查看完整版本: [-- پىغانسىز دەرد --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> پىغانسىز دەرد [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

qugluk 2011-11-19 19:01
كەلدى كۈلپەت،چەكتىم ئازاب،پىغانىم يوق،
ئارمانىم كۆپ،ئاڭا تۇشلۇق دەرمانىم يوق.
ئۈتەر ئۆمۈر ئاققان سۇدەك ھېچ نىشانسىز،
قەدەمدە بىر تىكەن كېرىپ،ماجالىم يوق.
تەڭ ئەمەسكەن تەڭ يارالغان ئادىمزاتقا
رېسقى-رەھمەت،جاپا-مېھنەت،دەۋايىم يوق.
پەرىق ئەتمەي ياخشى يامان قېلىپ داغدا،
ئالدانغىنىم گۇناھ ئىكەن، كامالىم يوق.
رەھىم قىلماس يۈلەكسىزگە،'ئۆزۈملا' دەپ،
قۇدرەت تاپماس ئاجىزلارمۇ،ئامالىم يوق.
تولا قاچتىم شەيتان دەسسەپ سالغان يولدىن،
ئاسمان ئېگىز،زىمىن قاتتىق،كامارىم يوق.
بەزىلىرى ئۇچتى كۆكتە،ئۈزۈپ سۇدا،
يىتەي دىسەم سۆرەپ پەسكە،مالالىم يوق.
كۆڭۈلدە غەم،كۆزلەردە ياش،ئۆتمەكتە كۈن،
كۈلكەم ئاچچىق،غەم-ھەسرەتسىز خىيالىم يوق.
تۈن نىسپىدە ئايغا بىقىپ نالە قىلدىم،
ئىنتىزار بوپ گۈزەل تاڭغا،قاياشىم يوق.
چەكسىز ھايات دىڭىزىدا دۇلقۇن ئارا
ئۈزسەم كۈن-تۈن مەنزىل تامان،پايانىم يوق.

2010.10.18

ozqan 2011-11-20 00:11
تىل ئىشلىتىشىڭىز جەلىپ قىلارلىق ، شېرىي دىتىڭىز ئۇرغۇپ تۇرغان شائىرە بولۇپ قېلىۋېتىپىسىز ، تىرىشىش روھىڭىزغا بارىكاللا ...

ozqan 2011-11-20 00:13
بىراق ، يازغانلىرىڭىز پىغانسىز ئەمەس ، تولىمۇ  پىغانلىق دەرتلەركەن ...

tawpek 2011-11-20 11:43
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتىغۇ.  ئۆزقان مۇئەللىمەنىڭ بوغۇنلىرىدىن ئوخشىمامسىز.

tawpek 2011-11-20 13:24
بۈگۈن يەنى 20- نويابىر تۇغۇلغان كۈنىڭىزكەن ئەمەسمۇ،




تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك.

qugluk 2011-11-20 17:50
كۆپ رەھمەت، بۈگۈن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم.

gulhan 2012-04-30 21:30
بۇ شېئىرىڭىزدىن شائىرەگە خاس ئىستىدادىڭىز چاقناپ تۇرۇپتۇ. سىزگە ئىزچىللىق ياربولسۇن.


查看完整版本: [-- پىغانسىز دەرد --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.039209 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us