ozqan |
2011-08-12 22:57 |
سەن قېنى ؟
سېزىپ قالدىم چەكسىز ئازابتا ، يۈتۈپ كەتكەن ئىكەنسەن ئەسلى . ئۇنتۇغانچە مېھىر-كۆيۈمنى . دەريايىمغا تاشلىدىم قارماق ، ئىلىنمىدى ئەمما ھېچنېمەڭ ، تونالمىدىم ھەتتا ئۆزۈمنى ، تەشۋىشلەرگە بۆلەنگەن سەبىي - قۇياش ئۇۋا سالغان كۆزۈمنى ...
تەئەججۈپتە ساباغا دېدىم ، بىز ئىدۇققۇ ئەقىدە بىلەن ، مۇھەببەتنى كۆيلىگەن قوشماق . بەخت شۇ چاغ سېخىلىق بىلەن ، كۈلۈپ باققان ئېچىپ كەڭ قۇچاق ، يېتىرقىغان غەمكىنلىك بىزدە ، ھاياتىمىز ئىدى بەك قوۋناق ...
يېقىملىق كۈي تارقاتسا مېھىر ، يۈرەكلەرنى سېلىپ لەرزىگە ، شاتلانغانتۇق ئۇنتۇپ ھەممىنى . ئوخشاتمىغان ھاياتلىقتىكى ، بارچە بۈيۈك نەرسىگە شۇ چاغ ، مۇھەببەتنىڭ بۈيۈكلىكىنى . ھاياتلىقنىڭ مۇساپىسىدە ، بەرھەق مەزمۇت تۈۋرۈكلىكىنى ...
ئاھ ئىيۇندا كۈلەتتى لەيلەپ ، چېھىرىمىزدە سۆيگۈ-مۇھەببەت ، سېھىرلىنىپ كۆكتە تولۇنئاي . مېھىر بىلەن باققاندا كۆڭۈل ، ئەللەيلىنىپ قەلبتىكى گۈل ، قىسىسىسىلەر ئېيتاتتى ھارماي ، سەن قېنى ؟ مەن قېنى ؟ ... تاپالمىدىم ھېچقايسىمىزنى ، ھېچقايسىمىزنى ................
|
|