مائارىپ سېپىدە چاقنىغان يۇلتۇز ئالىم رېشىت ئامىنە بارات 1993-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتكۈزۈپ،ئۈرۈمچى ۋېيخۇلىياڭ كۆمۈر كېنى ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى.ئۇ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ھەمدە تىل-ئەدەبىيات كۇرژۇكىنىڭ يېتەكچىسى،مەكتەپ ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى بولدى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،ئۈچ يىل ئىچىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ دوتسېنتى،سېلىشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاساسچىسى مەرھۇم ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمان تونۇشتۇرۇلغان «ھارماس تۆھپىكار،ئۆچمەس ئەقىدە»ناملىق ئوچېرىكى ۋە «تەنقىدچىلەرگە بىر پارچە خەت»،«يوللار گۇۋاھ»،«ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەر» قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور ۋە ئوچېرىك،ئەدەبىي ئاخباراتى،ئون پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى،«ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر ۋە تۈنلەر»ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى جەمىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ئامىنە بارات 1996-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالماشتى.ئۇ بۇ مەكتەپتىمۇ مەكتەپنىڭ تەشۋىقات،پېئونىرلار،كۇرژۇك خىزمەتلىرىنى قوشۇمچە ئىشلىدى. 2001-يىلى ئامىنە بارات ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئاپتونۇم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە شەھەر ۋە ئاپتونۇم رايون بويىچە ئوقۇتۇش ماھىرى بولۇپ باھالاندى.شۇ يىلى«ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش لايىھىسى»ناملىق كىتاپقا ئالتە پارچە ئوقۇتۇش لايىھىسى كىرگۈزۈلدى.2001-يىلى قارىمايدا ئۆتكۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالە ئوقۇش مۇسابىقىسىدە«ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋەئۆگىنىش ئۇسۇلى»ناملىق ماقالىسى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 1-بولدى.ئۇ 2002-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟»دېگەن تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىدى،بۇ ساھەسىدىكى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا تەلئەت قادىرى بىلەن تۈزگەن «ماقالە يېزىقچىلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش»ناملىق كىتابى نەشىر قىلىندى. 2006-يىلى تۈنجى قارارلىق پەن باشلامچىلىرى ،تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە بىردىنبىر پەن باشلامچىسى بولۇپ قالدى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلار،ياش پەن باشلامچىلىرىنى باھالاش گوروپپىسىنىڭ باھالىغۇچىسى بولدى.ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ۋە يىراق مۇساپىلىك دەرس ئۆتۈش پائالىيىتىنىڭ باھالىغۇچىسى،تىل -ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش گوروپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.ئۇ 2005-يىلى كورلا شەھىرىدە ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈپ،ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا. 2002-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ مىنىستىرلىكى تەشكىللىگەن تېما تەتقىقاتىغا قاتناشتى،بۇ تەتقىقات ئامىنە باراتنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىنىپ،2005-يىلى تاماملاندى.بۇ تېما تەتقىقاتىدا ئۇنىڭ تەتقىقات خۇلاسىسى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى ھەمدە ئۇ «مەملىكەت بويىچە تېما تەتقىقاتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى»دېگەن نامغا ئېرىشتى.ئۇ يەنە ئاپتونۇم رايۇن ۋە شەھەر بويىچەماقالە يېزىش ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا بەش يىل 1-دەرىجىلىك يېتەكچى بولۇپ باھالاندى. 2004-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن 23-ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەندە،ئامىنە بارات 23-ئوتتۇرا مەكتەپكە بۆلۈندى.ئۇ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئون پارچىگە يېقىن ماس قەدەملىك مەشىق ماتىرىيالى،نىشانلىق ئوقۇتۇش ماتېرىيالى،تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى قاتارلىقلارنى مۇستەقىل ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىدى. ئامىنە بارات ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تايانچ ئوقۇتقۇچىلارغا يېڭى دەرسنى قانداق يولغا قويۇش ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.مەكتەپ ۋە شەھەر بويىچە ئۈلگىلىك،ئوچۇق،كۆرسەتمىلىك دەرسلەرنى كۆپ قېتىم ئۆتۈپ،ئۆزىنىڭ پەن باشلامچىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1-،2-،3-قىسىم تىل -ئەدەبىياتىنىڭ ناملىق ماس قەدەملىك مەشىقلىرىنى ئىشلىدى.2008-يىلى شەھەر بويىچە«ئىلغار ئەخلاق-تەربىيە خادىمى»بولۇپ باھالاندى.2009-يىلى شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىدە«تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئېچىلمىغان بوز يەر»ناملىق ماقالىسى 1-بولدى ھەم شۇ يىلى تىل-ئەدەبىيات كەسپىي گوروپپا مەسئۇللىرىنى باھالاشتا ئىلغار گوروپپا مەسئۇلى بولدى.ئۇ يەنە رادىئوئىستانسىلىرىدا تەلىم-تەربىيە ،ئوقۇتۇش ھەققىدە كۆپ قېتىم لىكسىيە سۆزلىدى. ئامىنە بارات مەكتەپ بويىچە كۆپ قېتىم ھەر خىل ناملاردا مۇكاپاتلانغان ۋە تەقدىرلەنگەندىن باشقا يەنە شەھەر،ئاپتونۇم رايۇن،مەملىكەت بويىچە 18قېتىم ھەر خىل شەرەپلەرگە ئېرىشتى؛بۇ يىل يەنە شەھەر بويىچە «ئىختىساسلىق خادىم» نامزاتىغا يوللاندى. مەنبە:«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 23-دىكابىردىكى سانى op|x~Thf
قوشۇمچە تەسىرات:مۇنبىرىمىزنىڭ تۆھپىكار باشقۇرغۇچىسى ئۆزقان(ئامىنە بارات)توغرىسىدىكى بۇ ماقالىنى «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ 23-دىكابىردىكى سانىدىن ئوقۇپ،بەك ھاياجانلاندىم.كۆز ئالدىمغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مىللىتىمىز تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا بېرىلگەن،تۆھپىكار،ھارماس بىر سىما كەلدى.ئۇ مۇشۇنچىۋالا ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن يەنە ۋاقىت چىقىرىپ،مۇنبەرنى تەرەققىياتى ۋە مۇنبەردىكى ياش مائارىپچىلارنى تەربىيىلەش يولىدا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. ئۇنىڭ بۇ خىل پىداكارانە روھىي مېنى ئۆزۈم ھەققىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشقا ئۈندىدى.ئۆزۈمنى ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ھېچنىمە ،ھېچ ئىش قىلىپ باقمىغاندەك ھېس قىلدىم. قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېسىمگە سالدى.بۇ خىل تىرىشچانلىقى مەندىكى ھورۇنلۇق،بىپەرۋالىق....قاتارلىق ئىللەتلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقاندەك تەرلىدىم.بۇ تەرلىشىم قەھرىتان قىشتا مەشنىڭ ئالدىدا ئوت سۇنۇپ ئولتۇرغاندىكى تەرلەش ئەمەس،بەلكى مېنىڭ بۇرچۇم ئالدىدىكى تەرلىشىم بولدى. خەيرىيەت،يۈرىكىمىز بىر مىنۇت بولسىمۇ سوقۇۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە مائارىپىمىز ئىشقىدا گۈلخاندەك كۆيسۇن،بارلىقىمىز بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەيلى.خۇددى ئامىنە باراتقا ئوخشاش. ئاخىرىدا مەن ئامىنە ئاچىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق،تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن. |