查看完整版本: [--
ئەھمەد يەسسەۋى ۋە«دىۋان ھۆكمەت»
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
تەرجىمھال ئەسەرلەر
->
ئەھمەد يەسسەۋى ۋە«دىۋان ھۆكمەت»
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
anayurt905
2011-11-04 11:05
[attachment=395] [attachment=394]
ئەھمەد يەسسەۋى ۋە «دىۋان ھۆكمەت»
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە - ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان، تەسەۋۋۇپ پىرى سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا ئەسىرلەردىن بېرى ياشاپ كەلگەن مەشھۇر شەخس، تەسەۋۋۇپچى شائىر خوجا ئەھمەد يەسسەۋى مىلادىيە 11 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، قاراخانىيلار سۇلالىسى تەۋەلىكىدىكى سايرام - ئىسىپجاپ شەھىرى )ھازىرقى چىمكەنت شەھىرىنىڭ بىرئاز شەرقىگە توغرا كېلىدۇ(نىڭ سايرام بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىبراھىم ئىسىملىك چوڭ شەيخنىڭ ئوغلى ئىدى.
ئەھمەد يەسسەۋى ھەققىدە ئەينەن، پاكىتلىق تارىخىي ماتېرىياللار ناھايىتى ئاز بولۇپ، دەۋرلەردىن بۇيان ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە دائىر ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بايانلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە سىرلىق، ئىلاھىي شەخس قىلىپ قويۇلغان، ئەلۋەتتە، بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز «ھۆكمەت»لىرىدىمۇ ئۆزىنى ئەنە شۇنداق بىر ئىلاھىي شەخس ئورنىدا قويغانىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ »ھۆكمەت«لەردىكى ۋە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە دائىر رىۋايەت، بايانلاردىكى سىرلىق، ئىلاھىي تۈس ئالغان مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇم خۇلاسىلەرگە كېلىش مۇمكىن.
ئەھمەد يەسسەۋى يەتتە يېشىدا ئىنىسى بىلەن يەسسى شەھىرىگە )بۇ شەھەر كېيىن «تۈركىستان» نامى بىلەن ئاتالغان، ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىدۇ( كېلىپ بوۋىسى يېنىدا يەرلەشكەن. ئەھمەد يەسسەۋى يەسسى شەھىرىدە ئارسلان بابا ناملىق بىر مەشھۇر شەيخنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. ئارسلان بابانىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ پىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەھمەد يەسسەۋىدە قالدۇرغان زور تەسىرى «ھۆكمەت»لەردە روشەن ئىپادىلەنگەن. ئەھمەد يەسسەۋى ئۆزىنىڭ بىرقانچە پارچە شېئىرىنى ئارسلان باباغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئىلاھىي تۈس بېرىپ ئۇلۇغلىغان.
ئارسلان بابا قازا تاپقاندىن كېيىن ئەھمەد يەسسەۋى بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ماۋەرائۇننەھردىكى ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى بۇخاراغا كەلگەن. بۇ شەھەردە پەن - مەدەنىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى گۈللەنگەن بولۇپلا قالماستىن، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ تۈرلۈك مەزھەپلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ كۆرۈنەرلىك جانلانغانىدى. ئەھمەد يەسسەۋى بۇخارادا مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى يۈسۈپ ھەمەدانىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولغان، يۈسۈپ ھەمەدانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچىنچى خەلپىسى سۈپىتىدە، مىلادىيە 7511 - يىلى بۇخارادا شەيخ تونىنى كىيگەن. ھالبۇكى، ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ نوپۇزى ئۇستازى ھايات ۋاقتىدىلا تېز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ۋە ئۇستازنىڭ نوپۇزى بىلەن باراۋەر ھەممە يەرگە تارىغانىدى. ئۇ ۋاپاتىغا قەدەر ئۆز نامىغا باغلىق بولغان زور ۋە كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تەسەۋۋۇپ گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھەممە يەردىن ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن مۇخلىسلىرى بولغان.
ئەھمەد يەسسەۋى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى يەسسىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدە، ئۆز ھاياتىغا سىرلىق، ئىلاھىي تۈس بېرىپ يازغان شېئىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئارتۇق ياشاشنى ئۆزىگە راۋا كۆرمەي، 36 يېشىدا يەر ئاستىغا − چىللەخانىغا كىرىپ، روزا تۇتۇپ، ئىستىقامەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئەھمەد يەسسەۋى مىلادىيە 6611 - يىلى ۋاپات بولغان.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ئىبراھىم ئاتلىق بىر ئوغلى بولغان، لېكىن بۇ ئوغلى دادىسىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ يەنە جامال خانىم، گەۋھەر خۇشتارخان ئاتلىق قىزلىرىمۇ بولغان. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قەبرىسى قېرىنداشلىرى لاتىپ ئاتا، مۇستاپا قۇل ئاتا، دادىسى ئىبراھىم شەيخ، ئانىسى ئايشەخاتۇن قاراچاچ ئانا( ۋە قىزلىرىنىڭ قەبرىسى بىلەن بىللە يەسسى )تۈركىستان( شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان. يەسسى شەھىرىدە يەسسەۋى نەسەبىگە مەنسۇپ بىر بۆلۈك كىشىلەر بولغاندىن سىرت، يەنە ماۋەرائۇننەھردىمۇ بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ، مەسىلەن، سەمەرقەندلىك شەيخ زەكەرىيا، ئەۋلىيا چەلەبى، شائىر ئاتائىلارنىڭ يەسسەۋى جەمەتىگە مەنسۇپلۇقى مەلۇمدۇر. ئەلىشىر نەۋائىي «مەجالىسۇن نەفائىس» ۋە «نەسائىمۇل مۇھەببەت» ناملىق ئەسەرلىرىدە ئۇچۇر بېرىشىچە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كلاسسىكلىرىدىن بىرى بولغان شەيخزادە ئاتائى ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ قېرىندىشى ئىسمائىل ئاتانىڭ ئوغلى ئىكەن.
يەسسەۋى ئائىلىسىگە مەنسۇپ مازار ۋە ئۇنىڭدىكى مال - مۈلۈكلەر ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خانلىرىدىن توختامىشخان تەرىپىدىن بۇلاپ - تالانغان. تېمۇرلەڭ توختامىشخاننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن بۇلانغان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، مىلادىيە 41 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مازارنى مەسچىت ۋە خانىقا بىلەن قوشۇپ ھەشەمەتلىك قىلىپ قايتا تىكلىگەن. مەسچىت گۈمبىزىنىڭ تورۇسىغا «غايىبنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭدا، ئۇنى ئۇنىڭدىن باشقا كىشى بىلمەس» دېگەن سۆزلەرنى نەقىش قىلىپ يازدۇرغان. يەسسەۋى مازىرى كېيىن بۇ رايوندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن خانلار تەرىپىدىن يەنە بىرقانچە قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئومۇمەن، يەسسەۋى مازىرى زامانىسىدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇقەددەس زىيارەتگاھ بولۇپ كەلگەن.
باشتا ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئەھمەد يەسسەۋى ئۇستازى يۈسۈپ ھەمەدانى تەلىماتلىرىغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى تەسەۋۋۇپ بىلەن «ئەھلى سۈننەت» ئەقىدىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، ئورتودوكسال ئىسلام دىنىي قاراشلىرى بىلەن تەسەۋۋۇپنى )ئاساسلىقى، ئۆزىنىڭ يەسسەۋىيە - جەھرىيە تەرىقىتىنى( بىرلەشتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەمدە ئۇنىڭ «قۇل خوجا ئەھمەد» نامى بىلەن يېزىلغان، باشقا شېئىرلاردىن پەرقلىق ھالدا «ھۆكمەت»نامى بىلەن ئاتالغان شېئىرلىرىدىكى بىر قاتار تەسەۋۋۇپ قاراشلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن باغلىق بولغان تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى دەۋرىنىڭ پەلسەپە - ئىدىيە ساھەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتتى، شۇنداقلا ئۆز تەسىرىنى ئىران، ئەزەربەيجان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە تارقىتىپ، ئوتتۇرا - مەركىزىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتى ۋە ئەدەبىياتىدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتى مەيدانغا چىققان مىلادىيە 41 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئاساسىي تەرىقەت، ئىدىيە - پىكىر ئېقىمى ئورنىدا تۇرۇپ كەلدى.
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «ھۆكمەت»لىرى ئۆز زامانىسىدىلا قولدىن - قولغا كۆچۈرۈلۈپ، دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە «دىۋان ھۆكمەت» نامى بىلەن تونۇلغان. ئۇزاق يىللار داۋامىدا ئۇ بارغانسېرى تولۇقلىنىپ، ھىجرىيە 9921 - )مىلادىيە 9781 -( يىلى تۈركىيىنىڭ «ئوسمانىيە» مەتبەئەسىدە نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى يەنە ئايرىم «باياز» )بىرلەشمە شېئىرىي توپلام(لارغىمۇ كىرگۈزۈلۈپ كەڭ تارقالغان. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى ئۇنىڭ «دىۋان ھۆكمەت» دەپ ئاتالغان تەسەۋۋۇپ دەستۇرىدا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى شېئىرلار ھەم پەلسەپە، ھەم ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئوخشاشلا مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
ئەھمەد يەسسەۋى ياشىغان دەۋر − قاراخانىيلار سۇلالىسى پارچىلىنىپ، مۇنقەرز بولۇشقا يۈزلەنگەن؛ بۆلۈنمىچىلىك، تەپرىقىچىلىك ئەۋج ئېلىپ، زۇلۇم - زۇلمەت، قاششاقلىق ۋە نادانلىق چەكتىن ئاشقان، خەلق بېشىغا قات - قات قىيىنچىلىق، كۈلپەت ياغقان بىر دەۋر ئىدى. تەپرىقىچىلىك ۋە ئىستېلاچىلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئاقىۋەتلىرىنى ۋە خەلق بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شائىر بۇ پاجىئەلەرنى: «قىيامەت كۈنى يېقىن بولدى»، «خەلق، ئەلدىن مېھر - شەپقەت كەتتى»، «ئەجەب شۇملۇق زامانەلەر بولدى»، «تۈرلۈك بالا خەلق ئۈستىگە ياغدى» )«بۇلاق»، ئومۇمىي 41 - سان، 961 - بەت( دېگەن مىسرالار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن.
ئەھمەد يەسسەۋى ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى بىردىنبىر ئاساسىي مەنبە − «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس»كە تايىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان. يەسسەۋى ھۆكمەتلىرىدىكى ھاكىم روھ − پەند - نەسىھەت روھى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە پەند - نەسىھەتلىرى بىرلا مەقسەتكە قارىتىلغان. بۇ بولسىمۇ، «مۇتلەق ھەقىقەتنى بىلىش، ھەقنى سۆيۈش»تىن ئىبارەت.
بارلىق تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت بىرلا بارلىق، بىرلا باشلانغۇچ، بىرلا ھەقىقەت، بىرلا ماھىيەت مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ − ئاللادۇر. ھەقنى سۆيۈش − ئاللانى سۆيۈشتۇر.
ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز «ھۆكمەت»لىرىدە بۇ دۇنيا، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتىنى تەشكىل ئەتكەن ئاللا ئالدىدا، ئۇ دۇنيا ئالدىدا غەيرىي كامىلدۇر. ئۇنىڭ قىممىتى ھېچ )يوق(تۇر. دېمەك، ئۇنىڭدىن، دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ۋاز كېچىش كېرەك دەيدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ:
«دۇنيا ئەسلىي ماتەمخانا كۈلمەك نېمە،
ئاقىل ئېرسەڭ ھەقدىن ئۆزگە سۆيمەك نېمە،
دەم غەنىيمەت بۇ دۇنيانى غېمىن يېمە،
پىرى مۇغان خىزمەتىدە ئۇقتۇم مانا»
)«بۇلاق»، ئومۇمىي 41 - سان، 851 - بەت(
يەسسەۋىچە، ئىنساننىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئاللا ۋەسلىگە يېتىش، ئۇنىڭدا پانىي بولۇش، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىك )ۋەھدەت( تەشكىل ئېتىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزلۈكىدىن، ئۆز يەككىلىكىدىن )فەردلىكىدىن( ئىز قالدۇرماسلىق ۋە جەننەتتىن ئورۇن ئېلىشقا ئىنتىلىشى لازىم. ئىنسان دۇنيادىن، ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىشى، جېنىنى قەپەستىن )تەندىن( خالاس ئېتىشى، ئۆزىنى خىلۋەتكە تارتىپ ھەم پىكرىنى ھەم زىكرىنى ئاللاغا بېرىش، سەزگۈ يولى بىلەن ئۇنى )ئاللانى( ئىدراك ئېتىشكە تىرىشىش، بۇ يولدا ھەرقانداق ئازابلارغا چىدىشى كېرەك.
بارلىق تەسەۋۋۇپ ناماياندىلىرىگە ئوخشاش، يەسسەۋىمۇ بۇ دۇنيانى «بىر كونا رابات»قا ئوخشىتىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادا پەقەت بىر يولۇچى، ئۆتكۈنچى، غەپلەت )ئوساللىق( ئىچىدە ئۇخلاپ ياتقۇچى. ئۇ پەقەت ئۇ دۇنيادىلا ئويغىنىپ، ھەقىقىي ھاياتلىق تاپالايدۇ، دەيدۇ. تەسەۋۋۇپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ قاراشلىرى «قۇرئان كەرىم»دىن كەلگەن بولۇپ، 92 - سۈرە «ئەنكەبۇت» 36 - ئايىتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن - كۈلكە ۋە غەپلەتتىن ئىبارەتتۇر، شۈبھىسىزكى، ئاخىرەت يۇرتى ھەقىقىي ھايات )يۇرتىدۇر(، ئەگەر ئۇلار بىلسە ئىدى )بۇ دۇنيانى ئۇ دۇنيادىن ئارتۇق كۆرمەيتتى(».
يەسسەۋى بىر ئۆمۈر شەرىئەتنى ئۆگىنىش يولىدا جان كۆيدۈرگەن، شەرىئەت ئارقىلىق تەسەۋۋۇپ ھەقىقىتىنى ئىگىلەپ، جاندىن كېچىپ تەرىقەت يولىغا كىرىشنى ئۆز نىشانى قىلغان بۈيۈك ئېتىقاد ئىگىسى. ئۇ:
«شەرىئەتنى سالاھىنى كىيمەگۈنچە،
تەرىقەتنى بۇراقىغە مىنمەگۈنچە،
جۇزب جۇنۇن ئالەمىغە بارماغۇنچە،
ھەقىقەتنى مەيدانىغە كىرسە بولماس»
«بۇلاق» ئومۇمىي 61 - سان، 281 - بەت
koksangun
2011-11-04 12:40
ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ رەسىمىنىڭ ئۈستىگە چەكسىڭىز ئايرىم بەتتە ئۇنىڭ يوغانتىلغان رەسىمى چىقىدۇ ، شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .
ozqan
2011-11-05 00:58
ياخشى پايدىلانمىكەن بۇ ، كېلەر ھەپتە ئۆتمەكچىدىم «دىۋان ھۆكمەت» تىن ئېلىنغان پارچىنى ، ئوبدان پايدىلىنىۋالدىغان بولدۇم ، رەخمەت...
tawpek
2011-11-05 18:57
دەرىس تىكىستى تەكرار يوللىنىپ قاپتىكەن، لىكىن قارىسام ئاستىغا ئىنكاس سۈپىتىدە يوللانغان بۇ مەزمۇن يىڭىدەك قىلدى.
شۇڭا ئانا يۇرىتقا ئۇختۇرمايلا تىمىنى ئۆچۆرۆپ ئىنكاسنى تىما قىلىپ قويدۇم.
laziya
2011-11-09 23:36
دەرس ئۆتۈشىمىزگە ئوبدان ماتېرىيال بولدى. رەھمەت.
tawpek
2011-11-09 23:39
لازىيە مۇ كەسىپداشلىرىمىزدىنكەندە؟
tughluk414
2011-11-12 16:08
خېلى تولۇق يوللانغان ماتېرىيال ئىكەن بۇ . ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار.
تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىدە ئەھمەد يەسەۋىيىنىڭ ئورنىنى ھەقىقەتەن تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.
akkax
2011-11-14 18:03
« دېۋان ھېكمەت » نى تاپقىلى بولارمۇ قېرىنداشلىرىم ؟ قولۇڭلاردا ماتېرىيال بارلار يوللاپ بەرگەن بولساڭلار .
yumran
2012-04-18 22:37
رەخمەت.ھەقىقەتەنمۇ پايدىلنىشقا ياخشى تېمىكەن.
mato
2012-04-19 10:01
دىۋان ھىكمەتنىڭ تولۇق تىكىستنى تاپقىلى بولارمۇ؟
qohluk
2012-04-19 18:32
كەڭ تورداشلار «ئەھمەد يەسەۋى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى» ھەققىدىكىي يېڭى تەقىقات ئەسەرلەر كاتولوگى بار بولسا يوللاپ بەرسەلار بوپتىكەن.
yulhun
2012-04-28 03:27
نەقىل
引用第4楼laziya于2011-11-09 23:36发表的 :
دەرس ئۆتۈشىمىزگە ئوبدان ماتېرىيال بولدى. رەھمەت.
بىزگە بۇ دەرىسنى تۈنۈگۈن ئۆتكەن ئىدى!!!!تېخىمۇ ئوبدان بىلىۋالدىم !!!
查看完整版本: [--
ئەھمەد يەسسەۋى ۋە«دىۋان ھۆكمەت»
--] [--
top
--]
Powered by
PHPWind
v7.3.2
Code © 2003-08
PHPWind
Time 0.032584 second(s),query:3 Gzip disabled
You can
contact us