查看完整版本: [-- دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ak gul 2011-10-11 20:08
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس
(سېرىشىيۇ شىنەي)
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما ئۇ دەملىگەن قەھۋە ناھايىتى تەملىك.ھەر كۈنى ئىنىم ئىككىمىز مەكتەپكە مېڭىشتىن بۇرۇن ،ئۇ بىزگە قەھۋە دەملەپ،مول بولغان ناشتىلىق تەييارلاپ بېرەتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما ئۇنىڭ ھۇجرىسى كىتاپ بىلەن لىق تولغان بولۇپ،مەندە كىچىكىمدىن تارتىپلا كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما ئۇ مەن سۆزلەپ بەرگەن يۇمۇرلارنى ئاڭلاشقا ئامراق ئېدى.مەن قانداقلىكى ئېيتماي ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما ئاپامنىڭ شۇنداقلا بىر چاقىرغىنىنى ئاڭلىسا،دەرھال يېنىغا ھازىر بولۇپ،ئۇ بۇيرىغان ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇندايتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما ئۇنىڭ يازغان خېتى شۇنچىلىك رەتلىك،چىرايلىق بولۇپ،ئۇ يازغان ماقالىلارنى ئوقۇش ماڭا ھوزۇرلۇق تۇيۇلاتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،گەرچە ئۇ بەزى ۋاقىتلاردا،بەزى ئىشلار تۈپەيلىدىن بەك قايغۇرۇپ كەتسىمۇ كۆزىدىن ياش چىقارماي،بىزنى ئاسانلىقچە ياش تۆكمەيدىغان قەيسەر،غەيرەتلىك قىلىپ تەربىيىلىگەن.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما ئۇ بىزگە بەك كۆيۈنەتتى،داۋاملىق مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان قوللىرى بىلەن بېشىمىزنى سىيلاپ،ئەركىلىتىپ كېتەتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،گەرچە ئۇنىڭ ۋاسكىتبول بىلەن ئانچە خوشى بولمىسىمۇ،ئەمما دائىم كۇلۇپقا بېرىپ ،مېنىڭ ۋاسكىتبول ئوينىغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا مەدەت بېرىپ تۇراتتى.مېنىڭ جاپالىق مەشىقلەرگە بەرداشلىق بېرەلىشىم ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇيەسسەر بولالىغىنىمدىن بولغان.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،گەرچە ئۇ ۋېلسىپىت مىنىشنى بىلمىسىمۇ،مەن ۋېلسىپىت مىنىشنى ئۆگەنگەندە،تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى ئۆگىنىۋالغانغا قەدەر ،ئىزچىل كەينىمدە يۆلەپ تۇرغان ئېدى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما مېنى باشقىلارغا «بۇ مېنىڭ ئوغلۇم »دەپ تونۇشتۇرغان چېغىدا،چەكسىز پەخىرلىنىش ئىلكىگە چۈمەتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما بالىلىق ۋاقتىمدا ھېچكىم ئۇنىڭدەك سەۋرچانلىق بىلەن ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ باقمىغان ئېدى.پەقەت مېنىڭ ھېكايە ئاڭلىغىم كەلسىلا،ئۇ ئامال قىلىپ بۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزەتتى.
دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس،ئەمما بۇ مۇھىم ئەمەس!دادام بىر ئادەتتىكىچىلا ئادەم،ئەمما پۈتۈن ۋۇجۇدى كۈيۈمچانلىق،دادىلىق مېھىر بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ياخشى ئادەم.

«ئوقۇرمەنلەر»ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 16-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ozqan 2011-10-11 20:48
  تولىمۇ سۈپەتلىك  ، يېقىشلىق تەرجىمە قىلىنىپتۇ ، بۇ ئەسەر .
ئەمەلىيەتتە،   بۇ  دادىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىدىن ئۇلۇغلۇق تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ .  بۇ ئاددىي ، ئەمما ، ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلىرى بىلەن بالىلىرنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق  تەربىيەلەيدىغان دادىكەن .  

koksangun 2011-10-11 21:34
بەك تەسىرلىك تەرجىمە بوپتۇ ، دادىنىڭ ئۇلۇغلۇغى «ئۇلۇغ ئەمەس » ئىشلار ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن ، تەرجىمە تىلى تولىمۇ يېقىشلىق ، ئوقۇسا ئوقۇسا لەززەت ھېس قىلىدۇ كىشى .

yaxar 2011-10-11 23:37
دادىڭىزنىڭ ئۇلۇقلىقى دەل ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئادەم ئەمەسلىگىدە، ئەگەر  دادىڭىز ئۇلۇغ ئادەم بولغان بولسا ئۇ ھالدا ياخشى دادا بولالمىغان بولاتتى، دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دادىلار دەل ئۇقۇغ ئادەم ئەمەس. ئەكسىچە  ياخشى دادا .

yaxar 2011-10-11 23:38
بىز ئۇيغۇر دادىلار تىخىمۇ شۇنداق، شۇڭا بىزدە ئۇلۇق ئادەملار بارماق بىلەن سانىغىدەكلا، دادىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياخشى دادىلار.

ak gul 2011-10-12 19:53
بىزگە كېرىكىمۇ ئولۇغ دادىلارلا ئەمەس،ياخشى دادىلار.

yaxar 2011-10-15 19:13
ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتىگە زور بىر تۈركۈم ئۇلۇغ دادىلارمۇ كىرەك ئىدى.

قار 2011-10-19 20:09
  ئۇلۇغلۇق ئاددىلىق ئىچىدە ، گەپ ئۇنى ھېس قىلىشتا . « سەت تاش » ھەر جايدا بار ، بىراق بايقايدىغان ئادەم ئاز .  بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز قەغەز يۈزىدە شۇنچە قەدىرلىك ، ئۇلۇغ ، ئالىيجاناب ، ئېسىل . بىراق كىم شۇ تۇرمۇشنى چىن دىلىدىن خاھلايدۇ ؟

ak gul 2012-06-16 14:56
مۇشۇنداق ئولۇغ دادىلارلا مەڭگۈ ھۆرمەتلىنىشكە تېگىشلىك.


查看完整版本: [-- دادام ئولۇغ ئادەم ئەمەس --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.042410 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us