردىنھىسابسىز كەلتۈرۈپ ، ھەممىسىنى ئۆلۈم رەسمىيىتىگە تەقدىم قىلدى . D 2:a  
13 .
تەڭرىدەك تەڭرى ياراتقان تۈرك بىلگە (خاقان) نى مېنىڭ سۆزۈم ، ئاتام تۈركبىلگە خاقان تەختتە ئولتۇرغىنىدا ، تۈرك ھازىرقى بەگلىرى ، شىمال تەرەپتىكى كولچوڭباشچىلىغىدىكى تولىس بەگلەر $;i$k2n:  
14 .
ۋە شاداپىق بەگلەر ، ئوڭ تەرەپ (جەنۇب) تەرەپتىكى تامان تارخان تۇنيۇقۇق بويلاپاغاتارقان ۋە بويورۇق ... ئىچ بۇيرۇق سەپەگ كۆل تېكىن باشچىلىقىدىكى ھەرقايسىبۇيرۇقلار ، مۇشۇنداق كۆپ ھازىرقى بەگلەر ئاتام خاقانغا ئىنتايىن .... vDeG20.?Z  
15 .
ئىنتايىن ماختىدى . (؟) .... تۈرك بەگلىرى بىلەن خەلقى بىلەن بىرگە ئىنتايىنماختىدى . ئاتام خاقان ( قازا تاپقاندا ) تۈرك بەگلىرى ۋە خەلقلىرى ئېغىر تاش ۋەيوغان ياغاچلارنى ئەكەلدى ، ئۆزەم ئۈچۈن مۇنداق ..... a]Da`$T  
شىمال تەرەپ ( ب ) =R;1vUio  
( 1-8-
قۇرلىرى كۆل تېكىن ئابىدىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى 1 - 11 - قۇرلىرى بىلەنئوخشاش ) ]7S7CVDk4  
8 . (
ئاتام ) JeTrMa2  
9 .
خاقان ، تاغام خاقان تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈن تەرەپتىكى شۇنچىلا كۆپ خەلقلەرنىتەشكىللىگەنمىش .... تەڭرى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن ، مەن تەختتە ئولتۇرغاندا ، تۈنتەرەپتىكى خەلقلەرنى تەشكىللىدىم . تەرتىپكە سالدىم .... قىلدىم ..... ئىنتايىنداغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ ، قىزىمنى تۈركەش خاقانغا ياتلىق قىلدىم . "o#)vA`  
10 .
يەنە ئىنتايىن داغدۇغىلىق توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ تۈركەش خاقاننىڭ قىزىنىئوغلۇمغا ئېلىپ بەردىم .... بېشى بارلارنى باش ئۇردۇردۇم ، تىزى بارلارنىتىزلاندۇردۇم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى ئاستىمىزدىكى يەر - زېمىن ساقلىغانلىغى ئۈچۈن . z@l!\m-  
11 .
كۆرۈپ باقمىغان ، ئاڭلاپ باقمىغان خەلقلەر شەرقتە كۈن چىقىشقىچە ، جەنۇبتاتابغاچقىچە ، غەربتە كۈن پېتىشقىچە ، شىمالدا ، ئوتتۇرىسىغىچە بولغان شۇنداق كەڭزېمىندا ئولتۇراقلاشتى . تۈركلىرىم ئۈچۈن ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەشۈتلۈك يىپەك ، ئاشلىقتىن چىقىرىلغان ئىچىملىك ، مىنىشكىلا ئىشلىتىدىغان ئات ۋە ئايغىر قارا بولغۇن . w[ YkTv  
12 .
كۆك تىيىنلەرنى تېپىپ بەردىم .... ئۇلارنى غەم - ئەندىشىسىز قىلدىم . ئۈستىمىزدىكى تەڭرى كۈچلۈك .... fyg~KF}  
13 .
ئۇلارنى بېقىڭلار ..... قالدۇرماڭلار ! ..... تۈرك بەگلىرى ، تۈرك خەلقىم .... سىلەر ئۆزەڭلارنىڭ خاقانىدىن ، بېگىڭلاردىن . :S99}pgY  
14 .
يەر - سۈيۈڭلاردىن ئايرىلماڭلار ، بەخت كۆرىسىلەر ، غەم - ئەندىشىسىز ئۆتىسىلەر ! جاپا چەكمەيسىلەر .... ( شۇندىن ) كېيىن تابغاچ خاقانىدىن كۆپ مۇسۇنكارلارنىكەلتۈردۈم . ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ياندۇرمىدى . ئوردا مۇسۇنكالىرىنى ئەۋەتتى . ئۇلارغا ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالدۇردۇم . ئىچى - تېشىنى نەقىشلەتتىم . تاشياساتتىم . كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم . Sp`fh7d.(  
15 .
ئون ئوق ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ يات ئۇرۇقلارغىچە بۇنى كۆرۈپ بىلگەيسىلەر ! مەڭگۈتاش ياساتتۇردۇم .... سۆزلىرىمنى ئويدۇردۇم .... ئۇ تاش قۇرۇلۇشىنى ..... Q9eYF-+  
غەربىي جەنۇب تەرەپ ( ن. ش ) @wB'3q}(  
بىلگە خاقان (ئابىدى) تېكىستىنى مەنكى يوللۇغ تېكىن : يازدىم . بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش ، نەققاش ۋە سەنئەت بويۇملىرىنى (؟) بىلگە خاقاننىڭ جيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىنبىر ئاي تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم . زىننەتلىدىم .... EN-8uY.  
شەرقىي جەنۇب تەرەپ anz9lG G#  
كۆك ئوڭىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ ، كېچە - كۈندۈزلەپ يەتتە كېچە - كۈندۈزدە مەن سۇسىز (چۆللەرنى) كېسىپ ئۆتۈپ چوراققا يېتىپ باردىم . (بۇلاڭچىلارغا) كەچكە تېگىپ .... +YQ~t,/  
غەرب تەرەپ (ش) c >u>Pi;Z  
1 .
تۈرك ئۈستىدە ( ئولتۇرغان ئانام ) JK(`6qB>(6  
2 .
بىلگە خاقان ( قازا تاپتى ) (؟)  Vp(D|}P  
3 .
ياز بولسا ئۈستىمىزدىكى ( تەڭرى ) -!'Oy%a#  
4 .
دۇمبىغى ( ياكى تۈۋرىكى ) نىڭ داراڭلىشى (ياكى قارسىلدىشى) "4Lg8qm  
5 .
تاغدىكى بۇغىنىڭ چىقىرىشىدەك 5YT b7M  
6 .
ھەسرەتلىنىمەن . ئاتام خاقان ot|N;=ZKo  
7 .
قېشىنى ئۆزەم ئورناتتىم . VZT6;1TD$8  
غالىپ ئەلكۇت  لاتىن يېزىقى تور خاتىرىسىدىن ئالماشتۇرۇلدى eW\?eq+ `A  
مەنبە:http://hi.baidu.com/ghalipelqut/blog/category/Tar V;>9&'Z3  
( GFgt_  

qirak 2012-01-18 23:48
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  قىممىتى يۇقىرى ماتېرىياللارنى ئۇلانما قىلىپ، داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز. ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

laziya 2012-01-19 01:41
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

uygurjan 2012-01-22 00:06
باشقىلىرىنىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟     

tawpek 2012-01-22 23:49
كۆپ تەشەككۇر. ئورخۇن مۇنبىرى يوقاپ مۇشۇنداق يازمىللىرىمىز كەم تىپىلىدىغان بوپ كەتتى دىسە.

ozqan 2012-01-23 17:04
ياخشى ماتىريالنى ئۇلانما قىلىپسىز رەخمەت سىزگە ...

attila 2012-01-23 17:38
مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى ئادەمگە سەلتەنەت ھەم جاسارەت بېغىشلايدۇ. بولۇپمۇ «سەندۇڭغىچە باردۇق... تىزى بارلارنى تىز چوكتۇرۇپ، بېشى بارلارنى باش ئەگدۈردۇق...» دېگەن يەرلىرى! \k8rxW  
ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

erpan0992 2012-03-12 22:27
دائىم پەخىرلىنىپ ۋە تەسىرلىنىپ يۇرىۋاتىمىز ...

hiyalbala 2012-03-13 11:01
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

sabahat 2012-03-18 11:19
رەھمەت سىزگە  كۈپ بىلىملەر بىلەن تەمىنلىدىڭىز

yumran 2012-06-06 19:31
رەخمەت سىزگە. جاپا چېكىپسىز.

tawpek 2012-06-06 19:40
ھەممە پۈتۈكلىرىمىز مۇشۇنداق توپلانغاي

naznin 2012-06-13 18:26
سىزنىڭ تالانتىڭىزغا مەكتەپتىكى چاغلاردىلا تولمۇ قايىل ئىدىم ساۋاقدىشىم .ئىزدىنىشچان قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن. مۇمكىن بولسا چ چ نۇمۇرىڭزنى ئېيتىپ بەرسڭىز

tawpek 2012-08-05 14:17
شاد  دىگەن سۆز بۇيەردىمۇ تىلغا ئىلىنىپتۇ، مەنىسى تاپالماي يۈرەتتۇق.


查看完整版本: [-- بىلگە قاغان مەڭگۆ تېشى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.144357 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us