ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى بولۇپ سايلاندى ~xcU6@/ uCgJF@
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسى 8-دېكابىر 2011-يىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىپ سايلانغان ئاكادىمىكلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام بۇ ئاكادىمىيەنىڭ ئاكادىمىكى بولۇپ سايلاندى. ئۇ ئېلىمىزدە ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئاكادىمىك. ھوشور ئىسلام ئاز سانلىق مىللەت يېزىقلىرىنى ئېلىكتىرلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس، ئۇ 30 يىلدىن بۇيان دۇنيا ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى تور دەۋرىگە ئېلىپ كىرگەن، ئۇ دۆلەتنىڭ «863» تۈرىدىن بەش تۈرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىغان. ئۇ باشچىلىق قىلىۋاتقان كوللېكتىپ بارلىققا كەلتۈرگەن تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭ ھەتتا ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى رايونلارنىڭ بىۋاسىتە ئانا تىل بىلەن تور ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇشتىكى قىيىن مەسىلىلىرى ھەل قىلىنغان. 70 ياشقا يېقىنلاپ قالغان ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان مۇتەخەسسىس، ئۇ كۆپ قېتىم دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن–تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ھوشۇر ئىسلامنى يوقلىدى 15-دېكابىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونۇم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى جۇڭگو 1قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغان ، شىنجاڭ [attachment=405] ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھوشۇر ئسلامنى يوقلىدى ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن قۇتلۇقلىدى. |